ئۇبۇنتۇ ۋە ئۇيغۇر ئىكس سىستېمىسنى قاچىلاش ئۇسۇلى
ئالدىنقى يازمىلاردا كۆپچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ئىكس ۋە ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستمېىسنى قاچىلاش جەرىياندا بەزىلەرنىڭ يالغۇز ئۇبۇنتۇ ياكى ئۇيغۇر ئىكس مەشغۇلات سىستمېىسنى ئىشلىتىش ئارزۇسىدا بولىۋاتقانلىقىنى (يەنى ھازىر ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان ۋىندوس سىستمېىنى يۇيۋىتىپ ئورنىغا ئۇبۇنتۇ ياكى ئۇيغۇر ئىكسنى قاچىلاپ ئىشلەتمەكچى بولغانلىقى) دەپ قاچىلاش جەرىياندا قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغانلىقىنى بولسا بۇ توغۇرلۇق دەرىسلىك ئىشلەش تەكلىۋىنى بەرگەن ئىدى.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن بۇ توغۇرلۇق دەرىسلىك ئىشلەپ يوللاندى.دەرسلىك گەرچە ئاۋازسىز يوللانغان يولسىمۇ لىكىن ئۇنى بىر قېتىم تەپسىلى كۈرۈپ چىقسىڭز قاچىلاش جەرىيانىنى بىمالال تاماملىيالايسىز.
قاچىلاشقا كىتىدىغان قۇراللار:
1-ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسسى ياكى ئۇيغۇر ئىكس مەشغۇلات سىستمسى. (قايسىنى قاچىلىماقچى بولسىڭز شۇنى چۈشۈرسىڭز بۇلىدۇ.چۈشۈرۈش ئورنى قۇتبەگ بىلوگى يان تەرەپ سىتۇنىدا بار.بۇ بىۋاستە ئورگان تەرەپ بىتىدىن چۈشۈرۈش ئۇلىنىشى خاتىرجەم چۈشۈرۈڭ.)
2-بىر دانە بارماق دىسكا (1 گىگا بايىتىن چوڭ بولسا بۇلىدۇ.)
3- ultraiso دسكا ئۇيۇش دېتالى .
چۈشۈرۈش ئادىرېسى:
http://www.ezbsystems.com/ultraiso/download.htm
http://www.crsky.com/soft/1134.html
سىستېمىنى بارماق دىسكىغا ئۇيۇش ئۇسۇلى:
ئۇيغۇر ئىكىس سىستېمىسنى بارماق دىسكىغا ئۇيۇش ،بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ ئىشلتىش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى
سىستمېنى قاچىلاش جەرىيانى فىلىم:
قاچىلاش جەرىياندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
سىستمېنى قاچىلاش ئۈچۈن بارماق دىسكدىن سىستېمىنى قوزغىتىپ قاچىلاش تىل تۈرنى تالىغاندىن كېيىن(قاچىلاش جەرىيانىنى بىۋاستە ئۇيغۇرچە ئىلىپ بارغىلى بۇلىدۇ.)سىناپ ئىشلىتىپ بىقىش ۋە قاچىلاش دەپ تاللاش تۈرىدىن خالىغان بىرنى تاللاپ مەشغۇلاتىسڭزنى داۋاملاشتۇرسىڭز بۇلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم نوقتا س دىسكا رايۇنى فورماتلاپ دىسكا فورماتىنى ext4 قىلىپ بەلگىلەش ۋە بۇنى سىستېما دىسكا رايۇنى قىلىپ بەلگىلەش...................
دەرىسلىكىنى تەپسىلى كۈرۈپ چىقسىڭز چۇقۇم قاچىلىيالايسىز.ئەگەر قايتا يەنە ۋىندوس سىستما قاچىلىماقچى بولسىڭز س دىسكا رايۇنىنى قايتىدىن ntfs كە فورماتلاپ ئاندىن ۋىندوس سىستمېىنى قاچىلاپ ئىشلەتىڭز بۇلىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار،مەن ئۇيغۇر ئىكىسنى قوش سىستىما قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن نۇر دىسكىغا ئۇيۇپ ،قاچىلاشقا بۇيرۇق بەرگەن ئىدىم .قاچىلاش مەشخۇلاتى داۋاملىشىپ .( قوش سىستىما قىلىپ ئىشلىتەمسىز–ياكى ۋىندوۋىسنىڭ ئورنىغا بېسىپ قاچىلامسىز–ئاندىن باشقىچە قىلىش )-دىگەن جايدىن زادى ئۈتەلمىدىم.بۇ ئۈچ ئۇرۇننىڭ قايسىغا كىرىمىز،،،؟بىرىنجىسغا كىردىم ،داۋاملىشىپ مېڭىپ،ئۈزۈم قاتتىق دىسكىدىن قاچىلاشقا تەييارلىغان،دىسكا ئورنىنى،يەنى ئېى دىسكامنى كۆرسۈتۈپ بىرەلمىدىم.ئۈستىدە 500 ج دەپ خەت تۇردۇ–ئاستىدا،قاتتىق دىسكىنى ئىككىگە بۈلۈپ .ئالدى بۈلەك 32 ج كەينى بۈلەك 74 ج دەپ توردۇ ،بۇنى يۈرۈشتۈرۈپ باقتىم ،ئاندىن قاچىلاشقا بۇيرۇق بەرسەم ،يانا بىر نىمە دەيدۇ.بۇ يەردىن ئۈتەلمەي ،ئارقىغا قايتىپ .ئۈچۈنجى تاللاشقا كىردىم يەنى باشقىچە قىلىش دىگەن ئۇرۇنغا..ئۇ يەردە ئورنىتش كۆزنىكى دىگەن جايدىن ،ئۈزۈم قاچىلىماقچى بولغان ،قاتتىق دىسكىنى تاللاپ بۇيرۇق بەرسەم غول دىسكىنى بىر نىمە قىلمىدىڭىز دەپ چىقىۋالدى بۇ ئۆتكەلدىنمۇ ئۈتەلمىدىم .—شۇڭا ئۇستازلار بىر ياردەم قىلساڭلا —بۇ ئىكىسنى نۇر دىسكىدىن قوزغاپ قاچىلاپ،قوش سىستىما قىلپ ئىشلىتىش ئۈچۈن .بۇ ئۇرۇنلارنىڭ قايسىغا كىرىپ قانداق ئىشلارنى قىلسام بۇلىدۇ…ئاندىن بەلگىلەنگەن قاتتىق دىسكا ئورنىنى قانداق بىكىتىمەن. تەپسىلىرەك قىلىپ بىر ئېيتىپ بەرسەڭلا.بەك خوش بوپ قالاي ياردىمىڭلارنى ھەرگىز ئايىمىغايسىلە ئۇستازلا.
بۇ دەرىستە يالغۇز قاچىلاش كۆرسىتىلىپتۇ ..مەن ئۇيغۇر ئىكىس بىلەن قوش سىستىما قىلىپ ئىشلەتمەكچى ئىدىم …قاتتىق دىسكامدىن 50 ج لىق ئۇرۇننىمۇ بۈلۈپ تەييارلاپ قويغان ئىدىم .ياردەم قىلىشىڭلارنى سۇرايمەن.
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
بۇلىدۇ
ئۇيغۇرئىكىس سېستىمىسىنى نۇردېسكىغا ئويۇپ قاچىلىدىم .
تىل تاللاش، كونۇپكا تاللاش ، رايون تاللش نى داۋاملاشتۇردۇم ، بىراق ئابونت رەسىمىنى تاللاپ بولۇپ داۋاملاشتۇرۇش نى چەكسەم داۋاملاشمىدى … بۇ نىمە ئۈچۈن ؟
ياردەم قىلغان بولسىڭىز .
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
كومپىيوتىرىنى توردىن ئۈزۈۋىتىپ قاچىلاپ سىناپ كۈرۈڭ
مەن بىر خاتىرە كەمپۇتەرگە ئۇيغۇرئىكىسنى بارماق دىسكا ئارقىلىق قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلغان. لېكىن رەسىمىڭىزنى بەلگۈلەمسىز دىگەن ئورۇندىن ئۈتەلمىدىم. ۋىندوۋىسنى قوزغۇتۇپ قارىسام ،بەلگۈلەنگەن دىسكا ئۇچۇق ھالەتتە ئۇيغۇرئىكىسنىڭ سېستىما ھۆججەتلىرىنى ساقلاپتۇ.
بىرنەچچە قېتىم سىناق قىلىپمۇ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولمىدى.ئىككىنجى خىل تاللاشنى ئېلىپ بارلمىدىم.چۈنكى كەمپۈتەر مىنىڭ ئەمەس ئىدى. ئۈچىنچى خىل تاللاش ئارقىلىق قاچىلاشقا جۈئەت قىلالمىدىم. ئۈزەمنىڭ كەمپۈتىرى بولغان بولسا ئىدى ، ىېممىنى يوق قىلىۋېتىپ ئۇيغۇرئىكىسنىلا ئىشلەتكەن بۇلار ئىدىم. چۈنكى مەن تورنى ۋە بەزىبىر ئاددى شەخسى مەشغۇلاتلارنى قىلالىساملا بۇلاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىكىسنى تۇلۇق چۈشىنىپ كىتىشىممۇ زۈرۈر ئەمەس ئىدى. خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچىنى بىلمەيدىغانلار ۋە بىلىدىغانلارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) ياخشى دوستى ئۇيغۇرئىكىس مەشغۇلات سېستىمىسى ساڭا ئاق يول تىلەيمەن.
ئۇيغۇر ئىكسنىڭ wubi-hdئارقىلىق قاچىلاش دىتالىنى تەمىنلىسەڭلار بولاتتى.لازىم بولوپ قالىدكەن ئادەمگە.
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ئۇنداق قاچىلىغىلى بولمايدۇ……
ئۇيغۇرئىكىسنى بارماق دىسكىغا ئويۇش ئۇسۇلى بويىچە دىۋىدى دىسكىغا .ويساقمۇ بۇلامدۇ
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ھەئە……
: ئەسسالامۇئەلەيكۇم.ھورمەتلىك ئۇستازلار ھەرقايسىڭىزلارنىڭ يول كورسىيىشى ھەم دەرىسلىك غىلىمىڭلارنى ورۇش ئارقىلىق ئوبۇنتۇنى ئوڭۇشلۇق كومپىيۇتۇرۇمغا قاچىلىغان ئىدىم بىراق كومپىيۇتۇر مەشغۇلاتىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىدىن تورغا ئۇلىغاندا مەخپى نۇمۇر يازىدىغان ھەم كومپىيۇتۇر ئېچىلغاندا چىقىدىغان پەستىكى كومپىيۇتۇر بەلەىسى دىگەنلەرنە چىقىرالمىدىم.مۇمكىن بولسا.ياردەم قىلساڭلار.يەنە ئۇيغۇر ئىكىسپى ياكى ئوبۇنتۇ ئىشلەتكەنلەر.ئادەتتىكى ئىكىسپى ئىشلەتمەكچى بولسا تەڭشەيدىغان ئورنىمۇ دەپ بەرگەن بولساڭل مەندەك بىلمەيدىغانلار. بىر بىلىۋالسا.تەلىپىم. كوپ بوپكەتكەن بولسا خاپا بولماي پىكىرىمنى ئوچىىرىۋەتسىڭىز.ئورۇنلۇق دەپ قارسىڭىز.دەپ بەرگەن بولسىڭىز.بولۇپمۇئادەتتىكىسستىما قاچىلىغاندا تەڭشەيدىغان ئورۇنغا قايسى يەردىن كىرىشنى.
مۇبارەك بولسۇن ، ئېلىجان مەمتىمىن ئەپەندىم ، سىزگە قانداق ياردەم قىلالايمەن ، ئۇيغۇرئىكىس ئۇبۇنتۇغا قەدەم ئالغىنىڭىز ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى … ئۈستىدىكى يازمىڭىز سەل مۈجمەل بوپ قاپتۇ ، نىمنى بىلەلمىگىنىڭىزنى ئاڭقىرالمايۋاتىمەن . ئەگەر ئۇيغۇرئىكىس ياكى ئۇبۇنتۇ سېستىمىسىنى ئۇڭۇشلۇق قوزغىتىۋالغان بولسىڭىز ، تور كۆرگۇدە web.qq.com گە كىرىپ ، چ چ نۇمۇرىڭىزدا مىنى يەنى 2304855410 نى ئۇلاڭ ياكى 321153472چ چ توپىغا كىرىپ ئىزدەڭ . مەن سىزگە چۇقۇم ياردەم قىلىمەن .
ئەلتىكىن ئەپەندىمنىڭ ۋاختى بەك قىس . بىز ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللىشىمىز كېرەك . ئۇيغۇرئىكىس (ئۇبۇنتۇ ) دىن ئالدىراپ زىرىكىپ قالماڭ ، بىرەر ھەپتىدىن كىيىن ۋىندوۋىستىن ياخشى ئىكەنلىگىنى چۈشىنىپ قالىسىز …
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بىلوگدا بۇ ھەقتە تەپسىلى يازما بار