كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخى ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىق شائىر يازغۇچى، تارىخچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئىلگىرى– ئاخىر ‹‹قەشقەر كېچىسى›› (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980– يىل)، ‹‹ئىز›› (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985– يىل)، ‹‹ئۆمۈر مەنزىللىرى››، (شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، 1985– يىل)، ‹‹ئويغانغان زېمىن››، (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1989– يىل) قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ‹‹قەشقەر كېچىسى›› ناملىق داستانى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باھالاش پائالىيىدە 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1981– يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ‹‹شېئىر ۋە شائىر››، ‹‹تۇرپان تەسىراتلىرى››، ‹‹قەشقەر كېچىسى››، ‹‹ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك›› قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ‹‹شېئىرىيەت››، ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى››، ‹‹شىنجاڭ ئەدەبىيات– سەنئىتى›› (ھازىرقى ‹‹غەربى دىيار ئەدەبىياتى››) قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923– يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى تىلەش بېگىم ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى ئۆزىنىڭ سودىگەر دوستى ئوسمان ھاجىمغا بېرىۋەتكەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆيدە ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن، دىنى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1934– يىلى ئوسمان ھاجىم بىلەن بىللە ئۇچتۇرپانغا كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1936– يىلى ئۈرۈمچى بىرىنجى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939– يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنۇنغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1942– يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكولتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 1944– گومىنداڭ تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1945– يىلى چىققان. 1995–يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتىدىمۇ خوشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى– ئاخىر ‹‹ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزنى مەسىلىسى››، ‹‹قەدىمقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا››، ‹‹قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شانلىق نامايەندە- قۇتادغۇ بىلىك››، ‹‹بۈيۈك مۇتەپەككۇر، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيىۋى سىستېمىسى توغرىسىدا››، ‹‹ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىجادىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە بەدىئىي قىممىتى توغرىسىدا›› قاتارلىق يىگىرمە نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى يۈكسىلىش جەريانىنى تارىخى جەھەتتىن توغرا باھالاپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئۇتۇقى شۇكى، ئۇ بىر نەچچە يىللىق قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنى ۋە ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسىنى ئىشلەشكە قاتنىشىپ، بۇ ئىككى نادىر ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا زور ھەسسە قوشقان. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا مەڭگۈ قەدىرلىنىدۇ. يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات– سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىمالى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتى، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو تۈركولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. |