ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)

    • قەلەم - [نەسىر]

      2009-05-26

      版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
      logs/39952188.html

       قەلەم


      قەلەم
      ئۇ شۇنداق قابىل ئىكەنكى -دۇنيا ئۇنىڭ ھېكمىتى بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ. شەيئىلەر ئۇنىڭ بەھرى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ،تەپەككۇر جاۋاھېراتلىرى ئۇنىڭ بىلەن مۇجەسسەملىنىدۇ.ئۇ ئۆز خاسىيىتى بىلەن ئاق قەغەز يۈزىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.
      قەلەم ئۇ ،ساڭا شۇنداق سادىق ئىكەنكى مەڭگۈ-مەڭگۈ سەندىن يۈز ئۆرىمەيدۇ.
      ئۇنىڭ سىرداشلىقىدەك يېقىن دوست بارمۇ جاھاندا؟ -ئۇنىڭ دوستى سەن،سىنىڭ دوستۇڭ ئۇ،ئۇ سىنىڭ يىغاڭنى،كۈلكەڭنى،ئازابىڭنى،شادلىقىڭنى......تالاي قۇلارغا مۇجەسسەملەپ،تەقدىرىڭدە ساڭا ھەمنەپەس،تەغدىرداش،تەسەللى بولالايدۇ. پانى دۇنيادىكى بۇرۇقتۇملۇق سېنى غەمكىن قىلغىنىدا،ئازاپلار باغرىڭنى تىلغىنىدا،يۈرىكىڭ ئاچچىق ئېچىشقىنىدا....خۇددى رىۋايەتتىكى ئاشىقلار ئۆز دەردىنى ھىچكىمگە تۆكەلمەي تاتلىق ئازاپ ئىچىدەقىينىلىپ، پايانسىز ئاسمانغا قاراپ جار سالغىندا، سېنى ھەمرا قىلىپ كەچمىشتىن خاتىرە قالدۇرىدۇ. دوستۇم سەن ھاياتتا  قەلىمىڭ بىلەن ھەقىقى سىردىشالايدىكەنسەن،ئورتاقلىشالايدىكەنسەن.شۇندىلا ھەقىقى قانائەت ھاسىل قىلىدىكەنسەنكى پايانسىز قۇملۇقتا كىتىۋاتقان يالغۇز يۇلۇچى زەم-زەم بۇلىقىغا يەتكىنىدەك يىنىك نەپەس ئېلىپ ،پۇخادىن چىقىپ راھەتلىنەلەيدىكەنسەن.ۋۇجۇدۇڭ مىھىرسىرىغان،شىئېرسىرىغان،يالغۇزلۇقتا قىينالغىنىڭدا ئۇ ساڭا ئەڭ يېقىن تۇرالايدىكەن ، ئەگەر بەخىت-شادلىققا چۆمگىنىڭدە ئۇنى تاشلاپ قويساڭمۇ ئۆزىنىڭ تاشلاپ قۇيۇلغىنىغا قىلچىمۇ ئۆكۈنمەيدىكەن. ئازاپلىق قۇرلارنى يازغىنىڭدا ۋۇجۇدى تىترەپ ھەتتا سۇنۇپ كەتكىدەك بولسىمۇ قولۇڭدىن ئاجرىمايدىكەن.شادلىقلىرىڭنى خاتىرلەرگە پۈتكىنىڭدە ئۇنىڭ يورغىلىقىغا ئۆزۈڭمۇ ئىشەنمەي قالىدىكەنسەن.ئەگەر  خىياللىرىڭدا قەلەم ھەققىدە تەپپەككۇر قىلساڭ ،ئۇنىڭغا ھەقىقى ھەۋىسىڭ كىلىپمۇ قالىدىكەن:ئۇ نىمە دىگەن قابىل،نىمىدىگەن ئەركىن،نىمىدىگەن سادىق.....ھە؟
      -ئەي قەلىمىم مەن ساڭا تۇلىمۇ ئامراق !پۈتۈن دۇنيا ئۆز مەۋجۇتلىقىمنى تەرك ئەتسىمۇ پەقەت سەنلا قولۇمدا بولساڭ مەن تارىخ بېتىگە ئىسمىمنى ئىپتىخارلىق ئىچىدە ھەۋەسلىنىپ يازىمەن.ھەتتا مەن بۇ دۇنيادىن خوشلۇشۇپ كەتكىنىمدىمۇ بالام قەبرە تېشىمغا ئىسمىمنى سەن بىلەن يازىدۇ.......
      شۇڭا ھۆرمىتىم،ئىخلاسىم ساڭا باغلانغان.شۇنداق بولغاچقا  مەن سېنىڭدىن سەن مىنىڭدىن مەڭگۈ ئايرىلىشالمايمىز ھەم ئايرىلالمايمىز.بىز سەن بىلەن ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا ئاللىبۇرۇن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن.سەن بولغاچقىلا ماڭا يىزىقتىن تىل چىققان،سەن بولغاچقىلا تىلىملا ئەمەس دىلىممۇ سۆزلىيەلىگەن!

      ھەسرەت چەككەن چېغىمدا،
      سېنى ئالسام قولۇمغا.
      غېرىپلىقىم بىلىنمەس،
      سەن شاھىد سەن قۇرۇمغا.

      ھەربىر مىسرا،ھەر چىكىت،
      سەندىن پۈتەرقەلىمىم.
      خاتىرەمگە مۇجەسسەم،
      سەندىن شادلىق، ئەلىمىم.

      بەزى سىنى ئىگىمەن،
      كىلىپ قالسا غەزىپىم.
      ئېشىپ بارار شۇ مەھەل،
      ئاجىزلىققا نەپرىتىم
      .
      لېكىن رەنجىپ باقمىدىڭ،
      ئايان بولغاچ ھەسرىتىم.
      سەن چۈشەنگەچ گۈزەلدۇر،
      ھاياتلىقتا  سەپىرىم.

      سىردىشىمسەن،پەخرىمسەن،
      ۋۇجۇدۇمدا مادارىم.
      سېنى مەڭگۈ قەدىرلەش،
      مىنىڭ ئەھدۇ-قارارىم.

      收藏到:Del.icio.us