سائادەت
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
كىچىككىنە تەكلىپ - [تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى]
2009-05-26
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/39984041.html
كىچىككىنە تەكلىپ
ھاياتلىقتا ياشايدىكەنمىز ،كىشىلىك تۇرمۇشتا يا ئۇنداق يا مۇنداق مەسىلىلەرگە يۇلۇقۇپ تۇرىمىز،
بەزى مەسىلىلەر تەبىئى ھەل بۇلۇپ كېتىدۇ ،لېكىن بەزى مەسىلىلەر بولسا بىزنى قاتتىق ئويلاندۇرىدۇ،
مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ھەر ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ھەر خىل بۇلۇپ سېلىشتۇرۇشقا،باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ.
ئوز بېشىڭىزغا تۇرمۇش مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەندە چۇقۇم سالماقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىڭىزنى ھىس قىلىشىڭىز ۋە ئادا قىلىشىڭىز كېرەك.بەزىبىر ئۆز تۇرمۇشىڭىزغا ئائىت مەسىلىلەردە باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق،چۈنكى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى،كۆز قارىشى،مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى ئۇڭۇشلۇق بولغان ھالەتتىمۇ شۇ (چارە) سىزنىڭ مەسىلىڭىزنى ھەل قىلالماسلىقى ۋە تېخىمۇ بەتتەر ناچار ئۈنۇم بېرىشى مۇمكىن،ئوزىڭىزدىن دائىم (مەن كىم؟مەن نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن؟ قىلغانلىرىم توغرىمۇ؟) دەپ سوراپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.
ھەر قانداق مەسىلىنى ئالدىدىن قاراپلا ھۆكۈم چىقارماي،ھەر خىل ئورۇندا ،ھەر خىل شەخىسنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلىنىپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.مەن تېخى كىچىك،ياكى تەجرىبىسىز دەپ ئارتۇقچە قورقۇپ ئەنسىرەپ يۇرمەڭ،تۇرمۇش سىزنى ،مېنى ئۆزى تەربىيلەيدۇ، ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۆزىڭىزنى ئارتۇقچە ئەيىپلەپ يۈرمەڭ، چۈنكى شۇ ئۇڭۇشسىزلىقتىن ئېھتىيات قىلىشنى ئۆگىنىسىز،ئۆز تۇرمۇشىڭىزدىن رازىمەنلىك ئىدىيىسىدە بولسىڭىز ،خوشال- خورام يۈرەلەيسىز.باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز تۇرمۇشىڭىزغا ھەرگىز سېلىشتۇرۇپ يۈرمەڭ ، قانائەتچان بولسىڭىز كۆڭلىڭىزدە ھەممە تەلدەك بىلىنىدۇ.
بەلكىم باشقىلاردا يوق بەخىت سىزدە بۇلۇشى مۇمكىن گەپ سىزنىڭ قانداق ھېس قىلالىشىڭىزدا.....
كىشىلىك ھاياتتا
* ئەگەر كىشىلىك تۇرمۇشۇڭنى مەنىلىك ئوتكۇزەي دىسەڭ ھاياتقا توغرا مۇئامىلە قىل.
* ئەگەر بەخىتلىك بۇلاي دىسەڭ ھازىرقى كۆز ئالدىڭدىكى بەخىتنى ھىس قىلالايدىغان بول.
* دانالاردىن بۇلاي دىسەڭ،ئاز گەپ قىل،كۆپ ئاڭلا.
* ھۆرمەت تاپاي دىسەڭ ، ئالدىدا باشقىلارنى ھۆرمەتلە.
* كۆپ دوست تۇتاي دىسەڭ،كەمتەر بول.
* ئۆز بەختىڭنى بىلەي دىسەڭ، قانائەتچان بول.
* ئۆلچەملىك ئاتا - ئانا بولاي دىسەڭ،ئالدىدا ئولچەملىك بالا بول.
(سائادەت)يازمىلىرى历史上的今天:
شېئىر__ئوغلۇم 2009-05-26يارىتىشىنى مەن ياراتتىم 2009-05-26جاۋاپ بېرىسەن 2009-05-26دوست بولغىن بىلگەنلەر بىلەن<سائادەت> 2009-05-26مۇھەببەت دىگەن نىمە؟ 2009-05-26
收藏到:Del.icio.us