ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت)

    • گۈلۈم... - [نەسىر]

      2009-05-26

      版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
      logs/39952174.html

       گۈلۈم...


      ئەي ئۆزۋاقتىدا ھاياتىمنىڭ بارچە مەناسى بىلىپ جېنىمدىن ئەزىز كۆرگەن گۈلۈم!
      زىمىستان –قىشلاردا قانچىلىك ئىللىق مىھرىم بىلەن بەرگىڭنى ياشارتىپ تۇرغىنىم ئىسىڭدىمۇ؟
      توغرا بەلكىم سەن مىنىڭ ئۇنداق قىلىشىمغا مۇھتاج ئەمەس بولىشىڭ ھەمدە قىلغانلىرىمدىن بىزارلىق ھىس قىلغان بولۇشۇڭ مۇمكىن....لېكىن مەن سېنى ئۆز ئىختىيارىمدىن ھالقىپ،ئۆزۈمنى ئۇنۇتقان ئاساستا ياخشى كۆرەتتىم،مىنىڭ ئەڭ زور بەختىم جۇلالىنىپ تۇرغان بەرگىلىرىڭنىڭ تولغان رەڭگىنى كۆرۈش،سەھەردە شەبنەم تامچىسىدا يۇيۇنۇپ-تارانغىنىڭدا ھۆسنۈڭگە تويماي قاراش ئىدى...
      سېنى سۆيەتتىم،ئۆز-ئۆزۈمگە سېنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەش ھەققىدە ۋەدە بېرەتتىم.بىراۋ مىنىڭدىن :سەن قاچان خوشال بولغان؟دەپ سورىغىنىدا ،مەن ئىككىلەنمەي:گۈلۈم خوشال پەيتلەردە مەن ئەڭ خوشال دەپ جاۋاپ بېرەتتىم.سېنىڭ مىيىقىڭدا،كۈلۈپ قۇيۇشلىرىڭ،گاھىدا سىردىشىشىمىز ئەۋجىگە چىققاندا شوخلۇق قىلىپ ئەركىلەپ قۇيۇشلىرىڭ ماڭا شۇنچە لەززەت بىلىنەتتىكى سەنسىز پۈتۈن دۇنيانى پەرەز قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتىم.
      سەمىمى مىھرىمىزدىن ھەقىقى بەھىر ئالغان كىشى بەلكىم مەندۇرمەن،ياكى ئۆزۈمنى شۇنداق بەزلەپ ،شۈبھىيلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ بەلكىم خاتالاشقاندىمەن....
      مەن ئەزەلدىن(ۋاقىت ھەممىگە شۇنداق قادىركى ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرالايدۇ،ئۆزگەرتەلەيدۇ،ئۆتمۈشكە ئايلاندۇرالايدۇ)دىگەن گەپكە شەكسىز ئىشىنەتتىم،لېكىن سېنى ئۇچراتقىنىمدىن باشلاپ ئىككىمىزنىڭ غەليانلىرىنىڭ تەڭ نىدا قىلالايدىغانلىقىنى،تەغدىرداش،قەلىبداش....لىقىمىزنى بىلگەندىن تارتىپ ئۇ سۆزلەرگە بولغان ئىشەنچىم،چوقۇنۇشۇم يوقالغان ئىدى.
      لېكىن قەتئىي ئويلاپمۇ باقمىغانكەنمەن،سەنمۇ ھەركۈنى سۇغىرىشىمغا مۇھتاجكەنسەن سۇسىرىغان،ھالسىرىغان پەيتلىرىڭدە ساڭا كىملا بولسا سۇ قۇيۇپ،پەرۋىش قىلسىلا كۇپايىلىنىدىكەنسەن ئەمەسمۇ؟
      (ئۆمۈرلۈك)دەپ بېرىلگەن ۋەدە،سۇنۇلغان قوللار.....مىنى نىمىدىگەن تېز ئۇنتۇغان ھە؟ئۇنتۇمىدىم دەپ ئۆزۈڭنىڭ تالاي سەۋەپلىرىڭنى تۆكمىگىن.
      ھايات مىنى ،سىنى سىنىماقچى بولغاندەك شىۋېرغان-جۇتلىرى بىلەن مىنى نەچچە كۈنلا ئۇچۇرۇپ كىتىۋىدى تەنھالىق كۈنلىرىمنى ئويلىغىنىمدىنمۇ بەتتەر ئۆتكۈزدۈم .مىنى ھەممىدىن بەك ئازاپلىغىنى مەن سۆيگەن،ئىشەنگەن گۈلۈمنىڭ مىنىڭ ئىز-دېرىكىمنىمۇ قىلىپ قويمىغىنى بولدى.يۈرەكلىرىم پارە-پارە بولغاندەك ئېچىشتى.....نۇرغۇن سۇئاللارنىڭ تىگىگە يەتمەك ئۈچۈن ۋاز كەچكەن تەغدىرىمنىڭ قۇچىقىغا يەنە بىر قېتىم ئۆزۈمنى ئاتتىم.قايتىپ كەلگىنىمدە سېنىڭ پەرۋاسىز ئىپادەڭدىن تولىمۇ ھەيران قالدىم.توغرا سەن مەن مېڭىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭنىڭ ياخشى كۈنلىرىڭنىڭ باشلانغانلىقىنى،سەن سۆيگەن لېكىن ئىزچىل سىنى نائۇمۇت قۇيۇپ كىلىۋاتقان باغۋىنىڭنىڭ سىنى قايتىدىن پەرۋىش قىلماقچى بولغىنىنى ئېيتقان ئىدىڭ....بەخىت ۋە خوشاللىق بەلكىم سىنى مەست قىلغاندۇ.ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرغاندۇ.لېكىن مىنى ئۇنتۇپ تولىمۇ خاتالاشتىڭ گۈلۈم!چۈنكى سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن ھەقىقى خوشال بولىدىغان يەنىلا مەن ئىدىم!خەير ئامان بول گۈلۈم،ساڭا مەڭگۈ بەخىت يار بولسۇن!قاردەك ئاپپاق دىلىڭغا مەڭگۈ ئازار يەتمىسۇن!چۈنكى ئازاپلانغىنىڭنى مەڭگۈ كۆرگۈم

      收藏到:Del.icio.us