سائادەت
-
توقايلىق ۋە بالىلىق - [شېئىرلىرىم]
2011-07-19
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/149011917.html
توقايلىق ۋە بالىلىق
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
كۆز ئالدىمدا بىز چوڭ بولغان توقايلىق،
ئۇندا بىر چاغ پادىلارنى باقاتتۇق.
بەستلىشەتتۇق،سەكرىشەتتۇق ئېقىنغا،
چۆمۈلەتتۇق، سۇ بىلەن تەڭ ئاقاتتۇق.
چۇرقىرىشىپ سۇ چېچىشىپ ئۆز ئارا،
سۇ چۆمۈلگەچ بېلىقلارنى تۇتاتتۇق.
كىرىپ كەتسە قويلار بەزەن ئېتىزغا،
دېھقانلاردىن دەشنام ئىشتىپ تۇراتتۇق.
شوخلۇق قىلىپ بەزى كەپسىز ئوغۇللار،
ئوغرىلايتى كۆكتاتلىقتىن تەرخەمەك.
مەززە قىلىپ بۆلۈشۈپ تەڭ يىگەندە،
بىلىنەتتى تەمى خۇددى ھەسەلدەك.
زىمىستاننىڭ ئاچچىق سوغۇق كۈنلىرى،
ئوتۇن تېرىپ گۈلخانلارنى ياقاتتۇق.
ۋاللەي ئويناپ ئېڭىزلىقتا ھارغۇچە،
بالچۇق تىگىپ قاڭشارلارنى ياراتتۇق.
ئىزدەپ كەلدىم بۈگۈن مانا بۇ يەرگە،
ئاشۇ تەنتەك شوخلۇقۇمنى سېغىنىپ.
كۆڭلۈم يېرىم قاراپ قالدىم ئەتراپقا،
باغرىم گويا تىلىنغاندەك بىلىنىپ.
قارىساممۇ ئەتراپىمغا دەممۇ دەم،
تاپالمىدىم بالىلىقىم ئىزىنى.
دېدىم: ئىزلار يېڭىلىنار ۋە لېكىن،
ئۇنتۇپ قالماس مەندەك سەھرا قىزىنى.
قايتتىم، قالدى توقايلىقتا بالىلىق،
بالىلىقتا قالغان كەبى توقايلىق.
‹‹ شىنجاڭ گېزىتى›› 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى،21730-سانىدىن.
收藏到:Del.icio.us