ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)

    • قالارمەن بەلكىم قايتا يېزىلىپ - [شئېرلار]

      2010-10-30

      版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
      logs/81438634.html

      قارا باسقان چۈشنى ياقتۇرۇپ قالدىم.

      ئانامنىڭ قۇچىقىدىن ئۆزۈمنى يۇلۇپ

      زەردە بىلەن قايتۇرۇپ ئالدىم.

      ئۇغۇز سۈتى ئېغىزىمنى كۆيدۈرگەچ

      قىيمىغانچە ياندۇرۇپ سالدىم.

      ئۇنىڭ تەمىگە كۆنمەيمەن ئەمدى.

      سۈنئىي گېلەم ئۈستىدە

      تە-تە ئېتىپ يۈرمەيمەن ئەمدى.

      تۇپراقتىن ئەمەس قۇملاردىن

      قايتا تۆرىلىمەن

      تۇنجى قەدەمنى  بېسىپ تەكلىماكانغا

      ماڭالمىسام ئۆمىلەپ،سۆرىلىمەن.

      سىڭىمەن چەكسىز قۇم بارخانلىرىغا،

      ئۈنمەيمەن  ئانامنىڭ ئارمانلىرىغا.

      چۈنكى ئۇنىڭ قۇچىقى

      مۇنبەت تۇپراق لېكىن ئۈنۈمسىز.

      خۇددى پۇت پۇرايدىغان مەسچىتتەك

      ئۇلۇغ لېكىن سۈيۈمسىز.

      *

      چېكەتكىلەرنىڭ سەت چىرىلدىشى،

      بۇزار ھەردەم ئاراملىرىمنى.

      قۇمۇچاقلار،سەت چار پاقىلار...

      تاتلاپ قويار يارىلىرىمنى.

      كۆل يۈزىدىكى مەغرۇر شۇ ئاينى،

      چۇۋىۋەتتىم نوگاينى سېلىپ.

      ئاي پارچىسىنى نەچچىگە بۈلۈپ،

      ئېلىۋالدىم قاپاققا سۈزۈپ،

      قاپاق تېخى يېرىملاشماستا،

      نوگاي سۇندى قاپ بىلىدىنلا.

      سىقىمدىغانچە ئۇنىڭ بېشىنى،

      تاپالمىدىم قېنى يېرىمى؟

      ئەپ قاچتىمۇ ئاچ بېلىجانلا؟!

      *

      قاپقانلاردىن ئۈركىگەن كىيىك،

      ئەگىپ ئۈتۈشكە ئۈلگۈرەلمىدى.

      ۋەھمىدىن مادارسىز پۇتلار،

      مەنزىل تامان يۈگۈرەلمىدى.

      ئېغى ئۇچۇق ئىشتاننى سېلىپ،

      غۇنچىلىرى ئەمدى ئېچىلىپ،

      رەسىدە بولغان قىزچاقنى

      ئەتلەس كۆينىكى يۆگىيەلمىدى.

      يىقىلدى ئۇ يالىڭاچ پېتى،

      ئەۋرىتىنى ئېچىشنى ھەرگىز،

      ئاڭا مومىسى  ئۆگىتەلمىدى.

      شاماللاردىن بولۇشقان بىزار،

      قۇياش تەپتىگە ھەردەم ئىنتىزار،

      بارخانلارمۇ ئۇنى يۆلىيەلمىدى.

      *

      سۈكۈناتقا چۆمدۈم،ئويلىنىپ،

      توغراقلارغا ئەسىر يۆلىنىپ،

      يىتىپ كەلدىم يىڭى ئەسىرگە،

      (مەخمۇت) بۈشۈكىگە بۆلىنىپ.

      قالارمەن بەلكىم-قىزىمنىڭ(ئېلىپبە)سىدە،

      تىلغا ئېلىنىپ،

      نەچچە يىل بىر قايتا يېزىلىپ،

      ھەر سانىدا ھەر خىل ئۆزگىرىپ.

      ئاستا-ئاستا كىتەرمەن بەلكىم،

      تەكلىماكانغا قايتا كۆمۈلۈپ.

       

       

      2010.10.30 


      收藏到:Del.icio.us