ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)

    • سېنىڭ يازغان ھېلىقى خېتىڭ - [شېئىرلىرىم]

      2011-04-03

      版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
      logs/114116708.html

       سېنىڭ يازغان ھېلىقى خېتىڭ

       

       (گىنرىخ گىينى شېئىرى ئىزىدىن) 

       

      سېنىڭ يازغان ھېلىقى خېتىڭ،

      بولۇپ قالدى مەن ئۈچۈن بىر سىر.

      كۆمۈۋالدى ئۇنى بىلمىدىم،

      پىنھاندىكى قايسى ئېتىز-قىر.

       

      سېنىڭ يازغان ھېلىقى خېتىڭ،

      ئۇچۇپ كەتتى بەلكىم نەلەرگە.

      تەقدىرىمنى ئۆزىگە قوشۇپ،

      كۆمۈۋەتتى پىنھان يەرلەرگە.

       

      سېنىڭ يازغان ھېلىقى خېتىڭ،

      يۈتكەن شۇ چاغ قولۇمغا تەگمەي..

      ئاغرىنىپ مەن سەندىن،سەن مەندىن،

      ئۆتۈپ كەتتۇق سۆيۈلمەي،سۆيمەي.

       

       


      收藏到:Del.icio.us