玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

6860 ئەسكەرتىش:رەسىم تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز كەسىپداشلار ياخشىمۇسىلەر. Cubase 8 غا KORG pa900 نى چېتىپ ، ئ

مەن كومپىيوتېرىمغا CUBASE قاچىلىغانتىم ھەم NUENDO مۇ قاچىلاپ باقتىم

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۇ تۇر بەت بەكلام جىمڭپ كەتتى جۇمۇ.KORG PA600نىڭ پاسلىرى بۇلسا ئەۋەتىپ

ھەرقانداق vst مەندە بار لازىم بولسا بۇ ئۈندىدار توپىغا كىرىڭ 6839 6838 6837 6836 6835 6834 6833 6832 6831 6830 6829 6828 6827 6826 6825 6824 6823 6822 6

ئەسسالام ئەزىز قېرىنداشلار مەن ئائىلىدە ئىشلەتكىلى بىر دانە ئ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق كەسىپداشلار ئۇستازلار ماڭا CUBASE5 ي

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بارچە ئەزىز قېرىنداشلار ، كەسىپداشلار ، مەندىن ھەمىمىڭلارغا ئوتتلۇق سال

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

6639 http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI1NjIwNTUyMA==/v.swf ئانا پىشتىدا مەمەت پىچاق ئاخسا ئىشىكتىن كىرگەندە چ

ئۆزۈم ئاككوردلاشتۇرغان بىرقانچە مۇزىكا. كەسىپداش.تورداشلار باھا... مۇزىكىلارنى ئاككوردلاشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن ئۈسكىنىلەر:- كومپىيوتې

نەچچە كۈندىن بۇيان كەچ تەرەپلەردە زىرىكىپ ماۋۇ ناخشىنى ئو

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار يىقىندا ئۆزۈم قازاقچە ناخشىدىن ئۆزلەشتۈرگەن ئەس

دۇسلار مۇزىكا ئىشلەشكە AMD FX-8300 CPU بۇلامدۇ ؟ . بەزەنلەر intel i3 intel

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

بۇ نەشىرى بىلەن تەمىنلىگەن توردىشىمىز ‹نەپرىتم› گە رەھمىتىمىز

6644 http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI1NjIwNTUyMA==/v.swf ‹ھوقوقنىڭ ئويۇنى› دىگەن كىنونىڭ ئاساسى مۇزىك

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماڭا يۇللۇغۇم دىگەن ناخشىنىڭ تەڭكەشنۇسىسى جىددى كىرەكتى 3437535841چچىرىم.

http://player.youku.com/player.php/sid/XMjk2MDQzNzk2/v.swf پىئانىنودا دەششەت چەپ قويۇپتىغۇ ئىش قى

ئالدى بىلەن بەرباب بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى بەرباب ئەجدادلىرىمىز ئەڭ بۇرۇن ك

6573 ئۈندىدار توپىدا بىر توردىشىمىز بۇ فىلىمنى يوللاپتىكەن،شۇنىڭ

6497 ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۈگۈندىن 16 يىل ئىلگىرى يەنى 2000 – يىلى باھاردا لوندوندا كىشى ئۇنتۇلغ

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئەزىز مۆھتىرەملەر ! مەندە KORG PA500 با

6856 Korg pa 300 پاسلىرى ئېھتىياجى با باللا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەسىلە پاسلارنى ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورىنىڭ خاسلىغ

rolan gr-55 boss rc-300 پايدىلىنىپ چالنغان. تۇنجى قىتىم loop ئېشلىتىشىم http://player.youku.com/player.php/sid/XMTc4MTA4MTY3Ng==/v.swf

http://player.youku.com/player.php/sid/XMTc5MDY4NjA1Mg==/v.swf

ئۈندىدار 14799476715 ئورنى قەشقەر قاغىلىق KORG 80 ياكى KORG 60 بولسىمۇ بولدۇ

]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن غۇلجىدىن بۇلىمە ، ماڭا ئەرز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر ئەھلى كەمىنە ئوسمانجان تەمكىدىن ھەممىڭلارغا يالقۇنلۇق سالام سىلەرگە شىئېريەت سالوندا يى

قالدىم ئەلەمدە ھەسەنجان تىلۋالدى ئەجەپ تارىتتىم سۆيگۈ

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قەۋۇم-قى

PARUK213 ئسملېك بىر دوستىمىز، MIDI مۇزىكىلار توپلىمىنى چۇشۇرىۋ

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دىيارىمىزدا بەيدۇ دېسكىسدىن ھۆججەت چۈشۈرۈشت

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزى

جەمئىي مىكروبلوگ 1930 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • MARS 5 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

  • xah 2017-1-31 18:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىپ  بولدۇم   . رەھمەت

  • letip 2017-1-21 13:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار! مۇنبەردە ئىلگىركىدەك ئاۋاتلىق يوققۇ؟

  • halastan 2016-12-5 00:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى  قىرىنداشلار ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سا...

  • مۇغەننى 2016-12-3 17:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،قېرىنداشلار ياخشىمۇ-سىلەر.

  • m-k-music 2016-9-22 18:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار،ئۇزۇندىن بىرى مۇنبەرگە كىرىپ بولالمىدىم.ھەممىڭلارياخ.....

  • ساددا 2016-8-13 17:58 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى  قىرىنداشلار ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سا...

  • 1309513900 2017-2-10 13:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەندە بىر دانە 99%  يىڭى  KORG  PA300  ئىلىكتىرونلۇق رويال با سىتىلىدۇ ئۆيدە چالغان

  • xah 2017-1-31 11:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئاكىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى تېپىشىپ بەسەڭلار

  • ئەخمەت 2016-12-13 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سالاملار بولسۇن قىرىنداشلار

  • halastan 2016-12-5 00:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،قېرىنداشلار ياخشىمۇ-سىلەر.

  • باغاق 2016-10-20 15:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام  كەسىپداشلار..fl studio 12 نىڭ ئۇيغۇرچە تۇلۇق دەرسى بولسا  سېتىۋالاي دېگەن..

  • ياڭراق 2016-9-2 19:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇستازلار ناخشىللىرىڭلارنى ياڭراق تورىغا يوللايلى . تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئاڭ...

  • ئۇدۇن 2016-7-24 02:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سالاملار بولسۇن

كۆرۈش: 6937|ئىنكاس: 98

Pro Tools نى 7 Win غا قاچىلاش [رەسىملىك]

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-12-25 11:36:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
Pro Tools نى 7 Win غا قاچىلاش ئۇسۇلى

ئاپتورى : ئەخمەتجان مەخمۇت


ئالدىنقىى قىتىم بۇ دىتالنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ چىققان ئىدۇق. شۇ كۈندىن باشلاپ ماكانداشلارنىڭ يۈرىگە ئوت تۇتۇشۇپ كەتتى بولغاي بۇ نۇرغۇن دوسلىرىم مەندىن قاچىلاش ئۇسۇلى ۋە باشقا مەسىلىلەر توغرىلق سورىدى. ماكانداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بۇ دىتالنى تەپسىلى قاچىلاش ئۇسۇلىنى ۋە چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى تەمىنلىدۇق. ئەگەر قىزغىنلىق تېخىمۇ يۇقىرى بولسا مەخسۇس يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى سىن دەرىسلىك ئىشلەپ تارقىتىش ئويىمىزمۇ بار . قېنى ئاۋۋال بىر سىناپ بېقىڭ . يارىسا ھەقىقىي نۇسقىدىكىسى سېتۋالارسىز .

01.jpg

1- قاچىلاش پىروگراممىلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى بىز تەمىنلىگەن ئادىرىستىن تولۇق چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇنى پىرىستىن يىشىپ setup.exe  ھۆججىتىنى باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە ئىجرا قىلىمىز . (يەنى شۇ ئىجرا قىلىنىدىغان ھۆججەتنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ ئوڭ تەرەپ كونۇپكىسىنى چەكسەك <以管理员身份运行> دىگەن تىزىملىك چىقىدۇ. )

02.png


2 - چىققان قاچىلاش كۆزنىكىدىن بىرىنجى تاللاش بولغان<Pro  Tools نى قاچىلايمەن>، يەنى <安装Pro Tools>نى تاللايمىز.

03.png


3 - كىيىنكى قەدەمدە تىل تاللاش كۆزنىكى چىقىدۇ .بۇ چاغدا  <中文(简体)> نى تاللاپ <جەزىملەشتۈرۈش> نى باسىمىز .  

04.png


4- كىيىنكى قەدەمدە چىققان كۆزنەكتىن <قاچىلاش> كونۇپكىسىنى بېسىپ Pro Tools نى رەسمى ھالدا كومپيوتېرىمىزغا قاچىلايمىز.

05.png


5 - ئۇنىڭ قاچىلاش باسقۇچى تۆۋەندىكىدىكى رەسىمدىكىدەك بولۇپ قاچىلاش تۈگىگىچە ھىچقانداق مەشخۇلات ئېلىپ بارماي ساقلاپ تۇرىمىز. بەزىدە مۇزىكا ئىشلەش دېتاللرىنىڭ قاچىلاش جەريانىدا تىزىملاش جەدىۋىلىگە نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى خاتىرلەيدۇ.شۇ چاغدا بەزىدە شۇ مەشخۇلات تۈپەيلى خاتالىق كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.  

06.png


6 - قاچىلاش تاماملىنىشتىن بۇرۇن PACE Anti-Poracy,Inc دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ . سىز رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك تاللاش كۆزنىكىگە توغرا بەلگىسى قويۇلغان ھالەتتە <قاچىلاش> كونۇپكىسىنى باسسسىڭىز بولىدۇ.

07.png


  7- ئاخرىدا بىزنىڭ كومپيوتېرىمىزنى قايتا قوزغىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغان مەسىلە شۇكى سىز چوقۇم قايتا قوزغىتىڭ. بولۇپمۇ بۇنداق مۇرەككەپ دېتاللارنى قاچىلىغاندا ، قوزغىتىش پىروگراممىلىرىنى قاچىلىغاندا تېخمۇ شۇنداق . شۇڭا ياۋاشلىقچە <ھەئە> كونۇپكىسىنى بېسىپ قەھۋە تەڭشەپ كىرىپ بولغۇچە كومپيوتېرىمىزمۇ قوزغىلىپ بولىدۇ.

08.png


8 - قايتا قوزغىلىپ بولغاندىن كىيىن قاچىلاش پىروگراممىسى رەسمى ھالدا ئىجرا بولىدۇ. ئەگەر قايتا قوزغىلىپمۇ ھىچقانداق ئىنكاس بولمىسا بۇ دەل ئاشۇ ۋىروسخورلارنىڭ ئالاھىدە سەزگۈرلىكىدىن كىلىپ چىققان بولىدۇ. سىز قاچىلاش جەريانىدا ئەڭ ياخشىسى قوزغىتىقلىق سىستىما ئاسراش دىېتاللىرىنى ئىتىۋىتىشىمىز كىرەك .
كىيىنكى قەدەمدە بولسا <中文(简体)> نى تاللاپ <جەزىملەشتۈرۈش> كونۇپكىسىنى چىكىمىز .  

09.png


9 - چىققان كۆزنەكتىن <كىيىنكى قەدەم> نى چىكىمىز .



10.png


10 - تۆۋەندىكى كۆزنەكتىن ئاۋال مۇلازىمەت كىشىمىگە قوشۇلىدىغانلىقىمىزنى تاللاپ ، ئاندىن <كىيىنكى قەدەم> چىكىپ داۋاملاشتۇرىمىز .  

11.png


11- تۆۋەندىكى كۆزنەكتىن قاچىلاش مۇندەرىجىسىنى تاللايمىز. (ئاڭ ياخشىسى سۈكۈتتىكى قاچىلاش مۇندەرىجىسىگە قاچىلىشىڭلارنى ماكان مۇزىكا مۇنبىرى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىدۇ.). شۇنىڭ بىلەن <كىيىنكى قەدەم> نى داۋاملىق باسىمىز .  

12.png


12- ئەمەلىي ئەھۋالىمىزغا ئاساسەن تۆۋەندىكى تاللاش تۈرىنى تاللايمىز. ئەگەر بىزدە HD قاتتىق دېتال كارتىسى بولمىسا ئۇ ھالدا بىرىنجى تىزىملىكنى تاللاپلا <كىيىنكى قەدەم>نى بېسىپ داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ. ئەگەر كارتا بولۇپ قالسا ئىككىنجى تىزىملىكنى تاللايمىز .

13.png


13- ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن قاچىلاش تۈرىنى تاللىساق بولىدۇ . بىز سىناق قاچىلاشتا ھازىرچە <ئۆلچەملىك> نى قاچىلاپ تۇرايلى . رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك .

14.png



14- ئەگەر ھچقانداق مەسىلە بولمىسا ئەڭ ئاخرىددىكى <قاچىلاش> كونۇپكىسىنى بېسىپ Pro Tools نى رەسىمى ھالدا كومپىيوتېرىمىزغا قاچىلاپ ئىشنى باشلىۋىتەيلى .  

15.png


15 - تۆۋەندىكى سۈرەت قاچلىنىۋاتقان كۆرۈنۈش بولۇپ بىز ئاز ۋاقىت كىتىدۇ . سۇڭا قەھۋەيىمىزنى ئىچكەچ داۋاملىق ساقلاپ تۇرايلى . (جاپا تارتمىغۇچە ھالاۋەت يوق دەپتىكەن ، شۇنداق ئىسىل بىر دېتالغا ئېرىشىپ شۇنىڭ ئارقىلىق ئەڭ يېقىملىق ئاۋازىمىزنى خاتىرلەش ئۈچۈن ساقلىساق ئەلۋەتتە ئەرزىيدۇ دە.... )

16.png


16- قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن ئەڭ ئاخرقى كۆزنەك چىقىسا <تاماملاش> كونۇپكىسىنى بېسىپ تاماملايمىز .  

17.png


17- قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن بىزنىڭ قايتا قوزغىتىشىمىزنى يەنە تەلەپ قىلىدۇ. بىز دىگىنى بويىچە بىجىرىمىز .

18.png


18- قايتا قوزغىلىپ نورمال ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن بىكىتىمىزدىن چۈشۈرگەن پىرىس ھۆججىتىنى يەشكەندىن كىيىن  باش مۇندەرىجىسىدىكى  Patch Avid Pro Tools 10.3.4 (By M.Jones).exe نامىدىكى ھۆججەتنى باشقۇرغۇچى سالاھىيىتىدە ئېجرا قىلىمىز . تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك :

19.png


19- بۇ ئەسلىدىكى دېتالنى يىشىدىغان قۇرال بولۇپ ، كىيىنكى قەدەمنى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز . (بۇ پەقەت دوسلارنىڭ سىناپ بېقىشى ۋە ئۆگىنىشى ئۈچۈن دەرسىك قىلىپ تەييارلاندى. ماكان مۇزىكا تورى بارلىق دوسلارنىڭ ھەقىقى نەشىرىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى سېتىۋىلىشڭلارنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىدۇ . ) بەك قىممەت ئەمەس . 2500 يۈەن ئەتراپىدا ئېلىپ بىرەلىشىم مۇمكىن ، بۇنىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆزگىرىدىغان بولغاچقا ئېنىق باھانى يازالمىدىم. بايراملاغا توغرا كەلسە بەلكىم 2200 يۈەنگىمۇ كىلىشى مۇمكىن .

20.png


20 - تۆۋەندىكى كۆزنەكتىن I Agree دىگەننى تاللاپ چىكىپ داۋاملاشتۇرىمىز .  

21.png


21-  تۆۋەندىكى كۆزنەك ناھايىتى مۇھىم بولۇپ بىز دەسلەپتە قايسى ئورۇنغا Pro Tools نى قاچىلىغان بولساق ھازىرمۇ شۇ ئورۇننى تاللىشىمىز كىرەك . چۈنكى بۇ قىتىم ئۈستىگە بېسىپ كۆچۈرىدىغىنىمىز ئەسلىدىكى پىروگراممىنىڭ يىشىۋىتىلگەن ھۆججەتلىرى بولۇپ ، ئۇنى ئەسلىدىكى قاچىلىغان مۇندەرىجىگە بېسىپ كۆچۈرىدۇ. شۇڭا تاللىغاندا مۇندەرىجىنىڭ توغرا بولىشىغا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كىرەك . ئادەتتە ئالاھىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمىغان بولسىڭىز سۈكۈتتىكى قاچىلاش ھالىتى بىلەن يىشىۋىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلاش ھالىتىدىكى ئادىرىسلار ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ.  

22.png


22 - ئەگەر باشقا مەسىلە كۆرۈلمىگەن بولسا  Install نى بېسىپ داۋاملاشتۇرىمىز.  

23.png


23 - يىشىۋىتىش پىروگراممىسى قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان ئۇچۇرى چىققان كۆزنەك كۆرىنىدۇ. بۇنىڭدىن <ئاخىرلاشتۇرۇش> كونۇپكىسىنى باسىمىز.  

24..png


24 - ئەمدى بىز ئۈستەليۈزىدىن Pro Tools نىڭ سىنبەلگىسىنى تاپالايمىز. مۇشۇ ۋاقىتتا ھەممەيلەننىڭ يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالغۇدەك جددىيلىشىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە مەن مۇشۇ يازمىنى يېزىپ مۇشۇ يەرگە كىلىپ شۇنداق جىددىيلىشىۋاتىمەن. چۈنكى Pro Tools دىگەن دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈن ئېلىش يۇمشاق دېتالى .

25.png


25 - ئەمدى رەسمى ھالدا Pro Tools نى ئىشلىتىشنى باشلىۋەتتۇق. ئەمدى قوزغالغاندا ئەلۋاتتە بارلىق قىستۇرما دېتاللانى بىردىن بىردىن ئوقۇپ چىقىدۇ.  

26.png


26- ئەسكەرتىپ قويۇشقا تىگىشلىك يېرى شۇكى : ئەگەر كومپيوتېرىمىزدا Waves قىستۇرما دېتالى بولغان بولسا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىۋالىدۇ . ھەممە تىزىملىكنىڭ ئالدىدىكى Don't use دىگەن سۆز بار بولۇپ ، دىمەكچى بولغىنى  : قايسى خىل ھالەتتە Waves نى ئىشلەتمەيمەن . دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ھىچقايسىسىنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىنى قويماڭلار . پەقەت ئەڭ ئاخرىدىكى
Don’t ask me again نىڭ ئالدىغىلا توغرا بەلگىسى قويۇلسا بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ مەنىسى : بۇنىڭدىن كىيىن مەندىن Waves توغرىلىق سوراپ مۇشۇنداق كۆزنەك چىقىمىسۇن . دىگەننى بىلدۈرىدۇ.  

27.png







بىز ھەممەيلەن توردىن ھەرخىل دېتال ۋە قىستۇرمىلارنى ئىزدەپ چۈشىرىمىز. لىكىن بەزىدە بىز ئىزدىگەن نەرسە شۇ ھامان چىقىشى ناتايىن. قىسمەن ماكانداشلارنىڭ رەھبەر دېتاللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى سوراپ تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ يازغانلىقىنى كۆرۈپ كاللامدا كۆپ ئۇچرايدىغان بارلىق دېتاللارنى بىكىتىمىز ۋە مەن تىزىملاتقان بوشلۇقلار ياكى تور دىسكىلىرى ئارقىلىق مۇقۇم چۈشۈرۈش ئادىرىسى بىلەن تەمىن ئىتىشنى قاراپ قىلىپ مۇشۇ تۈردىكى تىمىلارنى تولۇقلىماقچى بولدۇق. گەرچە نۇرغۇن ماكانداشلار بۇ دېتاللارنى ئاللىبۇرۇن كومپيوتېرلىرىغا چۈشۈرۈپ بولغان بىلەن . لىكىن بىز يەنلا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن  بىكىتىمىزگە ئەمدى تىزىملاتقان ياكى بۇرۇن تىزىملىتىپ ئەمدىدىن باشلاپ ماكان تورىدىن MIDI  بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى نۆلدىن باشلىغان يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنىمۇ نەزەردە تۇتمىساق بولمىغاچقا مۇشۇ خىلدىكى تىمىلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە ماكان تورىمىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىچە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلايلى دەپ ئويلىدۇق. ئاللا خالىسا پات ئارىدا Cubase 5 , Nuendo4 ,FL Studio 11 , Sonar X3 , Adobr Audition CC 6 , Samplitude ProX , Sequoia 12 , Reaper4.5 ,  قاتارلىق دېتاللارنىڭ مۇقۇم چۈشۈرۈۈش ئادىرىسى ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەپسىلى قىلىپ تىمىلارنى يوللىماقچى . دېتاللارنى تور دىسكىلارغا ۋە بوشلۇقلىرىمىزغا چىقىرىپ بولساقلا ناھايىتى تىز سۈرئەتتە سىلەر بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ.

ئاڭ ئاخرىدىكى كۈچلۈك تەۋسىيە :
  
  ماكان تورىمىز سىناش ئۈچۈن تەمىنلىگەن دېتاللارنى ياقتۇرسىڭىز ، بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ھەقىقىي دۇرۇس نەشىرىنى سېتىۋىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز . بىز سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مۇلازىمەتتىن بەھىرلەندۈرەلەيمىز .

  چۈشۈرۈش ئادىرىس :

  
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-1-3 23:36:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتچان ئۇستاز     تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت، مەن بىر يىڭى ئۈگەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە ھەم ماكان تورىدىكى يىڭى ئۈگەنگۈچىلەر ھارماي تەر تۆكۈۋاتقان ئۇستازلارغا  رەھمەت ئىيتىمەن.
ئالىمجان دىلقۇت
ۋاقتى: 2014-1-3 23:49:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت،  بولسا xp غا قاچىلاشنى كۆرسىتىپ قويسىڭىز .رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2014-1-4 02:46:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە .قېنى سىناپ باقاي ئاۋاز سۈپىتى قانداق .
ۋاقتى: 2014-1-4 07:20:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بەك ياخشى تېما بوپتۇ
RME HDSP 9632 ئاۋاز كارتىسى سېتىلدۇ
ۋاقتى: 2014-1-4 07:20:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇمتەك يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 23:49
تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت،  بولسا xp غا قاچىلاشنى كۆرسىتىپ ق ...

xp  دا ئىشلىمەيدۇ
RME HDSP 9632 ئاۋاز كارتىسى سېتىلدۇ
ۋاقتى: 2014-1-4 20:50:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىن 8 غىمۇ مۇشۇنداق قاچىلايمىزغۇدەيمەن...! ھە ئەخمەتجوووووووووووووون !
ھەممە دىتالنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باققۇلۇق......
رەخمەت سىزگە ! ئامان بولۇڭ !!!
ۋاقتى: 2014-1-5 12:58:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تېما بوپتۇ،دۈشەنبە خۇدايىم بۇيرىسا ئۈندىدار سۇپىسىدا يوللاي
ئۈندىدار سۇپىسىدا دوسلار ئانچە ئاكتىپ ئەمەس،مۇشۇنداق ياخشى نەرسىلەرنى ۋاقىت چىقىرىپ تەييارلىساق ئوقۇغۇسىمۇ كەلمەيدۇ....ھەتتە شۇ تېمىنى بىسىپ قويۇشمۇ خوش ياقمايدۇ.....ئېنكاس يېزىشنى قويۇپ تۇرىلى....مىيىغىدا كۈلۈپ قويۇپ چىقىپ كىتىدىغان تورداشلارمۇ بار....ئەخمەتجان مۇشۇنداق تېمىلارنى يوللاشتىن بۇرۇن ماڭا ئۇچۇر قىلىڭ.... ـتور بىتىمىز 7 يىلنىڭ ياغى دوسلار ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەردى.....بۇندىن كىيىن VIP ئەزا شۇنداقلا مۇنبەرنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرى كۆرىدىغان قىستۇرما ئورنۇتۇپ،شۇ ئەزالار ئۈچۈنلا مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆرىدىغان ھوقوق بېرىلى.....ھەممە ئىشنىڭ چېكى بار،بىز 7 يىل خالىسانە ھالدا ئۈن تۈنسىز نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەرسەك بىزنىڭ ئېرىشكىنىمىز بىرەر ئېنكاسمۇ بولالمىغان ئەھۋاللار بار....مۇشۇ تېمىڭىغا قاراپ باقسام ھازىر 55 ئادەم كۆرۈپتۇ،ئاران 5 ئادەم ئېنكاس يېزىپتۇ....بۇ تېمىنى كۆرگەن شۇ ئەزالار شۇنداق ئالدىراشمىدۇ ياكى بەك داخۇڭگەي،ئوقۇرى ئىگىىز..........ئادەملەرمىدۇ...ئەگەر بۇ تېمىلارغا قايىل بولمىغان ئەزالار بولسا بىرەر تېما يوللاپ باقسۇن،ياكى بىرەر تېما تەرجىمە قىلىپ باقسۇن،مۇشۇنداق تېمىلارنى تەيارلاش ئۈچۈن نەچچە كۈن كىتىدۇ.........بىز 7 يىلنىڭ ياغى تەيارلىغان تېمىلىرىمىز ئۈچۈن نەچچىلىك ۋاختىمىز كەتتى ؟ بىز شۇنىڭ ئۈچۈن دوسلاردىن بىر پۇڭ ياكى باشقا نەرسە تەلەپ قىلىپ باقتۇقمۇ؟ تەلەپ قىلغىنىمىز: تېمىنى ئوقۇپ ئىلمىي مۇنازىرە يۈرگۈزۈش خالاس....

سۆزلىسەم قىززىپ كىتىدىغان ئوخشايمەن،راستىمنى ئېيتسام تور بەت ئىشلىرىدىنمۇ سويۇپ قالدىم.....
بۇ يىل تور بىكەتنىڭ بوشلىغىنىڭ ۋاختى توشسا تاقىۋىتەيمىكىن دىگەن ئويلار بار،ياكى VIP قىلىپ 100 ئەزانى ئاساس قىلىپ مۇنبەرنى چەكلەپ قويايساقمۇ بولىدۇ،مۇشۇ 100 ئەزا بىلەنلا نۇرغۇن ئىسىل تېمىلارنى بىرلىكتە مۇنازىرە ئېلىپ بارساق بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولامىكىن،شۇنداقلا مۇنبەرنىڭ ساپاسى يۇقۇرى كۆتۈرەلمىكىن دەپ ئويلايمەن.
مۇنبەردىكى باللا تېخىچە قىشلىق ئۇيقىدىن ئويغۇناي دىمەيدىغۇ؟
ۋاقتى: 2014-1-5 14:23:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
makan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 12:58
ئىسىل تېما بوپتۇ،دۈشەنبە خۇدايىم بۇيرىسا ئۈندىدار سۇپ ...

تىمىنىڭ سەرخىلىغا ئىنكاس بەك ئاز يىزىلىدىكەن ! بىرە ئاۋاز مەنبەسىنى چۈشۈرىدىغان تىما بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە !
ئەسلى بۇنداق بولسا بولمايتى....پىكىرىڭىزنى قوللايمەن !خۇددى باشلانغۇچ بىلەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى بىر سىنىپتا ئوقۇتقىلى بولمىغاندەك
ۋاقتى: 2014-1-5 20:55:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاساسى مەشغۇلات قائىدىسى ئۇگۇتۇش ماتىرىيالى بارمىدۇ بۇ دىتالنىڭ
ۋاقتى: 2014-1-10 13:51:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭزغا كۆپ رەخمەت
بىرلەشكەن ئۇزار .
ۋاقتى: 2014-1-10 16:24:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تېما بوپتۇ بۇ  تېمىڭىزغا كۆپ رەخمەت  ئەستايىاىل ئوقۇپ چىقتىم مىنىڭ كومپۇيوتۇرۇمنىڭ سېستىمىسى xp مەن تتەتىلدا  كومپۇيوتۇرۇمنى ئالماشتۇرمەن شۇ چاغدا قاچىلىسام بولغىدەك
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ماكان-مۇزىكا مۇنبىردىكى بارلىق تورداشلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام
ۋاقتى: 2014-1-10 16:40:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭزغا كۆپ رەخمەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-11 12:56:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MusicSun يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 20:55
ئاساسى مەشغۇلات قائىدىسى ئۇگۇتۇش ماتىرىيالى بارمىدۇ ب ...

مەن ئۆزۈم بىر ئىشلەپ تارقىتاي دىگەن . لىكىن سەل  ئۇزۇنراق بولغاچقا بۇنىڭغا نۇرغۇن ۋاقىت ، زىھىن ، ۋە ئىقتىساد كىتىدىكەن . شۇڭا راۋۇرۇس تەپسىلى ئىشلەپ چىقسام ئۇنى سېتىشقا مەجبۇر بولىدىكەنمەن . ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى خالىس بىكارغا دەرىسلىك يوللاپ تارقىتىپ ، ئەمدىلىكتە ساتىمەن دىسەم نۇرغۇن كىشلەر بىكارلىق دېتال ، بىكارلىق ماتىرىياللارغا كۆنۈپ كەتكەندە ئالىدىغانلار چىقارمۇ دەپ ئويلىنىپ قالدىم . ئەگەر ھەقىقەتەن سېتىۋالىدىغانلار كۆپ بولسا مەن تەپسىلى يۇقىرى سۈپەتتە ئىشلەشكە رازى ئىدىم. چۈنكى بىكەتنىڭ بىر يىللىق چىقىمىمۇ خېلى بار .
ۋاقتى: 2014-1-11 14:06:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەخمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2017-2-22 16:40 , Processed in 0.984401 second(s), 79 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش