ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)

    • تەمبۈر چېلىپ ئولتۇرغان بوۋاي - [شېئىرلىرىم]

      2011-10-16

      版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
      logs/166772891.html

      تەمبۈر چېلىپ ئولتۇرغان بوۋاي

       

      سائادەت ساتتار ئايتۇغ

       

       

      تەمبۈر چېلىپ ئولتۇرغان بوۋاي،

      كۈيلىرىڭدە  ئالەمچە سىھىر.

      يېرىلغان ئالقانلىرىڭدا سىلىغاندەك باش،

      بار ئاچچىق ئۇھسىنىش، بار تاتلىق مىھىر.

       

      تەمبۈر چېلىپ ئولتۇرغان بوۋاي،

      مۇڭلىرىڭغا چۆكتى خانتەڭرى

      بارمىقىڭ ئەركىگە تارمۇ بۇ جاھان،

      چۆكمەكچىمۇ شۇڭا سەن ئۆزۈڭگە،

      پەقەت كۆڭلۈڭلا بولغاچقا كەڭرى؟

      ئۇندا ئەركىن يايرىيالايسەن،

      بۇلبۇل كەبى سايرىيالايسەن.

      ياق، ياق تۇتتىمۇ نىمە زىمىننىڭ قەھرى

      تارىلىرىڭ تىترەيدۇ

      ساقاللىرىڭ تىترەيدۇ

      سۈكۈتلەردە قاتقان جىسمىڭغا قاراپ

      ئازاپلىرىڭنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

       

      تەمبۈر چېلىپ ئولتۇرغان بوۋاي،

      چېھرىڭدە مىڭ يىللىق ئىزنالار تۇرار.

      ئاچچىق نىگاھتا چايقىغانچە باش،

      ئاجىز قوللىرىڭ زەخمەكنى ئۇرار.

       

      تەمبۈر چېلىپ ئولتۇرغان بوۋاي،

      مۇڭلىرىڭغا قېتىۋال مىنى.

      ياق، قېتىلىپ تۇغۇلۇپتىمەن،

      ھىس قىپتىمەن كېچىكىپ بۇنى

      زەخمىكىڭنى ئۇرۇپ يۈرەككە

      ئېقىتىۋەت غەمسىز قېنىمنى.

       

      تەمبۈر چېلىپ ئولتۇرغان بوۋاي،

      شۇنچە جىمجىت كۆرۈنىسەن تۇرۇپلا

      بۇزىۋەتكۈم يوق ئاراملىرىڭنى.

      سورىغۇم بار سۇئاللار ئەمما،

      قانىتىۋەتكۈم يوق يارىلىرىڭنى.

      غەزەپلەنگەن يانار تاغدەك گاھىدا،

      مىڭلاپ پەرھاتلارنىڭ ئاھىدا،

      زەرپ بىلەن ئۇرىسەن تارىلىرىڭنى.

       

      تەمبۈر چېلىپ ئولتۇرغان بوۋاي،

      مۇڭغا چۆمدى سەن كەبى ئاسمان.

      مۇڭغا چۆمدى پۈتكۈل كائىنات،

      مۇڭغا چۆمدى سەن كەبى زامان.

      شوخ بۇلبۇلمۇ سەھەر سايرىغان،

      يىتىمسىراپ قەلبىڭدەك

      ئۆزۈڭگە خاس ئەلىمىڭدەك

      مۇڭغا چۆمدى تۈنلەردە ھامان.

       

      تەمبۈر چېلىپ ئولتۇرغان بوۋاي،

      كۆزلىرىڭنى يۇمۇۋالمىغىن.

      تىنىق كۆلكەن يۈرۈكۈڭ دىمە

      مۇز تۇتۇپتۇ يوقكەن ھېچنىمە

      دەپ ئۆزۈڭچە ئۈمىدسىزلىنىپ

      تامغىلارنى ئۇيۇۋالمىغىن

      چاك-چاك يېرىقلىرىغا

      تەسەللىنى قۇيۇۋالمىغىن

       

      تەمبۈر چېلىپ ئولتۇرغان بوۋاي،

      تەمبۈر چېلىپ ئولتۇرغان بوۋاي!

      ئازابىڭدىن بەرگىن زەررىچە

      ھەممىسىنى يۈتۈۋالمىغىن.

       

       

       


      收藏到:Del.icio.us