ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)

    • (گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە)ماڭىمۇ - [شئېرلار]

      2010-06-29

      版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
      logs/67439693.html

      مۆمىنجاننىڭ شۇ ناملىق ناخشىسىغا تەقلىد

       

      مىنى كۈندە مۇنبەردىلا يۈرىدۇ دەپ،

      كىيۇكىيۇ لاردا(بەخت)پەيزى سۈرىدۇ دەپ،

      بىزنى كۆرسە قاپىغىنى تۈرىدۇ دەپ،

      گەپ بولۇپتۇ مەھللىدە گەپ بولۇپتۇ.

       

      ئەتمەيدىكەن بىر ۋاق تاماق ئۆيىدە دەپ،

      ئاچمايدىكەن تۈزۈك قاپاق ئېرىگە دەپ،

      يەپ تۇرارمىش نەچچە تاياق كۈنىگە دەپ،

      گەپ بولۇپتۇ مەھللىدە گەپ بولۇپتۇ.

       

      (كۆيدۈم-پىشتىم)دەپ شىئېرلار يازارمىش دەپ،

      سەۋدا بولۇپ گەپلىرىدە ئازارمىش دەپ،

      توي-تۈكۈن ۋە ئولتۇرۇشتىن قاچارمىش دەپ،

      گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ.

       

      كۆرمەس بوپتۇ تورغا قاراپ كۆزىمۇ دەپ،

      سىغماس بوپتۇ ھىچ ئەقىلگە سۆزىمۇ دەپ،

      چىقماس بوپتۇ تالا-تۈزگە ئۆزىمۇ دەپ،

      گەپ بولۇپتۇ مەھەللىدە گەپ بولۇپتۇ.

       

      غەم يىمەڭلار مىنى ئېزىپ قالارمۇ دەپ،

      (ئىشلىرىنى)ئېرى سىزىپ قالارمۇ دەپ،

      مەيدەم تىكتۇر غەيۋەتلەرگە كۆنگەچ ئۆزۈم،

      كۈچىمەڭلار توردېن تېزىپ قالارمۇ دەپ.

       

       


      收藏到:Del.icio.us