ھەممىمىز مۇھەببەتكە مۇھتاج.  ئەتىراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ بىزنى ياخشى كۆرۈشىنى، چىن دىلىدىن سۆيۈشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

ھېچ بولمىغاندا يېنىمىزدا بىرئادەمنىڭ بولسىمۇ خالىس بېغىشلانغان مۇھەببىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمۈت قىلىمىز.

دۇنيادا ئاشۇنداق خالىس مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر.

چۈنكى، ئاتا-ئانا بالىسىدىن پەقەت ياخشىلىق كۆرمىسىمۇ، جاپالىق بېقىپ چوڭ قىلغانلىقنىڭ بەدىلىگەيامانلىق قايتسىمۇ يەنىلا بالىسىغا بولغان مۇھەببىتىدىن كىچەلمەيدۇ .

ئانىسىنى ئۇرۇپ قۇيۇپ چىقىپ كەتكەن بالا تاڭ ئاتقۇچە قايتمىسا ئانا يەنە ئەنسىرەيدۇ كۆزلىرىگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ .

ئەمما باشقا ھەرقانداق مۇھەببەت ئۈچۈن چۇقۇم قۇربانلىق بىرىشكە توغرا كىلىدۇ. سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئاغىنىللىرىڭىز، خىزمەتداشلىرىڭىز، سۆيگىنىڭىز  سىزنىڭ بىر يەرلىرىڭىزنى ياقتۇرىدۇ.

مىجەزىڭىز، ئەخلاقىڭىز، يۈرۈش-تۇرىشىڭىز، تۇرمۇشتا تۇتقان يۇلىڭىز   دىگەندەك . ئەگەر ئاشۇ ئالاھىدىلىك سىزدە بولمىغان بولسىچۇ ؟ئۇنداقتا ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئەگەر ئاشۇ ئالاھىدىلىك سىزدىن يۇقالسىچۇ ؟  ئېنىقلا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىمۇ تەڭ سۇۋۇيدۇ.

دۇنيادا يېقىلغۇسىز كۈيىۋىردىغان ئوت بولمىغىنىدەك، سەۋەپسىز يالقۇنجاپ تۇرىدىغان مۇھەببەتمۇ بولمايدۇ.

كىنولاردا، كىتاپلاردا بايان قىلنىدىغان ئەبەدى ئۆچمەس مۇھەببەت، مەڭگۈلۈك ساداقەت رىئاللىقتا مەۋجۇت ئەمەس.

سىز ئەبەدىيلىك ئۆچمەس مۇھەببەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئۇنداقتا  سىزدە ئەبەدى تۈگەپ قالمايدىغان يېقىلغۇ بۇلىشى كىرەك.

يېقىلغۇ دىگەن نىمە ؟   ئۇ دەل قارشى  تەرەپكە ئوت تۇتاشتۇرۇپ قويغان سىزنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىڭىز، قارشى تەرەپ ياقتۇرمايدىغان بىر كەمچىلىكنىڭ سىزدە بايقالماسلىقى .

سىز ناھايىتى خوش چاق-چاق، يۇمۇرلۇق ئادەم ، سۆيگىنىڭىز سىزنىڭ شۇ تەرپىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالغان سىزنى دائىم يۇمۇرلۇق سىياقتا بولسىكەن. خوش-چاقچىقى ئۈزۈلۈپ قالمىسىكەن دەيدۇ .

كۈنلەرنىڭ بىرىدە جىمىپلا قالسىڭىز سىزنىڭ يېقىلغۇڭىزنى سېغىنىپ قالىدۇ، ساقلاپ باقىدۇ، ئۈمۈت كۈتۈپ باقىدۇ   سىزنىڭ شۇ سىياقىڭىزنىڭ ئەسلىگە كىلىشىدىن ئۈمۈدى قالمىسا ئۇنداقتا دەرھال ئايرىلىپ كىتىش قارارىغا كىلىدۇ .

سىزنىڭ ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغۇڭىز بولمىسا ئۇنداقتا  سىز ئاشۇ سىياقىڭىزنى مەڭگۈ يۇقاتماسلىقىڭىز، يۇمۇر ھۆجەيرىللىرىڭىز مەڭگۈ ئۇخلاپ قالماسلىقى كېرەك. شۇندىلا سىز ئەبەدىيلىك مۇھەببەتكە نائىل بۇلالايسىز .

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

دىۋان يوق,سافادا ئولتۇرامسىز؟!

  1. ۋاقىت: 2012- يىل 17- ئىيۇن 12:15 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    رۇھچن ئەپەندېم سېز بەك بېلېملېككەن سېزگە قايېل بولدۇم

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*