سائادەت
-
ئەتىگەنكى تېز سىزمام - [شېئىرلىرىم]
2010-12-26
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/93258011.html
ئەتىگەنكى تېز سىزمام
سەھەر ئالدىراشلىق ئىچىدە
كۆزۈم چۈشتى تەشتەكتىكى ئېچىلغان گۈلگە
ھوزۇرلىنىش ئىستىكىمنى نوقۇغاچ ۋاقىت
يولغا چىققاچ غودۇراپ ماڭدىم ئىچىمدە
قاچان ئېچىلغان بولغىيدى؟
دەپ سۆزلىدىم ئۆزۈمگە
لەنەتتەككۈر بېكەتتە.
ئاچچىق سوغۇق چىمدىغاندا مەڭزىمنى
كۆرۈلدى مۇدھىشنىڭ كۈچى
ئېچىشتى بۇرنۇمنىڭ ئۇچى
دۈگدەيتتى سوغۇق مەغرۇر قەددىمنى
ئاپتوبۇسقا چىقتىم
تۇتقۇچقا مەھكەم ئېسىلىپ
بېشىمنى شارپا ئىچىگە تىقتىم
تۇنجۇقۇپ قالدىم قىستاڭچىلىقتا
شۇ تاپ تىڭشار كىشى يوق دەردىمنى
(پۇتۇمغا دەسسىدى)دىگەن ئەرزىمنى
ئاخىرقى رەت قاچان سۇغارغان بولغىيتىم ھە؟!
دەپ يەنە ئەسلىدىم
ئۆيۈمدە،تەكچىدە،تەشتەكتە
قاچانلاردىدۇر شەپىسىز ئېچىلغان گۈلنى.
ئاپتوبۇستىن چۈشۈۋېتىپ نىيەت قىلدىم
ئىشتىن چۈشۈپلا يۈگرەيمەن ئۆيگە
قېنىپ-قېنىپ قارايمەن ھېلىقى گۈلگە
بەلكىم ئۇنىڭ ھەر بىر بەرگىدە
باردۇر مەن كۈتكەن تاتلىق ئەسلىمە
收藏到:Del.icio.us
评论