سائادەت
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك،بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
شۈمشەيگەن يىلانغا ئەيلىمە شەپقەت،
قايغۇغا ھامىلدار بىر دەملىك غەپلەت.
-
ساڭا باھار تىلىدىم - [شېئىرلىرىم]
2011-09-25
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/163446463.html
تىلەكلەرنىڭ ئىشىكىگە تەلمۈرۈپ،
ئۆتەر تاتلىق ئازاپ بىلەن دەملىرىم.
يەم بولىدۇ قارا ھېجران باغرىدا،
كەچكۈزدىكى غۇنچە كەبى تەنلىرىم.
باغۋەن كەبى مىھرىڭ بىلەن بىر باقساڭ،
ياشىراتتى يېرىقلىرى باغرىمنىڭ.
تىلىكىم شۇ، ساڭا يەتسە بىر مەرتە،
زەررىچىسى شۇنچە چەككەن ئاھىمنىڭ.
تىنىقلىرىڭ ئۇرۇلىدۇ مەڭزىمگە،
چۈشۈممۇ يا خىيالىممۇ بىلمىدىم.
ئېچىلمايلا قۇرىساممۇ ۋاقىتسىز،
چىن دىلىمدىن ساڭا باھار تىلىدىم.
收藏到:Del.icio.us