نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چېركاۋ

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چېركاۋ

ۋاقتى: 2016-03-12 ئاۋاتلىقى: 3844 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ چېركاۋ


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى



ياۋروپادا ئەڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، ئەڭ پارلاق، ئەڭ سەنئەتلىك قۇرۇلۇش دەل چېركاۋدۇر. ئاشۇ ھەشەمەتلىك، كاتتا قۇرۇلۇشلاردىن بىز كىشىلەرنىڭ دىنغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ھېس قىلالايمىز. بەلكىم ئۆزىمىز ئۇنىڭغا بىرەر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلغىنىمىزدا ئۇنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن.

ۋاتىكان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەت، ئەمما بۇ دۆلەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كاتولىك دىنى چېركاۋى بىنا قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ چوقۇم چوڭقۇر تارىخىي ھېكايىسى بار. پېتېر ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ 12 مۇرىتىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، ئەيسا پەيغەمبەر چېركاۋدىن كەتكەندىن كېيىن، چېركاۋنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى پېتېرغا بەرگەن، بۇنىڭ بىلەن سان پېتېر خىرىستىيان دىنىنىڭ يولباشچىسى بولۇپ قالغان، ئۇ رىمغا كېلىپ دىن تارقاتقان، رىم خانى گۇناھىنى خىرىستىيان دىنىغا ئارتىپ قويۇش ئۈچۈن، رىم شەھىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىپ، جىنايىتىنى خىرىستىيان دىنىغا ئارتىپ قويغان ھەمدە سان پېتېرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. سان پېتېر چېركاۋى دەل شۇ پېتېرنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن قۇرۇلغان.



ۋاتىكان سان پېتېر چېركاۋى يەنە پېتېر چېركاۋى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ 1506-يىلىدىن 1626-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چېركاۋ، شۇنداقلا كاتولىك دىنىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس جايلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
سان پېتېر چېركاۋىنىڭ كۆلىمى 23000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بىرلا 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشى سىغىدۇ. ئەينى چاغدا ۋاتىكانغا كەلگەندە پەقەت نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىلا كۆرگىلى بولىدۇ، ئەمما چېركاۋنىڭ سىرتىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئۇنچىۋالا ھەشەمەتلىكلىكىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، پەقەت چېركاۋنىڭ ئىچىگە كىرگەندىلا ئۇنىڭ نەقەدەر بەھەيۋەت ۋە ھەشەمەتلىكلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
چېركاۋغا كىرگەن كىشىلەر شۇنى ھېس قىلىدۇكى، ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن كىشى تەبىئىي ھالدا ئاشۇ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ھەتتا نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپمۇ ئۆزىنى شۇنچىلىك بىمالال، ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىدۇ، چېركاۋنىڭ ئىچىگە بىرلا ۋاقىتتا 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغان بولۇپ، ئادەم قانچىلىك كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت كۆپلۈك قىلمايدۇ، كىشىلەر يەنىلا ئادەم ئازدەكلا ھېس قىلىدۇ.

چېركاۋنىڭ مەركىزىدە بىر پاپانىڭ <<ھەيكىلى>> بار بولۇپ، لېكىن ئۇ ھەققىدە بىرەر تونۇشتۇرۇش يوق. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 1940-يىلى ۋاتىكاندىكى قازغۇچىلار مېنىسا (ھەزىرىتى ئەيسا پەيغەمبەر زىياپەتتە نان قويىدىغان تاختا)نىڭ ئاستىدىن پېتېرنىڭ قالدۇق سۆڭىكىنى بايقىغان بولۇپ، رىم كاتولىك دىنى پېتېرنى رىمنىڭ تۇنجى پاترىئارخى دەپ بېكىتكەن.



سان پېتېر چېركاۋى پەقەت بىر ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇش ۋە ساراي بولۇپلا قالماستىن، يەنە نەچچە يۈزلىگەن سەنئەت خەزىنىسىنى ئۆزىدە ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بىباھا بايلىقلارنىڭ مەڭگۈلۈك ماكانى، دەپ قارالماقتا. چېرۋكاۋنىڭ سول تەرىپىدىكى ئىشىكتە خان جەمەتىنىڭ مۇھاپىزەتچى قىسمى مۇھاپىزەتتە تۇرىدىغان بولۇپ، خان جەمەتى مۇھاپىزەتچى قىسمى دەل ۋاتىكان دۆلىتىنىڭ قىسمىدىن ئىبارەت. مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ بويلىرى ئېگىز بولۇپ، ئۇچىسىغا قىزىل، سېرىك، كۆك ئۈچ خىل رەڭلىك سىزىقچىلار بار قەدىمكى چەۋەندازلاردەك كىيىنىپ، قولىدا ئۇزۇن يالمانلىق نەيزە تۇتقان ھالدا سۈرلۈك ۋە ھەيۋەتلىك قىياپەتتە تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىمى 500 يىلدىن بۇيان ئۆزگەرمەي كەلگەن بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇنى داڭلىق سەنئەتكار مىكېلانگېلو لايىھەلىگەن ئىكەن، قولىدىكى ئۇزۇن يالمانلىق نەيزىسىمۇ 15-ئەسىردە ياسالغانىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىۋېيتسارىيەلىك بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 16-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئاپوستولىك رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئاپوستولىكنى قوغداش ئۈچۈن 100 دىن ئارتۇق شىۋېيتسارىيەلىك ئەسكەر چېركاۋنىڭ سىرتىدا قازا قىلىپ، شۇ چاغدىكى ئاپوستولىكنى چوڭقۇر تەسىر تەسىرلەندۈرگەن، شۇ ۋەجىدىن ۋاتىكان ئەۋلادمۇ ئەۋلاد شىۋېيتسارىيەلىك ئەسكەرلەرنى ياللاپ چېرۋكاۋنى قوغداشنى قارار قىلغان.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى