بىرىنچى قىسمىنى ئۇقۇمىغان بولسىڭىز ئاۋۋال بىرىنچى قىسمىنى ئۇقۇپ ئاندىن بۇنى ئۇقۇڭ بولمىسا چۈشۈنەلمەيسىز
ئەتىرا پىمىزدا مۇھەببەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان لېكىن شۇنىڭغا لايىق قۇربان بېرەلمەيدىغان «پاختەكۋاز»لار كۆپ بۇلۇپ كەتتى.
توي قىلىشتىن ئىلگىرى ھەربىر ئىشتا قارشى تەرەپنىڭ ئىھتىياجىنى ئاساس قىلىپ ئىش كۆرىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ خوشلۇقى ئۈچۈن ئۈزى خالىمايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ. قارشى تەرەپ ياقتۇرمايدىغان قىلىق، خۇي- مىجەزلىرىنى بار كۈچى بىلەن يۇشۇرۇدۇ، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن بۇيرۇتقان زاكاس مالدەك نامايەن بۇلىدۇ.
ئەمما تويدىن بۇرۇن بۇنداق ياسالمىلىق ئاققان بىلەن تويدىن كىيىن ئاقمايدۇ. ناھايىتى تىزلا ئەسلى تەبىئىتىڭىزگە قايتىشقا باشلايسىز.
قارشى تەرەپنى كۆيدۈرۈپ ئاھ ئۇرغۇزغان ناھايىتى كۆپ ئالاھىدىلىكىڭىز ئازلاشقا باشلايدۇ ياكى يۇقايدۇ. قارشى تەرەپ ياقتۇرمايدىغان خۇيىلىرىڭىز ئاشكارلىنىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تويدىن ئىلگىركى ئىشەنىچلەر سۇسلىشىقا، ئۈمۈتلەر ئۈزۈلۈشكە باشلايدۇ.
بۇرۇنقى قىزغىن مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمىسىڭىز ئۇنداقتا ئۈزىڭىزنى رېمونىتلاڭ.
ھە دەپ قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكلىرى بىلەن قالماي ئۈزىڭىزنىڭ كەمچىلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭ. بۇرۇن ياسالمىلىق بىلەن ئۈزىڭىزنى قارشى تەرەپ ئەڭ ياقتۇردىغان ئوبراز قىلىپ چىققان بولسىڭىز ئەمدى رەسمى ئۆزگىرىشكە تىرىشىڭ .
داۋاملىق ياسالمىلىق قىلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. ئەسلى تەبىئىتىم بىلەن ياشايمەن دىسىڭىز قارشى تەرەپكە ياساپ كۆرسەتكەن ئالاھىدىلىكلىرىڭىز يۇقاپ كەتسە تىزلا قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببەت ئۇتىنىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ كىتىدۇ دە ئوت ئۈچۈپ قالىدۇ .
شۇڭا مۇھەببەت ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىش كېرەك. قارشى تەرەپنى قۇربانلىق بەرگۈزۈپ ئۈزۈمگە ماسلاشتۇرىمەن دىگەندىن ئاۋۋال ئۈزۈڭ قۇربانلىق بىرىپ قارشى تەرەپكە ماسلاشقىنىڭ ئەۋزەل شۇندىلا قارشى تەرەپمۇ قۇربانلىق بىرىشنى سەندىن ئۈگۈنىدۇ.
تەرسالىق بىلەن قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنسەن ئۇ سەندىن ۋاز كىچىدۇ مۇھەببەت ئۈچۈن ئۈزۈڭنىڭ خۇي-پەيلىنى ئۆزگەرتەلىسەڭ، ئۈزۈڭ ياقتۇرىدىغان نەرسىلەردىن ۋاز كىچەلىسەڭ، ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى ئادىتىڭگە ئايلاندۇرالىساڭ شۇنداقلا بۇ ئالاھىدىلىكىڭنى قانچىلىك ساقلىيالىساڭ ھەقىقى مۇھەببەتمۇ ساڭا شۇنچىلىك ھەمراھ بۇلىدۇ .
ماڭا بۇ تېما ياراپ كالدې مەنمۇ شۇنداق ئۇيلايمەن مەڭگۇلۇك مۇھەببەت بېر بېرېگە ئشنېشــتن ھاسل بولېدۇ ؛
[گىپىم بار]