ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش

ئەسسالام مۇنبەردىكى بارلىق ئۇستازلار ، دوستلار ھەممىڭلارغا مەن زۇلپىقاردىن ئوتلۇق سالام !!

مەن ماكان ئەپەندىمنىڭ cubase7 تۇغۇرلۇ

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-16 15:15 ئۈن ئېلىش ئۈچۈن باشق

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7

ماڭا‹ بىرتىزىق مارجان› نىڭ ئاكورد تى جىددى لازىم بوپقاغان ياردەم قىلغا

http://pan.baidu.com/share/link?shareid=3523807423&uk=1630087036

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم دوسلا سىلەرگە رامزانلىق سالام !! سى

مەن ئابدۇللانىڭ (كۈلپەت ) ناملىق ناخشىسىنى چالغان ئىدىم.(

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

خوش خەۋەر ! Adobe شىركىتى Adobe CS2 تىپىدىكى بارلىق يۇمشاق دىتاللىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە ھەقسىز تەمىنلەشنى يول

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۈي107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-21 14:49 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكانداشلار !مەن بۇ يەردە بۇرۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۈي107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-24 17:22 ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ماڭا مۇزىكىسى لازىم ئىدى .بولسا ئەۋەتىپ بەرگەن ب

ئاتاقلىق سەنئەتكارىمىز مەرھۇم ‹‹تۇرغان ئۈمەر ›› ئاكىمىزنىڭ گۈزەل دۇنيا ناملىق ناخشىسىنىڭ تەڭكەش مۇزىكىسى ب

ئىشلەتكەن ئاۋاز كارتىسى ultrak usb icon مىكرفۇن:ئادتتىكى مىكرفۇن ياڭراتقۇ:ئادەتتىكى ياڭراتقۇ ئىشلەت

ناخشا : ئىچىنىش . مۇزىكىسىدا: ئادىلجان . نا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياردەم قىلساڭلا! مەن تۈنگۈن مايا 44 ئاۋاز كارتىسى سىتۋالغا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكان مۇنبىرىىكى ئۇستازلار دوسلار قانداق ئەھۋالىڭلار ،ئۇزۇن بوپتۇ تېما يوللىمىغىلى ،كۈندە م

Stylus RMXنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ئىيتى

ماڭا ئۇيغۇرچە LOOP ئاۋازلار لازىم ئىدى ،دوسلار ياردەم قىلىپ ئەۋەتىپ بەرسەڭلار.

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،ماكان مۇنبىرىدىكى جامائەتلەر! ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق كېتىپ بارامدۇ .،... ئۇزاق بوپتۇ ماكان مۇنبىرىغ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

3 ئاي بۇرۇن ئىچىم پۇشۇپ بىشىنى ئىشلەپ قويغان ياقتۇرساڭلار ئىشلىتىڭلار ئاخىرىنى ئىشلەي دىسەم بۇنىڭ قۇرلۇ

دوسلار بۇ دىتالنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى ئا

‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى› تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ۋە مەنبەلىرى توغرىسىدا بەختىيار ئابدۇساتتار ئاساسى مەزمۇنى: ئۇيغۇر مۇقاملىرى

ئۆزۈم ئوقۇغا

مەلۇم سەۋەب ئۈچۈنلا يوللاندى.......شۇنىڭ ئۈچۈن ئېنكاس يازماڭ خوش ئانا attach://4478.mp3 http://makanmusic.com/bbs

http://v.youku.com/v_show/id_XNjY4NDM4MTAw.html ئىسكەندەر ئوبۇل ئىجىراسىدىكى (كەتتىڭ يىراق)نامىلىق پىلاستىنكىدىكى بۇ (گۈل سەنەم) نامىلىق ناخشىنىڭ مۇزىك

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار : مۇشۇ تىپ

ماڭا korg pa 600 نىڭ پاسلىرى بولسا لازىمتى چ چ 1916622310 مەن korg800 سا

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ماكانداشلار،ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت ياربولغاي، مەن يى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇزىكا بىلىمل

ئاۋاز كارتىسى:audiobox USB سېتىۋالغان باھاسى:1450 سېتىلىدىغان باھاسى:900يۈەن. مىكرافۇن:M-A

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوسلار ياخشىمۇ سىلەر

49684968ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋاپاس

ماڭا ئىجادىيەت لازىمتى ،كىم سېتىپ بېرىدۇ؟ دوسلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمۈ

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

icon m1 مەن مۇشۇ مىكروفوننى سىتىۋالاي دىگەن. ئىشلىتىپ باققانلاربولسا مەسلىھەت بەرسە

دوسلارغا تېخىمۇ قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن تۆۋەندىكى تېما:

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

سىز كەسپىي ئۈنگە ئالغۇچى بولۇڭ ياكى يېڭى ئۈگەنگۈچى بولۇڭ iTrack Studio سىزگە iPad、Mac ي

HarmonyWiz مۇزىكىنى ئوكوردلاشتۇرۇپ بېرىدىغان Jordan Rudess تەتقىق قىلىپ چىققان Wizdom نىڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 1580 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2292|ئىنكاس: 37

كومپىيوتۇردا مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋازغا ئېلىشنى0دىن باشلاپ ئۈگۈنۈش(...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

1

دوست

1086

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   4.3%

يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 06:59:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-31 07:05  

كومپىيوتۇردا مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋازغا ئېلىشنى 0 دىن باشلاپ ئۈگۈنۈش

1-سان

بەختىيار ھۈسەن

كىرىش سۆزى:

كومپىيوتۇردا مۇزىكا ئىشلەش،ئاۋازغا ئېلىش خىزمىتى ھازىرقى دەۋىر مۇزىكىچىلىقىمىزنىڭ ئېھتىياجى بۇلۇش سۈپۈتى بىلەن مۇزىكانت دوسىتلارنىڭ قىززىقىشى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ھەمدە ئۇشبۇ ماكان مۇنبىرى مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىدىۋاتقان ھەم شۇغۇللىنىۋاتقان  ۋە شۇنداقلا يېڭىدىن ئۈگىنىۋاتقانلارنىڭ جەمگاھى. مەن مۇنبىرىمىزگە يېڭىدىن قۇشۇلغان تورداشلىرىمىزغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ھەممىڭلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئەسكەرتىش:  مەن بۇ كەسىپنىڭ پىرى ئەمەس،ھەم ئۇستازمۇ ئەمەس، يازغان يازمىللىرىمنىڭ ھەممىسى پەقەت مىنىڭ خىزمەت تەجىربەم خالاس،  شۇڭا ئۇستازلارنىڭ خاتا بولغان يەرلىرى بولسا تۈزۈتۈپ بېرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.

***


سىز مۇزىكا ئىشلەشنى ۋە ياكى ئاۋزغا ئېلىش خىزمىتىنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن سىز چۇقۇم ئۆزىڭىزگە تۇشلۇق شارائىت ھازىرلىشىڭىز كېرەك.ھەممە ئىشنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق تەلىپى ۋە شەرتى بۇلىدۇ. تۆۋەندە سىلەرگە تۇنۇشۇرماقچى بولغىنىم مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋازغا ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئالدىن تەييارلىقى.

1.مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋازغا ئېلىش ئۆيىنى ھازىرلاش

مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋازغا ئېلىش ئۆيىنى تەييارلاش مۇشۇ كەسىپنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەم ئەڭ ئاساسىي شەرتى. چۈنكى سىز ئۆيدىكىللىرىڭىز بىلەن بىر ئېغىز ئۆيدە تاماق ئىتىپ،تاماق يەپ يېتىپ قوپۇپ،مۇزىكا ئىشلەپ ،ئاۋازغا ئېلىپ قاتارلىق بىر تالاي ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرسىڭىز سىز تاماق يەمسىز ياكى مۇزىكا ئىشلەمسىز،ياكى ئائىلىڭىزنىڭ خىزمىتىنى قىلامسىز؟ ئالدى بىلەن چۇقۇم مۇھىت ئامىلىنى ئويلاشمىسىڭىز بولمايدۇ.شۇڭا شارائىت يار بەرگەن ئاساستا مۇزىكا ئىشلەش ئاۋازغا ئېلىش ئۆيىنى ئايرىم قىلىپ ياكى 2ئېغىز ياكى 1 ئېغىز مۇھىتى تىنىچ بولغان ئۆيدىن بىرنى تەييارلايمىز. ئاندىن سىز ئۆيگە كىرىپلا كومپىيوتۇر سازلىرىڭىزنى تىزىپ مۇزىكا ئىشلەيمەن دېسىڭىز قاملاشمايدۇ. قۇرۇق ئۆينىڭ تېمىدىن ئەكىس سادا يانىدۇ. ئەگەر سىز بۇنداق مۇھىتتا ئاۋاز ئالسىڭىز ياكى مۇزىكا ئىشلىسڭىز ياكى تەڭشىسىڭىز سىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە چۇقۇم تەسىر يېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋازغا ئېلىش ئۆيىنىڭ تۆت تېمىغا قېلىنقى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 3سانتىمىتىر قېلىنلىقتى ئاۋاز سۈمۈرۈش ماتىرىياللىرىنى(كىگىز،قېلىن يوتقان،بۇلۇت،مەخسۇس ئاۋاز سۈمۈرۈش چاپلىمىسى) چاپلىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ رولى بولسا تامدىن قايىتىدىغان ئەكىس سادالارنى سۈمۈرۈش،يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
01.png
02.jpg
03.jpg
04.jpg


2.مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋازغا ئېلىشقا ئىشلىتىدىغان كومپىيوتۇر تاللاش

مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋازغا ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان كومپىيوتۇرلارنىڭ سەپلىمىسى جەھەتتە باشقا ئادەتتىكى ئائىلە كومپىيوتۇرى ۋە ياكى ئىشخانا كومپىيوتۇرىنىڭ سەپلىمىسىدىن يۇقىرى بۇلىدۇ.چۈنكى مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋازغا ئېلش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ.بەزىللىرىنىڭ كومپىيوتۇرغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن يۇقىرى، ھەم بەزىللىرى سىزنىڭ كومپىيوتۇر سەپلىمىڭىزگە قاراپ ئاندىن مۇكەممەل ئىش ھالىتىگە ئۆتىدۇ.يەنە ھەم بەزىللىرى بولسا قىلچىلىك تەسىر قىلمايدۇ. مۇزىكا ئىشلەيدىغان كومپىيوتۇرنى قوراشتۇرۇشتا بولسا كومپىيوتۇرنىڭ مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچى(处理器,cpu)چۇقۇم قوش يادرودىن يۇقىرى بۇلىشى كېرەك، ئەگەر قوش يادرودىن تۆۋەن بۇلۇپ قالسا بەزى دېتاللارنى ئىشلەتكەن چېغىڭىزدا كومپىيوتۇرنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى كۆتۈرەلمەي كومپىيوتۇر قېتىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ . شۇڭا دوسىتلىرىمىز كومپىيوتۇر قوراشتۇرغاندا ئامال بار مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ياخشىسىنى تاللاپ ئىشلەتسەك، ئاندىن ئىچكى ساقلىغۇچ 2GBدىن يۇقىرى بۇلىشى كېرەك. قاتتىق دېسكا تۆۋەن بولغاندا 500Gبۇلىشى كېرەك.چۈنكى مۇزىكا ئىشلەش دېتاللىرى بىر قەدەر كۆپ ھەم بەزىللىرىنىڭ سىغىمى چوڭ بۇلىدۇ.ئاندىن كومپىيوتۇرنىڭ توك تەمىنلىگۈچىسى(电源(300ۋات دىن يۇقىرى بۇلىشى كېرەك. مۇشۇ ئاساستا كومپىيوتۇرنىڭ ئاساسىي تاختىسىنى ۋە باشقا لازىملىق دېتاللرىنى ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.

كومپىيوتۇر ئېكرانى جەھەتتە بولسا ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا قارا 2 ياكى 1 ئېكرانلىق قىلىپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋازغا ئېلىش خىزمىتىنى قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى 2ئېكران ئىشلىتىدۇ.چۈنكى بىز مۇزىكا تەڭشىگەندە بولسۇن ياكى مۇزىكا ئىشلىگەندە ئاۋاز تەڭشىگەندە بىر ئېكرندا ئاۋاز چاستوتىسىنى ياكى midiيولنى كۈزۈتۈپ يەنە بىر ئېكراندا قىستۇرما دېتاللارنى تاللاپ ئىشلىتىشكە پايدىلىق. بىر ئېكراندا بولسا پەقەت بىرلا ئېكراندا يۇقىرقىدەك مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بۇلىدۇ.

3.،مۇزىكا ئىشلەش ۋە ئاۋازغا ئېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان كەسپى ئاۋاز كارتىسى

ئاۋاز كارتىسى بولسا مۇزىكا ئىشلەش ئاۋازغا ئېلىش خىزمىتىدە بىز سىرىتتىن ئاۋازغا ئېلىپ ئەكىرگەن ئاۋازلارنىڭ كومپىيوتۇرغا كىرىش چىقىشتىكى سۈزۈكلىكىنى ئاشۇرۇش، كىرىش چىقىشتىكى ۋاقتىنى توغرا بېكىتىش،ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ سۈزۈكلىكى ئەينەنلىكىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق،بىر قىسىم يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر كومپىيپوتۇرنىڭ ئۆزىگە سەپلەنگەن ئاۋاز كارتىسىنى ئىشلەتسەك بولمامدۇ؟دەپ سۇئال سورىشىدۇ. كومپىيوتۇرنىڭ ئۆزىگە سەپلەنگەن ئاۋاز كارتىسى پەقەت ئادەتتىكى مەشغۇلاتلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ خالاس،مەسىلەن: ناخشا ئاڭلاش،توردا ئاۋازلىق پاراڭلىشىش قاتارلىق تۇرمۇشتىكى ئاددىي ئىشلارنىڭلا ھۆددىسىدىن چىقىدۇ،يەنە كېلىپ ئاۋاز سۈزۈك ئەمەس،ھەم ئۇنىڭدا ئالغان ئاۋازنى تەڭشەپ كەسپى ھالەتكە ئەكەلدۈرمەكنىڭ ئۆزى ھەم ئاۋارچىلىق ھەم بەزىدە مۇمكىنمۇ بولمايدۇ.شۇڭا كەسپى ئاۋاز كارتىسى ئىشلىتىمىز.

ئاۋاز كارتىللىرى يەنە بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ . بۇلار: USBسىم ئارقىلىق كومپىيوتۇرغا چېتىلدىغان ئاۋاز كارتىسى،ئوت سىملىق ئاۋاز كارتىسى. كومپىيوتۇرنىڭ ئاساسىي تاختىسىغا بىۋاستە چېتىلدىغان ئاۋاز كارتىسى DSPئىقتىدارلىق ئاۋاز كارتسى.... قاتارلىقلار.

USBسىملىق ئاۋاز كارتىسى بولسا مەخسۇس ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئۆزىگە سەپلەنگەن USBسىم ئارقىلىق ئاۋاز كارتىسىنى كومپىيوتۇرغا چاتىدىغان ئاۋاز كارتىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئاۋاز كارتىللىرى ئادەتتە ئىشلىتىشكە،ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھەمدە بەزى مۇشۇ تۈردىكى ئاۋاز كارتىللىرىنىڭ 48ۋاتلىق مىكرافون توك مەنبەسى بۇلىدۇ.بۇنىڭ رولى بولسا كەسپى ئاۋازغا ئېلىشقا ئىشلىتىدىغان ئىلكتىر سىغىملىق مىكرافونلارغا توك تەمىنلەپ بېرىش. ئەگەردە ئاۋاز كارتسىنىڭ بۇ ئىقتىدارى بولمىسا سىز مىكرافونغا 48ۋاتلىق توك تەمىنلىگۈچتىن بىرنى سېتىۋالمىسىڭىز بولمايدۇ.يەنە مىكرافون كۈچەيتىش،ئاساسىي يولدىكى ئاۋازلارنى ، مىكرافون ئاۋازىنى،تىڭشىغۇچ ئاۋازلىرىنىڭ يۇقىرى تۆۋنلىكىنى تەڭشەيدىغان تەڭشىگۈچلىرى بۇلىدۇ.بۇ خىل تىپتىكى ئاۋاز كارتىللىرىنىڭ يۇقارقىدەك ياخشى بولغان تەرەپلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپلىگەن دوسىتلىرىمىزنىڭ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولماقتا.

02.jpg
01.jpg


ئوت سىملىق ئاۋاز كارتىللىرى بولسا usbسىملىق ئاۋاز كارتىسىغا سېلىشتۇرغاندا پەقەت چېتىلىش ئۇسۇلىلا ئوخشىمايدۇ.ئوت سىملىق ئاۋاز كارتىللىرىنى سىز كومپىيوتۇرغا تۇنۇتۇش ئۈچۈن كومپىيوتۇرنىڭ ئاساسىي تاخىسىغا 1394چېتىش ئېغىزىنى كېڭەيتىش كارتىسىنى سەپلىگەندىن كېيىن ئاندىن ئاۋاز كارتىسنىڭ ئۇچۇر سىمىنى مۇشۇ كارتىغا چېتېپ ئاندىن كومپىيوتۇرغا تۇنىتىسىز.بولمىسا ئوت سىملىق ئاۋاز كارتسىنى بىۋاستە كومپىيوتۇرغا چاتقىلى بولمايدۇ. ئىشلىتىلىش جەھەتتىن USBلىق ئاۋاز كارتىسىغا ئوخشاش،مىكرافون كۈچەيتكۈچ قاتارلىق ئىقدارىمۇ ئوت سىملىق ئاۋاز كارتىللىرىدا مەۋجۇت.

02.png
04.jpg
07.png


كومپىيوتۇر ئاساسىي تاختىسىغا بىۋاستە چېتىلىدىغان ئاۋاز كارتىللىرى بولسا،كومپىيوتۇرنىڭ ئاساسىي تاختىسىغا بىۋاستە چېتىلىپ ئاندىن كومپىيوتۇردا خىزمەت قىلىدىغان ئاۋاز كارتىللىرىنى كۆرسىتىدۇ.بۇنداق ئاۋاز كارتىللىرىنىڭ ئوت سىملىق ئاۋاز كارتىسى ۋە USBسىملىق ئاۋاز كارتىللىرىغا ئوخشاش مىكرافون توك مەنبەسى ۋە سىرىتتىن باشقۇرىدىغان ئاۋاز كونتىروللىغۇچىسى بولمايدۇ.بۇنداق ئاۋاز كارتىللىرىنىڭ كۆپ ساندىكىسى DSPئىقتىدارلىق ئاۋاز كارتىللىرى كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.

08.png
09.png


DSPئىقتىدارلىق ئاۋاز كارتىسى بولسا ئۆزىدە DSPئىقتدارلىق ئاۋاز تەڭشەش ئىقتىدارى بار بولغان ئاۋاز ئاۋاز كارتىللىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تىپتىكى ئاۋاز كارتىللىرىنىڭ باھاسى يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەن ئاۋاز كارتىللىرىىنىڭ باھاسىدىن يۇقىرى بۇلۇپ،كەسپى ئورۇنلار،كەسپى ئاكورتلاشتۇرغۇچىلار مۇشۇ ئىقتىدارلىق ئاۋاز كارتىللرىنى تاللاپ ئىشلىتدۇ.چۈنكى بۇنداق ئاۋاز كارتىللىرىنىڭ ئۆزىگە مەخسۇس ئاۋاز ئاۋاز تەڭشىگۈچلەر ئورنىتىلغان بۇلۇپ بۇ تەڭشىگۈچلەرنىڭ كۆپىنچىسى تولىمۇ قوللىنىشچان،ئىقتىدارى مۇكەممەل ھەم كۈچلۈك،ھەم كومپىيوتۇرغا ھېچقانداق بېسىم ئېلىپ كەلمەيدىغان ئەۋزەللىكى بار.بۇ خىل ئىقتىدارلىق ئاۋاز كارتىللىرىنىڭ USBسىم بىلەن كومپىيوتۇرغا چاتىدىغان،ئوت سىم بىلەن كومپىيوتۇرغا چاتىدىغان يەنە كومپىيوتۇرنىڭ ئاساسىي تاختىسىغا بىۋاستە ئورنىتىدىغان تىپتىكىللىرى بار.

11.jpg
12.png
13.png



3.ئاۋاز ئېلىشتا ئىشلىتىدىغان مىكرافون

ئاۋاز ئىشلىتىدىغان مىكرافون چوڭ جەھەتتىن 2 تۈرگە بۈلىنىدۇ.

ئادەم ئاۋازىنى ئېلىشقا ئىشلىتىدىغان مىكرافون

ئادەم ئاۋازىنى ئېلىشقا ئىشلىتىدىغان مىكرافونلار ئاساسى جەھەتتىن ئاۋازغا ئېلىش دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ بولغان مىكرافونلانى كۆرسىتىدۇ.


تىرىك سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئېلىشقا ئىشلىتىدىغان مىكرافون

تىرىك سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئېلىشقا ئىشلىتىدىغان مىكرافون بولسا ئاۋاز ئېلىش دائىرىسى نۇقتىلىق بولغان مىكرافونلارنى كۆرسىتىدۇ. تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا گىتتار،دۇتتار ئاۋازىنى ئېلىشقا ناھايىتى باب كېلىدۇ.باشقا سازلارنىڭ ئاۋازىنى بولسا ئاۋاز ئېلىش دائىرىسى كەڭ بولغان مىكرافونلاردا ئاۋازغا ئالسا يېيىلىش دەرىجىسى ۋە ياڭراقلىقى ياخشىراق بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن.



02.jpg
         01.jpg



كەسپى مىكرافونلار يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.

ئېلىكتىر سىغىملىق مېكرافون(电容话筒)

بۇ خىل مىكرافونلار ئاساسلىق ئادەم ئاۋازنى ۋە سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئۈنگە ئىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ،ئاۋازغا ئىلىش ئۆيلىرىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مېكرافون،بۇخىل مېكرافوننىڭ سەزگۈرۈك دەرىجىسى ئىنتايىن ياخشى،ئاۋازغا ئىلىش مۇھىتىغا بولغان تەلىپىمۇ خىلىلا يۇقۇرى، ئاۋازغا ئېلىش دائىرىسى كەڭ ،ئەگەر ئاۋازغا ئىلىش ئۆيىنىڭ ئاۋاز ئۆتكۈزمەسلىك ئىقتىدارى ياخشى بولمىسا ئەتراپتىكى ھەممە ئاۋازنى ئۈنگە ئېلىۋالدۇ،شۇنىڭ بىلەن شاۋقۇن ئاۋازى كۆپىيىدۇ.


03.png


ئىلىكتىر لامپىلىق مېكرافون(电子管话筒)

ئىلىكتىر لامپىلىق مېكرافون ئىلىكتىر سىغىملىق مېكرافوننىڭ بىر تۈرى،لىكىن ئۇنىڭ  قۇرۇلمىسى ۋاكوملۇق ئىلىكتىر لاپپا،شۇڭا ئۈگە ئىلىنغان ئاۋاز بىزگە يىقىملىق،سىلىق ئاڭلىنىدۇ.ئۇ ئادەم ئاۋازى ۋە قاپاق گىتتارنىڭ ئاۋازنى ئۈنگە ئىلىشكە ئەڭ مۇۋاپىق، باھاسى باشقا مىكرافونلارغا قارىغاندا بىرقەدەر يۇقىرى.

04.png
05.png


4. ئاۋز ياڭراتقۇ

ئاۋاز ياڭراتقۇسى بولسا ھەممىزگە تۇنۇشلۇق، ئاۋاز ياڭراتقۇسىنى تاللىغاندا ئاۋازى يۇرۇق، سۈپىتى ياخشى بولغان ياڭراتقۇلارنى تاللاپ ئىشلەتسەك بۇلىدۇ، ئامال بار سۈزۈك چىقىدىغان ياڭراتقۇلارنى ئىشلىتىڭ،بۇنداق بولغاندا مەيلى مۇزىكا تەڭشەڭ ياكى ئاۋازغا ئېلىڭ، قانداق يەردىكى ئاۋازنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىئاگىنوز قويالايسىز ھەم توغرا ئۈنۈملىيەلەيسىز. چۇقۇم بىرجۈپ ياڭراتقۇ ئىشلىتىڭ،ھەرگىزمۇ تاق ياڭراتقۇ ئىشلەتمڭ،چۈنكى بىز ئىشلەپ چىقارغان مۇزىكا بولسۇن ياكى ئالغان ئاۋازىمىز سىتىرو ھالەتتە ماستىرلىنىپ چېقىدۇ.

01.png


5.تىڭشىغۇچ

بىز مۇزىكا ئىشلىگەن ۋاختىمىزدا تىڭشىغۇچ ياكى كەسپىي ياڭراتقۇ بىلەن ئاۋازلارنىڭ  ئاڭلاپ تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىمىز،ۋە شۇنداقلا ئاۋاز ئالغاندا تىڭشىغۇچ بىلەن مۇزىكىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاۋاز ئالىمىز(ناخشا ئاۋازغا ئېلىش شەرتى ئاستىدا).شۇڭا تىڭشىغۇچ تاللىغاندا ئامال بار تىڭشىغۇچ ئاۋازىنىڭ سىرىتقا يېيىلىش نىسپىتى تۆۋەن ،ئاۋازى سۈزۈك بولغان تىڭشىغۇچلارنى تاللاپ ئىشلەتسەك بۇلىدۇ.

01.png


6.midiرويال

midiرويال بىز چېلىۋاتقان ئېلىكتىرونلۇق روياللارغا ئوخشايدۇ. پەقەت midiرويالنىڭ ئاۋاز تۈسىنى بىز كومپىيوتۇردىكى ئاۋاز تۈسلىرى ئارقىلىق بەلگىلەپ بېرىمىز.بەزى كەسپى midiروياللارنىڭ ئۆزىدە ئاۋاز تۈسى سەپلەنگەن بۇلىدۇ. ھەرخىل تىپتىكى midi روياللار ناھايىتى كۆپ ،سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ سېتىۋالسىڭىز بۇلىدۇ.ئەگەر سىز ئېلىكترونلۇق رويالىڭىزنى
midiرويال سۈپىتىدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ھەم شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە midiرويال سېتىۋىلىش ھاجەتسىز.ئېلىكتىرونلۇق رويالنى midiرويال سۈپىتىدە ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئېلىكتىرونلۇق رويالىڭىزنىڭ چۇقۇم midiچىقىرىش ئىقتىدارى،يەنى midiچىقىرىش تۈشۈكى بۇلىشى كېرەك. ئەگەر بولسا سىز midiيەتكۈزۈش سىمىدىن بىرنى سېتىۋىلىپ رويالىڭىزنى كومپىيوتۇرغا ئاشۇ midiسىم بىلەن چېىتىپ midiرويال سۈپىتىدە ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.ئەگەر ئېلىكتىرونلۇق رويالىڭىزدا midiچىقىرىش ئىقتىدارى بولمىسا midiرويالدىن بىرنى سېتىۋىلىپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.midiرويالنىڭ باھاسى ئېلكتىرونلۇق رويالغا قارىغاندا كۆپ ئەرزان، ئىقتىدارىغا قاراپ ئەڭ تۆۋىنى500يۈەندىن باشلىنىدۇ.

02.png
01.png
03.png
05.png
04.png



بۇنىڭدىن سىرىت باشقا كىچىك ماتىرىياللارنى ئۆزەڭلار خالاپ سېتىۋىلىپ ئىشلەتسەڭلار بۇلىدۇ. چۇقۇم ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ سېتىۋىلىڭ، يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتكەن لازىمەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەرزانلىرى بار قىممەتلىرى بار.ئۆزەڭلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ سېتىۋىلىپ ئىشلەتسەڭلار بۇلىدۇ.

بۇ ماتىرىياللاردىن سىرىت يەنە ئاۋاز سۇپىسى، ئاۋاز كۈچەيتكۈچ،ئاۋاز مىقدارىنى كونتىروللىغۇچ قاتارلىق دېتاللارنى كىيىنچە يوللايمەن. بۇ يوللىغىنىم يېڭى ئۈگەنگۈچلەر ئۈچۈن ئاددىي ساۋات.
10.jpg
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىشۆھرەت يىغىش سەۋەبى
ark-xir + 15 赞一个!
makan + 30

ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 45   باھا خاتىرىسى

تەتىلگىمۇ ئاز قالدى، لېكىن مۇشۇ زېرىكىپ قالامەنمىكىن دەپ ئەنسىرەيمە جۇمۇ  

104

تېما

26

دوست

5552

جۇغلانما

بىكەت باشلىغى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

升级   100%

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 11:12:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت،ئىسىل تېما بوپتۇ،كۆپ ئەجىر قىپسىز

31

تېما

30

دوست

2277

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   63.85%

يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 12:19:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن
مۇزىكامەن ئۈچۈن ئىشتىياق،شۇنچىلىك شىرىن ھەم گۈزەل..............

9

تېما

3

دوست

399

جۇغلانما

ئوتتۇراھال ئەزا

Rank: 3Rank: 3

升级   66.33%

يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 23:40:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىمىكەن جۇما باللا ماۋۇ.......

31

تېما

6

دوست

1373

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   18.65%

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-1 16:46:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ .رەخمەت..خاتالاشمىسام سىز بەختىيارنىڭ ئىنىسىغۇ دەيمەن ؟ ئوقۇش ئىشلىرىڭىز قانداق بوپ كەتتى .؟

16

تېما

7

دوست

1052

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   2.6%

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-1 17:34:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن .تېمىڭىزغا رەھمەت ..
مۇشۇ ئىنكاس يىزىش خوشياقماي خەقنىڭكىنى كۆچۈرىدىغانلارغا نىمە دىسەم بولا [em:24:]

4

تېما

2

دوست

1233

جۇغلانما

ئالتۇن مىداللىق ئەزا

Rank: 6Rank: 6

升级   11.65%

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-1 18:55:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت،ئىسىل تېما بوپتۇ، ئەتىراپلىق سۆزلىنىپتۇ داۋاملىق يولىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ھارنمىغايسىز  
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ماكان-مۇزىكا مۇنبىردىكى بارلىق تورداشلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام

2

تېما

1

دوست

125

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

升级   50%

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-2 14:57:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن!رەھمەت سىزگە
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم،قېرىنداشلار ياخشىمۇسىلەر!

0

تېما

0

دوست

130

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

升级   53.33%

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-3 01:31:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن .تېمىڭىزغا رەھمەت

0

تېما

0

دوست

24

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

升级   48%

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-3 11:10:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت رەسمى ياخشى تېما بوپتۇ !!  

9

تېما

2

دوست

727

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

升级   45.4%

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-3 11:33:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ....بەك ئەتىراپلىق سۆزلەپسىز....
ئاللا خالىسا بىلىدىغانلىرىم كۈن سايىن ئاشماقتا رەھمەت سىلەرگە ئۇستازلار......

0

تېما

0

دوست

198

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

升级   98.67%

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-3 21:35:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت

7

تېما

1

دوست

420

جۇغلانما

ئوتتۇراھال ئەزا

Rank: 3Rank: 3

升级   73.33%

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-4 00:26:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدىغان ماتىريالكەن،قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن، بۇنداق تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.كۆپ رەھمەت
ئالىمجان دىلقۇت

20

تېما

0

دوست

854

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

升级   70.8%

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-4 00:57:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇسلارغا سالام .. مۇنبەردە ياخشى تىملار ئۇزۇلۇپ قالماپتۇ .     
تىما ئىگىسگە رەخىمەت

0

تېما

0

دوست

458

جۇغلانما

ئوتتۇراھال ئەزا

Rank: 3Rank: 3

升级   86%

يوللىغان ۋاقتى 2013-11-4 13:37:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت،ئىسىل تېما بوپتۇ،كۆپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


Archiver|WAP|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى ( 新ICP备13002498  

GMT+8, 2014-7-25 00:25 , Processed in 0.281259 second(s), 66 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش