داڭلىق 21خىل يىلان | سىزتېخى كۆرۈپ باقمىغان

Posted by روھچىن | Posted in رەسىم-سۈرەت | Posted on 19-07-2011

Tags:

ھايۋاناتلارنىڭ ئارسىدىكى ئەڭ سۈرلۈك نەرسە يىلان بولسا كېرەك. يىلاننىڭ نارىسىدە باللىرىنى كۆرسىمۇ ئادەمىنىڭ تىنى شۈركىنىپ يىراقتىن ئايلىنىپ ئۈتۈپ كىتىمىز. لېكىن، بۇمۇ خۇدانىڭ بىر مەخلۇقى، تەبىئەتنىڭ بىر ئەركە بالىسى بۇلىشى بىلەن ئۆزگىچە گۈزەللىك، ئالاھىدىكلىرى بىلەن يەنىلا ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ. ئادەم قانچەسىرلىق، سۈرلۈك نەرسىلەرگە شۇنچە قىزىقىدۇ، سىرىنى بىلگۈسى، چۈشەنگۈسى كىلىدۇ. ئەلۋەتتە بىزنىڭ تىمىمىزدىكى يىلانلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. يىلانلارنى ياراتقۇچى اللەھنىڭ قۇدرەت، كامالىنى تەپەككۇرقىلىش، اللەنىڭ بىر سەنئەت ئەسىرىنى كۈزۈتىش نوقتىسىدا تۇرۇپ كۆرگىنىڭىزدە اللەنىڭ ھىكمىتىگە بولغان قايىللىقىڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ. بىر ئاجىز بەندە بۇلىشىمىز بىلەن اللەنىڭ ئۆزىنى تۇنىغىچىلىك ئەقىل، سەجدىگە يېقىلغۇچىلىك كۈچ-قۇۋۋەت بەرگىنىگە ئىختىيارىسىز ھەمدە ئېيتىمىز . بۇ يىلاننىڭ چوڭلۇقىغا قاراپلا تىنىڭىزنى سۈر باستىغۇ دەيمەن.  ئەمىلىيەتتىمۇ ئاچكۆزلۈكتە يىلانلارنىڭ چىمپىيونى بۇلالايدۇ. بۇ تۇخۇ، كەپتەر دىگەندەك كىچىك ھايۋانلارغا ئىنىرگىيە خوراتمايدۇ. مەخسۇس بۆكەن، سۇكالىسى، ھەتتا بەزى كۈزىگە قان تولسا شىر، يولۋاسلارغىمۇ ئېتىلىپ قۇيىدۇ. بىرە تال چوڭ ھايۋاننى تۇتۇۋالسا ئىككى ھەپتىگىچە ئۇزۇقلانمايدۇ. ئاشقازىنىنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئالامەت كۈچلۈك بۇلۇپ بىر بۆكەننى پۈتۈن يۇتۇۋىتىدۇ- دە شۇنى ھەزىم قىلىپ بولغىچە غېمى يوق. ئەگەر بۇ يىلاننى چۈشۈڭىزدە كۈرۈپ قالسىڭىزمۇ دەرھال ئويغىنىپ كىتىڭ!  ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئادەم گۈشى يىيىش ئۆمۈرلۈك ئارزۇيى ئىمىش(چاق چاق) بۇنىڭ تىرىسىنىڭ چىرايلىقلىقىغا قاراپ زوقلانسىڭىزمۇ، ئېغىزىنى ئېچىپلا تۇرغان قىياپىتىدىن سەل قورقتىڭىز ، ئېغىزىنى ئۇنچىۋىلا ئېچىۋالغان بىلەن ئەمىيەتتە ئىشتاھايى ئانچە يامان ئەمەس. ماتىرياللاردىن كۆرىشىمسە بىر قېتىملىقىغا بىرەتال تۇخۇنى يىسە بولدى قىلىدىكەن . ئۈستىدىكى بۇرادەردىن كۆپ قانائەتچاندە. تىرىسىنىڭ زەھىرى يامان بۇلۇپ بىۋاستە قول بىلەن تۇتۇپ سالغاندا قولنىڭ تىرىسىنىڭ ئاقلىنىپ كىتىش ئىھتىماللىقى بارئىكەن. ئاچچىقى كەلگەندە تىلىنىڭ ئاستىدىن كۈچلۈك زەھەر پۈركۈيدىغان بۇلۇپ زەھىرى يىلانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈكى ھىساپلىنىدىكەن. ئەمما زەرىنىڭ كۈچلۈك بۇلىشى مىدىستىنادا ناھايىتى چوڭ مەنپەئەتلىك بۇلۇپ يىلاننىڭ زەھىرى نۇرغۇن قىممەتلىك دورىلارغا چۈشۈدىكەن. ھازىر بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان قاتارىغا كىرگۈزۈپ باغچىلاردا مەخسۇس بېقىلىۋېتىپتۇ. بۇنىڭ كۈزىگە قاراپ سالماڭ ! ئەلۋەتتە رەسىمدىكىسىگە قارىسىڭىز چاتاق يوق. ئەمىلىيەتتە ئۇچۇراپ قالسا دەيمەن.  بۇنىڭ يۇغان ئېغىزلىرىدا چىشى يوق. پۈتۈنلەي يوق ئەمەس لېكىن چىشلەپ زەخمىلەندۈرەلىگۈدەك ياكى زەھەر قۇيۋىتەلىگۈدەك چوڭ ئەمەس. بۇنىڭ گۈمپىسى بەدىنىدە بۇلۇپ ئولجىسىنى مەھكەم قۇچاقلىۋالىدىكەن. بەزى ھايۋانلارغا ھۇجۇم قىلغاندا گېلىدىنلا بۇغىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن نەچچە مىنۇتتىلا ئولجىسىنىڭ تىنىقى توختايدىكەن. ئاندىن ئالدىرماي بىر تەرەپتىن يۇتىدىكەن. بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئاشقازىنىدا ھەزىم بۇلۇش جەريانىدا يۇمشىغان يىمەكلىكلەرنى باللىرىغا ياندۇرۇپ چىقىرىپ بىرىپ ئۇزۇقلاندۇرالايدىكەن. كۈزىدىن بىرخىل نۇر چىقىدىغان بۇلۇپ كۈزىگە تىكىلىپ قارىغان جانىۋارلار بىردەم تۇرۇپ قالىدىكەن. مۇشۇ ۋاقىت يىلانغا پۇرسەت بۇلۇپ ئېتىلىپلا بېرىپ يۆگىشىۋالىدىكەن . بۇيىلاننىڭ ئۇچلۇق يىرىگە قاراپ قۇيرۇقى بولسا كىرەك دەپ ئويلىغانسىز، ئۇ بېشى.  بۇ يىلان ھەققىدە جېق مەلۇماتقا ئېرشەلمىدىم. بەزەن ئەپقاچتى گەپلەردە دىيلىشە بۇ تەجىربە خانىدا يىتىلدۈرۈلگەن بۇلۇپ مەخسۇس مىدىستىنادا ئىشلىتىلىدىكەن. باغچا ياكى تەجىربىخانىلاردا بېقىلىدىكەن. تەبئەتتە ياشىيالماسمىش.شۇڭا بۇنىڭغا ئۇچۇراپ قېلىشتىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. تۈۋەندىكى يىلانلار ھەققىدە بۇيەردە گەپ ساتقۇدەك مەلۇمات يوق. شۇڭا ئۈزۈڭىز  خىيالىڭىزچە چۈشۈنۈپ ھوزۇرلىنىپ تۇرارسىز. بۇنىڭغا قاراپلا ياۋاش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغانسىز. بۇنىڭ ئەڭ تىز يۈگۈرەش سۈرئىتى سائىتىگە 40 كىلومىتىرىدىن ئاشىدىغان بۇلۇپ كەڭلىكى 2 مىتىر ئەتىراپىدىكى ئۆستەڭ، ئازگاللاردىن بىمالال ئاتلاپ كىتەلەيدۇ.ئەگەر ئۇچۇراپ قالسىڭىز ئەڭ ياخشىسى قېچىش خىيالىنى قىلماڭ! سىزنى كۆرمىسە جىم تۇرۇپ دىققىتىنى تارتمىغىنىڭىز ئەۋزەل. بۇيىلان ئولجىسىنى باشقىلاردەك يۆگەپ قۇچاقلاپمۇ يۈرمەيدۇ. كۆرگەن يەردە بەش مىتىر نېرىغا بارالايدىغان كۈچلۈك زەھىرى بىلەن يېقىلدۇرۇپ ئالدىرماي ھوزۇرلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ئەسكى خۇيى ئولجىنى بىرقتىمدا يەپ بۇلالمىسا تاشلاپلا كىتىدۇ- دە ئىسراپ بۇلۇپ تۈگەيدۇ. بۇنىڭ تىرىسىگە زوقلاندىڭىزمۇ ؟ ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى چىرايلىقلىقى، يەنە ئوتخورلىقىمۇ بار. گۆش يىمەيدۇ شۇڭا چىشلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز . بۇيىلانمۇ تەبىئەتتەيوق  پەقەت باغچىلاردا ئالاھىدە كۈتۈلۈۋاتقانلىرىنىلا ئۇچۇرتىشقا بۇلىدۇ.   تەجىربە جەريانىدا سۈنئى يىتىشتۈرۈلگەن. تىرىسى سانائەتتە مۇھىم قىممەتكە ئىگە. گۈشىنى ئالى دەرىجىلىك مىھمانخانا، رىستۇرانلاردا ئالاھىدە مىھمانلارغا قىممەت باھادا ساتىدۇ. گۈشىدىن تېتىپ باققۇڭىز كەلدىمۇ ؟ ئۇنداقتا بلوگىمغا دائىم ئىنكاس قالدۇرۇپ تۇرۇڭ !  بلوگنىڭ زىيارەت مىقدارى ئاشسا ئېلان قۇيۇپ تاپقان پۇلنىڭ بىر قىسمىغا قوللىغۇچىللىرىمنى يىلان گۈشىدە مىھمان قىلىمەن ھا ھا ھا ھا . .  . داپنى ئىسىڭىزگە ئالدىڭىزمۇ ؟  ھازىرغۇ داپنى زاۋۇتتا ئىشلىگەن سۈنئى تىرىلەردە كەرىيدىغان بۇلىۋالدى. بۇرۇن داپنى مۇشۇ يىلاننىڭ تىرىسىدە كەرىيتتى. ھازىرمۇ ئىزدىسىڭىز مۇشۇ يىلاننىڭ تىرىسىدە كەرىگەن داپلارنى تاپقىلى بۇلىدۇ. بىراق باھاسى سەل قىممەتمىش . 1200 بىلەن 1500 ئارلىقىدا سېتىلىۋېتىپتۇ. ما ئاداش  ئۇزۇنلۇقتا رىكورت ياراتقان يىلان بۇلۇپ نۇرمال ئۇزۇنلۇقى 15 مىتىردىن 20 مىتىرغىچە كىلىدىكەن. بەزەنلىرى 50 مىتىغا يىتىدىغانلىرىمۇ ئۇچۇرايمىش لېكىن بەك ئاز ئىكەن. ئاساسەن دەرەخ ئۈستىدە ياشايدىكەن. يىمەكلىكىگە قۇش تۇخۇملىرىنى بەكىرەك ياقتۇرىدىكەن. تۇخۇ، غازلىرىڭىز كۆپرەك بولسا بېغىڭىزدا بىرەتال بېقىشنى ئويلىشىپ باقسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. لېكىن قەتئى ئەنسىمەڭكى ئادەمدىن بەك قورقىدىكەن. ئادەملەرنىڭ ئىنساپسىزلىقىنى بىلىۋالغان بولسا كېرەك . بۇنى كۈرۈپلا قويسىڭىز بۇلىدۇ چۈنكى توردىكى مەلۇماتتا نەسلى قۇرۇغان دىيىلگەن .           بۇ يىلاننىڭ مۈڭگۈزىنى كۈرۈپ بىرنەرسىنى ئەسلىيەلمەي قالدىڭىزمۇ ؟ مەن دەپ بېرەي ! ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ۋە مىڭبىر كىچە ھىكايىللىرىدىكى مۈڭگۈزلۈك يىلان پادىشاھى . ھىكايىلەردە دىيىشچە  يىلان پادىشاھىنى تۇتۇۋالغان ئادەمىڭ ھەرقانداق ئارزۇيىنى قاندۇرىدىكەن. بىرتال مۈڭگۈزىنى بىرىدىكەن قاچان ھاجەتمەن بولسا ئاشۇ مۇڭگۈزنى كۆيدۈرسە يىلان ھازىر بۇلۇپ ھەرقانداق ھاجىتى بولسا راۋا قىلىدىكەن . ئۈزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ قالدى: ئۈرۈمچىدە تۇرۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئاتۇشلۇق بىر تىجارەتچى ئىزدەپ كەپتۇ. ئۇنىڭ دىيشىچە يېقىندىن بىرى سودىسى پەقەت يۈرۈشمەپتۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ئۇلۇغ كىشىنى ئىزدەپ بېرىپ ئەھۋالنى ئېيتىپتىكەن  بىرتال يىلان مۈڭگۈزىنى بىرىپتۇ ۋە قارى پاكىز بالىدىن بىرنى تېپىپ مۇشۇ مۇڭگۈزنى ئايەتكە توشقۇزوپ يانلىرىدا ئېلىپ يۈرسىلە تىجارەتلىرى يۈرشىدۇ، دەپتۇ . -ئايەتكە قانداق توشقۇزىمەن-دىدىم ھەيران بۇلۇپ – جېق ئۇقۇپ توشقازمامسىز، جېق- جېق ئۇقۇپ – دەپ مۇڭگۈزنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى . مۈڭگۈز قاتمۇقات تازىلىق قەغىزىگە ئۇراپ قۇيۇلغان نەرسە ئىكەن. قارىماققا كىچىكرەك باشلانغان قۇناق مەدىكىنى ئەسلىتىدىكەن. ئەمما مەدەكتىن قاتتىق ئىدى. ئىككى كۈن كۈتۈرۈپ يۈرۈپ مەن ئۇقۇيالمايدىلەنمەن دەپ قايتۇپ بەرگەنتىم . رىۋايەتتىىكى ئاشۇ يىلان پادىشاھى شۇمۇ ئەمەسمۇ بىلمەيمەن. توردا تۇنۇشتۇرىشىچە بۇ بىر ئادەتتىكى يىلان ئىكەن ئىسمىمۇ يىلان پادىشاھى ئەمەس قوش مۇڭگۈزلۈك يىلان دەپ ئاتىلىدىكەن . بۇ ھەقتە گەپ ئاچمىساممۇ بىلىسىز ھەقاچان ؟ كۆز ئەينەكلىك يىلان  يەنە قاتىل دەيدىغان نامىمۇ بار . سەل خەتەرلىك                 يىلانلارنى كۈرۈپ قانداقراق تۇيغۇغا كەلدىڭىز ؟ ئاستىدىكى كاتەك سىزنىڭ ئىنكاس بىرىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئويلىغانلىرىڭىزغا ئورتاقلىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر قىلارسىزمۇ ؟   ئەسكەرتىش: يۇقۇردىكى چۈشەندۈرۈشلەر پۈتۈنلەي توردىن كەلگەن بۇلۇپ كۆرۈپلا قويسىڭىز بۇلىدۇ. ماتىريال قىلىپ پايدىلنىشقا ياكى تەتقىقاتقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.  چۈشەندۈرۈش سەۋەبىدىن كەلگەن ھەرقانداق ئۇقۇشماسلىق، ئاقىۋەتكە بلوگ ئىگە بولمايدۇ. تىمىنى ئىشلەتكۈڭىز كەلسە مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىۋىرىدۇ.

ھىكايە تېخى تۈگىمىدى . . .

Comments:

There are (3) Comments for the داڭلىق 21خىل يىلان | سىزتېخى كۆرۈپ باقمىغان

Post a comment