ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)

    • يىغلىغانغا ئېرىمەس دۇنيا - [شئېرلار]

      2009-03-03

      版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
      logs/35971270.html

      (زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل باھارنىڭ قەدرىگە يەتمەس)،
      باھار پەيزىنى ھىس قىلغان زىمىستانلارغا باش ئەگمەس.

      باھارسىراپ ئۆتسە مەيلى ھاياتىمنىڭ پۈتكۈل  پەسلى،
      قېنى كىملەر دىيەلەيدۇ-سەن يەتمىسەڭ بالاڭ يەتمەس؟

      يۈرەكلەردە گۇلخان كەبى يىلىنجايدۇ ۋىسال ئىشقى،
      چىن-ۋاپادار ئىرادىگە يوقتۇر جانان قۇچاق ئاچماس.

      ماي گۈللىرى تەئەللۇقتۇر سەۋر بىلەن كۈتسەڭ باھار،
      دىللىرىڭدا بولسا ئىشەنچ،ئۈمىدلىرىڭ يەردە قالماس.

      بىر ۋىسالنىڭ گۈلخانى بار لاۋۇلجايدۇ بارغانسىرى...
      كەلسە نى-نى مۈشكۈلاتلار قۇلانلىرىم چاپچىپ ھارماس.

      اللاھ بەرگەن سىناق ئۈچۈن قىسقىغىنە كۈنلىرىمنى،
      باش ئىگىشكە ناھەقلەرگە ئول نىشانىم سەۋەپ تاپماس.

      تىرىكتۇرمەن،ئويغاق ھىسلار،تەپەككۈرلەر ئىزچىل ھايات...
      ئارمان ئۈچۈن تىرىشارمەن،شۇندا ھايات بىكار كەتمەس.

      ئۆتسە يىللار كەتسەممۇ گەر بۇ دۇنيادىن زەرداپ يۈتۈپ،
      ھىچ بولمىسا نەۋرەم مىنى ھەققى ئۈچۈن سوراق ئەتمەس.

      تىرىشىمەن،ئىزدىنىمەن،ئىلمۇ-ئىرپان يوللىرىدا،
      ھىكمەت بىلەن ئەقىل تاپسام ياۋ ئالدىدا بېشىم چۈشمەس.

      قورال ئېلىپ قولغا دوستلار ئىلىم-پەننىڭ كۈچلىرىدىن،
      چىقىش يولى ئىزدىسەكلا قايسى نۈسرەت ئىشىك ئاچماس؟

      كەلسە باھار بۇلبۇل،كاككۇك ھەر سەھەردە خەندان ئۇرسا،
      (سائادەت)نىڭ خوشلۇقىدىن بۇ تەنلەرگە يۈرەك پاتماس.

      ئۆز-ئۆزىنى ئۇنتۇغاننى پۈتكۇل دۇنيا دەپنە ئىتۇر،
      ئەسقاتمايدۇ قۇرۇق لاپلار،(ئۈژمە پىش)چە خىيال-پەرەس.

      ئولتۇرمايلى غەپلەت بىلەن چۈشكۈنلۈككە باشلار ئىگىپ،
      يىغلىغاننىڭ ياشلىرىغا دۇنيا ئېرىپ باققان ئەمەس!


      收藏到:Del.icio.us




      评论

    • [avatar:30]رتاتىتى