ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)

    • شېئىر__ئوغلۇم - [شئېرلار]

      2009-05-26

      版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
      logs/39984008.html

      شېئىر__ئوغلۇم

      ئوغلۇم(1)

      يىڭى ئۇمۇت بىلەن تۇغۇلدۇڭ،
      مىھرىمنى گويا دەريا قىپ ئوغلۇم.
      تەلمۇرۇپ كۆزۇمگە گۇڭراشلىرىڭ،
      (ئانا)بولغاننى ئەسكەرتىپ ئوغلۇم.

      (ئوغلۇم)دىگەن ئوتلۇق سۆزۇمدىن،
      مىھرىم ئۆكيانىغا چۆككەيسەن ئوغلۇم.
      ھەقىقى مىننەتسىز ئەللەيلىرىمدىن،
      ئانىلىق باغرىمغا قانغايسەن ئوغلۇم!

      چەكسىز مىھىر-مۇھەببەت بىلەن،
      داداڭ ئىككىمىز ساڭا قۇل ئوغلۇم.
      ئارزۇيىمىز ۋەتەنچۇن قۇل قىلىش سىنى،
      مەڭگۇگە سەگەك بول،دانا بول ئوغلۇم.

      ئوغلۇم(2)

      بۇگۇن مەكتەپ قوينىغا ماڭدىڭ،
      كۆزلىرىمدە پەخىرلىك ياشلار.
      ئاشۇ مەكتەپ،يىڭى بىلىملەر،
      سىنى ئادەملىك يولىغا باشلار.

      جېنىم ئوغلۇم ئۇمۇدۇم سەندە،
      ئۇستازىڭنىڭ پەخرى بۇلۇپ قال.
      بىزلا ئەمەس،پۇتكۇل دۇنيانىڭ،
      ئۇمۇدى ئۇچۇن،مۇستەھكەم ھۇل سال!

      پەخىرلەنسۇن سەندىن بارچە كائىنات،
      چۇنكى سەن ئەمەس مىنىڭلا ئوغلۇم.
      بىر ئوغۇل تۇغۇلسا دۇنيا تىترەيمىش،
      پۇشايمان قىلمىسۇن يەر-زىمىن ئوغلۇم.

      (سائادەت يازمىلىرى)

      收藏到:Del.icio.us




      评论

    • ئوغلۇم سېنى سۈيىمەن.
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھارمىغايسىز!