ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا 6.8 بال يەر تەۋرىدى
يوللانغان ۋاقتى: 05:56 20-09-2011 مەنبە: خەلق تورى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
خەلق تورى يېڭى دېھلى تېلېگراممىسى : ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 18 - سېنتەبىر كەچ ، ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىد

خەلق تورى يېڭى دېھلى تېلېگراممىسى : ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 18 - سېنتەبىر كەچ ، ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سىككىم رايونىدا 6.8 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ ، يەر تەۋرەشتە ھىندىستان ۋە نېپال چېگرىسىدىكى 18 ئادەم قازا قىلىپ ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان .
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشچە ، شۇ يەر ۋاقتى 18 - سېنتەبىر كەچ سائەت 6:10 دە يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن بولۇپ ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر كېلىدىكەن ، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 27.7 گرادۇس ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 88.2 گرادۇستىكى ھىندىستان بىلەن نىپال تۇتاشقان رايونغا جايلاشقان . بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش بۇ رايوندا 20 يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ كۈچلۈك بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش بولۇپ ، ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالى ، شەرقىي ۋە شىمالىي رايونى ھەمدە قوشنا دۆلەت نېپال ، بېنگال ، بۇتان ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەسىر قىلغان ، ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈنەرلىك بولغان ، كەينىدىن بۇ رايوندا يەنە بىر نەچچە قېتىم 3 بالدىن 6.1 بالغىچە قالدۇق يەر تەۋرىگەن .
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، مۇخبىر ماقالە ئەۋەتكىچە ، يەر تەۋرەشتە ھىندىستان ۋە نېپال چېگرىسىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 13 ۋە 5 ئادەم قازا قىلغان ، نۇرغۇن قۇرۇلۇشلار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن . يەر تەۋرەش يەنە لاتقا - شېغىل ئېقىن ۋە تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشنى پەيدا قىلغان .
يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ھىندىستان زۇڭلىسى سىنىگ جىددىي ھالدا ئىچكى كابىنېت يېغىنى ئېچىپ ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى كېڭەشكەن ، يەرلىك دائىرىلەر 3000 گە يېقىن قۇتقۇزۇش خادىمىنى سىككىم رايونىغا ئەۋەتكەن ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرغان . لېكىن يەر تەۋرەش بىر قەدەر چەترايوندا يۈز بەرگەچكە ، قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش راۋان بولمىغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە قاتتىق يامغۇر ياغقاچقا ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بەلگىلىك قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ھىندىستاننىڭ شىمالى ۋە شەرقىي شىمالىدىكى رايونلار يەر تەۋرەش خەتىرى كۈچلۈك بەلباغغا جايلاشقان ، سىككىم رايونىدا 1897 - يىلى ۋە 1950 - يىللىرى 8 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن . بۇ يىل 7 - سېنتەبىر كەچ ، پايتەخت يېڭى دېھلى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا 4.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ ، بەختكە يارىشا ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن .
|
------分隔线----------------------------