ھازىرىقى ئورنىڭز :باش بەت > > فىلىم بىتى
ئوبۇنتۇ ھەققىدە ئېلان
    ئېلان قىلىنغان ۋاقىت :2012-يىلى 04-ئاينىڭ15-كۈنى    
ئوبۇنتۇ ھەققىدە ئېلان

ئوبۇنتۇ ھەققىدە ئېلان

يەنە 15 كۈندىن كېيىن ئوبۇنتۇ 12.04 ئېلان قىلىندۇ.بۇ خەنلەرنىڭ ئوبۇنتۇ ھەققدىكى ئېلانى ئىكەن خىلى ئۆزگىچە ئىشلەپتۇ شۇڭا بۇيەرگىمۇ يوللاپ قويدۇم كۈرۈپ بېقىڭلار.

ھازىر 16 پارچەباھا بار بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان :12 پارچە : بىلوگىر :4 پارچە

  1. nurqut China Netscape Navigator Windows : 2012-يىلى08-ئاينىڭ05-كۈنى10:42:02  -49قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسەلاممۇ ئەلەيكۇم!

  2. سەبىرقادىر China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى02-ئاينىڭ14-كۈنى13:44:17  -48قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    خەتنى قانداق تەڭشەيمەن


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Google Chrome Linux : 2013-يىلى02-ئاينىڭ15-كۈنى01:36:54  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      قايسى خەتنى ؟ بۇ ھەقتە بىلوگدا تەپسلى يازما بار شۇنى كۆرۈڭ

  3. سەبىرقادىر China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى02-ئاينىڭ14-كۈنى13:46:04  -47قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مىنىڭ دىمەكچى بولغغۇنۇم، ئىنكاس يازغاندا ئىشلىتىدىغان دوسكىدىكى خەتنىڭ شەكلىنى قانداق تەڭشەيمەن .

  4. سەبىرقادىر China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى02-ئاينىڭ14-كۈنى14:01:26  -46قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بۈگۈن مەن تۇلىمۇ خۇشال ، نىمىشقا دىسەڭلار ، كومپيۇتىرىمغا ئۇيغۇرئىش ئۇبۇنتۇنى چىرايلىق قاچىلىۋالدىم .قاچىلىمىغان بولساڭلار بىر قاچىلاپ قۇيۇڭلار ، شۇ كەشپىياتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىمەن دەپ خالىس جان پىدا قىلىۋاتقان ئوتيۈرەكلەرنىڭ مۇرادى ھاسىل بولسۇن ،ئۇلار بۇ سېستىمىنى بىزنى ئىشلەتسۇن دەپ ياساپ چىقتى … سىلەر كۆرسەڭلارمۇ خوش بولماي قالمايسىلەر … ئەگەر قاچىلاشتىن قورقساڭلار ياكى كۈچۈڭلار يەتمىسە ئۈرۈمچىدە بولساڭلار مىنى بىۋاستە ئىزلەڭلار،ئورنۇم : ياشلار باغچىسىدىن ئاق بوز ئات رېستۇرانىغا بارىدىغان يولغا كىرىپ 100 مىتىر ماڭسىڭىز ، «ئىزتاپ » دىگەن ۋىۋىسكىنى كۈرىسىز، تېلفۇنۇم 09918213313. يىراقتا بولسىڭىز تېلفۇن قىلىڭ، ياكى مۇڭداشقۇ«2304855410 »غائىنكاس قالدۇرۇڭ . خەت يوللىسىڭىز ئادرىسىم :sebir825@gmail.com. تىز كەلسىڭىز خالىس مۇلازىمەت قىلىمەن …

  5. سەبىرقادىر China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى02-ئاينىڭ14-كۈنى14:03:42  -45قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    كەچۈرۈڭلار ، بۇ يەردىكى خەتنى تەڭشىيەلمەي ئىملانى بۇزۇپ قويدۇم …

  6. سەبىرقادىر China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى02-ئاينىڭ14-كۈنى14:54:32  -44قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    uyghurix غا بولغان ئىنكاسلىرىمنى داۋاملىق يوللايمەن . بۈگۈن قاچىلاشنىڭ ماڭا يارىغان بىر ئاسان ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇراي . uyghurix1.0.iso نى قاتتىق دىسكىڭىزغا قۇلايلىق ئورۇنغا ساقلاڭ. سىز بۇرۇن ئۇبۇنتۇ سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولسىڭىز ئۇبنتۇ سېستىمىسىنىڭ ئۈزىدىكى قوزغۇتۇش دىسكىسى ياسىغۇدىن پايدىلىنىڭ .
    يۈتسە بولمايدىغان نەرسىلەرنى بىخەتەر جايغا يۆتكىۋېتىپ بولغاندىن كېيىن ، بۇ پىرىگىراممىنى ئېچىپ ، قاچىلىماقچى بولغان ئۇيغۇرئىشنى ئەكىرىڭ. نەگە قاچىلاش كېرەكلىگىنى كۆرسەتىڭ ، يەنى ، 4گىگابايىتلىق
    بارماق دىسكىنى كومپىيۇتىرغا ئۇلاپ شۇنى كۆرسىتىپ بىرىڭ.فورماتلاپ تەييارلاشنى باشلاڭ .تەييار بولغاندىن كېيىن ، كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغاپ ، بارماق دىسكىدىن قوزغۇتۇشقا تەڭشەڭ، ياكى f12 (بەلكىم سىزنىڭ كومپىيۇتىرىڭىزدا باشقىچىدۇر) نى بېسىپ تۇرۇۋالسىڭىز قايسى دىسكىدىن قوزغۇتۇشنى تاللايدىغان يەر ئېچىلىدۇ.بارماق دىسكىدىن قوزغاپ ئاۋال سىناق ئىشلىتىشنى تاللاپ بىر كىرىپ كۈرۈپ چىقىڭ. خاتىرىڭىزنى جەم قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، ئىكران يۈزىدىكى كومپىيۇتىرغا قاچىلاش پىرۇگىراممىسىنى ئىشلىتىڭ .قاچىلاش جەريانىدا ئىلگىرىكى ئۇبۇنتۇنى ئۈچۈرىۋېتىپ قاچىلاش دىگەننى تاللاڭ . قاچىلاش جەريانىدا تورغا ئۇلىنىشنى توختىتىپ قۇيۇپ تۇرۇڭ .چۈنكى بەزى ئىشلارنى ۋاختى كەلگەندە قىلغىلى بۇلىدۇ .تىزلا قاچىلىنىدۇ ،تامام بولغاندىن كومپيۇتىرنى قايتا قوزغاپ، بارماق دىسكىنى ئېلىۋېتىڭ .مۇۋاپپىقىيەتلىك قوزغالدى ،سىز uyghuix نى ئاسانلا ئىشلىتەلەيسىز .دىققەت قىلىڭكى ،uyghurix دىگەن ئىشلەتكۈچ نامىنى ئۈزىڭىزنىڭ قىلىۋېلىڭ. ئۇسۇلى قۇلۇپنى ئېچىپ .ىمغا uyghurix دەپ كىرگۈزۈڭ ،ئاندىن ئۈزىڭىزنىڭ ئىمىنى ئورنىتىڭ .
    سېستىمىدىكى خەتلەر خۇددى سىزنى خوش قىلىشقىلا ياسالغاندەك چىرايلىق چىقىدۇ .
    ئەگەر سىز windows ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ، قوزغاتقۇچ دىسكا ياسايدىغان باشقا پىرۇگىراممىلىرىنى ئىشلىتىڭ .دىققەت قىلىڭكى چۇقۇم سېستىمىڭىزنى .ۋې لازىم نەرسىلىرىڭىزنى زاپاسلىۋېلىڭ . خاتىجەم مەشغۇلات قىلالايسىز . تەۋىسسىيە … چۇقۇم قاچىلاڭ …ياردەم كېرەك بولسا مەن تەييار …خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلايلى …

    • بەگمۇراد China Internet Explorer Windows : 2013-يىلى02-ئاينىڭ20-كۈنى16:52:25  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم، سەبىر قادىر تۇنۇشۇپ سىزمۇ ماڭا ئوخشاش ئوۇغۇرئىكىس ۋە ئۇبۇنتۇنى يىڭى ئىشلىتىپ ئامراق بۇلۇپ قالغانلاردىن ئۇخشايسىز تۇنۇشۇپ قالايلى . مەن تۇرپاندا مىنىڭىچمۇ ئۇيغۇر لىنۇكىس ھەۋەسكارلېرى پىروگىراممىرلىرلى ھەقسىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بەرگن بۇنداق ئوبدان بىز چۇقۇم ئىشلىتىپ سىناپ بىقىشىمز كىقرەك ئەمما نۇرغۇرغۇن قېرىنداشلېرىمىز ئۇيغۇر ئىكىسنىڭ ياخشىلىقىنى بىلمەيدۇ ئاۋارىچىلىق ھىساپلايدۇ ئەگەر ئۇلار ياخشىراق قاچىلاپ بىرەر ئىككى ئاي ئىشلىتىپ سىناپ باققان بولسا چۇقۇم ئامراق بۇلۇپ قالاتتى .

  7. سېبىرقادىر China Google Chrome Linux : 2013-يىلى02-ئاينىڭ18-كۈنى01:30:01  -43قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن دەۋاتقان دوسكا ئىنكاس يازغاندا ئىشلىتىدىغان مۇشۇ رامكا ئىدى .بۈگۈن يازالىدىم .بەلكىم مەندىكى مەسىلىمىكىن. ئەمما ئۈستىدىكى ئىسىم يازىدىغان كاتەك يەنىلا توغرا چىقمايۋاتىدۇ. يوللىغاندىن كېيىن خەتلەر ھەقىقى چىرايلىق چىقىدىكەن.


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى02-ئاينىڭ18-كۈنى10:11:55  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      مەن بۇنى ئوڭشاپ قۇياي

  8. سەبىرقادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى02-ئاينىڭ18-كۈنى02:01:02  -42قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتقان دوسكىنى دىمەكچىدىم. بۈگۈن خېلى ياخشى .
    ئەمما ئۈستىدىكى ئىسىم يازىدىغان كاتەك يەنىلا ئوخشاش تۇرىدۇ. بەلكەم بۇلار مىنىڭ سەۋىيەمنىڭ تۈۋەنلىكىدىندۇر.

  9. سەبىرقادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى02-ئاينىڭ18-كۈنى02:13:45  -41قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن بىر باش ئاغرىقىغا يۇلۇقتۇم. ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاپ خەتلەرنىڭ كۆركەملىكىدىن مەمنۇن بولغان ئىدىم. كېيىن يېڭىلاش ئېلىپ باردىم.كومپىيۇتىرىمنىڭ سۈرئىتى كœرىنەرلىك تىزلەشتى، ئەمما باشلىنىش كۆزنىگىدىكى ۋە ئىجرا قۇرىدىكى …تور كۆرگۈچتىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ كۈرىنىشى بۇزۇلۇپ كەتتى. ئۆلچەملىك چىقمىدى. بۇنى ئوڭشايدىغان ئۇسۇل بارمۇ .؟ مەن سېستىمىنى يېڭىۋاشتىن قايتا قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن. يېڭىلاش ئېلىپ بېرىشقا ئامالسىز قالدىم. ياردەم قىلغان بولساڭلار.


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى02-ئاينىڭ18-كۈنى10:11:32  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      بارلىق يېڭلاش مەشغۇلاتنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن خەت نۇسخىسىنى ئۈزىڭز خالىغان خەت نۇسخىسغا تەڭشەپ ئىشلەتسىڭز بۇلىدۇ. ubuntu-tweak دېگەن دېتال ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يېتەلەيسىز.يەنى ubuntu-tweak نى قاچىلاپ شۇنىڭدىن خەت نۇسخسى كۆرۈنۈش دېگەنلەرنى قايتا بەلگىلەپ ئىشلەتسىڭز بۇلىدۇ.بۇ ھەقتە بىلوگدا يازما بار………..

  10. سېبىرقادىر China Google Chrome Linux : 2013-يىلى02-ئاينىڭ19-كۈنى12:50:08  -40قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    مەن ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلىغاندىن كېيىن ، ئىشلەتكۈچى نامىنى يەنى uyghrix نى ئۈزەمنىڭ ئىسمىغا ئۆزگەرتىۋالدىم. يېڭىلاش مەشغۇلاتىىنىمۇ قىلدىم، ھەممە كۈرىنىشلەر نۇرمال بولىۋاتىدۇ. غەلىتە بىر ئىش شۇكى ، مەن يەنە بىر‹ ئۆلچەملىك ›ئىشلەتكۈچى قوشۇپ تىزىمغا كىرگەندىن كېيىن ،خەتلەر تازا نۇرمال كۈرۈنمىدى،ubuntu tweak دىن پايدىلىنىپ خەت نۇسخىلىرىنى باشقۇرغۇچى (ھەممىسى نۇرمال) نامىدىكى قوزغالغان ھالەت بويىچە ئوخشاش تەڭشىسەممۇ ئوڭشالمىدى، ئالدىنىقى قېتىمدا مەن uyghurix نامىدا تىزىمغا كىرىپ، يەنە بىر باشقۇرغۇچى ئەزا تىزىمغا ئالدۇرغان. ئاندىن uyghurix دىگەن نامدىكى ئىشلەتكۈچىنى ئۈچۈرىۋەتكەنىدىم، دەسلەپتە نۇرمال ئىدى ، يېڭىلاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، خەتلەر ئەسلىدىكىدەك ياخشى چىقمىغان . قايتا قاچىلىغاندىن كېيىن ، مىن uyghurix دىگەن نامنى ئۈزەنىڭ نامىغا ئۆزگەرتتىم ،ھازىر ھەقىقەتەن نۇرمال . دىمەكچى بولغىنىم مىھمان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نۇرمال ئىشلىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ubuntu tweak دىن پايىلىنىپ تەڭشەشتىن باشقا ،يەنە تەڭشەيدىغان ئورۇنلار بارمۇ ؟


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى02-ئاينىڭ20-كۈنى15:12:27  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      باشقۇرغۇچى نامىدا قىلسىڭز تەڭ دەرىجىدە بۇلىدۇ ۋە نۇرمال بۇلىدۇ.مېھمان قىلىپ ئىشلەتكۈچى قوشىسىڭز ھۇقۇق چەكلىمىسى بولغاچ بولمايدۇ.شۇڭا ئىشلەتكۈچ قوشقاندا شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك.

  11. سەبىرقادىر China Google Chrome Linux : 2013-يىلى02-ئاينىڭ20-كۈنى18:53:04  -39قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئۇيغۇرئىكىسنى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتىم، مەن كومپۈتەر بىلەن ئۇچراشقىلى ئون يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. شۇ جەرياندا ئىشلەتمەكچى بولغان پىرۇگىراممىنىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن كۆپ ۋاختىم خەنزۇ تىلى ئۈگۈنۈش بىلەنلا ئۈتۈپ كەتتى.
    ئەمىلىيەتتە ئۈگىنەلىگىنىم ھىچقانچە بولمىدى. تورلارغىمۇ كۆپ چىقىپ كەتمەيتتىم ،يېقىنقى يىللاردا تورغا چىقىدىغان ۋاقتىممۇ
    چىقىپ قالدى. windows نىڭ ھەرخىل نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىپ باقتىم. ئۇيغۇرچە ۋىستا دىگەنلەرنىمۇ ئىشلەتتىم .لېكىن يەنىلا
    خەنسۇچە ئىشلىتىشنى تاللاشغا مەجبۇر بولدۇم. لىنوكىس مەشغۇلات سېستىمىسى دىگەننى ئۇچراتقىلى تېخى بىر يىلچە بولدى.
    ئۇبۇنتۇنىڭ 10.4 نەشرىدىن باشلاپ 12.10 غىچە ھەممىنى ئىشلىتىپ باقتىم. كۆكچىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ، تېلفۇنۇم بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ تورغا چىقالىدىم ، يانتىلفۇنۇمنىڭ سىمى ئارقىلىقمۇ ئاسانلا تورغا چىقالىدىم. ئىنتايىن ئاددىلاشقان بۇ مەشغۇلاتلاردىن بەكلا سۈيۈندۈم . 15 سومغا تىلفۇندا تورغا چىققىلى بولىدىغان 2 گىگابايىت تور ئېقىمى بار كارتىنى سېتىۋالساملساملا ، كىنو كۆرمىسەم، ئويۇن ئوينىمىسام، ناخشا ئاڭلىمىساملا ،، تور سۈرئىتى باشقا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشىمغا بەك ئاستا بوپمۇ كەتمىدى.
    توردىن بىر نەرسىلەرنى چۈشۈرۈشكىمۇ ئاخشاملىرى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇيرۇق بىرىپ قويسام ،سەھەرگىچە جۆندەپ بۇلىدىكەن.
    شۇنىڭ بىلەن ۋىندوۋىسنى قۇشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىشكە ئۆتتۈم. تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇرئىكىس دىگەن بۇ سېستىما بىلەن تۇنۇشۇپ سىناق قىلغىلى نەچچە كۈنلا بولدى. ئىكراندىكى خەتلەر كىچىكىمدىن كۈزۈمگە تۇنۇش بولۇپ كەتكەن خەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ، بىرلا قارىسام ، نىمە قىلىش كېرەكلىگىنى بىلىدىكەنمەن. لوغەت ئاختۇرۇپ يۈرۈشتىنمۇ قۇتۇلۇپتىمەن. چۈنكى بۇ سېستىمىدا ئانا تىل لوغىتىمۇ تەيياركەن. قايسى دىتال ياخشىدۇ دەپ تۇلا دىتال قاچىلاپ ، ئالماشتۇرۇپ يۈرىدىغان خاپىلىقمۇ يوقكەن .ئاچماقچى بولغان ھۆججەتنى ئاچىدىغان ماس پىرۇگىراممىنى ئۈزى تاپىدىكەن. بولۇپمۇ يېزىق بىر تەرەپ قىلىدىغان دىتالى كۆڭلۈمگە بەك ياقتى.
    بۇ سېستىمىنى قاچىلىغاندىن كېيىن ، ئىكراندىكى سىنبەلگۈلەرنىڭ ئاستىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ھەتتا ساۋاتسىز بالاممۇ بەك ياقتۇرۇپ قالدى. قولىغا ئېلىببە كىتىۋىنى ئېلىپ ئۈگىنىشكە ئاتلاندى. ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار مەن كومپىيۇتىر دىگەن ئاتالغۇنى
    تولۇق ئوترىدىكى ۋاختىمدىمۇ (90-يىللار) تېخى ئاڭقىرالمايتتىم. كىچىگىمىزدە تەسىر كۆرسەتمىگەن بولغاچقا قىزىقىشمۇ يوق ئىدى.
    ئەمما ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدىغىنىم ، ئەسلى بۇرۇنراق ئۈگىنىۋېلىشىم كېرەك ئىكەندۇق. ھەرھالدا ھېلىمۇ باشقىلار تەييەرلاپ بەرگەن
    بۇ ئۇيغۇرئىكىس سېستىمىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە تىرىشىمەن. باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۈگۈنۈشمۇ ياخشى ئىش ، ئەمما ئۆز تىلىنى ئۈگۈنۈش ھەممىدىن ياخشى ئىش . چۈنكى بىزنىڭ 99 پىرسەنىت مەشغۇلاتىمىز ئانا تىلدىن ئايرىلالمايدۇ. بالىلار بەختىيار بىر زامانلارغا دۇچ كىلىپ ، قوشتىللىق مائارىپ بىلەن تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى. ئائىلىلەردە ئۇيغۇرئىكىس سېستىمىسى قاچىلانغان كەمپۈتەردىن بىرسى بولسا ، بىر چالمىدا ئىككى پەختەك سوققىلى بولىدۇ. مەكتەپتە كۆپ تىل ئۈگەنسە ، ئۆيدە خالىس ئۇستازلارنىڭ
    ئۇيغۇر چە تەپەككۇر بىلەن قالدۇرغان يازمىلىرىدىن ئۇزۇقلانسا ، كەلگۈسىدىكى ئىزباسارلار چۇقۇم نەتىجە قازىنالايدۇ دەپ قارايمەن.
    ھازىرقى ئەڭ ياخشى تاللاشمۇ ھەم شۇ . بالىلارنى ئۇقۇتۇشتىن بېشىنى قاشلاپ يۈرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نيەنە باشقا تاللاش يۇلىنى تاپقىلى قۇدرىتى يەتمەسلىگى مۇمكىن . ئەمما بالىلارنى چۇقۇم ئوقۇتماي بولمايدۇ. مەكتەپ دىگەنمۇ بىرمۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگىتىپ بۇلالمايدۇ. ئەمىلى بىلىملەر يەنىلا رىئاللىقتىن كېلىدۇ. مانا بۈگۈن ئۇيغۇچە خەتنى بىلىدىغانلارمۇ كومپىيۇتىر يۈزىدە مەشغۇلات قىلالايدىغان بولدى. بۇ ھەقتە مىنىڭ ئىلگىرى بىلجىرلاپ قويغان ئازراق يازمام بار ئىدى .نۆۋىتىدە مۇشۇ يەرگە چاپلاپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم .

    كەمپۈتەر ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىككى كەلىمە

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا مەن تۇلۇق ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپلەرنى ئوقۇغان. 1997-يىلى مەن ئوقۇغان ئالى مەكتەپتە تۈنجى قارارلىق كومپىيۇتىر كۇرسى ئېچىلغان. بۈگۈنكى بالىلارغا
    بۇ چاغدىكى ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بەرسەم كۈلكىلىك بىلىنىدۇ، مەن يەنىلا ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەنلىرىمنى ۋە كۆرگەنلىرىمنى سۆزلەپ ئۈتەي.
    شۇ يىلى كومپىيۇتىر مۇئەللىمىمىز بىزگە نەزىرىيە ئۈگىتىشتىن باشلىغان ئىدى، بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە dos مەشغۇلات سېستىمىسىنى نەزىرىيە جەھەتتىن ئۈگەندۇق، كومپىيۇتىر دىگەننىمۇ شۇ چاغدا كۆردۇق. لېكىن كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا تۇلۇق بىر سائەت ئۆلتۇرۇشقا پۇرسەت يوق ئىدى.
    كومپىيۇتىر يىتىشمەيتتى. ئەمىلىيەتتە ھىچ نەرسىنى ئۈگىنەلمىگەن ئىدىم. شۇ چاغلاردا dos مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە يازغىلى بولىدىغان بۇغراياكى بۇغدامۇ ئىشقىلىپ بىر پىرۇگىرامما بار ئىكەندۇق.
    windows دىگەننى كۈرۈپ باقمىغان ئىدىم. قىزىقىشمۇ بوپ كەتمىگەن، 2000-يىلى مەن بىر نىمكەش كومپىيۇتىر سېتىۋېلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ئۇنىڭ قاتتىق دىسكىسى 2GB ئىدى .700 سومغا ئالغان، ئۈگنىش جەريانىدا كۆپ قېتىم سېستىمىنى بۇزۇپ قۇيۇپ ، بىر قېتىمدا 50 سوم خەجلەپ قاچىلىتىپ يۈردۈم. تور دىگەننى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايتتىم. ئۇنىڭ سۈرئىتى شۇنچىلىك ئاستا بولسىمۇ يەنىلا زىرىكمەپتىكەنمەن ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ياردەم پىرۇگىراممىسنى بىر-بىرلەپ خاتىرەمگە يېزىپ چىققان ئىدىم. كىتاپلاردىن پايدىلىنىپ كۆرسەتمە بويىچە ئۈگىنىپ يۈرەتتىم. شۇ كۈنلەرنى ئەسلىسەم ئۈزەمگە ئىچىم ئاغرىيدۇ. بەك جاپا تارتىپ كىتىپتىكەنمەن. مانا ھازىر ئالتە ياشتىكى ئوغلۇم ماڭا ھۈنەر ئۈگىتىپ يۈرىيدۇ. ئۇ تېخى ساۋاتسىز… خۇددى خەنزۇ ۋە ئىنگىلىسچىنى بىلمەي ،سىنبەلگۈلەرگە قاراپ ، QQ ۋە ئويۇنلاردا مەشغۇلات قىلىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدەك ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلالايدىغان بولدى. مەن مۇشۇ كەچمىشلىرىمدىن تۈۋەندىكىدەك خۇلاسىغا كەلدىم.

    كومپىيۇتىر ئىشلىتىشنى ھەممە كىشى چۇقۇم بىلىشى كېرەك . ئۇنى بىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ،
    قورقماسلىق كېرەك. ئۇ شۇنداق بىر نەرسىكى ، كىتاپ ۋاراقلىغاندەك ۋاراقلاپ كۆرسىلا بولىدۇ، ئىچىدە نىمىلەر بارلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن بىلگىلى بولىدۇ، باشقىلار ئۇنى يېزىپ تەييار قىلىپ قويغان.
    خەنزۇچىنى ياكى ئىنگىلىسچىنى بىلمىسە ئۈگەنگىلى بولمايدۇ دىگەن دىگەن گەپ ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى.

    كومپىيۇتىردا نىمە ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ ؟
    بۇ توغرىدا ئارتۇق گەپ ھاجەتسىز ، ھەرقانداق تەرەققى قىلغان ساھەلەرنىڭ ھەممىسى كومپىيۇتىرغا تايىنىدۇ. ھەرقانداق كىشى تايانسا چۇقۇم تەرەققى قىلىدۇ.

    كومپىيۇتىردا زىيانلىق ئىشلار بارمۇ ؟
    ئەلۋەتتە بار ، خۇددى ئەتراپىمىزدا خىلمۇ خىل ئىشلار بولغاندەك. ئەمما ئىختىيار بىزدە، بىز ياخشىسىنى قوبۇل ئەتسەكلا بولدى.

    مەن باشلانغۇچنىمۇ تۇلۇق ئوقۇمىغان تۇرسام ،ئۈگىنەلەرمەنمۇ؟
    ئۈگىنەلەيسىز، ئۇيغۇرچە ساۋادىڭىز ئازراقلا بولسا قورىقماي كىلىۋىرىڭ، كومپىيۇتىرنى تورغا ئۇلاپ ،توركۆرگۈچنى قوزغىتىپ، ئۇلىنىش ئۇيغۇر بېتىگە بىر كىرىپ كەتسىڭىز ، ئۇ بىر يۇمشاق قۇلاققا ئايلىنىدۇ. كىتاپ كۈرىشنى، خەت يېزىشنى، پاراڭ سېلىشنى، كىنو كۈرۈشنى، ناخشا ئاڭلاشنى .. نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز. يىراق -يېقىندىكىلەر بىلەن ئىكراندا كۈرۈنۈپ تۇرۇپ مۇڭدىشالايسىز.

    كومپىيۇتىر كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكىنىسىمۇ ؟
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، زىرىكسىڭىز بىردەم- يېرىمدەم ئويۇن ئويناپ قويسىڭىز يامىنى يوق ، ئەمما كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ. سىز بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇڭا كۆپ ۋاختىڭىزنى ئۈنۈملۈك ئىشلارغا سەرىپ ئىتىشىڭىز كېرەك.

    مەن كومپىيۇتىرنىڭ يېنىدىن نېرى بۇلالمايدىغان بولۇپ قالدىم، ئىش ئۆقەتلىرىمگە كۆپ دەخلىسى بولدى، قانداق قىلسام بۇلار؟

    ئۇنداقتا سىز بىر قارارغا كىلىڭ، كومپىيۇتىردىن قانچىلىك پايدىلىنالايسىز ۋە ئۈنۈم يارىتالايسىز،
    كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدىن قوپماي ئولتۇرۇپ ، نەچچە ئونمىڭلاپ پۇل تېپىۋاتقان كىشىلەر ساناقسىز،
    سىزمۇ شۇنداق قىلالامسىز، ئىقتىدار ۋە شارائىتىڭىز يار بىرەمدۇ؟ سەۋىيىڭىز بەكلا تۈۋەن بولسا ،زاپاس ئىقتىزادى كۈچىڭىز بولمىسا ، كۆپ ۋاختىڭىزنى ئۈنىمى بار تىرىكچىلىككە سەرىپ قىلىڭ،
    كومپىيۇتىرنى ئېچىپ تور دۇنياسىدىكى يېڭىلىقلاردىن نىشانلىق مەنپەئەتدار بولۇپ تۇرسىڭىز بولىدۇ،
    ھەممىنى نەچچە ئۆمرىڭىز بولسىمۇ كۈرۈپ يىتىشەلمەيسىز. ئەگەردە قىزىقىشىڭىز ھالقىپ كىتىپ
    باشقا ئىشلارغا قول تىققۇزمىغان بولسا، ئۇنداقتا مەزمۇت ئولتۇرۇپ، كومپىيۇتېر ئارقىلىق بولىدىغان
    ئىش ئۆقەتلەردىن بىر تۈرنى تاللاڭ. بەل قۇيۇۋەتمەي ئۈگىنىڭ.

    كومپىيۇتىرنىڭ قانداق ئەۋزەل جايلىرى بار؟
    كىنو ۋە ناخشىلاردىن ، كىتاپلاردىن قانۇن يولغا قويغانلىرىنى بىمالال بەھىرلىنەلەيسىز.
    ھەل قىلىشنى بىلمىگەن ئىشلىرىڭىزنىڭ جاۋابىنى تاپالايسىز.
    ئۈيىڭىزدىن چىقماي ئولتۇرۇپ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدىن قانۇنلۇق تاۋارلارنى سېتىۋالالايسىز.
    يەرشارىدىكى تىلۋىزىيە ۋە رادىيو دولقۇنلىرىنى قانۇن دائىرىسىدە ئىستىمال قىلالايسىز.
    مەھسۇلاتلىرىڭىزنى بازارغا سالالايسىز.
    ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىدىن ساۋاق ئالالايسىز.
    بانكىغا بارماي دوستلىرىڭىزغا پۇل سالالايسىز. تېلفۇن پۇلى ،سۇ پۇلى ،توك پۇلى …دىگەندەك ھەقلەرنى تاپشۇرالايسىز.
    كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلىنمىغان قىممەتلىك يازمىلارنى كۆرەلەيسىز ۋە يازالايسىز.
    ئىھتىياجلىق ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلەيسىز…
    دىسەك گەپ تۇلا…

    ئەمدى بىز بۇندىن كىيىن نىمىش بولىدۇ ؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى .

    مىللەتلەر ئوترىسىدا تىل چۈشىنىشمەسلىك ئاۋارىچىلىقى كومپىيۇتىر ئارقىلىق ھەل بولىدۇ.
    بىزمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە. يەنە ئون يىل ئۆتمەستە قولىمىزدا ئىلىكتىرونلۇق تەرجىمان پەيدا بوپ بولىدۇ.

    تېلفۇن ھەققى كۆپ بوپ كىتىش ئاۋارىچىلىقى ھېلىمۇ بىلگەن كىشىلەر ئۈچۈن يوقالدى.

    كەلگۈسى ئاز كۈنلەردە كىتاپ ۋە ئۈن سىن بويۇملىرى قەغەز يۈزىگە ،پىلاستىنكىلارغا يېزىپ سېتىشنى مەقسەت قىلماستىن ،توردا ئاممىۋى بۇيۇم سۈپىتىدە تارقىتىشنى ئاساسى مەقسەت قىلىدۇ.
    ئەنئەنىۋى نەشرياتچىلىق ۋە نەشىريات مونۇپولچىلىقى پەيدا قىلغان قالايمىقانچىلىقلارغا خاتىمە بىرىلىدۇ. مەدىنى بويۇم ئىجاتكارلىرى ۋە كەسىپدارلار شىركەتلەرنىڭ ئىلان ۋاستىچىلىگى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشەلەيدۇ.

    بىر ئادەمدە بىر كىملىك نومۇرى بۇلۇش ئىشقا ئاشىدۇ، ساختىلىرى ئەسقاتمايدۇ. بانكا كارتىسى ،
    كىملىك، پىراۋا دىگەنلەر يانچۇقتا تۇرمىسىمۇ بولىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. ۋاقىتلىق نۇپۇس ،پاسپورتمۇ سەكراتقا چۈشۈپ قالىدۇ .كىملىك نومۇرىڭىزدا ھەممىنى خاتىرلىيەلەيدىغان كۈنلەرمۇ كىلىدۇ. نوپۇس دەپتەر ،ئۆي يەر خېتى ،سوغۇرتا كارتىسى،داۋالىنىش كارتىسى دىگەندەك بىر تۇقام نەرسىلەرنى كۈتىرىپ يۈرمەيدىغان زامانلار يېقىن كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە ئاشۇرىلىشى كېرەك.

    ئەڭ ئاددىسى سىز ئۈيىڭىزدىكى كومپىيۇتىرنى تورغا ئۇلاپ ، كۈزۈتۈش ئاپراتلىرىڭىزنى كونتىرول قىلالايسىز، يان تېلفۇنىڭىز ئارقىلىق ھويلا ئاراملىرىڭىزنى كۈرۈپ تۇرالايسىز. بۇ ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولدى.

    بۇلار تۇرمۇشتىكى ئاددىلا ئىش خالاس، پەن تېخنىكا ساھاسىدە كومپىيۇتىر ئارقىلىق بولىۋاتقان ئىشلارنى كۈرىۋاتىمىز ،ئاڭلاۋاتىمىز. خۇلاسە شۇ بولدىكى بىزمۇ بوش كەلمەيلى، مەبلەخ سالىدىغانلار چىقسا ،بۇ نەرسىدىن چۇقۇم يىتەرلىك ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.

    كومپىيۇتىر ئادەم بوزىدۇ دەپ قارايدىغانلار ئىلمىرەك پىكىر قىلىپ بېقىڭلار. بىز كومپىيۇتىرنى ئادەم بۇزمايدىغان قىلىش ئۈچۈن ھەسسە قۇشۇلايدىغان ئەۋلاتلارنى تەربىيىلىشىمىز كېرەك.
    كومپىيۇترنى بىلمىسە ،ئۇنىڭ بۇزۇقلىرىنى ئوڭشىمىسا ،بىر ئۇبدان نەرسىنىڭ بۇزۇق پېتى قېلىۋىرىشگە قاراپ تۇرسا بۇلامدۇ؟

    بالىلارغا ئىلمى يىتەكلەش ئېلىپ بارايلى .كىچىكىدىن باشلاپ توغرا خاتانى ئايرىيالايدىغان بولۇپ يىتىشسۇن. نۇرمال ئويۇنلارنى ئانچە مۇنچە ئويناپ تۇرسۇن، يول قۇيايلى، بىز يول قويساق ئۇلارمۇ سەمىمى چوڭ بولىدۇ. بىزنىڭ بالىلىق چاغلىرىمىزدىكىدەك ئەنئەنىۋى ئۇيۇنلارنىڭ ۋاختى كەتتى. ئۇلارمۇ ئاستا-ئاستا ئوينىمايدىغان بولىدۇ، ھازىر ئويناپ زىرىكىۋالمىسا، چوڭ بولغاندا
    ئوينىغۇسى كەپ قالىدۇ. ئويلاپ باقايلى، مۇشۇ قارىشىم توغرىمۇ، …

    ئۈزەم بىلگەنچە بىرمۇنچە پاراڭ قىلىۋەتتىم . يەنىلا ئىلمىلىككە يېقىن تۇرۇش خاتا ئەمەستۇ.
    قېرىنداشلارمۇ پىكىر قېتىپ قۇيۇڭلار ، خاتا كەتكەن يەرلىرىمنى كۆرسىتىپ قۇيۇشىڭلارغا سەمىمى
    ھۆرمەت بىلدۈرىمەن.

    تامام.

    ئاخىرىدا يەنىلا كومپۈتەر ئۈگۈنىشنىڭ ۋە پايدىلىنىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى سەمىمى تەكىتلەيمەن. پەقەت ئۇيغۇر تىلىنى بىلسىڭىزلا بۇ نەرسىدىن پايدىلىنىش تەس ئەمەس. ئۈگىمىش مەقسىتىڭىز بولسا ، ۋاختىڭىز بولسا ، ناۋادا ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز ماڭا تېلفۇن قىلىڭ،
    بىلگىنىمنى ھەقسىز ئۈگىتىپ قۇيىمەن. پەقەت نەچچە سائەتلا ۋاقىت كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ 300 سومغا سېتىۋالغان بۇ كەمپۇتەرىممۇ خېلى ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. يانتىلفۇنۇمنىڭ نومۇرى : 18040792543 . كىچىك زىرەك :09918213313.
    بالىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازراق بەدەل تۈلەپ قۇيايلى .

يازمىغا قارىتا ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرىڭز بولسا بۇ يەرگە قالدۇرۇڭ.

باش سۈرىتىڭز يوقمۇ؟


This site is protected by WP-CopyRightPro