Fedora 19 ئېلان قىلىندى
بۇ قېتىمقى نۇسخىسدا يېڭلىقلار خىلى كۆپ بۇلۇپ قىزىققۇچىلار چۈشۈرپ قاچىلاپ ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقساڭلار بۇلىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
http://fedoraproject.org/zh_CN/get-fedora-options
Fedora 19 ئۈستەل يۈزى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئورنى :
http://download.fedoraproject.org/pub/fedora/linux/releases/19/Live/i386/Fedora-Live-Desktop-i686-19-1.iso
http://download.fedoraproject.org/pub/fedora/linux/releases/19/Live/x86_64/Fedora-Live-Desktop-x86_64-19-1.iso
باشقا نۇسخىلىرىنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭز تۈۋەنىدىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرۈڭ.
http://fedoraproject.org/zh_CN/get-fedora-options
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئۇبۇنتۇ ھەۋەسكارلېرى ۋە كەڭ كومپىيوتىر ئىشلەتكۈچىلەر!
ئۇبۇنتۇنىڭ مەقسىستى بولسا ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزئانا تىلىدا كومپىيۇتىر ئىشلىتەلەيدىغان بۇلۇشتۇر،2008-يىلىدن باشلانغان بىر توپ ئوت يۈرەكلەرنىڭ مىننەتىسىز قان-تەر بەدىلىگە يەنى لىنۇكىس سىستىمىلىرنىڭ بىرى بولغان ئۇبۇنتۇنى تەرجىمە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقنىڭ نەتىجىسىنى مانا بىز سۈرۈۋاتىمىز. بۇ بىر توپ ئوت يۈرەك پىدائىيلار ئۆزخىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتىن سىرت دەم ئىلىش ۋە ئارام ۋاقىتلېرىنى قۇربان قىلىپ ھەقسىز بۇ سىستىمىنى تەرجىمە خىزمىتىنى باشلىغان ئىدى. بۇلتۇر 7-ئايلار ئەتراپىدا ئۇيغۇرئىكىسنىڭ 1-نەشىرى ئىلان قىلىندى .بۇ نەشىرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا قاچىلاشتىن تارتىپ ئىشلىتىشكىچە ئۇيغۇرچە بۇلۇپ شۇنداقلا پۈتۈنلەي ھەقسىز.
قالتىس داغدۇغا بىلەن ئېلان قىلنغان ئۇيغۇرئىكىس كەڭ تارىلالمىغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا كومپىيۇتىر ۋە ئىلىكتىرون ئۈسكىنىلېرىنىڭ ئىنگىلىزچە ۋە خەنزۇچىلا چىقىپ قالماي ئۇيغۇرچىمۇ چىقىدىغانلىقىنى يەنى تىرىشىش ۋە تەرەقىياتنىڭ ئۇيغۇرغىمۇ يىڭى بىر سورون ھازىرلىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، ئەلمىساقتىن تارتىپ كومپىيۇتىر ۋە ئىلىتىرون ئۈسكىنىلېرىنىڭ خۇددىي ئىنگىلىزچە ۋە خەنزۇچىلا چىقىدىغاندەك خۇددىي بەزىلەر ئىيتقاندەك يىزىق ئالماشتۇرۇش مۇھىم بولغاندەك تەسىز بىرىدىغان بىزلەرگە بۇ ھەقىقەتنمۇ ئاجايىپ ئىش ئىدى.
نەھەيات بۇ سىستېما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئازلىقى ۋە مەلوم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كەڭ ئاددىي كومپىيوتىر ئشلەتكۈچىلەرگە دىگەندەك يىتىپ بارالمىدى. شۇنداقلا بۇ سىستىماغا قىزىققۇچىلاربولسىمۇ ئەتراپىدا ياردەم، مەسلىھەت بېرىدىغانلار يوق بولغاچقا نۇرغۇنلېرى تەنھا كۆرەشتە يېرىم يولدا ۋاز كىچىشكە مەجبور بولدى . ياكى ئۇزاق داۋاملاشتۇرالمىدى ، چۈنكى ئادەم دىگەننىڭ ۋاقتى چەكلىك بۇلىدۇ. بىر نەرسىنى داۋاملىق تەنغا قېرىشىش خۇددىي باياۋانغا يالغۇز سەپەر قىلغانغا ئوخشايدۇ،ئۇ ئادەمنى بەكلا چارچىتىدۇ.
بۇ يىل كىرىپ ئۇبۇنتۇ ئۇزاق نەشىرى يىڭىلانغان بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرئىكس گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئالدىراش بولغاچقىمۇ ياكى باشقا سەۋەپلەرمۇ ئۇيغۇرئىكىسنىمۇ ماس قەدەمدە تۈزۈش تۇسالغۇغا ئۇچرىدى.مەن ئازكەم يېرىم يىلدا ئۇيغۇرئىكىس ۋە ئۇبۇنتۇ ئىشلىتشنى ئۆگىنىپتىمەن. مىنىڭ خىيالىم بولسا بىرلا؛ ئۇ بولسىمۇ مۇشۇنداق بىر قوللىنشچان سىستىمىنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى بۇ بىر ئىسل ئىش ئەمما ئۇنى پۈتۈن ئۇيغۇربىر قىتىم بولسىمۇ ئىشلىتىپ كۆرگەن بولسا دەيمەن.
ھەممىز بىلىمىز ۋىندوۋسنىڭ يڭى نەشىرى ئۇيغۇرچە بولغان بولسىمۇ بەك قىممەت. ئارىمىزدىن مەخسوس 2000 مىڭ يۈئەن پۇل چىقىرىپ سىستېما سىتىۋىلىپ ئۇنى كومپىيۇتىرىغا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان ئىنتايىن ئاز چىقىشى مۇمكىن . چۈنكى ئۇنداق ئۇقۇم ئۇيغۇردا شەكىللنىشكە خېلى بار.
قىسقىسى مەن ئۇبۇنتۇ ۋە ئۇيغۇرئىكىسنى ئىشلىتىنشى شۇنداق تەستە ئۆگەندىم شۇنداقلا باشقىلارنىڭمۇ مەندەك جاپا تارتىشىنى خالىمدىم چۇنكى ئىنسانىيەت ئالدىنقىلاردىن ئۆرنەك ئالمىغان، بىرى ماڭغان يولنى كەينىدىكىلەر مىخانىك تەكرارلىغان بولسا ئۇنداقتا بىزنىڭ بۈگۈنىمىز بولمايتتى تەرەقىيات دىگەندىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى. دىمەك بۇ يەردە كەم بۇلۇۋاتقىنى ھەمكارلشىش ۋە قۇلايلىق سىستىما تۈزۈش .
مەن نۇرغۇن ۋاقىت كىچە-كۈندۈز دىگەندەك قېرىشىپ ئۇيغۇرئىكىسىڭ بىر قىسم تەجرىبە-ساۋاقلېرىنى يەكۈنلەپ ئازدە-ئۇبۇنتۇ نامىدا قۇلايلىق بىر ئۇبۇنتۇ تۈزۈپ چىقتىم. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا قۇتبەگ ئاكىمىزنىڭ ۋە سەبىرئاكاشنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشمۇ ئاز بولمىدى. مەن ئالدى بىلەن بۇ سىستىمنىڭ قاچىلاش ئۇسۇلنى يوللاپ تۇراي سىستىمنى سىناپ ئىشلىتىپ باققۇچىلارغا ئاللا خالىسا ھايال بولمايلا تورغا يوللاپ قويغايمەن. http://pan.baidu.com/share/link?shareid=2541190802&uk=2083957003
http://ubuntuone.com/44d7d2VfDQ86oc2EpoSTe2 ئەسسالام دوستلار بۇ ئازادە -ئۇبۇنتۇ (azade-ubuntu1.4 ) نى چۈشۈرۈش ئادرىسى.
قېرىندىشىم بەگمۇرات ، سىز كۆپ ئەجىر سىڭدۈرىۋاتىسىز ، تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن . سىز بۇ سېستىمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چۇقۇم ئۇمۇملىشىشىغا ئىشىنىسىز ، مەنمۇ ھەم ئىشىنىمەن . ھازىر كەم بۇلىۋاتقىنى تەشۋىقات . خاتىرجەم تەشۋىقات قىلىش ئۈچۈن قانۇنلۇق سالاھىيەتگە ئىگە بىر ئورنىمىز بولغان بولسا ياخشى ئىدى . ئۇندىن باشقا
ئۇيغۇرئىكىس – ئۇبۇنتۇ توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلىرىمىزنى ئۇيغۇر زىيارەتچىلەر كۆپ توپلاشقان بىكەتلەرگە يوللاپ ، تېخنىكىلىق تەپسىلاتلارنى قۇتبەگدە ئىلان قىلساق ئۈنىمى ياخشى بۇلارمىكىن .
ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىل بىلمەسلىك سەۋىۋىدىن كومپىيۇتىردىن قورقىدىغان
كىشىلەرنىڭ سانى كومپىيۇتىر ئىشلىتەلەيدىغانلارنىڭ سانىدىن ھەسسىلەپ كۆپ ، ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى ئەنە شۇ سانسىز كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا مەزمۇن قۇشالىشى كېرەك ، بۇنىڭ ئۈچۈن خەلىق ئىچىگە كىرىپ ،
نەق مەيداندا پائالىيەت قىلىشىمىز ، ھەقسىز ئۈگىتىشىمىز كېرەك .
بىز ھەم شۇ كىشىلەرنى مۇكەممەل ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق كومپىيۇتىر بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىمىزگە ئالالىساق بۇلاتتى .
ئۈستىدىكى يازمىڭىزنى ئەستايىدىل يېزىپسىز ، تەپەككۇرىڭىز كۈچلۈككەن .
بەگمۇرات قېرىندىشىمىز تەييارلىغان قاچىلاش دىسكىسى ئارقىلىق ئۇبۇنتۇنى قاچىلىدىم . ھىچقانداق خاتالىق بايقالمىدى . قاچىلاش جەريانىدا تور سىمىنى چاتمىدىم .قاچىلىنىش تامام بولغاندىن كىيىن مېدىئا ھۆججەتلەر
بىۋاستە قۇيۇلدى .ئەڭ ياخشى بولغىنى كومپىيۇتىرىمنىڭ كۆرسىتىش كارتىسىنى
ئاپتۇماتىك قاچىلىدى .مەن پەقەت tweak نى قاچىلاپ خەت نۇسخىسىنى تەڭشەپلا قويدۇم . ئادەتتە ئۈچ سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تاماملايدىغان ئىشلار بىر سائەتمۇ سەرىپ بولماستىن تاماملاندى . بەگمۇراتقا كۆپ تەشەككۈر . ماڭا ھەقىقەتەن قۇلايلىق يارىتىپ بەردى . تۈۋەندە يەنە بەگمۇرات تەييارلىغان قاچىلاش ئۇسۇلىغا مەن ئازراق مەزمۇن قۇشۇپ قويدۇم
‹ئەگەر قاچىلاش جەريانىدا سىستېما ئاپتۇماتىك تىزىمغا كىرمىسە ئىشلەتكۈچى ئاتىغا custom نى كىرگۈزۈپ Enter نى چىكىمىز، ئىمغا ھىچقانداق بىر نەرسە كىرگۈزمەي ئىنتىرنى يەنە بىر قىتىم چەكسەك بىرئازدىن كىيىن سىستېما نورمال قاچىلاش ياكى سىناپ ئىشلىتىش كۆزنىكىگە كىرىدۇ.
ئەگەر سىستىما بىرئاز ئېغېردەك بىلىنسە ئۇنداقتا ماۋۇ بۇيرۇقلار ئارقىلىق سىستىمدىكى ئارتۇق ئەخلەتلەرنى ۋە كىرەكسىز دىتاللارنى چىقىرىپ تاشلىسىڭىزبۇلىدۇ.
sudo aptitude purge ~ilinux-image-.*\(\!`uname -r`\)
sudo apt-get purge remastersys?
sudo apt-get remove –purge remastersys*
sudo aptitude purge remastersys?
sudo apt-get autoremove
بۇيرۇق كوزنىكىدە ماۋۇ بۇيرۇق ئارقىلىق root نامىغا ئىم بىكىتىمىز.
sudo passwd root
بۇ يەردە بىزدىن ئىشلەتكۈچى ئىمىنى سورايدۇ ۋە ئىمنى كىرگۈزسەك unix ئىم كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ بىز ئىم بىكىتىمىز ۋە قايتا كىرگۈزۈب مۇقىملاشتۇرىمىز.
ئاندىن تىزىمدىن چىقىپ كىر دىگەن جايغا root نى ۋە ئىمغا بايا بىز بىكىتكەنunix ئىمنى كىرگۈزۈپ Enter نى بىسىپ root ئىشلەتكۈچى سۈپىتىدە تىزىمغا كىرىمىز. بۇ يەرگە بىر قىسىم پايدىلىنش ماتىرىياللرى قۇيۇلغان.›
سېستىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈۋەندىكىلەرنىمۇ قاچىلاڭ:
تېرمىنالدا ھەر بىر قۇر بۇيرۇق جۈملىسىنى تەرتىپ بۇيىچە ئايرىم-ئايرىم ئىجرا قىلىمىز.
1.ubuntu tweak نى قاچىلاش
sudo add-apt-repository ppa:tualatrix/ppa
sudo apt-get update
sudo apt-get install ubuntu-tweak
4.pidgin +qq نى قاچىلاش
sudo add-apt-repository ppa:lainme/pidgin-lwqq
sudo apt-get update
sudo apt-get install libpurple0 pidgin-lwqq
5. باشقا
sudo apt-get clean
sudo apt-get update
sudo apt-get upgrade
سېستىما تەڭشىگىگە كىرىپ ، تىل قوللىنىشى نى بىر چىكىڭ . تىل تۇلۇق قاچىلانسۇن .
ئاندىن كىيىن كومپىيۇتىرنى بىر قېتىم قايتا قوزغىتىپ ، خەت نۇسخىسىنى تەڭشەيمىز .
سېستىما تەڭشىگىگە كىرىپ tweak ئارقىلىق تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز .
كىرگۈزگۈچلەرنى تەڭشەش ئۈچۈن باش تاختا ماكانى دىن ibus نى قوزغىتىمىز ،
ئىكران ئۈستى تەرەپتىكى قۇردا كۇنۇپكا تاختا سىن بەلگۈسى پەيدا بولىدۇ .سىن بەلگىنى چىكىپ ، مايىللىققا كىرىمىز . كىرگۈزگۈچ دىگەن يەردىن ئاكتىپ كىرگۈزگۈچنى ئۆزلەشتۈر دىگەننى ئىناۋەتلىك قىلىمىز . كىرگۈزگۈچ تاللاڭ دىگەننى چىكىپ ، لازىملىق كىرگۈزگۈچلەرنى مۇھىملىق تەرتىۋى بۇيىچە قۇشۇپ قويساق بولىدۇ .
خەت نۇسخىلىرىنى تاللىغاندا ukij cjk نى تاللىساق ، ئەڭ چىرايلىق كۈرىنىدۇ .
chromium تور كۆرگۈنى ئىشلەتسىڭىز ئانا تىلنىڭ ھوزۇرىنى ھەقىقى سۈرەلەيسىز .
ئۇيغۇرئىكىس (ئۇبۇنتۇ ) ھەققىدە مەلۇمات
http://barmu.cn/text/Read.aspx?id=2705
ماۋۇ يەردە تېخىمۇ يېڭى مەنىدىكى بارماق كومپىيۇتېرنىڭ گىپى چىقىپ قالدىغۇ ، ئەمدى مارماق دىسكىغا قاچىلانغان سېستىمىنى نىمە دەپ ئاتىساق بۇلاركىن ؟
http://v.youku.com/v_show/id_XMjY0NjMxNDUy.html
ئەي ئەزىزلەر … سىزلەرگە شۇنداق ئىسىل بىرنەرسىنى تەۋىسسىيە قىلاي ، پۇل خەجلىمەستىن كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئۇيغۇرچە قىلىۋىتەلەيسىز . چاخچاق قىلغاندەك ئۇيغۇرچە ئەمەس ، ئەكسىچە رەسمى ئۇيغۇرچە … خەلىقئارا سەۋىيىدە …ئۇ بولسىمۇ ئۇبۇنتۇ = ئۇيغۇرئىكىس . http://www.uyghurix.org
http://www.barmu.cn/MicroBlog/new.aspx?typ=new
ئۇيغۇرئىكىس – ئۇبۇنتۇ سېستىمىسىنى قاچىلاشتىن تەڭشەشلەرگىچە (PDF )
http://yunpan.cn/Qn2764pwH7R9J
ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سېستىمىسىنى قاچىلاشتىن تەڭشەشلەرگىچە (رەسىملىك كىتاپ – توردا كۈرۈڭ )
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=4069534590&uk=70607647
ئەسسالامۇئەلەيكۇم دۇستلار! نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بىلوگنىڭ ئىشلېرى بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ قىلىپ بۇ يەرگە ئىنكاس يازغۇدەك بۇلالمىدىم. بىلوگىمغا قۇتبەگ بىلوگىنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالدىم ئەلۋەتتە…… دۇستلار بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۈتۈپ قۇياسىلەر سىلەر ئۈچۈن تەييارلىغان يازما ۋە ئەمەلىي نەپ ئىلىپ كىلىدىغان قۇلايلىق سىستېمىلار داۋاملىق يىڭىلىنىپ تۇرغۇسى. ئۇيغۇرئىكىس سىستېمىلرىنىڭ كەلگۈسى ئۇزاق ۋە پارلاق دەپ قارايمەن. بولسا ئۆزئارا ھەمكارلىشايلى. http://www.auyghurix.com ئازادە-ئۇيغۇرئىكىس بىلوگى .
vpnpp نى ئىشلەتسەك باشقا بالا تېرىيدىكەن .يېقىن يولىماڭ …
قوش سېستىما قىلىنغان كومپىيۇتېردا كۆڭۈلدىكى ھالەتتە قايسى سېستىمىسىدىن قوزغىلىشنى ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇدا بەلگۈلەش ئۈچۈن قۇلايلىق بولغان بولغان پىرۇگرامما grub customizer نى قاچىلاپ كۆرسەڭلار بولغۇدەك .بۇ پىرۇگراممىنىڭ ئىقتىدارى خېلى كۆپتەك قىلىدۇ. قوزغىلىش ھالىتىدىكى ئىكران يۈزلىگىنىمۇ تەڭشىگىلى بولىدىكەن .
![ri1R_W8uR2HbdZ-dwpGKZn_FUKXcQiodanNc64aKIcE?size=1024×768]()
![rikQJvnzW8tRQAsYXJyTxmwfB2c-54vkuNjtYzYJ6hg?size=1024×768]()
بۇ دىتالنى چۈشۈرۈ مەنزىلى
https://www.dropbox.com/s/zctwiegcjcf0wre/grub-customizer-3-0-2-es-en-br-fr-de-it-cn-ubu.deb
قوش سېستىما قىلىنغان كومپىيۇتېردا كۆڭۈلدىكى ھالەتتە قايسى سېستىمىسىدىن قوزغىلىشنى ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇدا بەلگۈلەش ئۈچۈن قۇلايلىق بولغان بولغان پىرۇگرامما grub customizer نى قاچىلاپ كۆرسەڭلار بولغۇدەك .بۇ پىرۇگراممىنىڭ ئىقتىدارى خېلى كۆپتەك قىلىدۇ. قوزغىلىش ھالىتىدىكى ئىكران يۈزلىگىنىمۇ تەڭشىگىلى بولىدىكەن .
![%D8%A6%DB%90%D9%83%D8%B1%D8%A7%D9%86%20%D9%83%DB%86%D8%B1%DB%88%D9%86%DB%88%D8%B4%D9%89%D9%86%D9%89%DA%AD%20%D8%A6%D9%88%D8%B1%D9%86%D9%89%202013-08-17%2003%3A53%3A30.png]()
![%D8%A6%DB%90%D9%83%D8%B1%D8%A7%D9%86%20%D9%83%DB%86%D8%B1%DB%88%D9%86%DB%88%D8%B4%D9%89%D9%86%D9%89%DA%AD%20%D8%A6%D9%88%D8%B1%D9%86%D9%89%202013-08-17%2003%3A54%3A00.png]()
چۈشۈرۈش مەنزىلى
https://www.dropbox.com/s/zctwiegcjcf0wre/grub-customizer-3-0-2-es-en-br-fr-de-it-cn-ubu.deb
قوش سېستىما قىلىنغان كومپىيۇتېردا كۆڭۈلدىكى ھالەتتە قايسى سېستىمىسىدىن قوزغىلىشنى ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇدا بەلگۈلەش ئۈچۈن قۇلايلىق بولغان بولغان پىرۇگرامما grub customizer نى قاچىلاپ كۆرسەڭلار بولغۇدەك .بۇ پىرۇگراممىنىڭ ئىقتىدارى خېلى كۆپتەك قىلىدۇ. قوزغىلىش ھالىتىدىكى ئىكران يۈزلىگىنىمۇ تەڭشىگىلى بولىدىكەن .
چۈشۈرۈش
https://www.dropbox.com/s/ndixwymxnckdm3w/grub-customizer-3-0-2-es-en-br-fr-de-it-cn-ubu.deb
يوللىغانلىرىمنىڭ ئەڭ ئاستىدىكىسى توغرا بولغاندەك قىلىدۇ ،
ئۇيغۇرئىكىسنىڭ رەسمى نۇسخسىغا تەكلىپ
ئۇيغۇرئىكىس سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقىلى يېرىم يىلدىن ئاشتى . بۇ ۋاقىتلارنى ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سېستىمىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈنلا
سەرپ قىلدىم دىسەممۇ بولىدۇ . ئۇيغۇرئىكىسنىڭ رەسمى نۇسخسىنىڭ نوقسانسىز ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن ئۈزەمنىڭ ئادەتتىكىچە
چۈشەنچەم ئاساسىدا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بەرمەكچىمەن .
1. سېستىما قاچىلانغاندىن كېيىن باشقىچە تەڭشەكلەرنى قىلمىغان ھالەتتىمۇ نۇرمال ئىشلەتكىلى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلسا . (ئۇبۇنتۇ تۋېئاك قۇرالى قاچىلانغان ۋە تەڭشەكلەر تەڭشەلگەن ھالەتتە بولسا . ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى ئوقۇشقا لازىم بولىدىغان قىستۇرمىلار تۇلۇق قاچىلىۋېتىلگەن ھالەتتە بولسا . پىدگىن مۇڭداشقۇ قۇرالى ۋە بۇ قۇرالغا چ چ تىزىملىكىنى تۇنۇش ئىقتىدارى قۇشۇلۇپ قاچىلاۋېتىلسە . سكايپ مۇڭداشقۇسى ، مىدورى توركۆرگۈ ، خىروم توركۆرگۈ . لۇغەت قاتارلىق زۈرۈر پىرۇگراممىلار قاچىلىنىپ ۋە ئۆلچەملىك تەڭشىۋېتىلگەن ھالەتتە بولسا .)
2. تورسىز مۇھىتتا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىھتىياجى نەزەردىن ساقىت قىلىنمىسا ، كومپىيۇتېردىن ساۋادى ئاجىز كىشلەرگە قۇلايلىق يارىتىلسا .
3. ئۈستەل ئۈستى پاك-پاكىزە ھالەتتە بولسا ، خىروم توركۆرگۈنىڭ يوكۇ ئىلانىنى چەكلەش ۋە باشقا چاپلاشقاقلارنى چەكلەش قىستۇرمىسى قوزغىتىپ قۇيۇلسا ، توركۆرگۈنىڭ خەتكۈچ بالدىقىدا تەۋىسسىيىلىك ئۇلىنشلار خەتكۈچلەنگەن ھالەتتە بولسا .
خەت نۇسخىلىرى تەڭشىۋېتىلسە ، ئىزدەش بەتلىرىدىكى مەزمۇنلار ۋە ئىلخەتلەردىكى مەزمۇنلار ئۆلچەملىك كۈرۈنىدىغان بولسا .
4. ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دىتال مەرگىزىدە كۈرۈنىدىغان مەزمۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە بولىشى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىشقا ئاشۇرۇلسا .
5. قاچىلىنىش باسقۇچىدىكى ئىشلەتكۈچى رەسىمىنى بەلگۈلەش دىگەن يەردىن ئۈتەلمەسلىك مەسىلىسىگە سەل قارالمىسا .
6. سەپلىمىسى تۈۋەنرەك كومپىيۇتېرلارغا ئېغىر كەپ قالىدىغان پىرۇگىراممىلار يەنى ۋىندوۋىسنىڭ پىرۇگراممىلىرى يېقىن كەلتۈرۈلمىسە .
7. كىرگۈزگۈچلەر تۇلۇق قاچىلانسا ۋە تەڭشىۋېتىلسە ، بەزى جايلارغا ئىبۇس كىرگۈزگۈچ تەڭشىگى ئارقىلىق خالىغان يېزىقنى كىرگۈزگىلى بولماسلىق مەسىلىسىدە ، ئىبۇسقا بېقىنمىغان ھالەتتىكى كىرگۈزگۈچلەرمۇ تەڭشىلىپ تەمىن ئىتىلسە .
8. تىزىمغا كىرىش رايۇنىدىكى سىستېما ئۇسلۇپ تاللاش رايۇنى ئۇبۇنتۇنىڭ كۆڭۈلدىكى ھالىتىنى ساقلاپ قالسا .
9. چاشقىنەك ئىشلتىش ئۇسۇلىدا تاق چىكىش ئارقىلىق ھۆججەت ئېچىشقا تەڭشىۋېتىلسە ( توغرا دەپ قارالسا )
10. ئىجراچى ئاپتۇماتىك يۇشۇرۇنۇش ھالىتىدە بولسا . باش تاختا كۆڭۈلدىكى ھالەتتە چوڭ كۆزنەك ھالىتىدە ئېچىلسا .
11. ماكان مۇندەرىجىسىدە ياردەم ناملىق بىر قىسقۇچ قۇرۇپ ، بۇ يەرگە ئۇيغۇرئىكىس ئۈچۈن ئورنىتىش تەۋىسسىيە قىلىنىدىغان
پىرۇگراممىلار ۋە ئورنىتىش ، تەڭشەش ، ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىغا ئالقىدار يازمىلار قۇيۇلسا . شۇنىڭدەك ئۇبۇنتۇنى نۆلدىن باشلاپ ئۈگنىشكە ئالاقىدار دەرىسلىكلەر قۇيۇلسا .
12. ئۇبۇنتۇ بىلەن يانفۇنلارنى ئۇچراشتۇرۇش مەشغۇلاتلىرىغا قۇلايلىق يارىتىپ بىرىلسە .
ئاخىرىدا ئۇيغۇرئىكىسنىڭ رەسمى نۇسخسىنى تەييارلاش باسقۇچلىرىدا بۇلىنىدىغان مۇنازىرىلىرىڭلارغا مىنىمۇ قېتىۋالساڭلار ،
مەنمۇ بىر كىشلىك ھەسسەمنى قۇشۇۋالسام .
ئالاقە ۋاستەم : qq – 2304855410 ، gmail (skype)- sebirhayat@gmail.com
بارمۇ تېز بىلوگىدا – ئابدۇقادىر ھايات .
پۇتۇن تورلارنى سىزنىڭ ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇ تۇغۇرلۇق تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈش يازمىلېرىڭىز بىر ئاپتۇ، يارايسىز جۇمۇ سەبىر ھايات.
خەت نۇسخىسىنى تەڭشەش ئۈچۈن ubuntu tweak نى قاچىلىماستىن ، ئۇبۇنتۇ تەرەپ يۇمشاق دىتال مەرگىزىدە تەمىنلىگەن advanced settings (ئالى تەڭشەك ) نى قاچىلاپ تەڭشىسەكمۇ بولىدۇ .
كىيىن ubuntu tweak نى ئىشلىتىپ تەڭشىگەندە ، advanced settings نى ئۈچۈرىۋەتمىسەك ، ubuntu tweak تا تەڭشىگەنلىرىمىز رول ئوينىمايدىغان ئوخشايدۇ .( ياكى مەن قانداق قىلىشنى بىلمىدىممىكىن )