玛干音乐制作

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلا

مەن كۇباستا ئاۋازنى 1 يولغا مۇزىكىنى 1 يولغا ئالدىم ئۈنۈل

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

دوسلا ياخشىمۇسىلە؟ ماڭا ئابدۇغېنى (خال) ئاكىمىزنىڭ يار دەرد

http://dskmusic.vst4free.com شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇرغانلىقتىن يوللۇدۇم ئىھتىياجلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! :handshake ماكان مۇزىكا بىلىملىرى مۇنبېرىدىكى بارلىق كەسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ماكان مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ھەممىڭلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بول

مەن مۇزىكىلارنىڭ نوتىسىنى كومپىيۇتېرغا ئۇرۇپ كىرگۈزەي دېگەن لېكىن ۋورد ھۆججىتىگە ماسلىشىدىغان ياكى ئۈنۈمى ئاددىيرا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلېرىم يىقىندا مىنىڭ بىر دۇستۇم ktv ئاچقان خەنزوچ

ئېجادىيەت يولىماقچىدىم قانداق يولايمەن ياردەم قىلغان ب

6380ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ھەممىڭلانىڭ مۇشۇ ۋاختىڭلا خەيرىلىك بولسۇن ، مەن

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

كومپىيوتۇرۇمغا ۋىندوۋىس 8 قاچىلىغان ئىدىم لىكىن بۇرۇن ۋىندوۋىس 7دە نۇرمال ئىشلەتكەن

چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.esi-audio.cn/?action=support&page=download بۇ قىتىمقى

fl studio harmor نىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋازلىرى . 6095609660976098 چۈشۈرۈش : 6099

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار

بۇ halion نى ئىشلىتىش دەرىسلىكى ،،،،،،،،بۇ مىللى ئاۋاز مەنمەلىردىن دۇتار › تەمبىر ›راۋاپ› ساتتار ›نەي قاتارلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكانداشلار ياخشىمۇسىلەر بۇ دورەم تور ئارلاۋېتىپ

‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى› تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ۋە مەنبەلىرى توغرىسىدا بەختىيار ئابدۇساتتار ئاساسى مەزمۇنى: ئۇيغۇر مۇقاملىرى

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

ھۈمۇر قەدىرلىك ،كاككۇك ،مايسىلار، گۇل ھۇزم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مە

مەندە YAMAHA 2100 رويال بار.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ،مەن يىڭىدن گىتتا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ،پىرى سونۇس م

مەندە بىر ئاۋاز كارتىسى باھاسى بەك ئەرزان ئا

ماۋۇ MIDI جەنپەننې ئشلېتېپ باققانلار بامۇ ئاڭلېسام مۇزېيكېغا شاۋكو بەكېلې

90- يىللاردىكى مەرداننىڭ ناخشىسىغۇ دەيمەن «مىنى قويد

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك تورداشلار .مەندە ئۆزۈمنىڭ ئىجادى 40نەچچە

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

6169 بىز تۆۋەندە Pop music ساھەسىدە ئەڭ ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئاۋاز يىيشتۈرۈش ئۇستىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى. ئالدى بىل

قەشقەردە 2- قول مۇزىكا ئەسۋاب دۇكىنى بارمۇ؟ مەسىلەن:ياڭراتقۇ؟ ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسى،مې

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

ئاڭلىسام بۇ دىتال مۇزىكىدىن ئادەم ئاۋازىنى ئايرىپ بېرىدىكەن ،راسمۇ؟ 6379

YAMAHA ياپونىيە شېركىتى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى CUBASE PRO ئالاھىدە پائالىيىتى ئۆتكۈزدىغانلىغىنى جاكارلىدى.قارىغاندا CUBASE PRO نىڭ يېڭى نەشىرى تارقى

جەمئىي مىكروبلوگ 1854 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • millitim3 2 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ‹‹  مۇنبەر بەكلا جىمىپ كىتىپتىغۇ   

  • millitim3 2016-3-5 16:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىردىكى دوسلار  ئوسمانجان ‹تەمكىن›دىن سالام

  • letip 2016-2-19 22:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ مۇنبەردە بىرچاغلاردىكىدەك قىزغىنلىق يوقيا؟

  • ∮AKKAPTAR∮ 2016-1-8 16:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرلەرگە كىرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،قېرىنداشلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن

  • كاچۇڭ00 2016-1-5 02:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    بولسا مۇشۇ مۇزىكا ئىشلەشكە دائىر سىستىمىلارنى بىر توپلاپ ئايرىم چۇشۇرۇش ....

  • waliyor 2015-12-2 10:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم ئ‍ۇستازلا ماڭا خېنىم جورام نىڭ مۇزىكىسى لازىمتى

  • گۇگۇم 2015-11-17 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ەسسالامۇ ەلەيكۇم مۇشۇ مۇنبەردىكى بارلىق دوستلار ەزا بولغانلاردا  ھىچكىمدە كونا ەۇن الغۇ لىنتىلىرى يوق...

كۆرۈش: 10229|ئىنكاس: 71

كومپيوتېر مۇزىكىسى ئاتالغۇلارنى قىلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كومپيوتېر مۇزىكىسى ساھەسىدىكى ئاتالغۇلارنى قىلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپ لاھىيەسى


ئاپتۇرى: ئەخمەتجان مەخمۇت


ئەسكەرتىش : بۇ يازمام تېخى مۇكەممەللەشتۈرۈش باسقۇچىدا بولغاچقا ھازىرچە ۋاقىتلىق باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىماي تۇرۇڭ. تولۇق بولغاندا مۇشۇ ئورۇندا كۆچۈرۈشكە بولىدىغانلىق توغرىلىق ئەسكەرتىش بىرىمەن.

          ئۇچۇر دۇنياسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە كومپىيوتېر تېخنىكىسىنىڭ تىز ئوموملىشىشى ئەگىشىپ ھەر قايسى ساھەلەر ۋە كەسپلەر، زامانىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان كومپيۇتېر ئارقىلىق ئەڭ يېڭى مۇۋەپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە. جۈملىدىن مۇزىكا ئىلمىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. مەسىلەن 80-يىللىرى ئوتتۇرىغا چىققان MIDI تېخنىكىسى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىدۇر.
2000-يىلىدىن باشلاپ كومپىيوتىر دىيارىمىزغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىنىڭ ئىقتىدارىنى ھىس قىلغان مۇزىكانتلىرىمىزنىڭ كاللىسىدا دەرھال كومپىيوتىر ئارقىلىق مۇزىكا ئىشلەش خيالى تۇغۇلۇپ، ھەرخىل ماتىرىيال ئارقىلىق MIDI توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى تېخنىكىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تىرىشتى شۇنداقلا زور تىرىشچانلىقنى كۆرسەتتى. كومپىيۇتىر دىيارىمىزدىكى  ئائىلەرگە سىڭىپ كىرگەن دەسلەپكى  باسقۇچتا كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا ئائىت ماتىرىياللار ئىنتايىن كەمچىل، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىل يېزىقىدىكى كومپىيۇتېر ئېلمىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار ئىنتايىن كەمچىل بولغاچقا ، ھېلىغۇ مۇزىكا ئىشلەش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ، ئاددىي بىر جەدىۋەللەرنى تەھرىرلەپ بىسىپ چىقىرىشمۇ بىر مەسىلە ئىدى.
        كىيىنكى ۋاقىتلاردا كومپىيۇتېرنى چۈشىنىدىغان كىشلىرىمىزمۇ بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. 2005-يىلىنى بېشىدا گىرمانىيەدىكى Steinberg دەپ ئاتىلىدىغان شىركەت دىيارىمىزدىكى كۆپلىگەن مۇزىكانتلارغا تونۇشلۇق بولغان  ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتالى Cubase SX نىڭ 3.1 نۇسخسىنى بازارغا سالدى.(بۇ يۇمشاق دىتالنىڭ يەنە بىر نۇسخسىنى Nuendo دەپ ئاتايدۇ،گەرچە بۇ ئىككى يۇمشاق دىتالنى ئايرىم ئايرىم ھالدا تەتقىق قىلىپ بازارغا سالغان بىلەن ، يۇمشاق دىتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى %95 ئوخشايدۇ،بۇ دېتالنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرى توغرىلىق تەپسىلى توختىلىمىز ) . كەينىدىن بىر ئىككى يىل ئۆتمەيلا نۇرغۇن كىشلەردە بۇ يۇمشاق دىتالنى ئىشلىتىشنى ئۈگىنىپ ئۆزىنىڭ مۇزىكا تەپەككۇرىدىكى يېڭى نەرسىلەرنى ئېجادىي سەنئەت ئەسىرىگە ياكى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرماقچى بولدى. لىكىن يۇمشاق دىتالنى ماھىيىتىدىن ھەقىقىي ئۈگىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىشقا توغرا كىلىدۇ. گەرچە ئۆزىمىزنى ناخشا ئۇسۇل مىللىتى دەپ ئاتىۋالغىنىمىز بىلەن ئەپسۇس دىيارىمىزدا بۇنىڭغا دائىر ماتىرىياللار يوق دىيەرلىك. ئۆگىنىش ماتىياللىرى يوق سەۋەبلىك مەيلى نۆلدىن باشلاپ يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر بولسۇن ، ياكى ئىلگىرى قارىغۇلارچە دوراپ ئۆگىنىپ ئەمدى ماھىيىتىنى ئىگەلەشنى مەقسەت قىلغان بولسۇن ، ۋە ياكى داۋاملىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ، ئۈن ئېلىشنىڭ پىرىنسىپلىرىنى چۈشەنمەكچى بولسۇن ...... ھەممىسى ئوخشاشلا مۇشۇ خىل ماتىرىيال يوقلۇقتەك كىرزىسقا دۇچ كەلمەكتە.

       ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشلىرىمىز دەرىسلىكلەرنى يېزىپ ئىشلەپ تارقىتىش ۋە دېتاللارنى تەرجىمە قىلىش ئويلىرى بار. لىكىن بىلىمىمزنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا قانداق ئاتىلىشىنى بىلەلمىگەچكە ، دەرىسلىكنى ساپ ئۇيغۇرتىلىدا سۆزلەش ۋە ياكى دېتاللارنى تەرجىمە قىلىشتا ئارايۈزى ئۇچۇرىنى توغرا ئىپادىلەشتىن ئىبارەت يەرلىكلەشتۈرۈش خىزمەتلىرىدە كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتىشنىڭ ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى يەنە ئالدىمىزدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى چۇڭقۇر ھىس قىلدۇق. دەرىسلىك ئىشلەش ۋە دېتال تەرجىمە قىلىشنىڭ بىردىنبىر نىشانى كومپىيۇتېر تېخنىكىسنىڭ باشقىلارغا تىز ئومۇملىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا كومپىيۇتېردا مۇزىكا ئىشلەش ساھەسىدە بىرمۇ ئۇقۇتۇش يۇمشاق دىتال ۋاستىسىنىڭ بولماسلىقىغا خاتىمە بىرىشتىن ئىبارەت.

       ئادەمنى خوش قىلىدىغان ئىشتىن بىرسى شۇكى بىر مەزگىل ئىلگىرى ئامىرىكا مىكروسوفت شىركىتى كىيىنكى ئەۋلاد مەشخۇلات سىستىمىسىغا ئۇيغۇرچە ئارايۈزى تىل بولىقىنى قوشۇدىغانلىقىنى مۇشۇ خىزمەتنى ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ دىرىكتورى ئالىم ئەھەت ئەپەندىگە تاپشۇرغان ئىدى. (تەپسىلاتىنى ئالىم ئەھەد بلوگىدىن كۆرۈڭ) يەنى جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى بويىچە خەنزۇتىلىدىن باشقا پەقەت بىر ئۇيغۇرلارنىڭلا ئۇيغۇرچە ئارايۈز تىل بولىقى بار بولدى ھەمدە ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزدا مەشخۇلات سىستىمىسىنى ئىشلىتەلەيمىز ، دىمەك بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز بىلەن مانا ئۇيغۇرلار كومپيوتېر ساھەسىدە جۇڭگۇدىكى ئىككىنجى چوڭ مىللەت بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە بۇنى ئۆز ئانا تىلىنى سۆيىدىغان  يۇمشال دېتال تەتقىقاتچىلىرى ،ئۇچۇر ساھەسىدىكى ھەرقايسى ئالىم ئەربابلار ، تىنىم تاپماي ھەر خىل پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە تىمىلارنى ۋە ماقالىلەرنى يوللىغانلار، شۇ سەينانى ھازىرلىغان تور بىكەت قۇرغۇچىلار ۋە ھەر بىر تورغا چىققۇچى ۋە شۇ بىكەتنىڭ مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشقان تىزىملىتىپ ئىنكاس يازغانلارمۇ بار. دىمەك ھەر بىر ئادەم ئازراقتىن كۈچ چىقارساق زور ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق تىرىشساق مۇشۇ مېدىيا ساھەسىدىمۇ يەرلىكلەشتۈرۈش خىزمىتى باشلىنىپ ئۇيغۇرچە تىلى يېزىقى قوشۇلغان دېتاللارنى بازارغا سېلىشى مۇمكىن. لىكىن بۇنىڭدىن بۇرۇن بىز ھازىر دىگەندەك تۈرلۈك قىينچىلىقلاردىن قاچماي مەسلىلەرنى ھەل قىلىپ ، مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ   ئۈزلۈكسىز ھالدا داۋاملىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىمىز كىرەك .  شۇڭا ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئۈچۈن مۇشۇ ساھەگە كۈچ چىقىرىشنى ئويلايدىغان ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك كىشلىمىزنىڭ بىزدىكى دەسلەپكى قىيىنچىلىق بولغان كەسپىي ئاتالغۇلارنى قىلىپلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن. بولۇپمۇ بۈگۈنكى دەۋىردە مەلۇم بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش يالغۇز شەخسى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن كىلىىشى ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. بولۇپمۇ يۇمشاق دىتال ساھەسىدە تېخمۇ شۇنداق. مەيلى چوڭ كىچىك شىركەتلەر بولسۇن ھەممىسى ھەمكارلىق ئاساسىدا ئورتاق نىشاننى مەقسەت قىلغان ھالدا كوللىكتىپ خىزمەت ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا مەن شەخسىي نامىمدىن مۇشۇ دەرىسلىك ئىشلەش پىلانىغا كومپىيۇتېر ئىلمى، مۇزىكا ساھەسى ۋە تىل تەتقىق قىلىدىغان كىشلىرىمىزنىڭ بىرلىشىپ مۇشۇ يېڭى ئاتالغۇلارنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئاتاپ چىقىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك كۈچىنى چىقىرىپ قويسا دىگەن ئۈمۈتتە مۇشۇ ئاتالغۇلارنى يېڭىدىن رەتلەپ چىقتىم.

      ئاتالغۇ بىكىتىش ئىشلىرىنىڭ تېخمۇ ئىلمى ۋە ياخشى داۋاملىشىشى ئۈچۈن بىر نەچچە قائىدىلەرنى بىكىتىۋالساق :
كومپيوتېر ساھەسىدىكى ئاتالغۇلار ئاساسەن غەرب ئەللىرىدىكى ئانا تىلى ئېنگىلىزتىلى بولغان ياكى ئىنگىلىزتىلىنى پۇختا بىلىدىغان كىشلەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىۋاتقان بولغاچقا بۇ قىتىملىق ئاتالغۇلارنى ئاۋال ئىنگىلىزتىلىدىكى يېزىلىشى بويىچە ئىلىپبە تەرتىبى بويىچە تېزىپ شۇ بويىچە باشقا تىلدىكى تەرجىمىلىرىنى كەينىدىن تىزىپ چىقىپ سىلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق مۇۋاپىق ئاتالغۇلارنى بىكتسەك بولىدۇ.

كۈچلۈك تەۋسىيە : ئاتالغۇ توغرىلىق مەخسۇس يازمىنى ئالىم ئەھەت بلوگىدىكى «ئاتالغۇ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم» دىن كۆرۈڭ.

    مەسىلەن Audio دىگەن ئاتالغۇنى مىسالغا ئالساق ئاۋال مۇشۇ سۆزنىڭ ئىنگىلىزتىلى لوغىتىدىكى ئىزاھلىق مەنىسىنى تېپىپ چىقساق ، ئاندىن ئۇنىڭ باشقا خەنزۇتىلى ، تۈرك تىلى ،روس تىلى ، قازاق تىلى قاتارلىق تىللاردىكى تەرجىمىسى بىلەن شۇ تىلدىكى ئىزاھلىق مەنە يەشمىسىنى تېپىپ چىقساق ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنى ۋە ئىزاھاتىنى ئويلاشساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. مىنىڭچە ئالدىنقى ئىككى باسقۇچنى ھەممە ئادەم قىلالايمىز. (ئاللىبۇرۇن بار بولغان ئاتالغۇلارنى رەتلەش ئىشىلىرىنى ماكان مۇزىكا تورىدىن ئاجرىتىلغان مەخسۇس سەھىپىگە توپلايمىز. ئۇيغۇر تىلىغا ئاتالغۇ تاپىدىغان ئىشلارنى ھەممەيلەن كاللا قاتۇرۇپ چۈشىنىشلىك بولغان سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلىسەك بولىدۇ.)

   MIDI  تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئاتالغۇلارنى بىكىتىشتىكى بىر ئالاھىدە نوقتا شۇكى بۇ ساھە كومپيوتېر ۋە مۇزىكا ئىلىمىنىڭ بىرلىشىشىدىن كىلىپ چىققان بولغاچقا بۇنىڭغا ئاتالغۇۇ بىكىتىشكە ۋە پىكىرلەرنى قاتناشتۇرۇشقا  ئۆز ئانا تلى بولغان ئۇيغۇرتىلىغا پىششىق مۇشۇ ساھەدىكى كەسپى ئېنگلىزتىلىنى بىلىدىغان ھەمدە MIDI تېخنىكىسىنى ماھىيىتىدىن چۈشىنىدىغان ، كومپيوتېرنىڭ ئاساسى بىلىملىرىنى ۋە رەقەملىك ئۇچۇرنىڭ قانداق خاتىرلىنىدىغانلىقى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيدىغان كىشلەر ھەممىدىن بەك ماس كىلىدۇ . ( بۇ دىگەنلىك ئۇلارنى بىلمەيدىغان ئادەم ئېغىز ئاچمىسۇن دىگەن گەپ ئەمەس، ھەممە كىشلەر ئۆزىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ ، لىكىن پاكىت ئىسپاتى بىلەن تىلنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن
بولۇشى كىرەك.)
       ئەگەر بەزى سۆزلەرگە ھازىرچە مۇۋاپىق ئاتالغۇ چىقمىسا ئاۋال شۇنىڭغا ماس كىلىدىغان يېقىن ئاتالغۇلارنى ياكى بىۋاستە تەرجىمە ئاتالغۇسىنى ياكى بىۋاستە ئاھاڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ خاتا جايلىرى بولسا تۈزىتىپ توغىرلاپ ماڭساق بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ھىچ بولمىغاندا ھىچ ئىشنى قىلمىغانغا قارىغاندا ياخشى. تۇنجى قەدەمنى دادىللىق بىلەن ئېلىپ ماڭساق كىيىنكىلەر تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ مېڭىشىغا ئىشەنچىمىز كامىل. دىمىسىمۇ جاھاندىكى نۇرغۇن ئىشلار شۇنداق بولۇۋاتىدىغۇ . مەلۇم بىر ساھەدە يۇقىرى پەللىگە يىتىش ئۈچۈن ئاۋال ئۇنىڭدىن بۇرۇن نۇرغۇن كىشلەر شۇ ساھەدە تىندۇرمىنى ھازىرلىغان بولۇشى كىرەك . نويوتۇنمۇ ئەينى ۋاقىتتا : «مەن پەقەت گېگانت ئادەمنڭ دولىسىغا چىقىپ ئازراقلا يىراقنى كۆرەلىدىم خالاس» دىگەنىكەن ، دىمەك ئىنسانىيەت تارىخىدا شۇنداق كاتتا ئالىم ئۈچۈنمۇ بىر ئۇل ئۇنىڭدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ئارىستوتىل مەزگىللىرىدىلا ھازىرلانغان. شۇڭا بۇ ئىشنى مەيلى كىچىككەن بولسۇن ياكى بۇرۇن باشلانغان بولسۇن ئاۋال بۇ ئىشنى ھەممەيلەن كاللا قاتۇرۇپ ئويلىنىپ باقايلى ، پىكىر يۈرگۈزەيلى. ئىھتىمال ئارىمىزدىن مەلۇم بىرەيلەن تېخىمۇ ياخشى ئوي پىكىرلەرنى جۈملىدىن تېخىمۇ مۇۋاپىق ئاتالغۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ ساھەدە يۈكسىلىش ھاسىل قىلىشى مۇمكىن.
كومپيوتېردا مۇزىكا ئىشلەيدىغان ئىشلار نۇرغۇن كەسپى بىلىملەرگە چېتىلىدىغانلىق ئۈچۈن شۇ مۇزىكا ئىشلەشنى ئۆگىنىش جەھەتتە نۇرغۇن ئاتالغۇلارغا ئۇچرايدۇ . مەسىلەن : كومپيوتېر مەشخۇلات سىستىمىسىدىكى ئاتالغۇلار ، MIDI تېخنىسىكىغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلار ، ئۈن ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى ئاتالغۇلار (مەسىلەن : ئاۋاز ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلار ، ماستىرلاشتا قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇلار ، ئانا لىنتا بىر تەرەپ قىلغاندا ئىشلىتىلىدىغان ئاتالغۇلار، ھەرخىل ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئاتالغۇلار (مەسىلەن: ئاۋاز كارتىسى ، ياڭراتقۇ ، تىڭشىغۇچ ، ئۈن تەڭشەش سۇپىسى ، مىكروفون ، سىگنال كۈچەيىتكۈچ ، ۋە ھەرقايسى چالغۇلار..........) ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇزىكا نەزەرىيە ئىلمىدىكى ئاتالغۇلار .
بۇ يەردە ئاساسلىق توختىلىغىنىمىز كومپيوتېردا مۇزىكا ئىشلەش جەريانىدا ئۇچرايدىغان پەقەت MIDI ساھەسىدىكى ئىشلىتىۋاتقان ئاتالغۇلارنى قاراپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان . بۇنىڭ ئىچىدىمۇ قوللىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئاتالغۇلارنى ئالدىن ۋە ئەتراپلىق ھالدا ئويلىشىش ، مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن بۇ خىزمەتنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئاتالغۇ بىكىتىلگەندە چوقۇم ئىلمى ئاساسلىرىمىز بولۇشى كىرەك.
بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم بىر ئادەم رەتلىگەنلىگىم ئۈچۈن بەلكىم نۇرغۇن كەم يەرلىرى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا باشقىلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ۋە ۋاقتىدا ماڭا خاتالىمنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ بەرسە مەن ۋاقتىدا تۈزىتىۋالسام.

ئاتالغۇ تۈرى        تىل نامى        تەرجىمىسى              ئاتالغۇ ئىزاھاتى                        تەكلىپ ئاتالغۇلار           كىلىش مەنبەسى
Audio                    ئۇيغۇرتىلى         ئۈن                       
                    English           Audio                       
                      中文           音频                       
Stereo                   ئۇيغۇرتىلى          سىتئېرو                       
                  English          Stereo                       
                     中文          立体声                       

      ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن ھازىرچە مۇشۇ ئىككىلا ئاتالغۇنى مىسال ئۈچۈن كۆرسەتتۇق. بىر نەچچە كۈندىن كىيىن تېخىمۇ ئىنچىكە بولغان گرافىكلىق جەدىۋەل ياساپ شۇ ئورۇنغا توپلاش ئېلىپ بارىمىز. ھازىرچە مۇشۇ ئاتالغۇلار ھەققىدە ئويلانغاچ تۇرۇڭلار .
بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» بىر ناھايىتى ھىكمەتلىك سۆزنى قالدۇرۇپتىكەن. شۇڭا مۇشۇ ئىشتىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىزىدىن بېسىپ ھەر بىر ئاتالغۇ ھەققىدە قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ئاۋال شۇ ھەقتە كۆپ ماتىرىيال كۆرۈپ ، ئېنتېرنىت دۇنياسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، بىزگە ئوخشاش مۇشۇ مەسىلىگە دۇچ كەلگەن باشقا مىللەتلەر مۇشۇ مەسىلىنىڭ قانداق ھەل قىلغانلىقىنى بىلىپ، قىرىنداش مىللەتلەرنىڭ شۇ ساھەدىكى باسقان ئىزىغا قاراپ ئاندىن ئىلىمى بولغان قارار چىقىرايلى. ئالدىراپلا قىززىققانلىق قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ شۇ نەخ مەيدان ھىسسىياتى بىلەنلا مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس يېزىشقا ئالدىراپ كەتمەيلى.
        ھازىچە تورداشلىرىمىزدىن ئىجاد قىلىنغان ئاتالغۇلارنىڭ ئومۇملىشىپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلۋاتقىنىدىن «ساندان» ۋە «ۋىروسخور» دىگەن مۇشۇ ئىككى خىل ئاتالغۇ بولۇپ (بەلكىم بۇنىڭدىن باشقا سۆزلەرمۇ بولىشى مۇمكىن ، لىكىن مىسال ئۈچۈن ھازىر پەقەت ئىسىمدە قالغان مۇشۇ ئىككى ئاتالغۇنى دەپ تۇراي) ، ھازىر تىلى يېزىق كومىتىتىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىغا كىردى.
«ساندان» سۆزىنى مىسالغا ئالساق ئىنگىلىزتىلىدا Database دىيىلىدۇ. خەنزۇچىدا بولسا 数据库 دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. 90-يىللاردا بۇ سۆزنى كەسپى ئاتالغۇ لوغەتلىرىدە «سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» دەپ خەتمۇ خەت تەرجىمە قلىپ ناھايىتى كىلەڭسىز قۇراشتۇرۇلۇپ ياسالغان ئىدى، بۇ «سان» بىلەن «دان» دىگەن ئايرىم بوغۇمنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان بولۇپ «سان» سۆزى ھەرقانداق ئۇيغۇر چۈشىنىدىغان بىر بوغۇملۇق سۆز، كەينىدىكى «دان» قوشۇمچىسى بىر نەرسىنى قاچىلىغىلى بولدىغان نەرسە ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچە، مەسىلەن: چايدان، ئۇرۇقدان، تۇخۇمدان... مۇشلارنىڭ ھەممىسىدە كەينىدىكى «دان» قوشۇمچىسى ئالدىدى سۆز بۆلىكى ئىپادىلىگەن نەرسىنى قاچىلايدىغان بىر گەۋدىنى ئىپادىلىگەن، ھەمدە ھەرئىككى بۆلەك ساپ ئۇيغۇر تىلى لۇغەت ئامبىرىدىكى سۆزلەردىن تەركىپ تاپقان. بۇ ئارقىلىق يېڭى پەيدا بولغان ئاتالغۇنىڭ باشقا يات تىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن تولۇق ساقلانغان ئاساستا ۋۇجۇدقا كەلگەن بولدى. بۇنداق بولغاندا مۇشۇ سۆزنى ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى بىر ئۇيغۇر(ئۆز ئانا تىلىدىن تىلى چىققان ۋە ئۆز يېزىقىدا ساۋات چىقارغان) مۇشۇ سۆزنى چۈشەنمەكچى بولسا ھىچقانداق قىينالمايلا چۈشىنەلەيدۇ. يەنە بىرسىگە «ساندان» دىگەن بۇ سۆز ناھايىتى ئىخچام بولغان . بۇنداق بولغاندا مەيلى ماتىرىياللاردا يېزىشقا ياكى تەلەپپۇز قىلشتا،يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئارايۈزىگە ئىشلەتكەندە ناھايىتى ئەپچىللىككە ئىگە.
«ۋىروسخور» دىگەن ئاتالغۇنى مىسالغا ئالساق بۇمۇ ئوخشاشلا ئىنگلىزتىلىدا Anti Virus خەنزۇتىلىدا 杀毒软件 دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. بۇنىمۇ 90-يىللار ئەتراپىدا خەتمۇ خەت تەرجىمە قىلىش پىرىنسىپى بويىچە «ۋىروس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىدى. «ۋىروس» دىگەن سۆز بىلەن «خور» دىگەن قوشۇمچىنىڭ ياسىلىشىدىن بارلىققا كەلگەن. «ۋىروس» سۆزى گەرچە بىۋاستە ئىنگىلىزتىلىدىن ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ئومۇملىشىپ كەتكەن سۆز. دىمەك بۇ سۆزنى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرغا قايتا چۈشەندۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق. «خور» قوشۇمچىسىنى دىسەك بۇ سۆز ئەسلىدىنلا خەلقىمىزگە ئومۇملاشقان باشقا سۆزلۈكلەردە ئىشلىتىگەن . مەسىلەن : گۆشخور ھايۋان، ئوتخور بېلىق، ئادەمخور ئالۋاستى ، چۈمۈلىخور (شىمپانزىغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىر ھايۋاننىڭ ئىسمى) ، بۇ سۆزلەرنىمۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار بىلىدۇ. دىمەك مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە «خور» قوشۇمچىسىمۇ ئومۇملاشقان قوشۇمچە دەپ قارىساق خاتالاشقان بولمايمىز. مۇشۇ ئىككى قوشۇمچىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان يېڭى سۆز ناھايىتى ئىخچام ھەم چۈشىنىشلىك. ئەسلىدىكى «ۋىروس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالى» دىگەن تەرجىمىسىدىمۇ شۇ سۆزنىڭ ئىپادىلەۋاتقان مەنىسى تولۇق ھەم توغرا ئىپادىلەنمىگەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئىقتىدارى يالغۇز ۋىروس ئۆلتۈرۈشلا ئەمەس. ئۇ پەقەت نۇرغۇن ئىقتىدارلار ئىچىدىكى بىر يالغۇز ئىقتىدارىلا خالاس ، ئەگەر بۇ ئىسىمنى يېڭى ئاڭلىغان ھەم ئۇ خىل دېتالنى ئىشلىتىپ باقمىغان ئادەم بولسا ئاتالغۇ تۈپەيلى شۇ خىل تۈردىكى بارلىق دېتاللارنىڭ ئىقتىدارىنى خاتا چۈشىنىۋىلىشى مۇمكىن . شۇڭا ئاتالغۇ تۈپەيلى باشقىلارنى خاتا يولغا يىتەكلەپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز لازىمدۇر. ئۇ چاغدا ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ شۇ پەننىڭ ياكى شۇ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى كەينىگە چىكىندۈرۈپ قويىشىمىز مۇمكىن. ئۇ چاغدا  ياخشىلىق قىلغۇچى ئەمەس «جىنايەتچى» گە ئايلىنىپ قالىمىز. شۇڭا بۇنىڭغا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بولمىسا بولمايدۇ.

دىمەك بىز توغرا يۆنىلىش بويىچە ئۈزلۈكسىز تىرىشساقلا ھامان ياخشى بولغان ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز . مۇھىمى بۇ خىل تىرىشىشتىكى تۇتقان يولنىڭ نىشانىنىڭ توغرىلىقى ۋە تىرىشىشنىڭ ئۆزلۈكسىزلىكى. ئەگەر يەنە بەش يىل ئۆتكەندىن كىيىن بۇ خىزمەت توختىسا يەتتە يىلدىن كىيىن ماڭا ئوخشاش ئويلىغاندىن بىرسى يەنە كۆتۈرۈپ چىقسا ئۇمۇ ئۈچ يىل قىلغاندىن كىيىن زىرىكسە....... بۇنداق قىلسا بۇ ئىشنىڭ ئۈنۈمى بولماقتا يوق ئەكىسچە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ۋاقتى ، زىھنى ئەڭ مۇھىمى روھى كەيپىياتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ھەممەيلەن ئۈمۈدۋارلىق كەيپىياتنى بىلەن ئاكتىپ پۇزىتسىيە بىلدۇرىشىمىز لازىمدۇر. ئۈمۈدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشىدۇر.

ئاتالغۇ بىكىتىش مەلۇم بىر شەخىسنىڭ،شىركەتنىڭ ياكى ئېدارە ئورگاننىڭلا ئىشى ئەمەس . بەلكى ئانا تىلىمىزدىكى بارلىق قىرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. ئەگەر بىر تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك ئەگەر مۇكەممەل ھالدا ساپ ئۇيغۇر تىلى بويىچە بىكىتىلسە يەنە 50 يىلدىن كىيىنكى كەلگۈسىدە تۇغۇلغان مەلۇم بىر ئۇيغۇر بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچتى دىسەك شۇ بالا چوڭ بولۇپ مۇشۇ ساھەگە كىرىپ تىرىشماقچى بولسا بىزنىڭ ھازىرقى قىلغان ئەمگىكىمىزنىڭ مىۋىسىدىن ھوزۇرلانسا مانا بۇ بىزنىڭ بەختىمىز،بىزنىڭ شان شەرىپىمىز،بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ياشىغاندا قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىمىز،بىزنىڭ يورۇن دۇنيادا ياشىغان ھاياتىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتىمىز.


=====================================================================================
مەن بۇ ماقالىنى يېزىپ قويغىلى بىر نەچچە يىل بولغان ئىدى ، لىكىن ھەر قىتىم ئېلان قىلىشنى ئويلىغىنىمدا يازمامدىكى پىكىرىنىڭ تېيىزلىقى ، پاكىت ئاساسلىرىنىڭ كەملىكىنى ھىس قىلىپ ئېلان قىلىشتىن ئەنسىرىگەن ئىدىم. لىكىن مەن بىر ئادەتتىكى بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەرقانچە تىرىشساممۇ ھامان مۇكەممەل بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ بولالمايدىغانلىقىمنى ھىس قىلىپ ھازىرچە مۇشۇنداق پۈتتۈرۈپ تۇردۇم. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن مۇشۇ ئىلىمنى ئۆگىنىش جەريانىدا ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىم. شۇڭا بۇنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈزىتىپ ، ئۆزگەرتىپ ، تولۇقلاشقا تىگىشلىك جايلىرى بولسا تولۇقلاپ ، ئېلىۋىتىشگە تىگىشلىك جايلىرى بولسا ئېلىۋىتىشىم مۇمكىن. شۇڭا، تەسىرات سۈپىتىدە ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ، نامۇۋاپىق جايلىرىغا پىكىر بەرسەڭلار بولىدۇ. پۈتمىگەن بولغاچقا، ھازىرچە باشقا جايغا چاپلاشقا بولمايدۇ. راۋۇرۇس مۇكەممەلەشكەندە مەن ماۋزۇنىڭ ئاستىغا باشقا مۇنبەرگە چاپلاشقا بولىدىغانلىق توغرىلىق ئەسكەرتىش يېزىپ قويىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-14 00:57  

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-7-13 22:42:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپكەن،بىراق ئىنگىلىزچىدىكى ئاتالغۇلار قىسقارتىلما سۆزلەردىن تەركىپ تاپقانلىقتىن ، بەزى ئاتالغۇلارئانا تىلىمىزدابەك ئۇزىراپ كىتەرمىكىن دەپ ئويلايمەن،(بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم،قىنى باشقىلار نىمە دەيدىكىن)لىكىن بۇ خىزمەتنىڭ ۋەزنى خىلىلا ئىغىر،خۇددى ئۆزىڭىز ئىيىتقاندەك،‹‹يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق››بولمىسا مىللىتىمىزنىڭ ئالدىدا‹‹جىنايەتچى›،بوپ قالىمىز.  
ھەسەل ھەرىسىگە ئەگەشسەڭ،گۈلگە قونىسەن،چىۋىنغا ئەگەشسەڭ پوققا قونىسەن.
ۋاقتى: 2012-7-15 16:04:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى تىمىغا مەندىن باشقا بىرەر ئادەمنىڭ ئىنكاس يازمىغىنىغا ھەيرانمەن،توۋا ،بۇ جاھان نىمە بوپ كەتتى؟
ھەسەل ھەرىسىگە ئەگەشسەڭ،گۈلگە قونىسەن،چىۋىنغا ئەگەشسەڭ پوققا قونىسەن.
ۋاقتى: 2012-7-15 16:29:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ جاپا چىكىپسىز.ھارمىغايسىز.ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەتلەر بولسۇن!
بىز تىل -يىزىق ئىشلىرمىزغا،باشقا كەسىپلەر ئۈچۈن ياردەم قىلالمىساقمۇ،ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپ دائىرسىدە ياردەم قىلالايمىز!بۇ بەك ئاسان ئىشمۇ ئەمەس...قىلغىلى بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس...
چۈنكى،بىز نەچچە 10 يىلدىن بۇيان ئىلىكتىرۇنلۇق رويال،ئىلىكتىرۇنلۇق ئۈسكىنە،گىتتار،كومپىيۇتىردىكى بىزگە نامەلۇم بولغان ئاتالغۇلارنى ئەمىلى ئىشلىتىش جەريانىدا،ئاشۇ كونۇپكىلارنىڭ رولىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشۈنۈپ يەتتۇق دەپ قارايمەن.(pilayدىگەن قويۇش.stopدىگەن توختۇتۇش دىگەندەك.‹‹مەسىلەن ھە...››)
يەنە بىرسى-فىزىكا،ئىنگىلىس تىلى بىلىدىغان،تەرجىمانلار بىلەن چوقۇم كىڭىشىپ،پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇۋاپىق سۆزلەرنى قويۇشىمىز كىرەك!بىزنىڭ تىل بايلىقىمىز ئىنتايىن مول.ئۇيغۇر تىلىدا ھەممە گەپنى تاپقىلى بولىدۇ.بۇ جەھەتتىن ئەنسىرىمەيمىز!تىرىشساق بىر گەپ بولا!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sipartak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-15 16:30  

ۋاقتى: 2012-7-15 16:39:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
m-k-music يوللىغان ۋاقتى  2012-7-13 22:42
ياخشى تەكلىپكەن،بىراق ئىنگىلىزچىدىكى ئاتالغۇلار قىسق ...

ئۇزىراپ كەتسە ئەنسىرەش ھاجەتسىز!
‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى››دىگەننى ‹‹بى دى تى››،‹‹جىنىم خىنىم››دىگەننى ‹‹ج خ››،‹‹مەمەتكىرەم››دىگەننى
‹‹م-ك››دىگەندەك قىسقارتىپ يازامىز.........
ۋاقتى: 2012-7-15 16:44:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسلار توغرا دەيدۇ .مېنىڭچىمۇ بۇ مەسلە ئۈستىدە ئالدى بىلەن فىزىكا ساھەسىنىڭ ئاۋاز ئېلمىنى ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلىدىغانلار ۋە ماتېماتىكا ساھەسىنىڭ مۇناسىپ تېخنىكىلىق پەنلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان دوسلار بىلەن موزىكا ئېلمىدىكى ،تىل تەتقىقات ئېلمىدىكى دوسلار بىر يەرگە كېلىپ تەتقىق قىلسا ئەتراپلىق ،قايىل قىلارلىق دەرىجىدە نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .مېنىڭچە ...... ! باشقا دوسلار قانداق قارايدىكىن !!؟؟؟
ۋاقتى: 2012-7-16 02:43:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇبەك ياخشى تەكلىپ بوپتۇ....بىزمۇ تىرشىپ باقايلى ! دوسلارمۇ بىلىدىغانلىرنى دادىل ھالدا ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقسۇن..خاتا بولسا تۇزۇتۇپ توغرا بولسا ئالقىشلاپ بۇئىشنى باشقا ئېلىپ چىقايلى...تاما تاما كۆل بۇلىدۇ..
بۇبىزمۇزىكا ئىشلىگۇچىلەر ئۇچۇنلام ئەمەس بىر مىللەتنىڭ  (بىز ئۇيغۇرلانىڭ )تەغدىرگە چېتىلدىغان ئۇلۇغ ئىشكەن بۇ....بۇئىش پۇتۇپ  بۇلۇپ قالسا بىزمۇ  باشقا مىللەتلەرگە تايانمەيمۇ  نۇرغۇن ئۇلۇغ ئىشلارنى باشقا ئېلىپ چىقالىشىمىز مۇمكىن دەپ ئويلايمەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Steinberg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-16 02:44  

RME HDSP 9632 ئاۋاز كارتىسى سېتىلدۇ
ۋاقتى: 2012-7-16 13:11:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ ئىزدەنگىنىگە رەھمەت ۋە ئاپىرىن،سىزنىڭ نەچچە يىللار بۇ ئىشقا باش قاتۇرۋاتقانلىغىڭىزنى بىلىمەن،جاپا چەكتىڭىز....
ئەخمەتجان ئەپەندى بىلەن بىر نەچچە قىتىم كۆرۈشتۈم شۇنداقلا بۇ پىلانلار توغرىسىدا خىلى كۆپ پاراڭلاشتۇق،مەنمۇ بۇ ئاتالغۇ شۇنداقلا ئىززاھات لوغىتى توغۇرلۇق ئىزدەنگەن بولساممۇ لىكىن ساندان تۈزۈش ۋە بۇنى ئەمىمىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۆپ مەسىلىلەرگە يۇلۇقتۇم،توردىن قانائەتلەنگۈدەكجاۋاپقا ئىگە بولالمىدىم،نۇرغۇن مۇزىكانىتلىرىمىزمۇ بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىن ئەنسىرەيدۇ،بۇنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ،لىكىن بىز 1-قەدەمنى ئەنسىرەش ۋە قورقۇش بىلەن باسالمىساق 2-قەدەمنى ھەرگىز باسالمايمىز،2- قەدەمگە بىراقلا سەكرىسەك يىقىلغىنىمىز يىقىلغان،شۇنىڭ ئۈچۈن دادىللىق بىلەن بۇ قەدەمنى ئالىمىز،بۇ پىلانىمىز 5~10 يىلدا ئەمىمىيلىشەمدۇ مەيلى،پەقەت بىز بۇ قەدەمنى كىيىنكىلەرگە بىسىپ يول ئىچىپ بەرسەك بۇ ئىشلار چوقۇم ئىزىدا ماڭىدۇ، شۇنداقلا نەتىجىمىز كۆرۈلىدۇ.
ھازىرقى مەسىلە بۇرۇن مەن  يوللىغان ‹كەسپىي لوغەت تۈزۈش سەپەرۋەرلىگى› دىگەنتېمىدىكى پىلان بويىچە ساندان قۇرۇش ۋە ئايرىم بەت لاھىيلەش،بۇ قىيىنچىلىقنى ئادەم ئىزدەپ ھەل قىلىمىز.
كەسپىي ئاتالغۇلاردا ئەخمەتجان خىلى يىللار خىلى كۆپ ئىزدەندى،ئەمدى شۇلارنى بىر بەتكە چىقىرىش ۋە تەھلىل قىلىش ۋە مۇقۇملاشتۇرۇش ،شۇنىڭ ئۈچۈن دوسلار چوقۇم ئاكتىپ،كەڭ قوساقلىق بىلەن ئاۋاز قوشسا.

ۋاقتى: 2012-7-17 18:44:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sipartak يوللىغان ۋاقتى  2012-7-15 16:39
ئۇزىراپ كەتسە ئەنسىرەش ھاجەتسىز!
‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلە ...

(بى،دى،تى) مۇ (  ب،د،ت) مۇ،مەن تىخى ھازىرغىچە ‹‹ب،د،ت››دىگەننى ‹‹بادام دوپپىلىق تاز ››دەپ چۈشىنىدىكەنمەن،چاخچاق قىلسام خاپا بوپ كەتمە يەنە،
ھەسەل ھەرىسىگە ئەگەشسەڭ،گۈلگە قونىسەن،چىۋىنغا ئەگەشسەڭ پوققا قونىسەن.
ۋاقتى: 2012-7-17 21:09:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر
مۇزىكا-ھاياتلىقنىڭ كۈچى
ۋاقتى: 2012-7-17 22:05:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
m-k-music يوللىغان ۋاقتى  2012-7-17 18:44
(بى،دى،تى) مۇ (  ب،د،ت) مۇ،مەن تىخى ھازىرغىچە ‹‹ب،د،ت›› ...

سىنى ئاشۇنداق چۈشۈنىۋالمىسۇن دەپ ‹‹بى،دى،تى›› دەپ يازغانتىم...ۋۇخاخاخاخاخاخاخا.........
ۋاقتى: 2012-7-18 12:14:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسلار ئاكتىپراق بولساق،ئەخمەتجاننىڭ تەرجىمە قىلغان بىر قىسىم ئاتالغۇلىرىنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار،بۇ پەقەت بىر قىسمىلا...ئاخىرى خىلى كۆپ
ahmatjan.jpg

ۋاقتى: 2012-7-18 14:00:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ناخشىنىڭ  سۈزى   ، مۇسىكىسى  دىگەندىكى مۇزىكىسى دىگەننى ئۆزگەرىتسەك بولاتتى .. بۇ ئاھاڭى دەپ ئاتالسا تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك بولاتتى ...  بۇ نىنىڭ سەخسى قارىشىم ...
باللا نوئىندو 5 نورمال ئىشلەمدىكەن . مەن ئىشلىتىپ باقاي دىگەن
ۋاقتى: 2012-7-18 16:20:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن stereoئاتالغۇنى ‹‹قوش لىنىيە›› دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
مۇزىكا ئىشلەي دىسەم ھېسيات(感觉) كەلمەيۋاتىدۇ.. قانداق قىلىش كېرەك..؟
ۋاقتى: 2012-7-19 16:01:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈن كارتىسى  دىگەنىنى  ئاۋاز كارتىسى دەپ ئاتىساق   قانداق بۇلا....؟
قوش لىنىيە  تاق لىنىيە  دىگەننى   قوش يول تاق يول  دىسەك  قانداق بۇلا....؟
RME HDSP 9632 ئاۋاز كارتىسى سېتىلدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2016-3-13 15:55 , Processed in 0.921892 second(s), 77 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش