ئۇيغۇرچە | Uyghurche | Уйғурчә | Türkçe | 中文
ھازىرىقى ئورنىڭز :باش بەت > سېستىملار > يازما مەزمۇن بىتى
ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېملىرى ۋە چۈشۈرۈش ئادىرېسىلىرى
2012-يىلى12-ئاينىڭ17-كۈنى سېستىملار ⁄ يازما جەمىئى7438خەت پارچە باھا 24

ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېملىرى ۋە چۈشۈرۈش ئادىرېسىلىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار يېقىدىن بىرى ئانا تىل يېزىقىمىزغا بولغان ئىشتىياق بەك ئىشىپ كەتكەچكە مەن بىر قانچە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى سىستېمىسنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشىنى لايىق تاپتىم.

بۇ يەردە مەن تۇنۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستمىلىرى قانداقتۇر ھەقلىق پۇلغا سىتىۋالدىغان سىستېمىلار ئەمەس بەلكى سىز پەقەت سىستمىلارنىڭ ئورگان بىتىگە كىرىپ شۇ يەردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئازراق مەشغۇلات قىلسىڭزلا كۈرۈنمە يۈزى ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا تۇغۇرلىندىغان ئانا تىل يېزىقىمىزدىكى مەشغۇلات سىستېملىردىن ئىبارەت.ئەمسە قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ تۇنۇشتۇرۇشنى باشلاپ كىتەي.........

1-ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستمىسى

ﺋﯘﺑﯘﻧﺘﯘ ﻟﯩﻨﯘﻛﺲ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ GNU/Linux ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﺯﯗﻟﯘ ﺗﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﯞﺳﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ‹ubuntu› ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‹ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻚ›، ‹ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺩﻩﻝ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯘﻡ›. ﺋﯘ  ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ”ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ“ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ  ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.  Ubuntuﺑﻮﻟﺴﺎ Debian ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﯞﻩ GNOME ﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، Debian ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘ ﮬﻪﺭ 6 ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯗ.  ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ 18 ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. LST بەش يىللىق تېخنىكا قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: Ubuntu 12.04 LTS  بەش ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯧﺘﯩﺮ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. Ubuntu ﻧﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺑﻮﻧﺘﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ، ﮬﻪﻡ ﺋﻪﯓ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ. Ubuntu ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻼ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. KUbuntu ﯞﻩ XUbuntu ﺑﻮﻟﺴﺎ Ubuntu ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﮬﺎﻟﺪﺍ KDE ﯞﻩ Xfce ﻧﻰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ KDE ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰKUbuntu ﻧﻰ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ Xfce ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ XUbuntuﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ GNOME ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. EdUbuntuﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﻗﯘ-ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﺑﯘﻧﺘﯘ ﻟﯩﻨﯘﻛﺲ ﻏﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ Unicode ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ئەگەر سىز ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى قاچىلاپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭز سىستېمىسنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش جەرىياندا قاچىلاش تىل تۈزىنى ئۇيغۇرچە دەپ تاللاپ ئاندىن قاچىلاش تاماملانغاندىن كېيىن سىستمسىنى بىر قېتىم يېڭلاپ سىستېمسىنى قايتا قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭز سىستېما پۈتۈنلەي ئۇيغۇرتىل -يېزىقىدا بۇلىدۇ.

سىستېمىدىن كۈرۈنمە رەسىملەر:

 

2-XUbuntu,KUbuntu,EdUbuntu  قاتارلىق سىستېمىلارمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرچە.بۇلارنىمۇ يۇقارقى ئۇسۇللار بۇيىچە ئۇيغۇرچە قاچىلاپ سىستېمىنى بىر قېتىم يېڭلاپ قايتا قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭز كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە ھالەتكە كىلىدۇ.

ئۇبۇنتۇ  سىستېمىنى چۈشۈرۈش ئادىرېسلىرى:
http://mirror01.th.ifl.net/relea ... 10-desktop-i386.iso
http://releases.ubuntu.com/12.10/ubuntu-12.10-desktop-i386.iso
http://mirror01.th.ifl.net/relea ... 10-desktop-i386.iso

چۈشۈرۈش ئادىرېسى:http://www.ubuntu.com/download
http://releases.ubuntu.com/12.10/ubuntu-12.10-desktop-i386.iso
http://releases.ubuntu.com/12.10/ubuntu-12.10-desktop-amd64.iso

بۇ يەردىن تور كۆرگۈدە ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ:
http://www.ubuntu.com/tour/zh-CN
http://www.ubuntu.com/tour/en

EdUbuntu نى چۈشۈرۈش ئادىرېسى:

http://www.edubuntu.org

http://cdimage.ubuntu.com/edubuntu/releases/12.10/release/edubuntu-12.10-dvd-i386.iso

http://cdimage.ubuntu.com/edubuntu/releases/12.10/release/edubuntu-12.10-dvd-amd64.iso

KUbuntu نى چۈشۈرۈش ئادىرېسى:

 http://www.kubuntu.org

http://cdimage.ubuntu.com/kubuntu/releases/quantal/release/kubuntu-12.10-desktop-i386.iso

http://cdimage.ubuntu.com/kubuntu/releases/quantal/release/kubuntu-12.10-desktop-amd64.iso

XUbuntu نى چۈشۈرۈش ئادىرېسى:

http://xubuntu.org

http://cdimage.ubuntu.com/xubuntu/releases/quantal/release/xubuntu-12.10-desktop-i386.iso

http://cdimage.ubuntu.com/xubuntu/releases/quantal/release/xubuntu-12.10-desktop-amd64.iso

ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلاش ئۇسۇلى :

باشقا سىستېمىلارنى قاچىلاش ئۇسۇلىمۇ مۇشۇ ئۇسۇللار بۇيىچە ئىلىپ بىرىلسا بەك چوڭ خاتالىق كىلىپ چىقمايدۇ.لىكىن مىنىڭ تەۋسىيەرىم ئاۋۋال بارماق دىسكىغا ئۇيۇپ ئاندىن شۇنىڭدىن قوزغىتىپ ئىشلىتىپ كۈرۈپ بېقىپ ئاندىن رەسىمى قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلىڭ.كومپىيۇتىر بىلىمىلىرگە پىششىق بولمىسڭز قاچىلاش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارماڭ.بۇ جەھەتتە بىلىمى بار كىشلەردىن قاچىلاشقا ياردەم تەلەپ  قىلىڭ.ئاللاھ سىزگە ئاسانلىق بەرسۇن.
ئوبۇنتۇنى سېستىمسىنى قاچىلاش ئۇسۇلى ئادەتتە ئۈچ خىل ئۇلار تۈۋەندىكىچە:
ئۇبۇنتۇنى Wubi قاچىلاش:
http://www.ugubuntu.com/ubuntuni-wubi-qachilash.html
ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغۇتۇپ قاچىلاش:
http://www.ugubuntu.com/ubuntuni-usb-qachilash.html
ئۇبۇنتۇنى قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش:
http://www.ugubuntu.com/ubuntuni-qattiqdeskigha-qachilash.html
قاچىلاش جەريانىدا قىيىنچىلققا ئۇچۇرسىڭز بىۋاستە بىلوگدا ئىنكاس قىلىڭ.

 

 

3-ئۇيغۇر ئىكس سىستمېىسى (Uyghurix)

ئۇيغۇر ئىكس سىستېمىسى ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمسى ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتشىگە ماسلاشتۇرۇپ ياسالغان سىستېما بۇلۇپ بۇ سىستمېنى سىز پەقەت قاچىلاپلا ئىشلتەلەيسىز كۈرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە .سىستېمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم يېڭلىۋەتسىڭزلا ئىش تامام.بۇ سىستېمىغا ئانا تىلىم لوغىتى (تور يۈزىدە سۆز تۇتۇپ تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى بار)،ھەر خىل قۇيغۇرلار،چ چ تور يۈزى دېتالى ،ئۇيغۇر ئىدىت كورىككتۇرلۇق دېتدل قاتارلىق دېتاللار سىستېما بىلەن بىللە قاچىلىۋىتىلگەن.

كۈرۈنمە يۈزى رەسىمى :

ئۇيغۇر ئىكسنى چۈشۈرۈش ئادىرېسى:

http://idraksoft.com/all_files/for%20linux/linuxs_version_iso/uyghurix1.0.iso

http://115.com/file/annesd5v

يېزىقلىق  قاچىلاش ئۇسۇلى:../?p=1216

سۈرەتلىك فىلىم دەرىسلىكى :

../?video=1493 

 

 

4-   Slax 7.0   ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمسى

بۇ سىستېمىنى چەتئەلدىكى مەلۇم بىر شىركەت ياساپ چىققان بۇلۇپ ئۇبۇنتۇ سىستېمسىدىكى ئۇيغۇر تىل بۇلىقىنى سىستېمىغا ئىشلىتىش ئارقىلىق سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ ياساپ چىققان.

سىستېما كۈرۈنمە يۈزدىن رەسىملەر:

چۈشۈرۈش ئادرېىسى:
ئورگان تەرەپ تور بىكىتى:http://www.slax.org
چۈشۈرۈش ئادىرېىسى:http://www.slax.org/download.php
بىۋاستە ئۇيغۇر يېزىقتىكى سىستېمىنى چۈشۈرۈش ئادىرېىسى
بارماق دىسكا ياكى نۇر دىسكىغا ئۇيۇپ قاچىلايدىغان نۇسخىسى:
http://ftp.slax.org/Slax-7.x/slax-Uyghur-7.0-i486.iso
http://ftp.slax.org/Slax-7.x/slax-Uyghur-7.0-x86_64.iso
بارماق دىسكىغا ئۇيۇپ ئىشلتىدغان نۇسخسى:
http://ftp.slax.org/Slax-7.x/slax-Uyghur-7.0-i486.zip
http://ftp.slax.org/Slax-7.x/slax-Uyghur-7.0-x86_64.zip
باشقا تىللاردىكىنى چۈشۈرۈش ئورنى :
http://www.slax.org/download.php

بۇ سىستېمىنى قاچىلاش ئۇسۇلى ئۇيغۇر ئىكس سىستېمسىنى قاچىلاش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش .

5- لىنىۇكىس دىىپىن سىستېمىسى (Linux Deepin)

بۇ سىستېمىنى خەنلەر ئۆزگە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەپ چىققان بۇلۇپ بۇ  سىستېمىمۇ لىنۇكىس مەشغۇلات سىستېمسى ئىچىدىكى ئۇبۇنتۇنى ئاساس قىلىپ ياسالغان بولغاچقا سىستېمىنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى ئۇرنۇتۇپ سىستېمىنى ئۇيغۇچە قىلىپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.بۇ سىستېمىدا ۋىندوس سىستېمىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان دېتاللىرى ئىشلەيدۇ.ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىدىغان چ چ ،شۈنلى،سىكايىپ ھەرخىل ئۇيۇنلار .........................قاتارلىقلارنى بىمالال ئىشلىتەلەيسىز.بۇ لىنۇكىس سىستېمىلار ئىچىدىكى ۋىندوس مۇھىتىدىكى دېتاللار ئەڭ ياخشى ئىشلەيدىغان ئۇيغۇچە سىستېما بۇلۇشى مومكىن.

چۈشۈرۈش ئادىرېسى:www.linuxdeepin.com

http://www.linuxdeepin.com/download

قاچىلاش ئۇسۇلى:

بۇ سىستېمىنى قاچىلاش يۇقىردىكى ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىنى قاچىلاش  ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش.

ئۇبۇنتۇنىڭ باشقا نەشىرلىردىن يەنە mythbuntu ،gobuntu ،Ubuntu-Core،ubuntu-cloud-live،ubuntustudio  قاتارلقلارمۇ بار.

يۇقارقى مەن تۇنۇشتۇرغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۈستەل يۈزى نۇسخىسى مۇلازىمىتىر نۇسخىسنى ئايرىم تېمىدا توختىلىمەن.

ئۇنىڭدىن باشقا لىنۇكىس سىستېمىلرىنىڭ ئىچىدىكى ئۇبۇنتۇنى ئاساس قىلىپ ياسالغان يەنە باشقا نەشىرىلىرىگىمۇ سىستېمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى قاچىلاپ كۆرۈنمە يۈزنى ئۇيغۇچە قىلىپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.

6-ۋىندوس سەككىز كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېمسى

ۋىندوس 8 مەشغۇلات سىستېمسىمۇ يېقىدا ئۇيغۇر تىل يېزىقىدا تارقىلىشقا باشلىدى .بۇ سىستېما ھەقلىق بولغاچ بۇ يەردە بەك كۆپ توختالمايمىز.

چۈنكى بۇ سىستېما ھەقلىق سىستېما بۇلۇپ سېتىۋىلىشقا قۇربىتى يىتىدىغان كىشلەرنىڭ سىستۋىلىپ ئۇيغۇر تىل يېزىقمىزنىڭ ھۇزۇرنى سۈرسە بۇلىدۇ.

يازمىغا قارىتا خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا تۈۋەنچىلىك بىلەن ئالدىن ئەپۇ سۇرايمەن .ئاللا بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ ئاسان قىلىسۇن .ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرىڭلار بولسا ئىنكاس قالدۇرشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

 

ھازىر 24 پارچەباھا بار بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان :18 پارچە : بىلوگىر :6 پارچە

  1. مەردان116 China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى14:09:23  -49قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    دىۋان مىنىڭ بولدى :mrgreen:


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى14:11:00  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      مۇبارەك بولسۇن داۋاملىق قەدەم تەشىرىپ تۇرالا……….ئەزىز جانلىرى سالامەت بۇلسۇن

  2. ئىبرايىم China Google Chrome Windows : 2012-يىلى12-ئاينىڭ20-كۈنى20:06:00  -48قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپسىز، رەھمەت

  3. islam151 China Google Chrome Windows : 2012-يىلى12-ئاينىڭ22-كۈنى01:37:15  -47قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    linux deepin。 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ سىستىمىغا ئۇيغۇرچە قاچلاش چەريانىنى مەن بىلەلمىدىم ياردەم قىلڭە.


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-يىلى12-ئاينىڭ22-كۈنى18:58:00  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇرچە قاچىلاش بىلەن ئوخشاش بۇ توغۇرلۇق بىلوگدا يازما بار

  4. ياقۇپجان بەگمۇراد China Internet Explorer Windows : 2012-يىلى12-ئاينىڭ26-كۈنى18:27:47  -46قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن بۇرۇن سىستىما بىخەتەرلىكى تۈغۇرلۇق بەك كۆپ ئاۋارىگەرچىلىككە ئۇچرىغان . ھە دىسىلا نەچچە كۈندە بىر سىستىما قاچىلاپ ، شۇچاغدا ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تاپالمىغانتىم. يىقىندىن بۇيان تور ئارىلاپ يۈرۈپ لىنوكىسنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاپ قالدىم . بىزدەك نامراتلار ئالمىنىڭ كومپىيوتىرنى ئالالمايدىكەنمىز، ئۇنىڭسىزمۇ ئالمىنىڭ نورغۇن يىتەرسىزلىكلېرى ئاشكارىلانغىلى تۇردى. ئۇ پەقەت شۆھرەت بۇلۇپ قالدى خالاس . قىسقىسى ئوبۇنتۇنىڭ كومپىيۇتىرسەپلىمىسگە قارىتا قانداق ئۆلچەملېرى ئاندىن ئۇنى يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر نەدىن باشلاپ ئشلىتىش توغرىلۇق مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز رەھمەت ! ئاۋارە قىلدىم.


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-يىلى12-ئاينىڭ26-كۈنى22:58:29  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالدى بىلەن بارماق دىسكىدىن بىرگە سىستېمىنى ئۇيۇپ شۇنىڭدىن قوزغىتىپ ئىشلىتپ كۈرۈڭ.
      ئاندىن قوش سىستېما قىلىپ بىر مەزگىل ئىشلىتپ ئەلمى تەلمىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن يالغۇز ئۇبۇنتۇنىلا قاچىلاپ ئىشلەتسىڭز بۇلىدۇ.قاچىلاشقا مۇناسىۋەتلىك يازما بىلوگدا بار .قېيىنچىلىققا يۇلۇقسىڭز بىلو گ چ چ توپىدا خەت يازسىڭز بۇلىدۇ.توپ نۇمۇرى بىلوگ يان تەرەپ سىتۇندا بار

  5. islam151 China Google Chrome Windows : 2012-يىلى12-ئاينىڭ27-كۈنى23:21:51  -45قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر ئىكىس چۇشمەس بۇپ قاپتۇ قاراپ باقسىڭىز بۇپ تىكەن

  6. islam151 China Google Chrome Windows : 2012-يىلى12-ئاينىڭ27-كۈنى23:22:17  -44قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    قېنى بىر ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويمامسىز

  7. ئېلىي China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى01-ئاينىڭ01-كۈنى16:48:39  -43قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەنمۇ ئۇيغۇرچەسېستىمائشلىتىش ئويغاكەلگەن شۇwndowsئىشلىتىپ جېق تۇيۇپ قېنىپ كەتتىم لېكىن شۇ ubuntuقاچىلىسام سېستىماقوزغىلىدۇ لېكىن كۆرسەتكۇچ كارتاتۇنىمىغاندەك سېستىمايۇزىگەكىرەركىرمەي ھېچنىمىنى كۆرگىلى بولمايدۇبەك رەڭلىك شۇسەۋەپ كۆرسەتكۇچكارتىنىڭ قوزغاتقۇچىسىنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ
    شۇنىڭغا بىرئامال قىلدىغان ئۇسسۇل بولسايول كۆرسەتسىڭىزكۆرسەتكۇچكارati6750ئىدى ئىلگىرى invdaكۆرسەتكۇچ باردا ئۇنداق ئەمەستى :!:


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى01-ئاينىڭ02-كۈنى10:04:22  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      بۇلىدۇ ئاۋۋال قاچىلاپ ئاندىن ماڭا ئۇچۇر قىلىڭ شۇ چاغدا مەن قاچىلاش ئۇسۇلىنى دەپ بېرەي

  8. ئېلىي China Mozilla Firefox Windows : 2013-يىلى01-ئاينىڭ02-كۈنى12:00:20  -42قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    تۇنۇگۇن بىركۇن شۇubuntu12.4 نىقاچىلىغان قاچىلاپ بوپ قايتاقوزغۇتۇپ سېستىمىنى ئىشلىەي دىگەندە يۇقارقىدەك ئەھۋال يۇزبىرىپ يەنەwindowsقاكۆچتۇم سىزگەتۇنۇگۇن يوللىغان ئىنكاسنى سىناپ ئشلىتىش تۇردىن قوزغۇتۇپ ئاندىن ئىكاس يازغان ئىدىم شۇ سىناپ ئىشلىتىش تۇردىن قوزغاتسام بىردەم شۇنداق ئەھۋال يۇزبىرىپ بىردەمدىن كىيىن ئوڭشىلىدۇ ait6750كۆرسەتكۇچ كارتىلىق كومپىيوتىرغانۇرمال قاچىلاش ئۇسسۇلىنى ياكى ئاشۇ كاشىلىنى ئوڭشاشنىڭ ئۇنۇملۇك ئۇسسۇلىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز يەنەبىرتەۋەككۇل قىلىپ قاچىلاپ باقارئىدىم :oops:


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى01-ئاينىڭ03-كۈنى18:14:14  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      بۇلىدۇ

  9. islam151 China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى01-ئاينىڭ15-كۈنى00:46:39  -41قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن كىنو فىلىم ئىشلەشكە قىزقاتتىم بۇخىلدىكى دىتاللار بارمىدۇ. بولۇپمۇ فورمات ئوزگەرتىدىغان دىتاللار بۇلسا بولاتتى


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى01-ئاينىڭ15-كۈنى19:21:10  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بىلوگدا بۇ توغۇرلۇق يازمىلار بار شۇنى كۈرۈڭ

  10. سەھەرمەن China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى09-ئاينىڭ16-كۈنى00:34:02  -40قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلاش ئۇسۇلى : مىنڭ نىمىشقا ئىچىلمايدۇ

  11. سەھەرمەن China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى09-ئاينىڭ16-كۈنى00:34:29  -39قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    پەقەس چۈرەلمىدىم

  12. سايرام China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى09-ئاينىڭ30-كۈنى18:02:03  -38قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    دوسلا ئۇبۇنتۇ دىگەن نېمە بۇ سېستىمنى نېمىگە ئىشىلتىدۇ چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار بوپتىكەن

    • بەگمۇراد China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى08:56:30  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ئۇبۇنتۇ دىگىنىمىز بىز ئادەتتە پۇچتا تىلگىراف،بانكا،شىركەت-كارخانالاردا كۆرىدىغان، مەكتەپتە دەرس قىلىپ ئۈتىدىغان، تورخانىلاردا بالىلار خۇماربۇلۇپ ئوينايدىغان سەخسىيلەر ئويىدە ئىشلىتىدىغان «كومپىيوتىر» دەپ ئاتىلىدىغان(بەزى مازلاردىيەنناۋ‹电脑 》دەۋالىدىغان ) ئىكرانى بار( بۇرۇن تىلۋىزوردەك يوغان ئىران ئىشلىتەتتى ھازىركۆپىنچە نىپىز ئىكران ئىشلىتىلىدۇ) بىر ساندۇقى بار،ئۇنىڭدىن نۇرغۇن سىملار چىقىدىغان بۇلۇپ بىرىدىن چاشقاندەك بىر نەرسە چىقىدىغان،يەنە ئۈستىدە نۇرغۇن كۇنۇپكىلار بار تاختايدەك بىر نەرسە،بەزىدە يەنە ئاۋاز ياڭراتقۇ چىتلىدىغان ياكى «خاتىرەكومپىيوتىر» دەيدىغان قاتلىسىڭىز قىلىن خاتىرىدەك ئاچسىڭىز بىر تەرىپى ئىكران بىر تەرىپى كۇنۇپكا تاختىسى بۇلىدىغان، ئىلىپ يۈرگىلى بۇلىدىغان، تور سىمى ئۇلاپ تورغا چىققىلى بۇلىدىغان قىزىقىپ قالسا ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان بۇ نەرسىگە قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان نەرسە.
      ئادەتتە نۇرغۇن كىشلىرىمىز بۇ كومپىيوتىر دىگەن نەرسىگە ئىچىلغاندا كۈك رەڭنى ئاساس قىلغان ئىكراندا Windows دەپ خەت چىقىپ ئىچىلىدىغان ئىچىلغاندىن كىيىن ئىچى پۈتۈنلەي خەنزۇچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇرچە تور بىكەتلېرى بولسىمۇ ئەمما بەكلا تەستە ئاران ئۇيغۇرچىنى نورمال كورۈنىدىغان قىلغان يەنى مەخسوس كىشىلەر قىپ بەرمىسە باشقىلار قىلالمايدۇ. ئۇيغۇرچە خەت يىزىپ كومپىيوتىڭىزدا ساقلاپ قويماقچى بولسىڭىز نورغۇن ئاۋارىچىلىقتا ئاران يازالايسىز. ئەمما بۇ خەتلېرىڭىزنى باشقا كومپىيوتىردا ئاچسىڭىز ئۇيغۇرچە خەتلەر بىۋاستە نورمال كورۇنمەي يەنە بىر مۇنچە قېرىشىشقا توغراكىلىدىغان سىزيازغان خەتنى ئۆزىڭىزدىن باشقا بىرى ئۇقۇيالمايدىغان قىسقىسى ئۇيغۇرچىنى ئانچە قوللاپ كەتمەيدىغان بىر نەرسىنى (سىستېمىنى ) قاچىلاپ ئىشلىتىدۇ. بۇ مۇشۇنداق ئومۇملاشقان. نۇرغۇن كىشىلېرىمىز مۇشۇنداق جاپالىق شارائىتتىمۇ يەنىلا بۇ كومپىيوتىر دىگەن نەرسىنى سۈيۈپ ئىشلىتىدۇ.ئەمما بىز بۇ يەردە تۇنۇشتۇرۋاتقىنىمىز بولسا قۇلايلىقلاشتۇرۇلغان ئۇبۇنتۇ (ئۇيغۇرئىكىس) دىگەن نەرسە (سىستېما) بولسا ئاشۇ كومپىيوتىرغا قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان نەرسە بۇلۇپ قىزىل رەڭنى ئاساس قىلغان ئىكراندا ubuntu دىگەن خەت چىقىپ ئىچىلىدۇ. ئىچىلغاندىن كىيىن كورۈنمە يۈزى ئىنتايىن چىرايلىق سىنبەلگىلېرى كوركەم، خەتلېرى ئۇيغۇرچە ئادەتتە غوللۇق خەت نۇسخسىغا ئوخشاپ كىتىدىغان خەت نۇسخسىدا تەڭشەلگەن. ئۇيغۇرچىنى يىلتىزىدىن قوللايدۇ، ئۇيغۇرچە خەت ۋە بىكەتلەرنى ئىنتايىن بىمالال ۋە ئازادە زىيارەت قىلايسىز،خەتلەر ھازىرقى ئاندىرويىد تىلفونلېرىدەك ئەرەپچە ئارىلاش ياكى غەلىتە كۆرۈنۈپ قالىدىغان ئىشلار يوق.ئولچەملەك ئۇيغۇريىزىقى بۇيىچە ئىلىتەلەيسىز. ھىلقى كۆنۈپ قالغان كۈك رەڭنى ئاساس قىلغان سىستېمىدىن ئۇيغۇرئۈچۈن مىڭ ياخشى دەپ قارايمەن بۇ نەرسىنى . بۇ نەرسە شۇنداق ياخشى بولسىمۇ نۇرغۇن كىشى تازا ياخشى چۈشەنمەيدۇ، مەسلەن ؛ قوزغاتقۇچلېرى تۇلۇق ئەمەس،قالايمىقان كود دىگەندەك …بۇنداق گەپلەرگە قەتئىي ئىشەنمەڭ ! بۇ بەلكىم نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار بۇلىشى مۇمكىن. مۇنداق دىسەم بۇ يىڭى چىققان سىستېما دەپ قالماڭ بۇ سىستىمىنىڭ تارىخى بەك ئۇزۇن ئەمما بۇرۇن تۇرمۇشتا ئىلىتىلمەي چوڭ-چوڭ ئاپپاراتلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.مەسلەن ھەربىي دىگەندەك چۈنكى بۇ سىستېمىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مەخپىيەتلىك ساقلاش ئىقتىدارى يۇقىرى.
      بۇ نەرسىنىڭ (سىستېما) يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ھىلقى كۆك رەڭنى ئاساس قىلغان سىستىما بىلەن بىر كومپىيوتىرغا قاچىلاپ ئىككىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز ياكى مەلوم دىتاللارنىڭ ياردىمىدە ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتەلەيسىز. ئەمما بۇ جەريانلار ئىنتايىن ئاسان.سىز بۇ نەرسىدە بارلىق مەشغۇلاتلېرىڭىزنى ئىنتايىن ئاسان ھەم قۇلايىق بىر تەرەپ قىلايسىز. چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال،قېرى -ياش ھەممەيلەنگە ماس كىلىدۇ. ھىلىقدەك ئادەمنى خىجىل قىلىدىغان رەسىم ياكى سىن ئىلانلېرى يوق ئەگەر چىقتى دىيىلگەندىمۇ گوليىپ تورالمايدۇ،ئاسانلا بىر تەرەپ قىلىۋىتىپ ئۆز مەشغۇلاتىڭىزنى ئىخىيارىي قىلايسىز.بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز.
      بۇ نەرسىنى كومپىيوتىرغا قاچىلاپ ئىشلىتىشمۇ ئىنتايى ئاسان. سىز بىكەتنى ۋە ئازادە-ئۇيغۇر-ئىكىس بىلوگى http://www.auyghurix.com نى بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقسىڭىزلا بۇ نەرسىنى كومپىيوتىڭىزغا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز.

  13. كۆكزات China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى10-ئاينىڭ10-كۈنى01:05:54  -37قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئۇ بىر كومپىتىرlinux مەشخۇلات سىستىمىسى.win xp, win7بولسا بىز دائىم ئىشلىتىدىغان سىستىما بولۇپ ئۇبۇنتۇ نى ناھايتى ئازىشلىتىدۇ.

    • كۆكزات China Google Chrome Windows : 2013-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى19:24:02  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ئۇبۇنتۇ ھەر يىلى ئىككى قىتىم يىڭى نەشىرنى ئىلان قىلىدۇ .ئۇيغۇر ئىكىسمۇ ھەريىلى ئىككى يىڭى نەشىرنى ئىلان قىلسا بولمامدۇ.

  14. ئابلىكىم China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى15:50:23  -36قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتامەنلار مەن ئويغۇر ixنى بەك ياخشى كۆرەتتىم لېكىن قاچلاشنى بىلەلمىدىم ياردەم قىلساڭلار

    • سەبىرقادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى10-ئاينىڭ21-كۈنى03:32:24  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىزگە قانداق ياردەم قىلسام بۇلار ؟
      ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز 18040792543 گە تېلفۇن قىلىڭ . سېستىما قاچىلاش نۇردىسكىسىدىن بىرنى سوۋغا قىلىمەن ياكى قاچىلاشنى ئۈگىتىپ قۇيىمەن .
      ياكى بولمىسا http://bbs.misranim.com/thread-110294-1-1.html
      بۇ ئۇلىنىشتا مەن ئادەتتىكى تەجرىبەم بۇيىچە تەييارلىغان مەزمۇنلار بار شۇ يەردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ . سىزگە ئامەت تىلەيمەن .

  15. سەبىرقادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى10-ئاينىڭ21-كۈنى03:12:24  -35قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئۇبۇنتۇنىڭ يېڭى نەشرى 13.10 نىڭ چۈشۈرۈش مەنزىلى http://releases.ubuntu.com/saucy/

يازمىغا قارىتا ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرىڭز بولسا بۇ يەرگە قالدۇرۇڭ.

باش سۈرىتىڭز يوقمۇ؟


This site is protected by WP-CopyRightPro