ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)

    • تەنھا كەچمىشلەر - [پىروزا ئەسەرلىرىم]

      2010-06-28

      版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
      logs/67383635.html

      كىشىلىك ھايات ئاجايىپ قىسمەتلەرگە تولغان.مەيلى خالاڭ ياكى خالىماڭ ئالدىن بەلگىلەنگەندەك بۇ مۇساپىنى بېسىش ھەمدە خۇلاسىلاپ تاماملاش ئۆز نۆۋىتىدە تەكرارلىنىپ داۋاملىشىدۇ.ئىڭەلەپ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقىنىمىزدىن باشلاپ بۇ قانۇنىيەتنىڭ ھۆكمى بىلەن تىرىكچىلىكىمىزنى باشلايمىز،ھەممە ئوخشاش ياشاۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ ھەر بىر تىرىك جاننىڭ ياشاش يولى،قىسمەتلىرى....تەكرارلىنىپ باققان ئەمەس.خۇددى ئىگىمىز بىزنى ئوخشاش ئادەم شەكلىدە ياراتسىمۇ،ھەممىمىزنىڭ بىر تېنى ،بىر جۈپ كۆزى،بىر ئېغىز،بىر بۇرۇن،بىر قۇلاق،ئوخشاش بېشىمىز بولسىمۇ چىرايىمىزنىڭ پەقەتلا ئوخشاشمىغىنىغا ئوخشاش،ھايات كەچمىشلىرىمىزمۇ ھەر-خىل ئوخشىماسلىقى بىلەن بەزىلەرنى كۈلدۈرسە بەزىلەرنى يىغلىتىدۇ.بەزىلەرنى ئىبرەتتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.بەزىلەرنى غەمسىز رىتىمى بىلەن ئاخىرغىچە ئۇزۇتۇپ قويىدۇ...يازمامدىكى باش قەھرىماننى بۇ ھايات سەھنىسى قانداق روللارغا تەقسىم قىلىپ ،ئۇيۇنىنى قانداق ئاياغلاشتۇراركىن.

       

      1

      زىمىستان قىشتىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ دىللارنى ئىللىتىپ يىتىپ كەلگەن باش باھار بۇ چەت خىلۋەت يېزىنى قايتىدىن جانلاندۇرىۋەتكەنىدى.

      ئېتىزلاردا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلارنىڭمۇ چېھرىدىن ھارغىنلىق ئەمەس بىر خىل ئىشەنچ،كۈچ-قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇراتتى.قاياقلاردىندۇر ئاڭلىنىۋاتقان،كاككۇك ئاۋازى،قۇشلارنىڭ بەس-بەستە سايراشلىرى،ئۈرۈك چېچەكلىرىنىڭ پۇراقلىرى،يىڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىغان بۇغداي مايسىلىرى....دىللارنى سۈيۈندۈرۈپ ئاجايىپ ھاياجانلارغا سالاتتى.

      قاتار كەتكەن ئۆيلەرنىڭ  دەرۋازىسى ئالدىدا چاڭىلداپ سۆزلىشىۋاتقان گەپدان چوكانلار،دوقمۇشلارغا يىغىلىپ دۇنياۋىي خەۋەرلەر ئۈستىدە دە-تالاش قىلىۋاتقان مويسىپىتلار،قويلىرىنى ئالدىغا سېلىپ يۈگۈرۈشۈپ،توپىلار ئارىسىدا كۆرۈنمەي قالغان بالىلار....سەھراغا خاس بۇ مەنزىرىلەر ھەقىقەتەن سۆيۈملۈك ئىدى.

      يېزىنىڭ ئانچە چېتىدە بولمىسىمۇ سېلىنىشى باشقا ئۆيلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان،بىلمىگەنلەر بۇ ئۆي ئىگىسى يىراقلارغا كىتىپ تاشلىنىپ قالغان خارابىلىك بولسا كېرەك دىيىشىپ قالغۇدەك،دەرۋازىسى يۇلغۇن چىۋىقىدىن تۇقۇلغان ،ئاددىغىنە بۇ قورو مەھەللە كويدىكىلەر پات-پات كىرىپ ئەھۋال سوراپ،تاماق سونۇپ تۇرىدىغان يالغۇز موماي توختىخان ئانىنىڭ پاناھگاھى ئىدى.

      ئۇ مانا مۇشۇ قورودا بالىلىق، ياشلىق،جۇۋانلىقىنى،قىرانلىقىنى ئۇزۇتۇپ قېرىلىقنىڭ،يالغۇزلۇقنىڭ تەمىنى تەنھا تېتىۋاتاتتى.

      -ئۇف،-دەپ ئېغىر تىنغان موماي ھويلىدىكى

      تەكلىرى كۆتۈرۈلمىگەن باراڭنىڭ ئاجىز ياغاچلىرى ئارىسىدىن يۈزىگە چۈشكەن قۇياش نۇرى غا  بىئارام بولغاندەك قاراپ قويۇپ مەھەللىدىكى ھەر-بىر قوروغا بىردىن بېكىتىپ بەرگەن كانايدىن ناھىيە خەۋەرلىرى ۋە دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرى ھەققىدىكى بايانلارغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى.ئۇ رادىئونى شۇنچە بېرىلىپ تىڭشاۋاتقاندەك قىياپەتتە ئولتۇرسىمۇ خىياللىرى زېھنىنى بىردەم-بىردەم ئاللىقاياقلارغىدۇر ئېلىپ قاچاتتى.

      ئۇ  شۇ ھالدا خېلى ئۇزۇن مۇڭلىنىپ ئولتۇردى.

      بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭغا ھەممىدىن بەكرەك ھەمرا بولىدىغىنى ئەسلىمە ۋە خىياللار ئىدى.

      شۇنداق، ئۇنىڭمۇ غەمسىز،خوشال بالىلىقى، گۈلدەك گۈزەل،ئىستەكلەرگە تولغان ياشلىقى بولغان.ئاتا –ئانىسى 20 يىلدىن ئارتۇق اللاھتىن تىلەپ 40 نەچچە يېشىدا  كۆرگەن تۇنجى ۋە ئاخىرقى پەرزەنتى بولمىش بۇ قىزىغا شۈنچە كۆيىنەتتى.يىمىگەننى يىگۈزگۈسى،كىيمىگەننى كىيگۈزگۈسى كىلەتتى.يەردە ياتقۇزغۇسى كەلمەي قۇچىقىدا پەپىلەپ ئۇخلىتىپ تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا قاراپ سۈيۈنۈش ئىچىدە قانماي سۆيەتتى.ئۇ تۇغۇلۇپ ئۇلارنىڭ چىرايىغا كۈلكە يامرىغان،پىغانلىرىغا دەرمان تېپىلغان شۇنىڭ بىلەن تەڭ مەھەللىدىكى سۆز-چۆچەكلەرمۇ ھەر-خىل پەرەز غەيۋەتلەرمۇ بېسىققان ئىدى.ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى‹‹ئايىقى ئاستىدا چۈمۈلىمۇ ئۆلمەيدىغان››ئىتائەتچان،تەقۋا،مۆئمىن كىشىلەر ئىدى.شۇڭلاشقا بۇ ئەتىۋارلىق قىزىنى كىچىكىدىن شەرمىي-ھايا،دىيانەت بىلەن تەربىيەلەشكە تىرىشىپ 7 يېشىدىلا قۇرئاننى تەمتىرىمەي ئوقۇغىدەك سەۋىيەگە ئىگە قىلغان بۇ ھوسۇلىدىن تولىمۇ سۈيۈنەتتى.تۇرمۇشى غورىگۈل بولسىمۇ ئۇنىڭغا يوقسۇزلىقنىڭ شەپىسىنى بەرمەي،سەبى،غەمسىز بالىلىقنىڭ ھوزۇرىنى سۈرگۈزەتتى.

      ئۇ سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى يېزا مەركىزىگە چىرايلىق قىلىپ 5 سىنىپ بىر ئىشخانىسى بار مەكتەپ سېلىندى.ئۇلار قىزىنى مەكتەپكە بېرىپ پەننىي ساۋادىنى چىقىرىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ قىزىنىڭ كۈندە ئۇلاردىن نەچچە سائەتلەپ ئايرىلىدىغىنىنى،مەھەللىدىكى ياخشى-يامان بالىلار بىلەن بىللە ئوقۇيدىغىنىنى ئويلاپ ئەندىشىگە چۈشەتتى.

      -نىمىلا بولسۇن بالىنى ئوقۇتىلى.-دىدى دادىسى ئۇقۇغۇچىلارنى تىزىملاشقا كەلگەن ئوقۇتقۇچىنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ كىرىپ بىر ئاز ئويلانغاندىن كىيىن.-بۇ خانىمنىڭ گەپلىرىنىڭمۇ خېلى جېنى بار،تۈزۈكلا ئايالكەن.بەك خاتىرجەم بولالمىساڭ بالىنى كۆنىۋالغۇچە ئۆزۈڭ مەپتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلەرسەن.ئازراق ساۋادىنى چىقىرىپ كىتاپ ئۇقۇغۇدەك بولىۋالسۇن.

      -ھە مەيلى ئەمىسە-دىدى ئانا خۇددى قىزى ئۆزلىرىدىن بىراقلا ئايرىلىپ كىتىدىغاندەك ،قىيالماسلىق چىقىپ تۇرغان مۇجمەل چىراي ئىپادىسى بىلەن.

      مول-ھۇسۇللۇق كۈز پەسىللىرىنىڭ بىرىدە دەرس باشلاندى.

      توختىگۈلمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش تولىمۇ خوشال قىزىقىش ۋە ئۈمىد بىلەن مەكتەپ قوراسىغا قەدەم ئالدى.ئاپىسى ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن كۆينىكىنىڭ ساق قالغان غول قىسمىدىن كىسىۋېلىپ ئەپچىلگىنە بىر بوقچا تىكىپ بەرگەنىدى،ئۇنىڭغا قېرىنداش پاتماي ئوتتۇرىدىن كىسىپ ئىككى قىلىپ چىرايلىق ئۇچلاپ سېلىپ بەردى.سارغۇچ قەغەزدىن ياسالغان ئازۇت خالتىسىنى  رەتلىك قىلىپ كىسىپ چىرايلىق پۇختىلاپ تىكىلگەن دەپتىرىگە تۇنجى قېتىم خەت يازغىنىدا ئۇنىڭ ھاياجاندىن يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى.

      2

      قۇرئان يىزىقىنى بىلگىنىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بۇ قىز سىنىپ بويىنچە ئالدىنقى 1-لىكنى قولدىن بەرمەي ئۇقۇتقۇچىلىرىنى سۈيۈندۈرۈپ ئوقۇشقا باشلىدى.ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار بىردەك تىزىملانغاچقا سىنىپتىكىلەرنىڭ يېشىدىمۇ ئالاھىدە پەرقلەر بار بولۇپ چوڭى ئوننەچچە ياش كىچىكى5-6ياشلاردىكى بالىلار ئىدى.

      ئانىسىمۇ ئۇنى بىرەر ئايدەك ئاپىرىپ-ئەكىلىپ يۈرگەندىن كىيىن خاتىرجەم يالغۇز ئۇزىتىپ قالىدىغان بولدى.

      ناھىيە مەركىزىدىن بۇ يەرگە ئۇقۇتقۇچىلىققا تەقسىملەنگەن ،تېخى 20 ياشقىمۇ توشمىغان مىھرىگۈل مۇئەللىم بۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا ئانچە كۆنەلمىگەن بولسىمۇ ئۇقۇغۇچىلىرىغا بەكمۇ كۈيىنەتتى،ئۇلار بىلەن تەڭ كىچىك بالىلاردەك ئويناپ كىتەتتى. بىكار بولسىلا ئىشخانىسىدىن چىقماي كىتاب كۆرىدىغان بۇ چىرايلىق مۇئەللىمگە ھەۋەسلەنگەن توختىگۈلمۇ بىكار چاغلىرىدا ئۇنىڭ زورلىشى بىلەن كىچىك بولسىمۇ پاكىز،رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغان  ياتىقىغا كىرىپ بىللە كىتاب كۆرەتتى،مۇڭدىشاتتى.ئاتا-ئانىلىرىدىن جاۋاپ ئالالمىغان،كىچىككىنە كاللىسىدىكى نۇرغۇن چۈشىنىكسىز سۇئاللارنى مۇئەللىمىدىن توختىماي سورايتتى.مۇئەللىمنىڭ بەزى جاۋاپلىرىدىن قانائەتلەنگەندەك قىلغىنى بىلەن تازا چۈشىنىپ كىتەلمەي گاڭگىراپ قالاتتى.

      مىھرىگۈلمۇ مۇشۇنىڭدەك بىر ئەقىللىق،سەمىمى...ھەمرايىنىڭ بولغىنىدىن سۈيۈنۈش ئىچىدە ئۇنىڭ ئوقىشىغا ۋە تۈرلۈك قىزىقىش سۇئاللىرىغا كۈچىنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلاتتى.توختىگۈلنىڭ ئانىسى مايسىخان قىزىغا پات-پات مۇئەللىمنى باشلاپ كىلىشنى تاپىلاپ تۇرغاچقا ئۇلار خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن،ئىجىل بۇلۇشۇپ كەتكەن ئىدى.

      ئۇ ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ياتىقىدىكى كىتابلارنى قىزىقىش ۋە ئوتتەك قىزغىن ھەۋەس بىلەن ئوقۇيتتى.

      ئۇ قىزىقاتتى ئەمما چۈشىنەلمەيتتى.

      ئوقۇيتتى ئەمما ئۆزى بىلمەيدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلاتتى.

      ئەينى چاغدا مەكتەپتە تۆت خىل دەرس ئۆتىلەتتى 3 لا ئوقۇتقۇچى بار ئىدى.سىنىپ مەسئۇلى مىھرىگۈل مۇئەللىمدىن سىرت ئىككى ئوقۇتقۇچى ئەر-ئايال بولۇپ بىللە بۇ يەرگە خىزمەتكە چۈشۈپ ئۆيىنىمۇ مۇشۇ يەردىن تۇتۇشقان ئىدى.

      مەكتەپ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەر ماتىماتىكا دەرسىنى،ئايالى تەبىئەت دەرسىنى ئۆتەتتى.ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى كۆپ گەپ خۇشلىمايدىغان،قاپىقى يامان،قوپال كىشى بولۇپ ئايالى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئوچۇق-يورۇق،گەپكە ماھىر،چىقىشقاق،چىرايلىقلا ئايال ئىدى.

      مايسىخان ئانا قىزىنىڭ بۇ ئوقۇتقۇچىلىرىنى بەكمۇ ھۆرمەيلەيتى،قىزى ئۇلارنى ئۆيگە تاماققا ئەكەلمەكچى بولغان كۈنى تەمتىرەپ يۈرۈپ ياخشىراق تاماق ئېتىپ،مىۋە-چىۋىلەرنى پىششىق-توڭ دىمەي ئۈزۈپ  پايپېتەك بولۇپ كىتەتتى. قايتاشىدا سەي-كۆكتات،مىۋە-چىۋە،ئوسما،يىلىم....ئىشقىلىپ تاپالىغانلىكى نەرسىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي كۆتۈرگۈزۈپ قوياتتى.

      -كىشىنىڭ يۇرتىغا كىلىپ كۆنمەكمۇ،سىڭمەكمۇ ئاسان گەپ ئەمەس.-دەيتتى موماي ئۇلارنى ئۇزىتىپ كىرگەچ.ئۇنىڭ نەزىرىدە بىر ئاش پىشىمدا بارغىلى بولىدىغانلا يەرلەر(ئۆزگىنىڭ يۇرتى)ھىساپلىناتتى.-ئەينى يىلى مەن سىلىگە تېگىپ مۇشۇ مەھەللىگە كەلگەندىمۇ شۇنچە غېرىپسىنىپ،يىتىرقىغان،تەلىيىمگە سىلە كۆڭلۈمنى ئاياپ،خوشنا-خۇلۇم مەھەللە كويلار ھۆرمىتىمنى قىلىپ يىتىملىكىمنى،يالغۇزلۇقۇمنى،مۇساپىرلىقىمنى چاندۇرماي ئارىغا ئېلىپ شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتتى.قىزبالا دىگەننىڭ يۇرتى يوق دەپ،مۇشۇ تىكەندەك قىزىمنىڭ رىزقى يىراقلارغا چېچىلىپ كەتمىسىلا بولاتتىغۇ.-دەپ توختىگۈلنىڭ بېشىنى سىلاپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى.

      توختىگۈل 3-يىللىققا چىققان يىلى مەكتەپكە ناھىيەدىن تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىلىقىغا بويلىرى ئىگىز،بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقان،خۇشخۇي بىر يىگىت خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى.

      ئاقكۆڭۈل،سەمىمى،مىھماندوست دېھقانلار ،سەبى،گۆدەك ئۇقۇغۇچىلارمۇ تېزلا بۇ ياش ئوقۇتقۇچىنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى.يېزىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە(قېرى قىز)ئاتىلىپ كىلىۋاتقان مىھرىگۈل مۇئەللىمنىڭ بۇ يىگىتكە قانداقتۇر باغلىنىپ قېلىشىنى كۈزىتىشىپ ئۆزلىرىچە تىڭ-تىڭلاپ گەپ توقۇپ يۈرۈيدىغانلارمۇ ئەلۋەتتە يوق ئەمەس ئىدى.

      بۇ ئىشلارنى ئالدىن پەرەز قىلىپ ئۈلگۈرگەن سەزگۈر- سەگەك مىھرىگۈل بۇ يىڭى ئوقۇتقۇچىدىن ئۆزىنى تارتاتتى.گەپ-سۆز،مېڭىش-تۇرۇشلىرىدىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىپ ئارىلىق ساقلايتى.

      جۈمە كۈنى كەچلىك تاماقنى بىرگە يەپ بولغاندىن كىيىن مايسىخان موماي مىھرىگۈلنىڭ چېچىغا يىلىم چاپقاچ ئولتۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:

      -قىزىم سىز ئۆز قىزىمىزغا ئوخشاش،ھەرنىمە ئىش بولسا بار مەسلىھەت قىلىمىز.مەن يالغۇز دەپ غېرىپسىنىپ،ئەيمىنىپ بېشىڭىزنى قاتۇرۇپ يۈرمەڭ.سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىزمۇ ئورۇنلۇق.مەن دادىسىغا مەسلىھەت سېلىىپ بولدۇم ئەگەر قوشۇلسىڭىز

      مەن دادىسىغا مەسلىھەت سېلىىپ بولدۇم ئەگەر قوشۇلسىڭىز بىزنىڭ ئۆيگە كۆچۈپ چىقىڭ بىرگە تۇرايلى،مەكتەپ قوراسىدىكى ياتاقنى تاقاپ قويسىڭىز تۇرۈۋېرىدۇ.دىمىسىمۇ قورادا ئىككىڭلەر تۇرساڭلار سۆز-چۆچەككە يېقىن بولۇپ قالىسىلەر،خەق نىمىنى دىمەيدۇ،ۋاقتى كەلگەندە بارلىق دەرت،ئۇۋالچىلىق...قىزبالىغا بولىدۇ.

      مىھرىگۈل بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى،(مەكتەپ قوراسىدىكى كىيىن سىنىپ قىلىنىدىغان  ئىككى ئېغىز ياتاقنىڭ بىرىدە ئۇ يەنە بىرىدە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى پەرھات تۇراتتى، تەتىلدە ئۆيگە قايتقان مىھرىگۈل بۇ ئەھۋاللارنى مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ ئانىسىغا دىۋىدى ئانىسى،-جېنىم قىزىم بۇ پەقەت قاملاشماپتۇ،.رەھبەرلىككە ئىنكاس قىلىڭ سىزنى ياكى ناھىيەگە يۆتكىشىمىزگە قوشۇلسۇن ياكى سىزگە مەكتەپ قوراسى سىرتىدىن ياتقۇدەك شارائىت ھازىرلاپ بەرسۇن،ئۇنىڭغىمۇ بولمىسا بولدى قايتىپ كىلىڭ،قىزبالا تۇرۇپ ئۆيدىن ئايرىلغان نەدە بار؟شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى يىلىنىشلىرىڭىزغا قاراپ تاللىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىپ كەلدۇق،لېكىن ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى قىز چوڭ بولسا ياتلىق قىلىپ بىر ھامىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇش.....سەت ئەمەسمۇ ئۇنداق تۇرساڭلار،ئىككىلەڭلار ياش،بويتاق...كىيىن سۆز-چۆچەك چىقسا كۆتۈرەلمەيسىز،دەپ بىرمۇنچە نەسىھەت قىلىپ ئاگاھلاندۇرغانىدى).

       مىھرىگۈلنىڭ يۇقىرىدىكىلەرگە يۆتكىلىش ھەققىدە سۇنغان ئىلتىماسى نەچچە ئاي  چۆگىلەپ يۈرۈپ جاۋاپسىز قايتىپ كەلدى.مەكتەپ سىرتىدا يالغۇز تۇرۇشقا رەھبەرلىكمۇ قوشۇلمىدى ھەم ئۆزىمۇ ئەنسىرەپ ئىككىلىنىپ قالغانىدى . بىر ياقتا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ ۋە دىللىرىنى سۈيۈندۈرىدىغان ئوماق ئۇقۇغۇچىلىرى،ھۆرمەت بىلەن ئىگىلىپ تازىم قىلىپ تۇرىدىغان ئاقكۆڭۈل يېزا خەلقى.بىر ياقتا ئۆزىنى بۇ خىزمەتتىن توسۇپ بالدۇرراق تۇرمۇشقا چىقىرىپ ھەققىنى ئادا قىلىش كويىدا يۈرگەن ئاتا-ئانىسى،ۋە تولىمۇ بىئاراملىق ھىس قىلدۇرىۋاتقان (بىر قورادا تۇرۇش)مەسىلىسى.....

      مىھرىگۈل ئالدىنقى كۈنى قايتىشىدا بۇ غەملىرىنى ئۆز ئانىسىدەك ئىچىكىشىپ كەتكەن سىردىشى مايسىخان ئانىغا دىگەن ئىدى. كەچتە بۇ ئىشنى يولدىشىغا مەسلىھەت سالغان ۋە بىللە تۇرىلى دىگەن جاۋاپنى ئالغان موماي خوشاللىقتىن قېن-قىېنىغا پاتماي بۇ خەۋەرنى مىھرىگۈلگە يەتكۈزىۋاتاتتى.

      مىھرىگۈل كۆپ ئويلىنىپمۇ كەتمىدى،بۇ ئۆي ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىدەك بولۇپ كەتكەن،ئۇمۇ خۇددى مۇشۇ ئۆينىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ كەتكەن تۇرۇغلۇق ئويلىغۇدەك نەرى بار؟ئۇنىڭغا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى تاللاش بولماس.

      ئەتىسىلا ئۇ توختىگۈللەرنىڭكىگە كۆچۈپ چىقتى.

      كۈندۈزى ئېتىز –ئېرىق ئىشلىرى بىلەن بولۇپ ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەن بوۋاي-مومايغا قىزلارنىڭ سەللا بۇرۇن كىلىپ تاماققا تۇتۇش قىلىپ چۇۋرلىشىپ ھويلىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرىشىمۇ بىر خىل بەخت-ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بېغىشلىسا،

      تاغدەك غېمىدىن خالاس بولغان مىھرىگۈل،ۋە كۆيۈمچان ئۇستازى، سىردىشى بىلەن بىللە تۇرۇش نىسىپ بولغان توختىگۈلمۇ  ئوخشاشلا تولىمۇ  خوشال ئىدى.

      پەرھات بولسا باشتا كەلگەن چېغىدىكىدەكلا ھەممىگە بىپەرۋا نەزىرى بىلەن قاراپ،كۈنلىرىنى كەپسىز ئۇقۇغۇچىلىرىغا پۇتبول تېپىشنى ئۆگۈتۈش ۋە ئاراملىرىدا ئوغۇللار بىلەن بىللە دەريا بويىغا بېرىپ سۇغا چۆمۈلۈش،قۇملاردا توپ ئويناش،ئايدا بىر قېتىم ئۆيىگە قايتىپ ئاتا-ئانىسى ۋە دوستلىرىنى كۆرۈپ كىلىش...بىلەن ئۆتكۈزەتتى.

       


      收藏到:Del.icio.us