بىرەيلەننىڭ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتقان ئاۋازى دۇكاننىڭ ئىچىگە كىرىشكە باشلىدى. دۇكاندىكىلەر ئالدىراپ سىرتقا چىقتۇق. چوڭ يول بويىدىكى سېمونت كۆتەكتە كىيىم-كېچەكلىرى كونا، 18-19 ياشلاردىكى بىر قىز ئەتراپىدىكى يىغىلىۋالغان ئادەملەرگە پەرۋاسىز ھالدا ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلاۋاتاتتى. كىشىلەر نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي ھەيران ئىدى. مەنمۇ بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، دۇكانغا يېنىپ كىرىپ ئىشىمنى قىلىۋەردىم. بىراق، ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، قىزنىڭ يىغىسى پەسەيمىدى. بىر قۇتا سۇ بىلەن ئازراق قەغەز ئېلىپ يېنىغا چىقتىم.

-ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، دېدىم قەغەزنى سۇنۇپ.

قىز چىرايىمغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، قەغەزنى قولىغا ئېلىپ ياشلىرىنى سۈرتتى، قولۇمدىكى سۇنى ئېلىپ يۈزىنى  يۇيۇپ، يىغىسىنى توختىتىشقا تىرىشىپ باقتى. لېكىن، قىزنىڭ ئىچ-ئىچىدىن قىستاپ كېلىۋاتقان يىغىسى توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى .

-نېمە ئىش بولدى؟ ھەرقانداق ئىش بولسىمۇ بۇنچىۋالا قىلىپ كەتمىسىڭىز بولاتتى.  باشقىلار خاتا چۈشىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بىرەرى بىلەن ئارىلاشقان بولسا ئوينايدىغاننى ئويناپ بولۇپ تاشلاپ كەتكەن گەپ دېيىشىۋاتىدۇ،- دېدىم سەۋەبنى بىلىش مەقسىتىدە.

قىز چوڭقۇر ئۇھ تارتىۋېتىپ گېپىنى باشلىدى:

- ئۇنداق ئىش يوق. مەن نىيىدىن، ئاخشام ئانام بىلەن كەلگەن. كەچ قاپتىكەنمىز، ئۈستىدىكى ياتاقتا ياتقان (بىزنىڭ دۇكاننىڭ ئىككىنچى قەۋىتى مېھمانخانا ئىدى). بۈگۈن ئەتىگەن مەكتەپكە چىقماقچى ئىدۇق  (مەن خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان). ئۆيدىكىلەر دېھقان، بەك نامرات بولغاچقا، بار پۇللىرىمىز يېتىشمەي، قەرز ئېلىپ ئوقۇش پۇلى، ياتاق، تاماق دېگەنلەرگە 4500 كوي پۇل تەييارلاپ كەلگەن. ئازراق سودىلىقىم بار ئىدى، قىلىپ كىرەي دەپ ئەتىگەندە چىقىپ كەتكەن ئىدىم. ئانام ياتاقتا ياتسا، ياش بىر چوكان ئىشىكنى چېكىپ كىرىپتۇ ۋە ئانامغا بىرمۇنچە ھال تۈكەپ يىغلاپ بېرىپتۇ. ئاناممۇ ئۇ چوكاننىڭ بېشىنى سىلاپ تەسەللى بېرىپتۇ ۋە مەكتەپكە كەلگىنىمىزنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. چوكان چىقىپ كېتەر ۋاقىتتا بىر تاشنى كۆرسىتىپ، تاشنىڭ قىممەتلىكىنى، ئالاي دىسە ئانسىنىڭ ئورنىدا كۈرۈپ ئەرزان بىرۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئانام تاش تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، چىرايلىقچە رەت قىپتۇ. چوكان چىقىپ كېتىپ كەينىدىنلا بىر ئادەم كىرىپ، چوكاننىڭ تاش كۆرسەتكەن-كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئانام بولغان ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كېيىن، چوكاننىڭ تاشنى ئۆزىگە سەككىز مىڭ كوي دەپ بەش مىڭ كويغا بەرمىگەنلىكىنى، ئەگەر بەش مىڭ كويغا ئېلىپ بەرسە، ئانامغا مىڭ كوي پايدا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە مىڭ كوي پۇلنى ئانامنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ. ئانام سىرتقا چىقسا، چوكان ياتاقنىڭ ئالدىدىلا بار ئىكەن. ئانام بېرىپ تاشنى ئالغۇسى بارلىقىنى، لېكىن 4500 كويلا بارلىقىنى ئېيتىپتىكەن، چوكان سىلى  ئانامنىڭ ئورنىدا،  مەيلى ئالسىلا دەپ بېرىۋېتىپتۇ. ئانام پۇلنى ساناپ بېرىپ، تاشنى ئېلىپ ياتاققا چىقسا ھېلىقى ئادەم يوق. بىردەم ساقلاپ بېقىپتۇ، كىرمەپتۇ. ياتاقتىكىلەردىن سورىسا ھېچكىم ئۇقمايدىكەن. كېيىن چوكاننى ئىزدىسە ئۇنىمۇ تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن جامەنىڭ يېنىدىكى قاشتېشى دۇكىنىغا كىرسە، دۇكاندىكىلەر تاشنى كۆرۈپ «تاش موگاڭكەن، بىزدىمۇ بار، 8-10 كويلارغا ساتىمىز» دەپتۇ.

ئانام شۇ چاغدىلا ئالدانغانلىقىنى بىلىپتۇ.

پەيسوغا كىرسەك ئەھۋالنى خاتىرىلەپ ئېلىپ قالدى.  ئۇلارنى تاپالىسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىدىكەن.

- ئانىڭىز قېنى؟- دېدىم قىزنىڭ خېلىدىن بېرى يالغۇز ئولتۇرغىنىنى ئويلاپ.

-ئايلىنىپ باقاي، ئۇچراپ قالار دەپ كەتكەن.

-شۇنداق قىلىپ 4500 كوينى مىڭ كويغا تېگىشتىڭلا؟- دېدىم ئاچچىق كۈلگە بىلەن.

- مىڭ كوينىڭ ھەممىسى جا پۇلكەن، ئانام بىلەلمەپتۇ.- قىز شۇنداق دەپ يىغلاپ كەتتى.

قىزنىڭ  تۇرقىدىن دېھقان قىزى ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى. گەرچە ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، قارا، يىرىك قوللىرىدىن ئېتىز-ئېرىقنىڭ، ھويلا-ئارامنىڭ ئىشىنى قىلغان ۋاقتىنىڭ دەرس تەكرارلىغان ۋاقتىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى. قىزنىڭ ئانىسىنى كۆرمىگەن بولساممۇ، ئاتا-ئانىسى كىيىم-كېچەكنى زىننەتكە ئەمەس، بەدىنىنى يېپىش ئۈچۈن كىيىدىغان، كېچىلىرى ئېتىز-ئېرىقنى چۈشەيدىغان، قورسىقى ئاچسا بىر چىنە قۇدۇق سۈيىگە زاغرىنى  تۈگۈرۈپ يەپلا تۇرۇپ كېتىدىغان قارا دېھقانلاردىن ئىدى. ئۇلارغا تېلېفون نومۇرىنى «يوۋسەن جيۇ»دىن باشلاپ دەپ بەرسىڭىز چۈشەنمەيتتى. بازار كۈنلىرى ناۋايخانىدىلا بىر گۆشگىردىنى بىر چىنە سۇ بىلەن شورپىسىنى ئېقىتىپ ئولتۇرۇپ يەۋالسا، بىر ھەپتىگىچە ئېغىزىدىن گۆشنىڭ تەمىنى ھېس قىلاتتى. شۇنداق، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەيدىغان بولساق، نەچچە توم كىتاب پۈتۈپ چىقىدۇ. مەنمۇ بىر قارا دېھقاننىڭ پەرزەنتى، دېھقانلارنى ئوبدان چۈشىنىمەن. لېكىن، ئۇلار شەھەرنىڭ، شەھەر تۇرمۇشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى  بېلەتتى . ھېچبولمىغاندا تېلېۋىزوردىن بولسىمۇ چۈشەنگەن ئىدى. شۇڭا، بالىلىرىنى ئۆزى تارتقان كۈنلەرگە قويغۇسى يوق ئىدى. ئوقۇپ خىزمەتكە ئېرىشسە، شەھەردە قالسا، ھېچبولمىغاندا رىزقىنى ئېتىزدىن ئەمەس ئىشخانىلاردىن تېپىپ يېسە، بىزدەك يامغۇردا كۈنلۈكى يوق ئېقىپ كەتمىسە، ئاپتاپتا سايىسى يوق كۆيۈپ كەتمىسە، بوراندا دالدىسى يوق لەيلەپ كەتمىسە دەپ ئارزۇ قىلىشاتتى. شۇڭىمۇ قولىدا بولسۇن-بولمىسۇن، يەتمىسە يوقكەن دەپ ئولتۇرماي، قانداق قايتۇرۇشنى بىلمىسىمۇ، «باشقا كەلگەندە باتۇر» دەپ قەرز ئېلىپ قىزىنى يولغا سالغان ئىدى.

قىزنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلمىدىم. ئاشۇ 4500 كوي ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن بىر ۋاقلىق تاماق، بىر بوتۇلكا ھاراق، بىر تال يانفون ، بىر قاپ تاماكا خالاس. ئۇلار ئۈچۈن 4500 كوي پۇلنىڭ بولغان-بولمىغىنى ھېچنېمە ئەمەس. ئەمما، بۇ قىز ئۈچۈن 4500 كوي تەقدىر، يامغۇردىن، بوراندىن ساقلايدىغان كۈنلۈك ئىدى. ئاۋۇ نائەھلىلەر قىزنىڭ تەقدىرىنى ئېلىپ كەتتى. ئېنىقكى، ئۇلار بۇ پۇلنى بىر كۈندىن ئاشۇرماي سورىۋىتىدۇ. قىزنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك تەقدىرىنى بىر سائەتلىك ئىشرەتكە كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.

يازما ئاپتورى:

يازغانلىرىم باشقىلارنى يىتەكلەش، ھەقىقەتكە قايتۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشلارنى مەقسەت قىلمىغان. مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى ھىكايە، نەسىر، خاتىرە شەكىلدە يېزىپ قالدرۇماقچى. بۇ مەۋھۇم دۇنيانى رىئال دۇنيادىن تېپىلمىغان سىرداش، مۇڭداش قاتارىدا كۆرۈپ قۇرساق كۆپۈكلىرىمنى،ئىچ پۇشۇقلىرىمنى، دەرت-ئەلىمىمنى تۆكۈپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى. . . يازمىللىرىم يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگىمۇ تەڭ يوللىنىدىغان بۇلۇپ يازمىللىرىم ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلارنى مەزكۇر مۇنبەردىن كۆرەلەيسىز ئۇيەردىكى نامىم رەھمەتۇللاھدۇر . [ يەتتە قىز مۇنبىرى ]

ھازىرغىچە 4 دوستىمىز قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەردى. سىزلا قالغان ئوخشايسىز !!!

  1. يامغۇر
    ۋاقىت: 2011- يىل 21- ئىيۇن 03:52 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەن ئەلكۈيىدىن كەلدىم. ئۇ يەردە سىزدىن بۇ قىزنىڭ ئادرېسىنى سورىسام، مۇشۇ بلوگ ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇپتىكەنسىز. بۇ قىز بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولامدۇ؟
    قىزغا بەكلا ئىچىم ئاغرىدى. قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغۇمىز بارتى…

    • ۋاقىت: 2011- يىل 21- ئىيۇن 06:05 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

      كۈڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزدىن ناھايىتى خوش بولدۇم.
      مىھمان خانىغا چىقىپ سۈرۈشتۈرگەن ئىدىم. كىملىكىنى تىزىملاتماپتىكەن. ئالاقىلاشقىلى بولمىغۇدەك.

  2. ئۇچقۇن
    ۋاقىت: 2011- يىل 21- ئىيۇن 01:46 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    yaxshi

  3. ۋاقىت: 2011- يىل 16- ئىيۇن 22:11 | مۇقىم ئۇلانما جاۋاب

    ئېچىنىشلىك تىراگىدىيە! بىزدىكى نادانلىق، نەپسانىيەتچىلىك

ئىنكاس يېزىش

ئېلخەت ئاشكارلانمايدۇ. بەلگە * بارلىرىنى چوقۇم تولدۇرۇڭ

*
*