ئۈرۈمچى ھەققىدە
ئۈرۈمچى— شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت ، قاتناش ، سودا مەركىزى . ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى شۇنداقلا كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى توپلانغان مۇھىم ئورۇن . ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئۈرۈمچى دۇنياغا داڭلىق ‹‹يىپەك يولى››دىكى مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرى. ‹ئۈرۈمچى› ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ،‹تاللىق›…دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شەھەردىكى دەرياللارنىڭ ھەممىسى ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولۇپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى دەرياسى، تۇدۇڭخابا دەرياسى، بەيياڭخې دەرياسى، ئالغۇي ۋە سەيۋوپۇ كۆلى قاتارلىق بەش سۇ سىستېمىغا تەۋە. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاسىيادىكى مۆتىدىل، قۇرغاق كىلىمات رايونىغا كىرىدۇ. شەھەرنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدە سانائەت بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. مېتاللورگىيە، كۆمۈر سانائىتى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش، ماشىنسازلىق، خىمىيە سانائىتى، بىناكالىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، كۆن – خۇرۇم، باسما، يېمەك – ئىچمەك، سۇلياۋ بۇيۇملىرى، قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە زامانىۋى سانائەت بەرپا قىلىنغان، ئۇ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ مۇھىم سانائەت بازىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۈرۈمچى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن شەھەر. 1992 – يىلى 11 – ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن <ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسىي تەرەققىيات رايونى> تەسىس قىلىندى. 1994 – يىلى 8 – ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن <ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونى> تەسىس قىلىندى. ئاساسلىق مەنزىرلىك ساياھەت رايونلىرىدىن نەنسەن تەبىئىي چارۋىچىلىق مەيدانى،شەھەرنىڭ شەرقىدە دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ 400 مېتىر ئېگىز بولغان بوغدا چوققىسى ، جەنۇبىدا بولسا ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ تىزمىلىرى ، غەربىدە بولسا رىۋايەت تۈسىنى ئالغان يامالىق تېغى ، شەھەر ئىچىدە بولسا كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان قىزىلتاغ، گەنگۇ جۇخۇاتەي، بەيياڭگۇ شارقىراتمىسى، جاۋبىشەن، شۈيشىگۈ قاتارلىقلار بار،ئاساسلىق مەدەنىيەت ياردىكارلىقلىرىدىن 8 – ئارمىيىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى، ئىنقىلابىي قۇربان ماۋزېمىننىڭ ئەسلى تۇرالغۇسى، جۇڭگو ئىشچى – دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسى غەربىي يول ئارمىيىسىنىڭ كونا ئورنى، ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىنقىلابى قۇربانلىرى خاتىرە مۇنارى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىكى خاتىرە مۇنارى ۋە ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى، شەنشى چوڭ مەسچىتى، ئالغۇي <تاش قەلئە>سى، ۋېنمىياۋ ئىبادەتخانىسى، گۇڭنىڭچىڭ شەھەر خارابىسى قاتارلىقلار بار. |