بىر قىزغا ℃558
قوللىرىڭنى
جامالىڭغا باقالايمەن ، قوللىرىڭنى تۇتالمايمەن
قاشتېشىدەك لەۋلىرىڭگە لەۋلىرىمنى ياقالمايمەن
ئاھ مۇھەببەت دەرياسىنىڭ قىرغىقىدا قاراپ قالدىم
كىيىمىمنى سېلىپ تاشلاپ ئۈزۈمنى بىرئاتالمايمەن
ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاشىق بولدۇم دىيەلمەيمەن
ئىشىكىڭدە ساقلاپ تۇرۇپ گۈللىرىمنى بىرەلمەيمەن
بارۇ سەن ئەھلى جاھاندا لېكىن يوقسەن بۇ خانەمدە
سىنىڭ ئەتكەن تامىقىڭغا ئىشىك چەكمەي كىرەلمەيمەن
سۇمبۇل چېچىڭ زۇلپۇڭدىدۇر قۇلۇمغابىرئالالمىدىم
تۇرارجايىڭ يېقىن ماڭا ناخشا ئېيتىپ بارالمىدىم
چۈشلىرىمدە گاھى سىنىڭ ئىزلىرىڭنى ئىزدەيمەن
تاپالمىغاچ ئىزلىرىڭنى ئۈمۈت ئۈزۈپ قالالمىدىم
ساڭاتىكەن بولغانلارنىڭ جازاسىنى بىرەلمىدىم
ياكى ساڭا شاتلىق بىرىپ كۈلكەڭ بىلەن كۈلەلمىدىم
يامانلارنىڭ زامانىمۇ ياخشىلارغا زىندان بولغان
بۇجاھاننىڭ ئىشلىرىنى سەن بىلگەندەك بىلەلمىدىم
كۆزئالدىمدىن ئۇچۇپ كەتسەڭ قاراپ قالىمەن تىپىرلاپ
سىرلىرىمنى دىيەلمەيمەن سۇراپ كەتسەڭمۇ زىغىرلاپ
ئارلىقىمىزنى تۇسار دېڭىز يا كىمىسى يوق يا كۆۋرۈك
ۋىسالىڭنىڭ دەشتى چۈلىدە كەتتى يۈكۈم ئېغىرلاپ
Roh-Qin
2010-02-09
مەرۋەرى
روھچىن
روھچىن
پاراسەت
دەرىزە
پاراسەت
ئەلتەر
مەرۋەرى