<< تېنچلىق ئىزلەپ خانىۋەيران بولغانلار >>
ئۇيغۇر گېنرالى سۇپاخۇن سوۋۇرۇپنىڭ<<مەن كەچكەن كېچىكلەر>>ناملىق ئەسلىمىسىنى ئوقۇپ،شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق ئۈچۈن،شېڭ شىسەي ھەم گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن قانلىق كۈرەشلەرنى قىلغانلىقىنى،جۈملىدىن ئاز بولمىغان ئۇيغۇرلېرىمىزنىڭ قان تۆكۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن شېڭ شىسەي ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆزئارا تېنچلىقتا بىرگە ئۆتۈشنى ئىزلەپ،ئاخىرىدا ئۆزلېرىنىڭ خانىۋەيرانچىلىقلارغا ئۇچرىغانلىغىنى يەنە بىر قېتىم ئەمىلىي پاكىتلار ئارقىلىق چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.زادى نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟بۇ سوئاللار كاللامدا يالت قىلىپ چاقناپ ئۆتكەندە ئۆزەمچە چوڭغۇر خىياللارغا پاتتىم،مىللىتىمىزنىڭ ئۆتكەن ھايات قىسمەتلېرى ھەققىدە قايتا ئويلاندىم...ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى چىۋىننىڭ جېنىچىلىكمۇ ئېتىۋارى بولمىغان ئەشۇ پاكىتلىق تارىخىي پارچىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىدىدە بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم. 1912-يىلى تۆمۈر خەلىپە قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇتقا قارىشى قوزغۇلاڭ كۆتىرىدۇ.ئۆز ۋاقتىدا مۇستەبىت ياڭ زېڭشىن، لى شىپۇ ئىسىملىك بىر خۇيزۇنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ تۆمۈر خەلىپىنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىدۇ.ئۆز خەلقىنىڭ بىھۇدە قان تۆكۈشىدىن ئىمكان بار ساقلىنىپ،تېنچلىق ئورنۇتۇش مەقسىدىدە ئۈرۈمچىگە چىققان تۆمۈر خەلىپە ۋە تۇرپان قوزغۇلاڭچىلېرىنىڭ باشلىقى مۆيدىن موللا،ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرىلىدۇ.ئۇنى ئاز دىگەندەك تۆمۈر خەلىپە بىلەن ئۈرۈمچىگە بىللە چىققان200نەپەر شىر يۈرەك ئۇيغۇر ئەزىمەتمۇ ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن بىراقلا قىرىپ تاشلىنىدۇ. 1930-يىلى قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇد ۋاڭ ئۆلىدۇ،بۇ چاغدا ياڭ زېڭشىننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر مۇستەبىت جىن شۆرېن چىققان ئىدى.جىن شۆرېن شامەخسۇد ۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى نەزەرنى<<ھۆكۈمەتكە مەسلىھەتچى>>دېگەن قۇرۇق نام بىلەن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىۋېلىپ،ئەينى دەۋردىكى بىر پۈتۈن قۇمۇلنى قۇمۇل،بارىكۆل،ئارا تۈركتىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيە قىلىپ تەشكىللەپ مەمۇرىي ھوقوقنى قۇمۇل ۋاڭ جەمەتلېرىدىن تارتىۋالىدۇ،ھەمدە ھەرقايسى ناھىيەلەرگە ئۆز ئادەملېرىدىن ھاكىم بەلگىلەيدۇ.جىن شۆرېن قۇمۇلنىڭ ھەر بىر تاغلېرىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇپ خەلقتىن ئېغىر ئالۋان-ياساق ئېلىپ،ئۇيغۇر خەلقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا باشلايدۇ.جىن شۆرېن يەنە ئۆزىنىڭ گەنسۇدىكى يۇرتداش،ئۇرۇغ-تۇققانلېرىدىن بولۇپ80ئادەمنى كۆچۈرۈپ چىقىپ قۇمۇل ئۇيغۇرلېرىنىڭ ئاز ھەم ئۆزىگىمۇ يېتىشمەيۋاتقان يەرلېرىنى تارتىۋېلىپ ئۆز تۇغقانلېرىغا بۆلۈپ بېرىدۇ.جىن شۆرېننىڭ ئەسكەرلېرى يەرلىكلەرگە زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ،ئۇلارنىڭ نەرسە-كېرەكلېرىنى خالىغانچە تارتىۋالىدۇ،قارشىلىق قىلغانلارنى خۇددى چىۋىننى ئۆلتۈرگەندەكلا ئېتىپ تاشلايدۇ،بۇنداق ئىشلارنىڭ ھېچقانداق سورىغى بولمايدۇ.جىن شۆرېننىڭ تاغقا ئورۇنلاشتۇرغان ئەسكەرلېرى خەلقنىڭ توي-تۆكۈنلېرىگە بېزەڭلىك بىلەن كىرىۋېلىپ،ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلېرىغا پوخۇرلۇق قىلىش بىلەنلا قالماي،يەنە ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلىدۇ.ئۇلار ئۆز قوراللېرىغا ئىشىنىپ ئۇيغۇرلارغا خۇددى بىر توپ پادىنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلىدۇ.جىن شۆرېننىڭ يەرلىكتىكى بەزى ئەمەلدارلېرى ھەتتا چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلېرىنى مەجبۇرىي نىكاھلاپ ئېلىش نامى بىلەن،ئۇيغۇر قىزلېرىنى ئۆزلېرىنىڭ ئىپلاس ھايۋانىي شەھۋىتىنى قاندۇرىدىغان جىنسىي قۇلغا ئايلاندۇرۋالماقچى بولىدۇ. دەرد-ئەلەمگە چىدىمىغان،ئىنسانىي ئىززەت-نەپسى ئاياغ-ئاستى قىلىنىپ ئادەمدەك ياشاشقا ئىمكانىيىتى قالمىغان قۇمۇل ئۇيغۇرلېرى1931-يىلى خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدا ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتكە قارىشى قوزغۇلاڭ كۆتۈرىدۇ.خوجىنىياز ھاجى باشچىلىغىدىكى ئۇيغۇر دېھقان قوشۇنلېرى بىر قاتار ئەگرى-توقايلىقلاردىن كېيىن،تۇرپانلىق مەھمۇد مۇھىتى باشچىلىغىدىكى ئۇيغۇ قوزغۇلاڭچى قوشۇنلېرى بىلەن قوشۇلۇدۇ.خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار قوزغۇلاڭچى قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلىپ،شىمالىي شىنجاڭدا شېڭ شىسەي ھاكىمىيتىگە قارىشى بىر قىسىم ئۇرۇشلارنى ئېلپ بارغاندىن كېيىن،قوزغۇلاڭچىلارنى باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭغا ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنى ئاساسىي بازا قىلىپ شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىگە قارىشى بىر كۈچ سۈپىتىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ.قۇربان بېرىشتىن قورقماي زۇلۇمغا قارىشى قوزغالغان خەلققە باشچىلىق قىلىپ،كۈچلۈك ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولغان سەردار خوجىنىياز ھاجى ئاتالمىش<<تېنچلىق>>قاپقىنىغا دەسسەپ،تۆمۈر خەلىپە پاجىئەسىنى تەكرارلايدۇ.يەنى خوجىنىياز ھاجى سابىق سوۋېت ئىتپاقى كونسوللېرى ۋە ھەربىيلېرىنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن<<تېنچلىق>>نى ئۈمۈد قىلىپ1934-يىلى كۈزدە ئۈرۈمچىگە چىقىپ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ،ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن،يەنى 1938-يىلى خوجىنىياز ھاجى تۈرمىدە شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە بوغۇپ ئۆلتۈرىلىدۇ. خوجىنىياز ھاجىنى ئۈرۈمچىگە بېرىشتىن توسۇپ قالالمىغان مەھمۇد مۇھىتى قەشقەرگە قايتىپ 6-شىنى قولىدا مەھكەم تۇتۇپ،خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلېرى ئۈچۈن كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.لېكىن مۇئاۋىن رەئىس خوجىنىياز ھاجىنىڭ نامىدا شېڭ شىسەي جەنۇبىي شىنجاڭغا ئۆز ئادەملېرىنى ھەربىي ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەپ ئەۋەتىدۇ.ھەتتا مەھمۇد شىجاڭ ئەتىراپىدىكى ھەربىي كوماندىرلارنى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىش ھىيلىسى بىلەن ئالداپ كېلىپ،ئۇلارنى<<ئوقۇتۇپ>>مەھمۇد شىجاڭغا قارىشى جاسۇس قىلىپ ئەۋەتىدۇ.ئەھۋالنىڭ ئۆزىگە بارغانسېرى يامان تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئالدىن پەملىگەن مەھمۇد شىجاڭ1937-يىلى4-ئايدا 35نەپەر ئۆزىنىڭ يېقىن ئادەملېرىنى ئېلىپ،جۈمئە كۈنى سەھەردە يولغا چىقىپ لاداخ يولى ئارقىلىق ھىندىستانغا چىقىپ كېتىدۇ.ئەينى دەۋردە خوجىنىياز ھاجى ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار باشچىلىغىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار قوزغۇلىڭىنىڭ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن شۇنچە قاتتىق قىسماققا ئېلىنىشىدا،ئەلۋەتتە ئۆزىنى <<پۈتۈن دۇنيا ئېزىلگۈچى خەلق سىنىپىنىڭ ھامىيىسى>>دەپ چىرايلىق ئاتىۋالغان سابىق سوۋېت ئىتپاقى كومپارتىيەسى ئاساسىي رول ئوينىغان ئىدى،ئەمىلىيەتتە ئۇلار پەقەت ئۆز دۆلىتى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭلا ھامىيىسى ئىدى خالاس! ئۆز ۋاقتىدا مەھمۇت شىجاڭنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدىكى6-شىدا31-،32-،33-،34-ئاتلىق ئۇيغۇر تۈەنلېرى بار ئىدى.ئۇندىن باشقا قەشقەر تەۋەسىدە يەنە قىرغىزلاردىن تەشكىللەنگەن35-قىرغىز ئاتلىق تۈەنىمۇ بار بولۇپ،مەزكۇر تۈەننىڭ كوماندىرى سوۋېت قىرغىزىستاندىن كەلگەن بولكاس ئىسىملىك قىرغىز ئىدى.مەھمۇد مۇھىتى چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن،32 - ،33-،34-ئاتلىق تۈەنلەر1937-يىلى5-ئايدا خوتەندە تۇرۇۋاتقان ماخۇسەن قىسىملېرى بىلەن بىرلىشىپ،شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە قارىشى قوراللىق قوزغۇلاڭ كۆتىرىدۇ،بۇ چاغدا31-ئۇيغۇر ئاتلىق تۈەنى بولسا پەقەت بىھۇدە قان تۆكمەسلىك ۋە تېنچلىق ئۈچۈنلا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىپ،ئۆز سەپداشلېرىغا قارىشى سەپتە تۇرىدۇ.ئۇيغۇر ئاتلىق31-تۈەن ماخۇسەن قىسىملېرى ۋە ئۆز سەبداشلېرى بىلەن كۆپلەپ قانلىق جەڭلەرنى قىلىدۇ.ئاخىرىدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە قارىشى چىققان ئۇيغۇر32-،33-،34-تۈەنلەر ۋە ماخۇسەن قىسىملېرى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ بىۋاستە ھەربىي زەربىسىدە پۈتۈنلەي تارمار قىلىنىدۇ،ئۇلار <<يېتىپ ئۆلگۈچە،ئېتىپ ئۆل>>دېگەن ماقال بويىچە ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتكە قارىشى ئۇرۇش قىلىپ شېھىت بولىدۇ،روھى ئەبەدىيلىككە پاكلىنىدۇ.تېنچلىق ئۈچۈن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىپ قالغان 31-تۈەندىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلېرى بولسا،ھايات تۇرۇپ دوزاخ ئازابىنى تارتىدۇ... خۇددى يۇقۇرىدا دىيىلگەندەك،1937-يىلى5-ئايدا ئۇيغۇر ئاتلىق31-تۈەنىنىڭ تۈەنجاڭى ئەمەت مەخسۇم تېنچلىق ئۈچۈن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىپ،قەشقەردە ماخۇسەن تۇڭگان قىسىملېرىغا قارىشى جان تىكىپ ئۇرۇش قىلىدۇ.ئەمەت تۈەنجاڭنىڭ ئەسكىرىي سانى مىڭغا يەتمەيدىغان بولسىمۇ،ئەمما ماخۇسەننىڭ ئون نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇنىغا قارىشى قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلىپ،10نەچچە كۈنگىچە قەشقەر يۇمۇلاق شەھىرىنى قوغداپ تۇرۇدۇ.يۇمۇلاق شەھەردىكى خەلقنىڭ يېمەكلىكى تۈگەپ قالغاندا،ئەمەت تۈەنجاڭ يۇمۇلاق شەھەرنىڭ دەرۋازىلېرىنى ئېچىۋېتىپ قوراللىق قىسىملېرىنى باشلاپ تۇڭگان قوشۇنلېرىنىڭ مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ،ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەرۋازا،ئارقا دەرۋازا ئىچىدىكى ئاشلىق ئامبىرىنى ئېچىپ ئاچ قالغان خەلققە تەقسىم قىلىپ بېرىپ،خەلقنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.ئۆزلېرى بولسا بۇ ئاشلىقلاردىن بىر قوچوشمۇ يېمەي،ھەربىي ئاتلېرىنى سويۇپ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۇيغۇر ئاتلىق31-تۈەن شېڭ شىسەينىڭ48-تۈەنى بىلەن بىرلىشىپ ماخۇسەن قىسمىغا قارىشى داۋاملىق ئۇرۇش قىلىدۇ،ئۇلار ماخۇسەن قىسمى تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم شەھەر ئىچىگە قامىلىپ قېلىپ،ئوزۇق-تۈلىگى ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە،ئەمەت تۈەنجاڭ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن شەھەر دەرۋازىلېرىنى ئېچىۋېتىپ،باشلامچىلىق بىلەن مۇداپىئەندىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ،48-تۈەن بىلەن بىرلىكتە ماخۇسەن قىسىملېرىنى خانئېرىق،يوپۇرغا،ئاچچىق پازىلنىڭ لەنگىرى،ياغاچ ئايۋان قاتارلىق جايلارغا سۈرۈپ تاشلايدۇ. تېنچلىقنى ئارمان قىلىپ ئۆز تۈەنىدىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلېرگە يېتەكچىلىك قىلىپ،شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىپ جەڭلەرگە كىرگەن بۇ قەھرىمان ئۇيغۇر تۈەنجاڭ1938-يىلى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن <<جاھانگىرلارغا سېتىلغان ۋەتەن خائىنى>> دېگەن بۆھتان بىلەن تۈرمىدە جىمجىتلا ئۆلتۈرۋېتىلىدۇ.شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىنىمۇ<<جاھانگىرلارغا سېتىلغان>>دېگەن بەتنام بىلەن ئۆلتۈرۋەتكەن،ئەمىلىيەتتە خوجىنىياز ھاجىمۇ،ئەمەت تۈەنجاڭمۇ شېڭ شىسەيدىن باشقا جاھانگىرنى ئۆمرىدە كۆرۈپمۇ باققان ئەمەس،ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر گۇناھى پەقەت ئۇيغۇر ئىچىدىن چىققان قابىللاردىن بولغانلىقىلا ئىدى خالاس! ئەمەت تۈەنجاڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاتلىق 31-تۈەنگە زەمىر(تاجىك)تۈەنجاڭ بولىدۇ.شېڭ شىسەي تاجىك مىللىتىدىن بولغان زەمىرنى ئۇيغۇر ئاتلىق قىسمىغا تۈەنجاڭ قىلىپ بەلگىلەش ئارقىلىق،تارىختىن بۇيان ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتلەر قوللۇنۇپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش<<ياتلارنى ياتلارنىڭ قولى ئارقىلىق باشقۇرۇش>>مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتقان ئىدى.1940-يىلى11-ئاينىڭ20-كۈنى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان 31-ئاتلىق تۈەنىدىن شېڭ شىسەي زادىلا خاتىرجەم بولالمايدۇ.شۇ كۈنى قەشقەر يېڭى شەھەردىكى قوماندانلىق شىتابىدىن30-40نەپەر ھەربىي قوماندان كېلىپ،بارلىق تۈەن بويىچە بىرمۇ ئادەم قالماي(ئارقا سەپتىكى ئاشپەز-ناۋاي ۋە مال دوختۇرلېرىدىن تارتىپ)دەرھال ھەربىي يىغىلىشنى بۇيرۇيدۇ.مەزكۇر 31-تۈەندە جەمئىي 507نەپەر ئەسكەر،850تۇياق ئات،قوراللاردىن400دانە مىلتىق،300دانە قىلىچ(ئىسكىلاتتىكى450دانە مىلتىق بۇ سان ئىچىدە ئەمەس)،پارچىلاپ كۆتۈرۈپ ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان تۆت دانە ئىستانۇكۋاي پىلىموت،60دانە تاپانچا،ھەر بىر مىلتىققا75تالدىن بىر يۈرۈش خالتىلىق ئوق بار ئىدى.قىسىم يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن باش شىتابدىن كەلگەن ھەربىي قوماندانلار<<ياندۇرما(قەشقەر شەھىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى بىر ئۆتەڭنىڭ ئىسمى)غا دۈشمەن كەلدى،ئالدىنى توسۇپ يېڭى شەھەرگە كىرگۈزمەي يوقۇتىمىز>>دەپ بۇيرۇق بېرىدۇ.پۈتۈن تۈەن دەرھال ئاتلىنىپ بەش كىلومېتىردەك ماڭغاندىن كېيىن<<ياندۇرمىغا كەلگەن دۈشمەن قېچىپ كەتتى،تۈەن ئۆز گازارمىسىغا قايتسۇن>>دېگەن بۇيرۇق كېلىپ،31-تۈەن يەنە كەينىگە قايتىپ كېتىدۇ.ئۇلار قايتىپ كەلگەندە قورال ئىسكىلاتىدىكى زاپاس قورال،ئوق-دارا،قول بومبىلېرىنىڭ ھەممىسى ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى.بۇ ئىش زەمىر تۈەنجاڭغا خۇددى يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىۋالغاندەك تۇيۇلۇپ بېشىنى تۇتقىنىچە جايىدا ئولتۇرۇپلا قالىدۇ.پۈتۈن تۈەندىكى ئوپىتسېر-جەڭچىلەرنىڭمۇ دېمى ئىچىگە چۈشۈپلا كېتىدۇ.شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ھەربىيلېرىنىڭ قولىدا قورال بولۇش <<يوشۇرۇن ئاپەت>> ئىدى،مەيلى ئۇلار ئۆزى ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ بەرسىمۇ بەرىبىر ئوخشاش ئىدى.زاپاس قورالنىڭ ئۇيغۇر31-ئاتلىق تۈەنىدىن ھىيلە بىلەن يىغۋېلىنىشى، بۇ تۈەندىكى ئۇيغۇر ھەربىيلېرىنىڭ خارۇ-زارلىق قىسمەتلېرىنىڭ ئەمدىلا باشلىنىشى ئىدى! ئۇيغۇر31-ئاتلىق تۈەنىنىڭ ئىسكىلاتتىكى زاپاس قورال-ياراغلېرىنى سۈپۈرۈپ كېتىش ۋەقەسى بولۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن،31-تۈەن يەنە بىر قېتىم<<شېڭ دۇبەن مەھكىمىسى>>نىڭ <<ئالاھىدە بۇيرىقى>>نى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.<<بۇيرۇق>>بويىچە،31-تۈەننىڭ نامى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ،دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىپ<<شىنجاڭ مۇستەقىل6-يېڭى>>غا ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىدۇ،ئات،ئېگەر-توقۇم،نۇختا-يۈگەن ۋە ھەربىيلەرنىڭ قولىدا قالغان قىلىچلارنىڭ ھەممىسى<<يۇقۇرى>>غا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.بىر قىسىم مول ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە كونا ئوپىتسېر-جەڭچىلەر سالامەتلىگى ناچار ياكى قېرىپ قالدى دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن ھەربىيدىن بوشۇتىۋېتىلىدۇ،بەزىلېرى باشقا قىسىمغا يۆتكىۋېتىلىدۇ.31-تۈەن قورال-ياراغ ۋە ئادەم كۈچى جەھەتتىن زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كېتىدۇ.بۇرۇن ئىنقىلاپ دەۋرلېرىدە مۇستەبىت ياڭ زېڭشىن، جىڭ شۆرېن ۋە ماجۇڭيىڭ قوشۇنلېرى بىلەن يىللاپ ئاتلىق سوقۇش قىلغان،1934-يىلى سوۋېت چېگرىسىدىن شىنجاڭغا قېچىپ كىرگەن باندىتلارنى ئاتلىق قوغلاپ يۈرۈپ تارمار قىلغان،1937-يىلى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ ماخۇسەن قىسىملېرى ۋە ئۆز سەپداشلېرىدىن بولغان32-،33-،34-ئۇيغۇر تۈەنلېرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ،شىنجاڭدا ئىككىنچى قېتىم<<تېنچلىق>>نى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئۇيغۇر ئاتلىق31-تۈەن مانا ئەمدى پىيادە يىڭ بولۇپ قالغان ئىدى.بۇ ئەلۋەتتە شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. 31-ئاتلىق تۈەن6-يىڭ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن،مەزكۇر يىڭغا سابىق ئاتلىق31-تۈەن2-لىيەننىڭ لىيەنجاڭى ھۆسىيىن تۇردى يىڭجاڭ بولىدۇ.خوجىلىق،مالىيە،ئىسكىلاتچى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا ئورۇنلاردا خەنزۇلار ئىشلەيدۇ،قورال ئىسكىلاتىغىمۇ يېڭىدىن خەنزۇ كادىرلار مەسئۇل بولۇپ كېلىدۇ.6-يىڭ شەھەر ئىچىدىن شەھەر سىرتىغا كۆچۈرۈلۈدۇ،ئۇلار شەھەر سىرتىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن يېڭىدىن70-80دەك ئەسكەر قوبۇل قىلىدۇ.1942-يىلى11-ئاينىڭ6-كۈنى 6-يىڭ يەنە ئائىلە-تاۋاباتلېرىنى بىرگە ئېلىپ تۇرپانغا يۆتكىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ،بۇيرۇقتا ئۇلارنىڭ11-ئاينىڭ ئاخىرىغا قالماي يولغا چىقىپ بولۇش كېرەكلىكى،ئىسكىلاتتىكى بارلىق ئارتۇق قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلارنى يۇقۇرىغا تاپشۇرۇپ،قولىدىكى بار قورال بىلەنلا يولغا چىقىشى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.شۇ يىلى11-ئاينىڭ23-كۈنى، 6-يىڭ قەشقەر دېھقانلېرىدىن ئالۋان ھىسابىغا مەجبۇرىي تەشكىللەنگەن ھارۋا ئەترىدى بىلەن تۇرپانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.11-ئاينىڭ30-كۈنى 6-يىڭ ئاقسۇ يېڭى شەھەرگە يېتىپ كېلىپ،ئاقسۇ ئاتلىق16-تۈەنىنىڭ گازارمىسى قېشىغا چۈشكۈن قىلىنىدۇ.مەزكۇر تۈەننىڭ ئەسكەرلېرى شەرقىي شىماللىق بولۇپ،شېڭ شىسەينىڭ ئاتاقلىق ۋە ئىشەنچلىك قوشۇنلېرى ئىدى.6-يىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئاقسۇ ھەربىي قىسىم ۋە ساقچىلېرى خۇددى دۈشمەن كەلگەندەك ھەربىي ھالەتكە ئۆتىدۇ،ساقچى ئىدارىسىنىڭ ساتارمەن قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئىشپىيونلېرى گازارمىنىڭ ئالدىدا كۆپۈيۈپ قالىدۇ. 6-يىڭ ئاقسۇ يېڭى شەھەردە<<دۇبەن مەھكىمىسىدىن بۇيرۇق يوق>>دېگەن باھانە بىلەن،سەككىز كۈن ئاقسۇدا تۇرغۇزۇپ قويىلىدۇ.سەككىز كۈن ئىچىدە قارىشى تەرەپ6-يىڭنىڭ قولىدا بار قوراللېرىنى تارتىۋېلىشقا نۇرغۇن قېتىم ئۇرۇنۇپ باقىدۇ،شېڭ شىسەينىڭ ئاتلىق16-تۈەنى كېچە-كۈندۈز قوراللىق جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرۇدۇ.دەل شۇ كۈنلەردە قەشقەردىكى قىرغىز35-ئاتلىق تۈەنى قورالسىزلاندۇرۇلۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ.ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق بولغان ئىدى:باش شىتابدىن قوراللارنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان كۈنى،پۈتۈن تۈەن بويىچە جەڭچى كادىرلارنى يىغىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ،بىرمۇ كىشىنىڭ چەتتە قالماسلىغىنى تاپىلايدۇ.قىرغىز ئەسكەرلەر كۇلۇبقا يىغىلغاندىن كېيىن،گازارمىدىكى جەڭچىلەرنىڭ قوراللېرىنى ماشىنىغا بېسىپلا باش شىتابقا ئېلىپ كېتىدۇ،ئىسكىلاتتىكى قوراللارنىمۇ قويماي يىغىپ كېتىدۇ،ئارقىدىنلا كوماندىرلارنىڭ يان قوراللېرىنى يىغىۋالىدۇ.بولكاس تۈەنجاڭ قۇرۇقدالغان گازارما ۋە قورال ئىسكىلاتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،قولىنى چىشلەپلا قالىدۇ،ئەمما ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن پۇشايمان قىلغان بىلەن ئامال يوق ئىدى.شۇنداق قىلىپ قىرغىز ئەسكەرلېرىنىڭ بارلىقى ئائىلىسىگە قايتۇرىلىدۇ.شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇلار گەرچە قىرغىز بولسىمۇ،ئەمما ئۇلارمۇ بەرىبىر يەنىلا ئاز سانلىق مىللەت ئىدى،ئاز سانلىق مىللەت دىگەنلىك ئۇلارنىڭ نەزەرىدە يەنىلا<<يات>>لاردىن بولۇپ،مەڭگۈ ئىشەنگىلى بولمايتتى.ئۇيغۇر6-يىڭنىمۇ ئاقسۇدا8كۈن تۇرغۇزۇپ قويۇشىنىڭ سەۋەبىمۇ،قىرغىز تۈەنىنى قورالسىزلاندۇرۇپ تارقىتىۋېتىشتە ئۇيغۇر قوشۇنلېرىنىڭ قىرغىز تۈەنىنى قوللاپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ،ئۇلارنى قەشقەردىن تېزدىن تۇرپانغا يولغا سالغان.6-يىڭ ئاقسۇدىن يۈرۈپ كەتسە قارا شەھەرگە بارغۇچىلىك يولدا ئۇلارغا قارىشى تۇرىدىغان قىسىملارنىڭ يوقلۇقىنى نەزەردە تۇتۇپ،6-يىڭنى ئاقسۇدا8كۈن تۇتۇپ قالغان. شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى قەشقەردىكى قىرغىز تۈەنىنىڭ ئىشىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن،ئۇيغۇر 6-يىڭنى كورلىغا بۇرۇنقىدەك بىر پۈتۈن يىڭ بويىچە ئەمەس،بەلكى لىيەن بويىچە ھەر بىر لىيەننىڭ ئارىلىقىنى ئۈچ كۈندىن قالدۇرۇپ يولغا سالىدۇ.ھەر بىر لىيەنگە بىر مىللىي،بىر خەنزۇ پۇقراچە كىيىنگەن ئىشپىيون قوشۇپ قويۇلغان بولۇپ،ئۇلار لىيەندە بولۇۋاتقان گەپ-سۆزلەرنى يوشۇرۇن خاتىرىلەپ ماڭغان(بۇ ئىشنى ئۇلار كېيىنچە ئۇققان).6-يىڭ كورلىغا بارغاندىن كېيىن،شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى<<سىلەر يول ياساشقا ياردەم بېرىسىلەر،قورالىڭلارنى بىز ساقلاپ بېرىمىز>>دەپ ھەر بىر لىيەنگە بىردىن مىلتىق قالدۇرۇپ،ئالدىدا بارغان لىيەنلەرنىڭ قوراللېرىنى ئۇدۇللۇق مەجبۇرىي يىغىۋالىدۇ.بۇ قېتىم 6-يىڭنىڭ قورالىنى يىغىۋېلىشتا قارا شەھەردىكى 20-تۈەن ھەرىكەتكە كەلتۈرىلىدۇ،كۇچادىكى ئاتلىق دىۋىزىئون بۈگۈرگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ،قاغىلىقتىكى قىىسم چەرچەن ئارقىلىق چاقىلىققا يۆتكەپ كېلىنىدۇ،بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت 6-يىڭنىڭ ئەسكەرلېرى سەللا نارازىلىق ھەرىكەتلېرىدە بولسا،ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلاش ئۈچۈنلا ئىدى.6-يىڭنىڭ قوراللېرى پۈتۈن يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن،يىڭنىڭ بارلىق ئوپىتسىر-ئەسكەرلېرى تاش يول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭنىڭ قول ئاستىدا كورلا_چاقىلىق تاشيولىنى ياساشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇيغۇر ئەسكەرلېرىنىڭ بىللە ئېلىپ چىققان ئائىلە-تاۋاباتلېرى بولسا گۆرە ھىسابىدا قارا شەھەردە تۇتۇپ قېلىندۇ.6-يىڭ يەرلىكتىن ئېلىنغان ئۈچ مىڭدەك ھاشارچىلار بىلەن بىرگە،كورلىدىن چاقىلىققىچە بولغان448كىلومېتىرلىق يولنى 1942-يىلى12-ئايدىن1943-يىلى4-ئايلارغىچىلىك بولغان بەش ئاي جەريانىدا ياساپ بولىدۇ.تاش يول قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن 6-يىڭ كورلىغا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ،ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلېرى يەنىلا قارا شەھەردە تۇرغاچقا يۇقۇرىنىڭ رۇخسەت قىلىشى بىلەن،ھەر بىر بەن(توققۇز كىشى)بويىچە بىر ھەپتىلىك سۈرۈك بىلەن نۆۋەتلىشىپ قارا شەھەرگە بېرىپ ئائىلە-تاۋاباتلېرىنى يوقلاپ كېلىدۇ. 1943-يىلى11-ئايدا 6-يىڭ يەنە چاقىلىق بىلەن دۈنخۇاڭ ئارىلىغىدىكى تاشيولنى ياساش بۇيرىغىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ،ئەمىلىيەتتە شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەسكەرلېرىنى قۇل ئورنىدا ئەمگەككە سېلىۋاتقان ئىدى.6-يىڭ يول ياساش ئۈچۈن چاقىلىققا بېرىپ ئورۇنلىشىدۇ،شۇنىڭغا ئۇلۇشۇپلا ئەتىراپتىكى ناھىيەلەردىن يول ياساش ھاشىرىغا تۇتۇلغان خەلقمۇ تۇشمۇ-تۇشتىن چاقىلىق بازىرىغا كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ.ناھىيە بازىرى ھەم كىچىك،ھەم ئاشلىق قىس بولغانلىقتىن بىراقلا يېتىپ كەلگەن شۇنچە كۆپ ئادەمنى سىغدۇرۇشقا ۋە يىمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكە ئامالسىز قالىدۇ ،ئاشلىق يېتىشمەي قەھەتچىلىك كۆرۈلۈدۇ.ئاشلىق ئىدارىسى ۋە سودا ماگىزىنلېرى ئالدىدا قالايماقانچىلىق ۋە جېدەل- ماجىرا ئەۋجىگە چىقىدۇ،ماجىرالارنى بېسىقتۇرۇشقا يەرلىك ساقچىلارنىڭ كۈچى يەتمەي 6- يىڭنى ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ،بىراق 6- يىڭ ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىدۇ.دەل شۇنداق كۈنلەردە چاقىلىقتىكى شېڭ شىسەي ئاتلىق40-تۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۇبىڭ بىر تۈركۈم قوراللىق ئەسكەرنى ئېلىپ،چاقىلىق چىمەن تېغىغا چىقىپ ئۇ يەردىكى قازاقلارنىڭ قوللېرىدىكى قورال-ياراغلېرىنى يىغىۋالماقچى بولىدۇ.بۇ يەردىكى قازاقلار تەخمىنەن 1000ئۆيلۈكتىن كۆپرەك بولۇپ،ئۇلار1940-يىللېرى شېڭ شىسەينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ قۇمۇل،بارىكۆل،ئالتاي،گۇچۇڭ ۋە ئۈرۈمچى نەنسەن تەرەپلەردىن چىمەنتاغقا كېلىپ ئورۇنلاشقان قازاقلار ئىدى.مانا مۇشۇ قازاق ئاھالىلېرى قورال- ياراغ تاپشۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن،ئەكسىچە قورال يىغىۋېلىشقا چىققان مۇئاۋىن تۈەنجاڭ گۇبىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلېرىنىڭ قوراللېرىنى،مىنىپ چىققان ھەربىي ئاتلېرىنى تارتىۋېلىپ،ئۇلارنى ئۈچ كۈن ئاچ قوساق باغلاپ قويۇپ ئاندىن قورالسىز،ئاتسىز پىيادە قويۇۋېتىدۇ.گۇبىڭ ئۆز ئەسكەرلېرى بىلەن تاغقا يولۋاستەك غادىيىپ چىقىپ،مۇشۈك كۆرگەن چاشقاندەك شۈمشۈيۈپ رەسۋا بولۇپ قايتىپ چۈشۈدۇ.ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن قازاقلار بار تاغقا قاراپ سالسىمۇ يۈرىگى ئاغىدىغان بولۇپ قالىدۇ.بۇ ئىشلاردىن كېيىن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر6-يىڭنىڭ چىمەن تېغىدىكى قازاقلار بىلەن بىرلىشىپ كېتىشىدىن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ،يول ياساشنى توختۇتۇپ 6- يىڭنى قارا شەھەرگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىۋالىدۇ. 6 -يىڭ قارا شەھەرگە كېلىپ ئورۇنلۇشۇپ بىر- ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئائىلە- تاۋاباتلېرى بىلەن تۇرپانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.ئۇلار تۇرپانغا قاراپ يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا ئاتلىق 16- تۈەنگە قوراللېرىنى قايتۇرىۋېلىشقا بارىدۇ،ئەمما ئۇلار:<<ئارقاڭلاردىن يەتكۈزۈپ بېرىمىز،بىللە ئېلىپ ماڭساڭلار ئۆزەڭلەرگە جاپا>>دەپ ئۇلارنى قورالسىز يولغا سالىدۇ.تۇرپان خەلقى قورلسىز ھالدا ئائىلە-تاۋاباتلېرىنى بىللە ئېلىپ چىققان ئۇيغۇر ئەسكەرلېرىنى كۆرۈپ<<ئالتايچىلار>>كېلىپتۇ دىيىشىپ ھەيران قالىدۇ. [/align ]<<ئالتايچىلار>>دېگىنى ئەسلى مۇنداق ئىش ئىدى:شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى پىچان،تۇقسۇن،تۇرپان،قارا شەھەر،كۇچا،ئاقسۇ،قاغىلىق،يەركەن،قەشقەر شەھىرى ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كۆپلەپ قىران يىگىتلەرنى <<ئالتايغا ئالتۇن كولىغىلى بارىدۇ>>دېگەن چىرايلىق نام بىلەن ئۈرۈمچىگە ئالداپ ئېلىپ چىقىپ،ئۇلارنى 1941-1942-يىللېرى شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي زۇلىمىغا قارىشى قوراللىق قارىشى چىققان قازاق خەلقىگە قارىشى ئالدىنقى سەپكە ئۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق قىلغاندا بىرىنچىدىن،<<ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش>> مەقسىدىگە يەتكىلى بولاتتى،ئېنىقكى بۇ تارىختىن بۇيان ئەكسىيەتچى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئىزچىل قوللۇنۇپ كېلىۋاتقان ئەكسىيەتچىل سىياسىتى ئىدى.ئىككىنچىدىن،شېڭ شىسەي بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى ئۇرۇش چىقىمىدىن زور دەرىجىدە ساقلاپ قالالايتتى.شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىگە ئالداپ ئېلىپ كەلگەن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر <<ئالتايچى>>ياشلارنىڭ بىرىنچى تۈركىمىدىكىلەرگە،ئۈرۈمچىگە كېلىشى بىلەنلا بىر قۇر قۇمۇش كۈلىدە بويالغان كۆك ماتا كىيىم كەيدۈرۈپ،قوللېرىغا كونا مىلتىقلارنى تۇتقۇزۇپ ئۇدۇللا ئالتاي ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتىدۇ.يەنە بىر تۈركۈمىدىكىلەرگە بولسا ئاز- تولا ھەربىي تەلىم- تەربىيە بېرىپ،شېڭ شىسەينىڭ ئىشەنچلىك كوماندىرلېرىنىڭ بىرى جاڭ يىڭجاڭغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىپ سارتوقاي،داپسۇن،بەيتىك،قاپتىق(ئالتايدىكى تاغ)قاتارلىق جايلاردىكى ئۇرۇشقا سېلىنىدۇ.<<ئالتايچى>>ياشلارنىڭ يەنە بىر قىسمىنى شېڭ شىسەينىڭ ئاتاقلىق ئاتلىق 4- تۈەنىگە تەقسىملەپ سارسۈمبىنى ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە جاڭ يىڭجاڭغا تەقسىم قىلىنغان ئۇيغۇر<<ئالتايچى>>ياشلېرى خىل ھەم قابىل،بەستلىك كەلگەن ياشلار ئىدى.1943-1944- يىللېرى جاڭ يىڭجاك مۇشۇ قىسىم بىلەن نام چىقارغان.بۇلارنىڭ شۇنچە نام چىقىرىشى ئۇرۇشلاردا گومىنداڭ ئوپىتسېرلېرى ئەسكەرلەرنىڭ ئارقىدىن قورال تەڭلەپ ئالدىغا ھەيدىگەن،ئارقىغا يانسا ئاتقان.شۇنىڭ بىلەن جەڭچىلەر ئۆلەر- تىرىلىشىگە قارىماي ئالدىغا قاراپ ھۇجۇم قىلىپ كېتىۋەرگەن.شۇڭا،جاڭ يىڭجاڭ قىسمى بار يەردە قازاق خەلقى كۆپ ئۇرۇش قىلمايدىغان بولۇپ قالغان.مۇشۇ<<ئالتايچى>>ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالتاي ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىنى بويلاپ بىر نەچچە يىللار ئۇرۇش قىلىپ،ئوققا يەپ بولۇپ ئۆلۈكلېرى ئالتاينىڭ تاغ ۋە چۆللېرىدە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولۇپ كەتكەن.شېڭ شىسەي يەنە كېيىنچە ئالداپ كېلىنگەن 600دەك<<ئالتايچى>>ياشلارنى لومەنچىڭ(ھازىرقى يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىتى ئورنىدا ئىدى)دىكى گومىنداڭ پىيادە شىسىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.لومەنچىڭغا تەقسىم قىلىنغان ئۇيغۇر<<ئالتايچى>>ياشلېرى سېپى ئۆزىدىن قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن.ئۇلارغا كېسەك قويدۇرۇپ لومەنچىڭ سېپىلىنىڭ سوقما تاملېرى رېمونت قىلدۇرۇلغان،گازارما ۋە ئۇرۇش ئىستىھكاملېرىنى ياساتقۇزغان،ئۇلارنى يەنە خۇمدانچىلىققا سېلىنىپ،خۇمدانغا قالاش ئۈچۈن بىچارە ئۇيغۇر ياشلېرىغا بىردىن ئارغامچا بېرىپ،پىيادە ھەيدەپ يۈرۈپ ئۇگۇڭ،تۇگۇڭ ۋە ئۇلانباي ئورمانلىقلېرىدىن ئوتۇن توشۇتقان.بۇ خىل ئېزىلىشكە قارىشى چىققانلارنى ئۇدۇللا ھەربىي تۈرمىلەرگە تاشلىغان،بەكرەك قارىشىلىق قىلغانلارنى جادۇغا بېسىپ ئۆلتۈرۈپ ئۆزلېرى كېسەك قويۇش ئۈچۈن كولىغان ئورەكلەرگە تاشلىغان،ھەتتا بەزىلېرىنى تىرىك پېتى كۆمگەن، گومىنداڭ ئەسكەرلېرى بۇنى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى قىلىۋالغان.ئىش ھەددىدىن ئارتۇق ئېغىر،شارائىت ناچار،ئوزۇقلۇق ھايۋاننىڭكىدىنمۇ بەتتەر ناچار بولغانلىقتىن،نۇرغۇن ياشلار كۈپتەك ئىششىپ ئورنىدىن تۇرالماي قالغان،بىر قىسمى كېزىك بىلەن ئۆلگەن.ئۆلگەنلەرنى سەۋزە كۆمگەندەك بىر قۇرلا توپا تاشلاپ كۆمۈپ قويغاچقا لالما ئىتلارغا ئوزۇق بولغان. ئادەم گۆشى يەپ كۆنۈپ كەتكەن ئىتلار غالجىرلىشىپ،كوچىدا كېتىۋاتقان ئادەملەرگىمۇ ئېسىلىدىغان بولۇپ قالغان.<<ئالتايچى>>ياشلارنىڭ بەزىلېرى ساددىلىقىدىن خوتۇن- بالىلېرىنىمۇ بىرگە ئېلىپ چىققان ئىدى،ئەرلېرى ئېچىنىشلىق ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىلېرى بىر ئاماللارنى قىلىپ يۇرتلېرىغا كېتىدۇ،بەزىلېرىنىڭ يۇرتىغا كېتىشكە پەقەتلا ئىقتىسادى بولمىغانلىقتىن ئۈرۈمچىنىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلېرىدا تېنەپ- تەمتىرەپ يۈرۈپ،پەرزەنتلېرىنى ئاچتىن ئۆلتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئىلاجىسىز ئاخىرى پاھىشىخانىلارغا ياللىنىپ كېتىدۇ،يەنە بەزى ئۇيغۇر ئاياللېرىنى گومىنداڭ ئەمەلدارلېرى ئۆزىنىڭ ئىپلاس شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مەجبۇرىي ھالدا ئۆزىگە<<خوتۇن>>قىلىۋالىدۇ.شېڭ شىسەي ۋە كېيىنكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئوغۇل- قىزلېرىنى بەئەينى قۇل ئورنىدا كۆرگەن ۋە كەمسىتكەن ئىدى.شۇڭا،6-يىڭنىڭ قورالسىز چىققانلىقىنى كۆرگەن تۇرپان خەلقى ئۇلارنى<<ئالتايچى>>لار ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئىدى. 6-يىڭ تۇرپانغا مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەتتە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن،ئىلگىرىكى سوقۇشلارغا قاتناشقان،تەجرىبىلىك بولۇپ قالغان،پەيجاڭ،مۇئاۋىن پەيجاڭ ۋە جەڭچىلەردىن بولۇپ100دىن ئارتۇق جەڭچى- ئوپىتسىرلار يەنە بىر قېتىم ئاساسسىزلا قىسىمدىن بوشۇتىۋېتىلىدۇ.بۇ ھەربىيلەر قەشقەرگە بېرىشتا ۋە تۇرپانغا كېلىشتە ھەربىي قىسىمنىڭ كۈچى بىلەن بارغان ۋە كەلگەنلەر ئىدى،مانا ئەمدى كېتەي دېسە قولىدا پۇل يوق ئېغىر كۈنلەرگە قالىدۇ.شۇنداق قىلىپ قورالسىز تۇرپانغا كەلگەن 6-يىڭ مانا ئەمدىلىكتە ئادىمى قىسقارتىلىپ ئىككى لىيەن قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ،گومىنداڭ3-يىڭىنىڭ8-،9-لىيەنلېرى سالاھىيىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ.6-يىڭدىن قىسقارتىپ تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر8-،9-لىيەنلېرى ئۈرۈمچىگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئۇدۇللا ئۈرۈمچى شەرقىي قوۋۇق(بېيمىن)ئىچىدىكى تۇڭگۇزخانىغا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.بۇ تۇڭگۇزخانا ئۆزىنىڭ ئىپلاس سېسىقچىلىقى بىلەن داڭ چىقارغان بولۇپ،ئۈرۈمچى خەلقىدىن شەھەرنىڭ شىمالىي قۇۋۇقىدىن كىرىپ-چىققۇچە ئاغزى-بۇرنىنى ئېتىپ يۈگۈرگىنىچە ئۆتۈپ كەتمەيدىغىنى يوق ئىدى.مانا شۇ ئىپلاس تۇڭگۇزخانىغا ئۇيغۇر ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلېرى ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ،ئىپلاسچىلىقتىن كۆڭلى ئاينىپ چىدىغۇچىلىكى قالمىغان ھېيت ئىسىملىك ئۇيغۇر جەڭچى قېچىپ كېتىدۇ،ئۇنىڭ كەينىدىن نەمەت بەختى دېگەن جەڭچى قېچىپ بەختكە قارىشى تۇتۇلۇپ قالىدۇ.3-يىڭنىڭ يىڭجاڭى شاتىڭپاڭ 8-،9-لىيەندىكى پۈتۈن ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنى يىغىپ سەپكە تىزىپ قويۇپ،ئىككى نەپەر جەڭچىگە يوغانلىقى بارماقتەك ئىككى قۇچاق سۆگەت چىۋىقىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ سەپتە تۇرغان ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىغا تاشلايدۇ،ئاندىن نەمەت بەختىنى باشقا قىسىمدىكى خەنزۇ ئەسكەرلەر باغلاپ كېلىپ يەرگە دۈم ياتقۇزۇپ بىرى بوينىغا مىنىپ،قالغانلېرى ئىككى پۇتىنى بېسىپ تۇرىدۇ.شا تىڭپاڭ ھەر بىر ئۇيغۇر جەڭچىنى نەمەت بەختىنى نۆۋەت بىلەن ئۇرۇشقا بۇيرۇق قىلىپ<<كىم ئۇرمىسا،ياكى بوش ئۇرسا،شۇنى باستۇرۇپ ئۇرىمەن>>دەپ ھەيۋە قىلىدۇ.ئالدى بىلەن شاڭ يىڭجاڭ باشلاپ ئۇرىدۇ.ئىلاجىسىز قالغان ئۇيغۇر ئەسكەرلەر كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئۆز سەبدىشىنى ئۇرۇشقا باشلايدۇ،20دەك ئەسكەر ئۇرغاندىن كېيىن نەمەت بەختى ھۇشىدىن كېتىدۇ،شا يىڭجاڭ ئۇنى ھۇشىغا كەلتۈرۈپ سەبداشلېرىنى يەنە ئۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ،كىم نەمەت بەختىنى بوش ئۇرسا،شۇ جەڭچى ئۆزى تاياق يەپلا قالماستىن،بەلكى يەنە نەمەت بەختىمۇ تەڭ قوشۇلۇپ ئارتۇقچە تاياق يەيدۇ.نەمەت بەختى تاياق زەربىسىدىن ئىككى ئاي مىدىرلىيالماس ھالەتتە ئورۇن تۇتۇپ ياتقاندىن كېيىن،ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئىككى لىيەن ئۇيغۇر ئەسكەر تۇڭگۇزخانىغا سولانغاندىن كېيىن،گومىنداڭ ئەسكەرلېرى ئۇيغۇر ئەسكەرلېرىنى <<بۇ چەنتۇلار نېمە قىلالايدۇ>>دەپ ھەر قىسما قىلىقلارنى چىقىرىپ كەمسىتىدۇ ۋە ھاقارەتلەيدۇ.بىر كۈنى گومىنداڭنىڭ بىر پەيجاڭى ئۇيغۇر ئەسكەرلېرى تۇرغان گازارمىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قەستەن چوڭ تەرەت قىلىدۇ(سەنلەر چىچىپ قويغان پوقتىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ زاڭلىق قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان)،بۇنى كۆرگەن بىر ئۇيغۇر ئەسكەر سېسىقچىلىقتىن نارازى بولۇپ ئۇنىڭغا يىراق يەرگە بېرىپ تەرەت قىلساڭ بولمامدۇ دېسە،ئۇ ئۆز ئەسكەرلېرىنى باشلاپ كېلىپ ئۇيغۇر جەڭچىنى ئۇرماقچى بولىدۇ،ئۇيغۇر ئەسكەرلەر ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئاڭلاپ تالاغا چىقسا،مىللىي ئەسكەرلەر توپىلاڭ كۆتۈردى دەپ گومىنداڭ لىيەنىنىڭ لىيەنجاڭىغا خەۋەر قىلىدۇ.لىيەنجاڭ ئەسكەرلېرىنى باشلاپ كېلىپ مۇتىھەملىك قىلىپ قولىدا كالتەك،گۈرجەك،تاش- كېسەكلەرنى كۆتۈرۈپ ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنى ئۇرۇش ئۈچۈن كېلىدۇ،جېدەلدىن خەۋەر تاپقان ئابلىز پەيجاڭ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ ئەسكەرلېرى ئۇيغۇر ئەسكەرلېرىنڭ يىڭجاڭى بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بېرىۋاتىدۇ دەپ تۆھمەت قىلىپ،باشقا يىڭدىكى گومىنداڭ ئەسكەرلېرىنى باشلاپ كېلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئىككى مىڭ گومىنداڭ ئەسكىرى ھەربىي ھالەتكە كېلىدۇ.ئەسكەرلەر كۆپ بولغانلىقتىن ئەھۋالنى ئۇقماي،ئۆزلېرى بىر- بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ(بەلكىم يۇرتۋازلىق قىلىشىپ قالغاندۇ)مۇشتلىشىپ كېتىدۇ،ھەمدە بىر قانچە گومىنداڭ ئەسكىرى يارىلىنىدۇ.ئۇيغۇر ئەسكەرلېرىنىڭ گومىنداڭ تەرىپىدىن ئىزچىل ھالدا ئىشەنمەسلىكتىن چەتكە قېقىلىشىغا،كەمسىتىلىشىگە قارىتا ئۇيغۇر گېنرالى سۇپاخۇن سۇۋۇرۇپ ئۆز ئەسلىمىسدە چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:<<شۇنچە خىزمەت قىلىپمۇ ئۆز بولالمىدۇق!>>(شۇ ناملىق كىتاپ214-بەت) سۇپاخۇن گېنرال ناھايىتى توغرا خۇلاسىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى،ئۇلار گومىنداڭ بىلەن ئەزەلدىنلا ئۆز ئەمەس ئىدى،ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۆز بولالمايتتى،ئۆز بولۇشىمۇ مەڭگۈ مۈمكىن ئەمەس ئىدى... 1944-يىلى7-ئايدا ئۇيغۇر 8-،9-لىيەنلەر بۇيرۇق بويىچە ئالتاي ئۇرۇش سېپىغا ماڭدۇرىلىدۇ،بۇ ئۇلارنى ئوپ-ئوچۇقلا<<ئۆزىنى ئۆزىگە سېلىپ>> ئالتايچى ياشلاردەك ئوققا يەم قىلىپ بېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى،بۇ نۇقتا ھەم ئەسكەرلەرگە،ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلېرىغا ئايدىڭ ئىدى. قەشقەردىن چىققاندا يىغىۋېلىنغان قوراللار، ئۇيغۇر ئەسكەرلېرى ئالتاي ئۇرۇش سېپىگە ماڭغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ قوللېرىغا قايتا تۇتقۇزىلىدۇ.1944-يىلى7-ئاينىڭ7-كۈنى ئۇيغۇر ئەسكەرلەر ئالتاي ئۇرۇش سېپىدىن بىرى بولغان گۇچۇڭ(سانجى خۇيزۇ ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ بىر ناھىيەسى)غا قاراپ يولغا چىقىدۇ،ئۇيغۇر ئەسكەرلەر ھەربىي ماشىنىلارغا قاراپ ماڭغاندا،جەڭچىلەرنىڭ خوتۇن-بالىلېرى ۋە قېرىپ قالغان ئاتا- ئانىلېرى ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلايدۇ،ئۇلارنىڭ دەرد-پەريادى مەيداننى بىر ئالىدۇ.بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا قاراپ تۇرغان ئەتىراپتىكى ئۇيغۇر ئاھالىلېرىمۇ ئۇلارغا تەڭ قوشۇلۇپ يىغلاپ كېتىدۇ.ئۇ بىچارىلەرنىڭ دەردلېرىنى كىم ئاڭلىسۇن!ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك ئۇلارنىڭ خوتۇن- بالىلېرى ۋە ئاتا- ئانىلېرى دەرۋازىنىڭ سىرتىغا قوغلاپ چىقىرۋېتىلىدۇ،كۆڭلى يېرىم جەڭچىلەر شا يىڭجاڭ قاتارلىقلار تەرىپىىدن ھاقارەتلىنىپ ئۇرۇپ،تېپىلىپ ھەربىي ماشىنىغا چىقىرىلىدۇ. ئۇيغۇر8-،9- لىيەنلەر گۇچۇڭغا بارغاندىن كېيىن گومىنداڭ ئۇلارنى ئات،تۆگە ۋە قوي قاتارلىق گومىنداڭ ماللېرىنى بېقىش ئىشلېرىغا سالىدۇ(200ئات،300تۆگە،ئۈچ قورو قوي).بىر ئايدىن كېيىن9- لىيەننى ئاجىرىتىپ مورىي ناھىيەسى(گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شەرقىدە بولۇپ،ھازىر مورىي قازاق ئاپتۇنۇم ناھىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ)گە ئەۋەتىدۇ.9-لىيەننى 8-لىيەندىن ئايرىپ مورىيغا ئاپىرۋېتىشتە، بۇ ئىككى ئۇيغۇر لىيەننى بىر- بىرىدىن ئايرىپ پارچىلاپ يوقۇتۇشنى مەقسەد قىلغان ئىدى.شۇ ئاي،شۇ كۈنلەردە مورىيدا بىر بۆلۈك قازاق خەلقى گۇچۇڭ،مورىي،پۇكاڭ،جىمسار تەرەپلەردە گومىنداڭ ئارمىيەسىگە پات- پات تۇيۇقسىز قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ،بۇ ناھىيەلەردىكى گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي ئۇرۇش رايونى بولغان ئالتاي رايونىغا ھەربىي ياردەمگە بېرىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتاتتى.9- لىيەن مورىيغا بارغاندىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى قازاق خەلقىگە قارىشى ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدىلا ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنى ئالدىغا چىقىرىپ قويىدۇ،نەتىجىدە 9- لىيەندىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلەردىن8-10 نەپىرى دەسلەپكى ئۇرۇشلاردىلا قۇربان بولۇپ كېتىدۇ.قازاق خەلقىنىڭ مورىيدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارىشى تەھدىتى بارغانسېرى ئاشقانلىقتىن،مورىيدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىۋى بىلەن 1944-يىلى 10- ئاينىڭ 15-كۈنى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىن تولۇق زامانىۋى قوراللانغان بىر يىڭ ئاتلىق ئەسكەر گېنىرال مايور دەرىجىلىك بىر قوماندان ۋە بىر تۈەنجاڭنىڭ رەھبەرلىگىدە مورىيغا يېتىپ كېلىدۇ.10- ئاينىڭ20- كۈنى شۇ بىر يىڭ زامانىۋى قوراللانغان ئاتلىق ئەسكەر ۋە ئۇيغۇر9- لىيەن بولۇپ جەمئىي 500دىن ئارتۇق ھەربىي، ئالتاي ئۇرۇش مەيدانىغا چارۋا مال يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ماڭغان 200- 300دەك قازاق قوزغۇلاڭچىلېرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ يوقۇتۇشقا ئاتلىنىدۇ.ئۆزىنىڭ يۇقۇرى ماھارەتلىك ھەربىي ئەسكەرلېرى ۋە زامانىۋى قوراللېرىدىن كۆرەڭلەپ كەتكەن يىڭ كوماندىرى جاۋ يىڭجاڭ <<قازاق باندىتلار>>نى ئاسانلا ئۇجۇقتۇرۋېتىمىز دەپ ئويلاپ،ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنى ئۇرۇش مەيدانىغا يېقىن بىر يېزا ئېغىزىنى ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ،ئۆزلېرى قازاق قوزغۇلاڭچىلېرىغا قارىشى ئۇدۇلمۇ- ئۇدۇل ئاتلىنىدۇ،بەلكى گومىنداڭچىلار <<ئۇرۇش تۆھپىسى>>گە ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنى يېقىن يولاتماسلىقنى ئويلىغان بولۇشى مۈمكىن.شۇ قېتىملىق ئۇرۇش سەھەر سائەت 4دە باشلىنىدۇ،ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدىلا گومىنداڭچىلار50-60دەك ئاتلىق ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ،كەچقۇرۇن سائەت ئالتىلەر بولغاندا قازاق قوزغۇلاڭچىلېرى گومىنداڭ ئەسكەرلېرىنى قىستاپ كېلىپ ئۇلارنىڭ70-80%نى قىرىپ تاشلايدۇ،ئۇرۇش داۋاملىشىپ تا شۇ كەمگىچە قازاق قوزغۇلاڭچىلېرى ئۇيغۇر ئەسكەرلېرى بار تەرەپكە پەقەت ھۇجۇم قىلمايدۇ.قورقۇپ كەتكەن جاۋ يىڭجاڭ ئۆلگەن ئەسكەرلېرىنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۋېلىپ يەڭگۈشلەپ كىيىپ ئەسكەرلەرچە قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ،ھەمدە 9-لىيەنگە:<<سىلەردىن ئادەم چىقىم بولمىدى،بىزنىڭ يىڭدىن ئادەم بەك كۆپ چىقىم بولدى.بىز تاغ سوقۇشىنى بىلمىگەنلىگىمىز ئۈچۈن تاغ تەرەپنى باندىتلارغا قويۇپ بېرىپ،ئۆزىمىز ئازگالغا چۈشۈپ قالدۇق،سىلەر ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئۆلگەنلەرنىڭ مىلتىق،ئوق ۋە قول بومبىلېرىنى يىغىپ كېلىڭلار>>دەپ بۇيرۇق قىلغاندىن كېيىن،ئۆزلېرى ئالدى-كەينىگە قارىماي ناھىيە بازىرىغا قاراپ قېچىشقا باشلايدۇ.ئېنىقكى بۇ ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنى <<ئوققا يەم بولۇپ كېتىڭلار>> دېگەنلىك ئىدى.جان ھەلەكچىلىگىدە بىر-بىرىگە باقماي قالايماقان قېچىۋاتقان گومىنداڭنىڭ سېرىق كىيىملىك ئاتلىق ئەسكەرلېرىنى،قازاق قوزغۇلاڭچىلېرى قوغلاپ يېتىشىپ خۇددى ئوغلاق تارتقاندەك ئاتتىن يۇلۇپ ئېلىپ يەرگە ئاتاتتى.مانا مۇشۇنداق ھايات-ماماتلىق پەيتلەردىمۇ ھەربىي بۇيرۇققا ئىتائەت قىلغان ئۇيغۇر 9-لىيەن ئالدىنقى سەپكە قاراپ ئاتلىنىدۇ،ئەمما بۇ چاغدا قازاق قوزغۇلاڭچىلېرى گومىنداڭ ئەسكەرلېرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئات سېلىپ كېلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر 9-لىيەن ئەمىلىيەتتە قاچقان گومىنداڭ ئەسكەرلېرىنى ئارقىدىن قوغدايدىغان قالقانغا ئايلىنىپ قالىدۇ.9- لىيەن بىر بەندىن،بىر بەندىن ئارىلىق قالدۇرۇپ ئوق چىقارغاچ چېكىنىپ بىر ئەسكەرنىڭ قۇربان بولۇش ھىساۋىغا مىڭ تەسلىكتە ئەتىراپنى سىر قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا مورىي ناھىىيە سېپىلىغا يېتىپ كېلىدۇ،سېپىلنى ساقلاۋاتقان گومىنداڭ ئەسكەرلېرى ئۇيغۇر ئەسكەرلېرىنى<<سىلەر نېمىشقا ئۇرۇشماي قېچىپ كېلىسىلەر؟>>دەپ ئۇلارنى سېپىلدىن كىرگۈزمەي تۇرۇۋالىدۇ،ھەتتا سېرىق كىيىملىكلەر ئۇيغۇر ئەسكەرلېرىگە قورال تەڭلەپ چىقىدۇ.نەتىجىدە ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىگە قورال تەڭلىشىپ قالىدۇ،ئۇيغۇر ئەسكەرلەر شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى سېپىل دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ.شۇ قاراڭغۇدا ئاچ قورساق سېپىل دەرۋازىسىدىن كىرگەن ئۇيغۇر ئەسكەرلېرى تاماق يىيىش ئورنىغا قورالسىزلاندۇرۇلۇپ،ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىلىپ<<بىرىڭمۇ مىدىرلىمايسەن،قايسىڭ مىدىرلاشساڭ جازالىنىسەن>>دەپ داق يەرگە ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ.ئىشنىڭ مۇنداق بولىشىدا،نېمە ئۈچۈن ئاتلىق يىڭ قىرىلىپ تۈگەپ،20-30ئادەم بىلەن جاۋ يىڭجاڭ،لىيەنجاڭلار ساق قالىدۇ،نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەسكەرلېرىنىڭ بىر قانچە ئادىمىلا ئۆلۈپ،قالغانلېرى ساق قالىدۇ،دېگەن گۇمان سەۋەپچى بولغان ئىدى.گومىنداڭچىلار ئاخىرى60-70دەك ئۇيغۇر ئەسكەرنى شۇنداقلا بىر تەرەپ قىلىۋەتسە ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،ئاخىرى ئۆز ۋاقتىدا خوجىنىياز ھاجىغا ئەسكەر بولغان كۇچالىق مۇئاۋىن پەيجاڭ ئوسمان قارىينى<<ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشتا ئاساسىي مەسئۇلىيىتى بار>> دەپ بەش كۈن قاماققا ئېلىش يولى بىلەن،باشقا ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنى سەھەر سائەت تۆتلەردىلا ئاندىن ئۆز گازارمىسىغا قايتىپ ئارام ئېلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ.شۇنداق قىلىپ قازاق قوراللىق قوزغۇلاڭچىلېرىدىن قاتتىق ئەدىپىنى يىگەن گومىنداڭچىلار،بار دەردىنى ئۇيغۇر ئەسكەرلېرىدىن ئالىدۇ،بۇ<<ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە،ئۇر توقۇمنى>>دىگەننىڭ ئۆزى ئىدى.بەش كۈنلۈككە قامالغان ئوسمان قارىي، ئۇيغۇر ئەسكەرلېرىنىڭ بىرلىكتە گومىنداڭ ھەربىي ئەمەلدارلېرىغا كۈچ كۆرسىتىپ ئىتپاقلىشىپ تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشى بىلەن،10كۈندىن ئاشقاندا ئاران دېگەندە يەر ئاستى كامىرىدىن ئېلىپ چىقىلىدۇ.ئوسمان پەيجاڭ بۇ چاغدا ئورۇقلاپ سارغىيىپ،چاچ- ساقاللېرى ئۆسۈپ تونۇغۇسىز ھالەتكە كېلىپ قالغان ئىدى،شۇندىن كېيىن گومىنداڭچىلار9-لىيەننى سىرتقا چارلاشقا چىقارمايدىغان بولىۋالىدۇ. 1944-يىلى11-ئايلاردا مورىي ناھىيەسى قېلىن قار ئىچىدە قالىدۇ،ھاۋا سوۋۇپ ئىت-ئېشەك چېغىدا سوغۇققا ئاران- ئاران بەرداشلىق بېرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.مانا مۇشۇنداق نۆلدىن تۆۋەن30گىرادۇس ئەتىراپىدىكى سوغۇقتا 9-لىيەنگە مورىي سېپىلىنىڭ تېشىدىكى بىر كىچىك قورغاننى ۋە ناھىيەنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئىستىھكاملارنى ساقلاشقا بۇيرۇيدۇ،تاماقلارنى ئاشپەزلەر يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.گومىنداڭ ئەسكەرلېرى بولسا سېپىل ئىچىدە،ئىسسىق ئۆيلەردىن چىقمايدۇ.ئۇيغۇر ئەسكەرلەر گومىنداڭچىلارنىڭ نەزىرىدە بەئەينى بىر ئىتنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلىنغان ئىدى! 1944-يىلى11-ئاينىڭ20-كۈنى 9-لىيەننى يەنە گۇچۇڭ ناھىيەسىگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ،9-لىيەن يەنە ئۆزىنىڭ8-لىيەندىكى كونا سەبداشلېرى بىلەن بىرگە بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.1945-يىلى يانۋاردا 8-،9-لىيەنلەرنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قارىشى ئۇرۇشقا سېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىدۇ.8- ۋە 9-لىيەندىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلەر مورىي،گۇچۇڭ ناھىيەلېرىدە بولغان مەزگىللېرىدىلا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارىشى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈشكە ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ بولغان ئىدى.ھەتتا بىر نەچچە قېتىم جەڭچىلەر قوزغۇلۇشنى تەلەپ قىلغاندا،كوماندىرلار<<بىز قوزغالساق،ئۈرۈمچىدە قالغان ئائىلە-تاۋاباتلېرىمىزغا خەۋپ يېتىدۇ>>دەپ جەڭچىلەرنى شارائىت تولۇق پىشىپ يېتىلگۈچە تاقەت قىلىشقا كۆندۈرگەن ئىدى.1945-يىلى2-ئاينىڭ20-كۈنى ئۇلارنى ئۈچ ۋىلايەت ئۇرۇش سېپىنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇلى بولغان شىخو ناھىيەسىگە ئېلىپ بارىدۇ،1945-يىلى4-ئاينىڭ27-كۈنى سەھەردە 8- ۋە 9-لىيەنلەردىكى ئۇيغۇر جەڭچىلەر ئاخىرى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارىشى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. 1937-يىلى5-ئايدا خەلقنىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئۆز قېرىنداشلېرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان ئۇيغۇر ئاتلىق 31-تۈەن <<يات>>لاردىن بولغانلىقى ئۈچۈنلا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.نەتىجىدە بىر پۈتۈن تۈەن بىر يىڭغا قىسقارتىۋېتىلىدۇ،بىر يىڭ يەنە ئىككى لىيەنگە قىسقارتىۋېتىلىدۇ،شېڭ شىسەيدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىمۇ ئوخشاشلا ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ،ئۇلارنى يەتكۈچە كەمسىتىدۇ.بىر قاتار جەبىر-زۇلۇملاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئەسكەرلەر شۇنداق بىر نۇقتىنى، يەنى ئۆزلېرىنىڭ ئەركىن ۋە مۇستەقىل ھاكىمىيىتىنى قۇرماي تۇرۇپ،ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلار بىلەن باراۋەرلىك ۋە تېنچلىق ئورنۇتۇشنىڭ ئەسلا مۈمكىن ئەمەسلىكىنى،ئۇلاردىن تېنچلىق كۈتۈشنىڭ بىر خام خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى،تېنچلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئېتىكىنى كۆزىنى سۈرتۈپ،تاپىنىنى يالاپ تۇرۇپ ئۆزلېرىنىڭ ئۇلارغا قانچىلىك سەمىمىي ۋە سادىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن تەقدىردىمۇ،يەنىلا <<ئۆز>> قاتارىدا مۇئامىلىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي ھەقىقەتنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. ئۇلار ھەقىقىي مەنادىكى تېنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستەكلېرىدە ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە،ئۆز قېرىنداشلېرى سېپىگە قاراپ مەردانە ئاتلىنىدۇ... ( مەنبە:<<مەن كەچكەن كېچىكلەر>> سۇپاخۇن سوۋۇرۇپ، مىللەتلەر نەشىرىياتى2010-يىلى8-ئاي 1-نەشىرى.) |