玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلا

مەن كۇباستا ئاۋازنى 1 يولغا مۇزىكىنى 1 يولغا ئالدىم ئۈنۈل

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

دوسلا ياخشىمۇسىلە؟ ماڭا ئابدۇغېنى (خال) ئاكىمىزنىڭ يار دەرد

http://dskmusic.vst4free.com شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇرغانلىقتىن يوللۇدۇم ئىھتىياجلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! :handshake ماكان مۇزىكا بىلىملىرى مۇنبېرىدىكى بارلىق كەسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ماكان مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ھەممىڭلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بول

مەن مۇزىكىلارنىڭ نوتىسىنى كومپىيۇتېرغا ئۇرۇپ كىرگۈزەي دېگەن لېكىن ۋورد ھۆججىتىگە ماسلىشىدىغان ياكى ئۈنۈمى ئاددىيرا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلېرىم يىقىندا مىنىڭ بىر دۇستۇم ktv ئاچقان خەنزوچ

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر داشلار ھەممىڭلا

باھا بەرگەيسىلەر attach://6462.mp3

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

كومپىيوتۇرۇمغا ۋىندوۋىس 8 قاچىلىغان ئىدىم لىكىن بۇرۇن ۋىندوۋىس 7دە نۇرمال ئىشلەتكەن

چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.esi-audio.cn/?action=support&page=download بۇ قىتىمقى

fl studio harmor نىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋازلىرى . 6095609660976098 چۈشۈرۈش : 6099

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار

بۇ halion نى ئىشلىتىش دەرىسلىكى ،،،،،،،،بۇ مىللى ئاۋاز مەنمەلىردىن دۇتار › تەمبىر ›راۋاپ› ساتتار ›نەي قاتارلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكانداشلار ياخشىمۇسىلەر بۇ دورەم تور ئارلاۋېتىپ

‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى› تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ۋە مەنبەلىرى توغرىسىدا بەختىيار ئابدۇساتتار ئاساسى مەزمۇنى: ئۇيغۇر مۇقاملىرى

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

ھۈمۇر قەدىرلىك ،كاككۇك ،مايسىلار، گۇل ھۇزم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مە

مەندە YAMAHA 2100 رويال بار.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ،مەن يىڭىدن گىتتا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ،پىرى سونۇس م

مەندە بىر ئاۋاز كارتىسى باھاسى بەك ئەرزان ئا

ماۋۇ MIDI جەنپەننې ئشلېتېپ باققانلار بامۇ ئاڭلېسام مۇزېيكېغا شاۋكو بەكېلې

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر ئەھلى كەمىنە «ئوسمانجان تەمكىن» دىن ھەممىڭلارغا ئ

قىرىنداشلىرىم ئايرىلىش دىگەن ناخشىنىڭ تىكىسىنى

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

6169 بىز تۆۋەندە Pop music ساھەسىدە ئەڭ ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئاۋاز يىيشتۈرۈش ئۇستىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى. ئالدى بىل

قەشقەردە 2- قول مۇزىكا ئەسۋاب دۇكىنى بارمۇ؟ مەسىلەن:ياڭراتقۇ؟ ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسى،مې

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

بۇ قېتىمقى مەشرەپ بېيجىڭدا مەشھۇر چاڭگائ ولىمپىك مەيدانىدا سۈرەتكە ئېلىنىپ ، 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ت

ئاڭلىسام بۇ دىتال مۇزىكىدىن ئادەم ئاۋازىنى ئايرىپ بېرىدىكەن ،راسمۇ؟ 6379

جەمئىي مىكروبلوگ 1858 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • باغاق 2016-3-25 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ناخشا كەسپىدىن خىزمەت ئىزدەيمە. ئۇزەم كۇچا ناھىيسىدىن....18096974302

  • millitim3 2016-3-13 13:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ‹‹  مۇنبەر بەكلا جىمىپ كىتىپتىغۇ   

  • millitim3 2016-3-5 16:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىردىكى دوسلار  ئوسمانجان ‹تەمكىن›دىن سالام

  • letip 2016-2-19 22:02 [ئىنكاس(1)] [...]

    بۇ مۇنبەردە بىرچاغلاردىكىدەك قىزغىنلىق يوقيا؟

  • ∮AKKAPTAR∮ 2016-1-8 16:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرلەرگە كىرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،قېرىنداشلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن

  • كاچۇڭ00 2016-1-5 02:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    بولسا مۇشۇ مۇزىكا ئىشلەشكە دائىر سىستىمىلارنى بىر توپلاپ ئايرىم چۇشۇرۇش ....

  • waliyor 2015-12-2 10:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم ئ‍ۇستازلا ماڭا خېنىم جورام نىڭ مۇزىكىسى لازىمتى

كۆرۈش: 4312|ئىنكاس: 62

Pro Tools ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-7 19:12  

Pro Tools ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە

                                                     تىما تەييارلغۇچى: ئەخمەتجان مەخمۇت
-----------------------------------------------------------------------------
( ئەگەر ھەقىقى نۇسقىدىكى Pro Tools نى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ )


5B50A3095D3ADC75E230B3D54BD1C1F80A4D7A7CC223B_500_281.jpg   


Pro Tools دىگەن نىمە ؟

Pro Tools بولسا Digidesign شىركىتى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ئۈن ئېلىش يۇمشاق دېتالى . ئۇ دەسلىپىدە ئالما مەشخۇلات سىستىمىسىدە تەتقىق قىلىپ ياسالغان . كىيىن ئىھتىياجنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ PC نۇسقىدىكىنىمۇ تارقاتتى . Pro Tools نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۈن ئېلىشتىكى ماتىماتىكىلىق ھىسابلاش ، ئۈن ، سىن ۋە باشقا MIDI غا مۇناسىۋەتلىك قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتاللانى قوللىشى ناھايىتى ياخشى . بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ماختاشقا ئەرزىيدىغان تەرىپى دەل ئۇنىڭ ئۈن ئېلىش ئىقتىدارى بولۇپ ھىساپلاش ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدە بولۇشى تۈپەيلى باشقا ھەرقەنداق ئاۋاز ئېلىش يۇمشاق دېتاللىرىدىن سۈپىتى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ھازىرقى ۋاقىتلاردا ئالىي مەكتەپلەردىكى كەسپى ئۈن ئېلىش كەسپلىرىدە مەخسۇس مۇشۇ دېتالنى دەرسلىك قىلىپ ئۆتىدۇ.

t01ac79140afcd712c1.jpg


ئەينى ۋاقىتتا Pro Tools نى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭ بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋىلىش كىرەك ئىدى. قاتتىق دېتال شارائىتى بولىمىغان شارائىتتا دېتالنى قوزغاتقىلىمۇ بولمايىتتى. 2009 – يىلى AVID شىركىتى بۇ قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ لاھىيەلىگەندە قاتتىق دېتالغا چوقۇم باغلىنىشى كىرەك بولغان قائىدىنى بۇزۇپ تاشلىدى. دەسلەپتە لاھىيەلەنگەندە پەقەت Macintosh مەشخۇلات سىستىمىسىدىلا خىزمەت قىلاتتى. كىيىنچە ئۇنى Windows مۇھىتى ئۈچۈنمۇ ياساپ لاھىيەلەپ بەردى.

   ( Pro Tools دېتالى Windows مۇھىتىدا ناھايىتى نورمال ئىشلەيدۇ )


TM截图201311061204182.jpg





Digidesign شىركىتى ھەققىدە


      مەزكۇر شىركەت دۇنياغا داڭلىق شىركەت AVID نىڭ ئۈن ئېلىش ساھەسىدىكى تارماق شىركىتى . ( AVID شىركىتى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى شىركەت ئەمەس ، ئۇلار 94-يىلى Digidesign شىركىتىنى سېتىۋالغاندىن سىرىت ، ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان M-Audio شىركىتىنىمۇ 2004-يىلى 8-ئايدا سېتىۋالغان ئىدى.2006-يىلغا كەلگەندە داڭلىق نوتا يېزىش دېتالى Sibelius نىمۇ سېتىۋالدى ، قارىغاندا ئۇلار كىيىنچە ماكان مۇزىكا مۇنبىرىنىمۇ سېتىۋىلىش ئويى باردەك قىلىدۇ. ئاڭلىسام مۇدىرىيەت رەئىسلىرىى ئىچكى يىغىندا مۇنبىرىمىزنى قانداق سېتىۋىلىش توغرىلىق ئىستىراتىگيەلەرنى تۈزۈپتىمىش ...... )

Digidesign_LOGO.jpg


بۇ شىركەت ئاساسەن دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان رادىيو ئىستانسىسى ، تىلىۋىزىيە ئىستانسىلىرى ، مېدىئا شىركەتلىرىگە ئۇنىڭدىن سىرىت كىنو فىلىم ئىشلەيدىغان شىركەتلەرگە ، مەخسۇس ئۈن سىن شىركەتلىرىنىڭ ئاۋاز ئېلىش ئۆيلىرى ، ۋە  مەخسۇس ئاۋاز تەتقىق قىلىدىغان تەجىربىخانىلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ھەل قىلىش لاھىيەلىرىنى ۋە مەسھۇلاتلىرىنى تەمىنلەيدىغان شىركەت. بۇ شىركەت قۇرۇلغىلى 20 نەچچە يىلدىن ئاشتى ، پۈتۈن تەتقىقات خىراجىتى مۇشۇ ئاۋاز ئېلىش ساھەسىدىلا بولۇپ ، بۇلارنىڭ كەشىپ قىلغان تېخنىكىلىرىنى دۇنيادىكى ئاۋاز ئېلىش ساھەسىگە ئىنقىلاپ ئېلىپ كەلدى دەپ شەرھىلەشكە بولىدۇ. مەيلى دۇنيانىڭ قەيىرىگە بارماڭ ، مۇشۇ ساھەدىكى ھەممە كىشلەر Pro Tools نى بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇلار پۈتۈن مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت ۋە مۇشۇ دېتالغا تايىنىپلا دۇنيا ئوسكار ئېلىم پەن ۋە تېخنىكا مۇكاپاتى ۋە دۇنيادىكى داڭلىق گراممىي (Grammy) نىڭ يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.


TM截图20131106120511.jpg



تۆۋەندە Pro Tools نىڭ بىر نەچچە خىل نۇسقىلىرى ھەققىدە تەپسىلى توختىلىمىز .

1 - Pro Tools HD

بۇ نۇسقىسى Pro Tools نىڭ ئەڭ يادرولۇق نۇسقىسى بولۇپ ئەڭ تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىقتىدار ۋە ئىچكى ھىساپلاش بۇيرۇقلىرى مۇشۇ نۇسقىدا مۇجەسسەملەنگەن . يەنى مۇشۇ نۇسقىسى Pro Tools نىڭ ئىقتىدارىنى ھەقىقى نامايەن قىلىدىغان نۇسقىسىدۇر . بۇ نۇسقىسى تۆۋەندە تېخىمۇ ئىنچىىكلىك بىلەن HD1 , HD2  ۋە HD3 قاتارلىق ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ . بۇنىڭ ئىچىكى ھەممىدىن ئەرزان بولغان HD1 نىڭ ئەڭ ئەرزان سېتىلىش باھاسىمۇ   60000  ( ئاتمىش مىڭ ) يۈەندىن كەم بولمايدۇ. بۇ باھانى ئاڭلىغان ماكانداشلار  بىزگە شۇ ھامانلا: < نىمە ئۈچۈن شۇنچە قىممەت> دەپ ئىنكاس يېزىشى مۇمكىن ، ئالدىرىماڭ بۇ سۇئالنى مەنمۇ ئەينى ۋاقىتلاردا سورىغان . ماكان مۇنبىرىمىز سىزنىڭ ھەرقانداق سۇئاللىرىىڭز ئۈچۈن جاۋاب بىرىشكە تەييار.

TM截图20131106120303.jpg

تۆۋەندىكىسى 3 خىل كارتىدىكى پەرىقلەرنى جەدىۋەل قىلىپ تۈزۈپ چىقتىم كۆرۈپ بېقىڭلار . قايسى كارتىدا قانچىلىق ئىقتىدار نامايەن بولىدىغانلىقىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

TM截图20131106123821.jpg


  نىمىشقا Pro Tools شۇنچە قىممەت بولىدۇ؟

سېتىلىش باھاسىنىڭ شۇنچە قىممەت بولىشىنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى بۇ دېتال ئۆزى بىلەن بىللە چىققان قاتتىق دېتالنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھىساپلاش ئىقتىدارىغا تايىنىپ خىزمەت قىلىدۇ. يەنى مەسىلىنىڭ مەركىزى يۇمشاق دېتالنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئۆزىدە ئەمەس بەلكى ، ئاساسلىق ئاۋاز ئېلىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى قاتتىق دېتالنىڭ ئۆزەكلىرىگە ئورۇنلاشتۇرىۋەتكەن . ئادەتتىكى دېتاللاردا ئۈن ئالغىنىمىزدا ئۇنىڭ ھىساپلاش قىسمىغا كومپيوتېرنىڭ ئۆزىنىڭ CPU سى خىزمەت قىلىدۇ . ئۇ چاغدا بىر CPU ھەم مەشخۇلات سىستىمىس ، ھەم قوللىنىشچان دېتاللار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا بىرلا ۋاقىتتا بۇنچە كۆپ ئۇچۇرنى ۋە مۇرەككەپ ھىساپلاشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىپ بولالمايدۇ. سىز ھەرقانچە كۆپ يادرولۇق مەزكىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلەتكەن بىلەنمۇ ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا ھەر بىر كىرىستال لامپا ۋە لوگىكىلىق لاھىيەلىنىشى ئونۋىرسال لاھىيەلەنگەن بولغاچقا تېخمۇ يۇقېرى ۋە تىز ھىساپلاش ئىھتىياجى تۇغۇلغاندا يەنىلا كەسپى  بولغان كارتىغا يەتمەسلىكى ئېنىق. ( سىز مىنىڭ بۇ يەردە نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىڭ ، بۇ ھەرگىزمۇ CPU نى تۆۋەن كۆرۈپ Pro Tools نىڭ كارتىسىنى ئۇنىڭدىن تىز دەپ بىر يۆنىلىشتە بىر نوقتىدا تۇرۇپ دىمىدىم. پەقەت ۋە ئاشۇ Pro Tools يۇمشاق دېتالى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا ئاۋاز ئېلىش ئىشلىرىغا Pro Tools نىڭ HD كارتىلىرى پەقەت ئاۋاز ئېلىشقىلا مەسئۇل بولسا ئۇنىڭ باشقۇرۇش ، خاتىرلەش ، ساقلاش .... قاتارلىق ئىشلارغا يەنىلا CPU نىڭ ياردىمى كىرەك . مەيلى قانچىلىك ئىسىل كارتا بولسۇن ياكى يۇمشاق دېتال بولسۇن ھەممىسى يەنىلا CPU تايانماي ئامالى يوق . شۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشتا ئۇلار مەخسۇس دېتال ئۈچۈن لاھىيەلىگەن قاتتىق دېتال بولسا بۇ چاغدا CPU غا بېسىم چۈشۈرمەيدۇ دىگەن گەپ. )

TM截图20131106120418.jpg


     DigiDesgign شىركىتى بۇ دېتالنى باشتىن لاھىىيەلىگەندىلا قاتتىق دېتال بىلەن يۇمشاق دېتالىنىڭ بىللە خىزمەت قىلىش ئىدىيىسى بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئويلىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ Pro Tools ئۈچۈن لاھىيەلىگەن كارتىلىرى ۋە شۇ كارتىلارغا ماس ئىشلەيدىغان Pro Tools دېتالى ئىككىسى بىرسى بىرسى بىلەن قوش كىزەكتەك ماڭىدۇ. ئۇنىڭ قاتتىق دېتاللىرى پەقەت Pro Tools دېتالى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ. باشقا Cubase , Logic , FL Studio, Studio One دېگەندەك دېتاللارغا ھىچقانداق ئۈنۈم ئېلىپ كىلەلمەيدۇ. ئوخشاشلا Pro Tools نىڭ شۇ ھەقىقىي ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشتا HD  تۈرىدىكى ئۆزىنىڭ كارتىلىرى بولمىسا ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق RME , MOTU , Roland , ESI ,  ئىسىل كارتا بولسىمۇ ھەرگىزمۇ HD كارتىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.

                                             TM截图20131106120533.jpg


   2- Pro Tools LE

       LE  نۇسقىدىكى بولسا ئەمەلىيەتتە بولسا چەكلىمىسى بار بولغان نۇسقىسى دىگەنلىك بولۇپ ، بۇنى Cubase دىكى AIياكى  Elements نۇسقىلىرىدەك چۈشەنسەك بولىدۇ. DigiDesgign شىركىتى دەسلەپتە Pro Tools نى لاھىيەلىگەندىلا پۈتۈنلەي قاتتىق دېتال بويىچە بىراقلا سېتىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىددىيەسى بويىچە ماڭغان ئىدى. لىكىن كىيىنچە قاتتىق دېتاللارنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن ھەمدە نۇرغۇن قاتتىق دېتالنى سېتىۋىلىش قۇدرىتى يەتمەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى يۇمشاق دېتاللىق ئۈنۈملىگۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشىگە ئەگىشىپ DigiDesgign شىركىتى ئامالسىزلىقتىن بۇ LE نۇسقىسىنى ياساپ چىقىپ ئۆتكۈنچە خىزمەت قىلىش ۋە كىڭەيتىش ۋە تەشۋىق قىلىش ، بازارغا ئازراق بولسىمۇ تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭ يادرۇلۇق قىسمى يەنىلا HD نۇسقىدىكىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ بۇنىڭغا پەقەت قىممەت بولغان HD كارتىنىڭ ئورنىغا ئادەتتىكى ئۆزىنىڭ DigiDesgign شىركىتى تەرىپىدىن ياسالغان ئاۋاز كارتىلىرى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ . دىمەك بۇمۇ قاتتىق دېتالنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. پەقەت HD نۇسقىدەك قىممەت ئەمەس خالاس، ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋاز يولى 32 تاق يوللۇق ياكى 16 سترىئولۇق يوق. 32 يوللۇق چالغۇ ئاۋاز يولى ۋە 128 يوللۇق ئۈنۈملىگۈچ يولى بىلەنلا چەكلىنىدۇ.  5.1 يوللۇق ئايلانما سىترېئولۇق ئاۋازلارنى قوللىمايدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 96kHz لىق ئۈلگە ئېنىقلىقىنىلا قوللايدۇ. بىللە قوشۇپ بېرىدىغان ئۈنۈملىگۈچلىرى ئاز، ئەگەر ئادەتتىكى ئاۋاز ئېلىش ياكى ئاددىي مۇزىكىلارنى ئىشلەشكە بۇمۇ تامامەن يىتىپ قالىدۇ . چۈنكى ھەممە مۇزىكىنى چوقۇم 60 يول قىلىپ چالىمەن دىيىشنىڭ ئورنى يوق. 16 سىترېئولۇق يولنى ئىشلىتىپمۇ دىيارىمىزدىكى مۇزىكانىتلار ئەينى ۋاقىتتا بىرىكمە چالغۇنى ئىشلىتىپ تۇرۇپمۇ نەچچە يىللار نۇرغۇن مۇزىكىنى چالغان ۋە پىلاستىنكا قىلىپ بازارغا سالغان.

783867-3-2 (1).jpeg


   3- Pro Tools M-Powered

2004-يىلى بىر قىتىملىق چوڭ سېتىۋىلىشتىن كيىن M-audio شىركىتى DigiDesgign شىركىتى تەرىپىدىن سېتىۋىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئىككى شىركەتنىڭ يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتال جەھەتتىكى ماسلىشىپ ياسىلىشىغا تۈرتكە بولدى. M-audio شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى بىر قەدەر ئەرزان بولغاچقا ئۇلار Pro Tools  نىڭM-Powered نۇسقىسىنى ياساپ قاتتىق دېتال بىلەن بىللە ساتتى. يەنى بۇ نۇسقىسى پەقەت ۋە M-audio شىركىتىنىڭ DELTA تۈرىدىكى ۋە بارلىق PCI ئېغىزلىق ئۈن كارتىلىرى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئۈن كارتىسى ئالماشتۇرساقلا ئىشلىمەيدۇ. لىكىن ئىقتىدار جەھەتتىن LE نۇسقىسى بىلەن 99% ئوخشاش ، پەقەت شۇ قاتتىق دېتال تەلىپى جەھەتتە DigiDesgign شىركىتى تەرىپىدىن ياسالغان ئاۋاز كارتىلىرىنىڭ ئورنىغا M-audio شىركىتىنىڭ ئاۋاز كارتىلىرى ئالماشتى خالاس.

                                                    TM截图20131106120325.jpg

  ئەگەر مىنىڭ بۇ تىمامنى ياقتۇرغان بولساڭلار ھەر بىر زىيارەتچى ئۈندىدارىڭلار ياكى QQ ئارقىلىق مەزكۇر تىمىنى دوستلار چەمبىرىكى ياكى ھەر قايسى توپلار ئارقىلىق دوسلىرىڭلارغا ، مۇزىكانتلارغا ، سازەندىلەرگە ، ناخشىچىلارغا ، ئاۋاز تەھرىرلىگۈچى كەسپى خادىملارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭلار . ئەگەر بۇ تىما ھەققىدە ماكانداشلارنىڭ قەلبىدە ھىچقانداق قىزىقىش قوزغىيالمىسا ، ياكى يازغىنمدىن ھەرقايسىڭلارغا بىلىم بىرەلمىگەن بولسا Pro Tools ھەققىدىكى تىمىلارنى داۋاملىق يېزىشتىن توختاپ قېلىپ ، باشقا شەكىلدىكى مەزمۇنلارغا كۆچۈپ كىتىشىم مۇمكىن . شۇڭا ئەستايىدىلىلىق بىلەن تىمىدىكى ھەر بىر قۇر خەتنى ئوقۇپ چىقىپ بولغاندىن كىيىن ئىنكاس يېزىپ تەسىراتىڭلارنى ، ۋە سورىماقچى بولغان سۇئالىڭلارنى سورىساڭلار بولىدۇ. مەن مۇشۇ تىمىنىڭ ئاخرىغا سورىغان سۇئالىڭلارغا جاۋاب بىرىمەن. ئەگەر ياقتۇرغان بولسىڭىز ھەقىقىي دۇرۇس نەشىرىنى  بىز ئارقىلق سېتىۋىلىڭ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-11-6 23:35:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىتال توغۇرلۇق مەندە خىلە چۇشەنچە بولدى      رەخىمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-11-7 09:28:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تىمىڭىزغا
.
ۋاقتى: 2013-11-7 10:26:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Pro Tools ھەققىقەتەن ئىسىل،بۇنىڭ نام شەرىپىنى ئاڭلاۋاتقىلىمۇ ئۇزۇن بولدى...پۇرسەت بولسا بۇنىڭ بىلەنمۇ بىر ھەپلىشىپ باقساق بولىتى.
تېما ئىسىل بوپتۇ،بۇ Pro Tools قا قىزىققۇچىلار ،بولسا ئېنكاس يازىلى،ئەخمەتجاننىڭ پىلانى كۆپ،بۇنىڭ دەرىسلىكلىرىنىمۇ تۈزۈپ چىقىشى مۇمكىن....

ۋاقتى: 2013-11-7 12:14:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن windowsنەشرىنى چۈشۈرگەن ئىدىم .تېخى قاچىلىغۇدەك بولمىدىم .تېمىڭىزغا رەھمەت.
مۇشۇ ئىنكاس يىزىش خوشياقماي خەقنىڭكىنى كۆچۈرىدىغانلارغا نىمە دىسەم بولا [em:24:]
ۋاقتى: 2013-11-7 14:02:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان بولسا بۇ دىتالنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ چىقساق،دوسلار بىرلىكتە مۇشۇنىڭغىمۇ قول تىقىپ باقساق.....

ۋاقتى: 2013-11-7 15:00:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىر دېتالنىڭ بارلىغىنى ئاڭلىغان لىكىن دائىرە جەھەتتە مەندە چۇشەنچە يوق ئىدى ،بۇ ماتىريالنى كۆرۈپ  قىزىقىشىم خېلى ئاشتى ،  مۇمكىن بولسا دوسلارنىڭ ئورتاق ماسلىشىپ بۇ دېتالنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى يوللاپ تۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.ماكان ئەپەندى بىز ئۈچۈن تاتقان جاپايىڭىزنىڭ ئەجرىنى ئاللا ئىگەم بېرەر  سىزگە كۆپ تەشەككۈر.....  
ۋاقتى: 2013-11-7 18:35:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saya138 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-7 15:00
شۇنداق بىر دېتالنىڭ بارلىغىنى ئاڭلىغان لىكىن دائىرە ج ...

ئەخمەتجانغا رەھمىتىڭىز ئېيتىڭ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-7 19:21:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-7 19:22  
كۈي107 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-7 12:14
مەن windowsنەشرىنى چۈشۈرگەن ئىدىم .تېخى قاچىلىغۇدەك بولمى ...


مەن ئەڭ مۇقۇم نۇسقىسىنى تەييارلاپ تور دىسكىلارغا چىقىرىپ تەييار قىلىپ قويدۇم. پات ئارىدا تەپسىلى قاچىلاش ، ئىشلىتىش ۋە تەڭشەش ھەققىدە تىما يوللايمەن. ئەگەر ماكانداشلارنىڭ بۇ دېتالغا نىسبەتەن ھىچقانداق قىزىقىشى بولمىسا ياكى يازغان تىمىلارنى كۆرىدىغانغا ئادەم چىقمىسا ،بەلكىم داۋاملاشتۇرماسلىقىم مۇمكىن . چۈنكى مىنىڭ شۇ ۋاقىتنى ۋە زىھنىمنى سەرىپ قىلىشىم پۈتۈنلەي شۇ ماكانداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىپ شۇنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن  ئىدى. مىنىڭ قىلغان ئىشىم باشقىلارغا ھىچقانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كىلەلمىسە قىلغان ئىشىمنىڭ نەتىجىسى ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى دىگەن گەپ. ئەلۋەتتە بىر ئىككى ئۈچ تۆت بەش .. ئادەم چىقىدۇ. لىكىن كۆرىدىغانلار ئۇنداق ئاز بولسا تىما يېزىپ يۈرمەي تېلىفۇن قىلىپلا ياكى ئۈندىداردا 5 ئادەمگە توپتىن بىرنى قۇرۇپلا دەپ بەردەم تېخى كۆپ ۋاقىت تىجەيدىكەنمەن. تور بىتىمىزنىڭ ئىسمىدىمۇ ‹...بىلىملىرى....› دىگەن سۆزدىن بىرسى بار . مەقسەت شۇ بىلىم يەتكۈزۈش. شۇڭا كۆپرەك ئادەمنى سەپەرۋەر قىلىپ ماكاندىن ئىبارەت بىر تور بىكەت سەھنىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگەن بولسا ئالەمچە خۇشال بولغان بولاتتىم. ئەلۋەتتە مۇشۇ ۋاقىتقا قەدەر كاللامدا : داۋاملىق چەكسىز ئۈمۈد ئىچىدە تىرىشىشلا بار . ھىچقاچان ئۈمۈدسىزلىنىپ باققىنىم يوق. ماكان تورى ھامان ئەڭ ياخشى مۇزىكا بىلىملەر تورىغا ئايلىنىدۇ.
ۋاقتى: 2013-11-9 00:35:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahmat jan ئۇستاز سىزگە كۆپ رەھمەت،مەن خىلى چۈشەنچىگە ئىگە بوپ قالدىم. بىلىملىرىڭىزنى ئايىماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئالىمجان دىلقۇت
ۋاقتى: 2013-11-9 21:01:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ بۇ دېتالغا بولغان  چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئەخمەتجانغا كۆپ رەھمەت!!!  بۇ دېتالنى ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر مۇزىكانىتلىرىمىز بارمىدۇ- دىيارىمىزداا؟
ۋاقتى: 2013-11-14 00:09:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل تىما بوپتۇ بۇ،مەن خىلى ئەتراپلىق بىلمگە ئىگە بولدۇم،بولسا مۇشۇ ھەقتىكى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي
بۆگۈن بىزگە غەنىيمەت،ئەتەبىزگەئامانەت
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-14 14:12:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sahramusic يوللىغان ۋاقتى  2013-11-14 00:09
ھەقىقەتەن ئىسىل تىما بوپتۇ بۇ،مەن خىلى ئەتراپلىق بىلم ...

مەن ئەسلى داۋاملاشتۇراي دىگەن ئىدىم. لىكىن قارىسام بالىلار تۈزۈك قىززىقمىدى . تىمىغا ئىنكاس يېزىشمۇ خوشياقمىدىمۇ ، نىمە بولغانلىقىنى بىلمىدىم. بۇ تىمىغا نىسبەتەن بەكلا سوغۇق پۇزىتسىيە تۇتقاندەك بىلنەشتى. شۇڭا مەن داۋاملىق قاراپ قىزغىنلىققا ئاساسەن كىيىنكى باسقۇچنى قانداق قىلىشىمنى  بىكىتەيمىكىن دەيمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-11-14 14:14:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
letip يوللىغان ۋاقتى  2013-11-9 21:01
مىنىڭمۇ بۇ دېتالغا بولغان  چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشت ...

مەۋلان مەمتىمىن ئاكىمىزنىڭ ئىشخانىسىغا بارسام مۇشۇنى ئىشلىتىپ ئولتۇرۇپتىكەن. لىكىن ئۇنىڭدىن باشقا كىشلەرنىڭ بۇ ھەقتە ھېلىغۇ ئىشلىتىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن پاراڭلاشقىنىنىمى كۆرمىدىم.  مىنىڭچە بارمىكىن ، پەقەت شۇ ماكاندەك بىكەتنى بىلمەيۋاتقان بولسا كىرەك . شۇڭا ھەممەيلەن ھەرخىل ۋاستىلەر ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ قويغان بولساق بەك ئىشىل ئىش بولاتتى. بولسا مۇشۇ تىمىنى ئۈندىدارغا ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ. رەخمەت.
ۋاقتى: 2013-11-14 14:39:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahmatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-11-14 14:12
مەن ئەسلى داۋاملاشتۇراي دىگەن ئىدىم. لىكىن قارىسام با ...


ئەخمەتجان،بۇ بىلىملەرنى تولۇقلىساق ھازىر بىر نەچچە ئادەم پايدىلانغان بىلەن كىيىنكىلەرگە بىر يازما ماتىرىيال،ئىسىل بىلىم بولۇپ قالىدۇ،قىزغىنلىقنى دەپ يازمىساق ۋە مەۋجۇتقا چىقارمىساق بۇ بىزنىڭ مەسئۇليەتسىزلىكىمىز بوپ قالىدۇ،بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنى كۆرمەي،يىراقنى ئويلىشىمىز كېرەك،شۇڭا بىلىملا بولىدىكەن يوللاپ،بۇ بوشلۇقنى تولدۇرساق بولىدۇ.مەسىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بۇ سۆزىدەك:
دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.
QQ图片20131114124302.jpg

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2016-4-4 12:40 , Processed in 0.953150 second(s), 77 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش