سائادەت
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
پىنھاندىكى پىچىرلاش - [شئېرلار]
2010-10-04
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/76526161.html
سېنى دەپلا ياشاپ كەلدىم ئۈمىتتە،
ئېلىپ كەلگەچ مەيىن شامال ھىدىڭنى.
پىنھانلاردا ياشلار تۆكتۈم سۈكۈتتە.
ھەر نەپەستە زىكرى قىلىپ ئىسمىڭنى.
سەن يۈرگەنسەن بەلكىم ئۇندا خىرامان،
داۋام ئىتىپ مەن سىڭمىگەن چۈشۈڭنى.
پىنھانلارغا دەپنىلەپ ھەم كۆمگەنسەن،
سىمالىرىم سىڭگەن كەچمىشلىرىڭنى.
مەيلى ئۇنتۇپ ئازاپلاردىن قۇتۇلساڭ،
ئاڭلىغۇم يوق چۈشۈپتۇ دەپ بېشىڭنى.
ئەسلەش ماڭا تالىق بولسۇن بىر ئۆمۈر،
كۆرمىگەيمەن مەڭگۈ تۆككەن يېشىڭنى.
收藏到:Del.icio.us