玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلا

مەن كۇباستا ئاۋازنى 1 يولغا مۇزىكىنى 1 يولغا ئالدىم ئۈنۈل

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

دوسلا ياخشىمۇسىلە؟ ماڭا ئابدۇغېنى (خال) ئاكىمىزنىڭ يار دەرد

http://dskmusic.vst4free.com شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇرغانلىقتىن يوللۇدۇم ئىھتىياجلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! :handshake ماكان مۇزىكا بىلىملىرى مۇنبېرىدىكى بارلىق كەسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ماكان مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ھەممىڭلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بول

مەن مۇزىكىلارنىڭ نوتىسىنى كومپىيۇتېرغا ئۇرۇپ كىرگۈزەي دېگەن لېكىن ۋورد ھۆججىتىگە ماسلىشىدىغان ياكى ئۈنۈمى ئاددىيرا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلېرىم يىقىندا مىنىڭ بىر دۇستۇم ktv ئاچقان خەنزوچ

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر داشلار ھەممىڭلا

باھا بەرگەيسىلەر attach://6462.mp3

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

كومپىيوتۇرۇمغا ۋىندوۋىس 8 قاچىلىغان ئىدىم لىكىن بۇرۇن ۋىندوۋىس 7دە نۇرمال ئىشلەتكەن

چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.esi-audio.cn/?action=support&page=download بۇ قىتىمقى

fl studio harmor نىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋازلىرى . 6095609660976098 چۈشۈرۈش : 6099

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار

بۇ halion نى ئىشلىتىش دەرىسلىكى ،،،،،،،،بۇ مىللى ئاۋاز مەنمەلىردىن دۇتار › تەمبىر ›راۋاپ› ساتتار ›نەي قاتارلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكانداشلار ياخشىمۇسىلەر بۇ دورەم تور ئارلاۋېتىپ

‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى› تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ۋە مەنبەلىرى توغرىسىدا بەختىيار ئابدۇساتتار ئاساسى مەزمۇنى: ئۇيغۇر مۇقاملىرى

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

ھۈمۇر قەدىرلىك ،كاككۇك ،مايسىلار، گۇل ھۇزم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مە

مەندە YAMAHA 2100 رويال بار.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ،مەن يىڭىدن گىتتا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ،پىرى سونۇس م

مەندە بىر ئاۋاز كارتىسى باھاسى بەك ئەرزان ئا

ماۋۇ MIDI جەنپەننې ئشلېتېپ باققانلار بامۇ ئاڭلېسام مۇزېيكېغا شاۋكو بەكېلې

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر ئەھلى كەمىنە «ئوسمانجان تەمكىن» دىن ھەممىڭلارغا ئ

قىرىنداشلىرىم ئايرىلىش دىگەن ناخشىنىڭ تىكىسىنى

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

6169 بىز تۆۋەندە Pop music ساھەسىدە ئەڭ ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئاۋاز يىيشتۈرۈش ئۇستىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى. ئالدى بىل

قەشقەردە 2- قول مۇزىكا ئەسۋاب دۇكىنى بارمۇ؟ مەسىلەن:ياڭراتقۇ؟ ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسى،مې

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

بۇ قېتىمقى مەشرەپ بېيجىڭدا مەشھۇر چاڭگائ ولىمپىك مەيدانىدا سۈرەتكە ئېلىنىپ ، 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ت

ئاڭلىسام بۇ دىتال مۇزىكىدىن ئادەم ئاۋازىنى ئايرىپ بېرىدىكەن ،راسمۇ؟ 6379

جەمئىي مىكروبلوگ 1858 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • باغاق 2016-3-25 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ناخشا كەسپىدىن خىزمەت ئىزدەيمە. ئۇزەم كۇچا ناھىيسىدىن....18096974302

  • millitim3 2016-3-13 13:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ‹‹  مۇنبەر بەكلا جىمىپ كىتىپتىغۇ   

  • millitim3 2016-3-5 16:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىردىكى دوسلار  ئوسمانجان ‹تەمكىن›دىن سالام

  • letip 2016-2-19 22:02 [ئىنكاس(1)] [...]

    بۇ مۇنبەردە بىرچاغلاردىكىدەك قىزغىنلىق يوقيا؟

  • ∮AKKAPTAR∮ 2016-1-8 16:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرلەرگە كىرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،قېرىنداشلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن

  • كاچۇڭ00 2016-1-5 02:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    بولسا مۇشۇ مۇزىكا ئىشلەشكە دائىر سىستىمىلارنى بىر توپلاپ ئايرىم چۇشۇرۇش ....

  • waliyor 2015-12-2 10:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم ئ‍ۇستازلا ماڭا خېنىم جورام نىڭ مۇزىكىسى لازىمتى

كۆرۈش: 2087|ئىنكاس: 18

Waves 9 قىستۇرمىسىنى قاچىلاش (1-ئۆچۈرۈش)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 21:14  


   Waves 9 قىستۇرما دېتالىنى ئۆلچەملىك قاچىلاش دەرىسلىكى


1 -  [ بۇرۇنقى قاچىلىغان Waves نى مەشخۇلات سىستىمىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش ]


دەرىسلىك يازغۇچىسى: ئەخمەتجان مەخمۇت


  مەزكۇر دەرىسلىك 5 قىسىم بولۇپ ، بۇ تۇنجى سائەتلىك دەرىس. كىيىنكى قىسىملىرى تورداشلارنىڭ ئىھتىياجىغا ئاسەسەن قاراپ يوللىنىلىدۇ . ئەگەر ھەممە ئەزالار تولۇق بىلىپ ، بۇلار ھىچكىمگە لازىم بولمىسا داۋاملاشتۇرۇلمايدۇ .

   بىرىنجى باسقۇچ : ئەسلىدىكى تۆۋەن نەشىردىكى Waves  قىستۇرما دېتالىنى ئۆچۈرىۋىتىش

    دىيارىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان كومپيوتېر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مۇزىكا ئىشلەۋاتقان مۇزىكانتلار ۋە ھەۋەسكارلار نۆۋەتتە Waves  قىستۇرما دېتالىنىڭ 7.0 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتقان بولىشى مۇمكىن . لىكىن ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشىرى v9r15 بولىۋاتىدۇ. (بۇ دىگەنلىك Waves نىڭ 9.0 نەشىرىنىڭ ئالتىنجى قىتىم تارقىتىلغان بولىقى دىگەن گەپ ، نەچچە ئاي كۈن ئىلگىرى V9r1 تارقىتىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى نەشىرىلىرىگە قارىغاندا ئىقتىدار جەھەتتىن چوڭ ئۆزگىرىش يوق پەقەت شۇ بەزى مۇھىم بولغان يوچۇقلارنى ۋە دېتالنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنەWaves NLS مۇ مۇشۇنىڭ ئىچىگە قوشۇۋىتىلگەن ) تۆۋەندىكى باسقۇچلار كومپيوتېرىغا ئىلگىرى Waves قىستۇرما دېتالىنىڭ بۇرۇنقى تۆۋەن نەشىرىنى قاچىلىغان كومپيوتېرلار ئۈچۈن يېزىلدى. ئەگەر سىز ھازىر كومپيوتېرىڭىزغا ئەزەلدىن قاچىلاپ باقمىغان بولسىڭىز بۇ باسقۇچتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ. (يەنى بىۋاستە ئىككىنجى باسقۇچتىن باشلىسىڭىز بولىدۇ.)

بۇ دېتالنىڭ ئەسلىدىكى نەشىرىنى كومپيوتېردىن چىقىرىۋىتىش ئادەتتىكى يۇمشاق دىتاللارنى  «كونترول تاختىسى» نىڭ ئىچىدىكى «پروگرامما ۋە ئىقتىدار» دىگەن بۇيرىقىدىن پايدىلىنىپلا پاك-پاكىزە يۇيىۋەتكەندەك ئۇنداق ئاسانلا ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىر دىگەن مەشخۇلاتتىن باشقا يەنە قالدۇق ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش، تىزىملاش جەدىۋىلىدىكى خاتىرىسىنى تازىلاش قاتارلىق بىر قاتار زۈرۈر بولغان مەشخۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كىلىدۇ.

1.        Waves قىستۇرما دېتالىنىڭ ئەسلى نەشىرىنى ئۆچۈرۈش
يۇقىردىكى چۈشەندۇرۈشتە ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك بىز كومپيوتېرىمىزنىڭ «باشلاش» تىزىملىكىنى تاق چەككەندىن كىيىن ئوك تەرەپتە «كونترول تاختىسى» دىگەن تىزىملىكنى تاق چىكىمىز .
1.jpg


ئىجرا بولغاندىن كىيىنكى چىققان كۆزنەكتىن «پروگرامما ۋە ئىقتىدار» دىگەن بۇيرۇقىنى ئېجرا قىلىمىز.

2.jpg


ئۇنىڭدىن كىيىن Waves  قىستۇرما دېتالىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرنى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ تەرەپ كونۇپكىسىنى تاق چەكسەك
«ئۆچۈرىۋىتىش» دىگەن بۇيرۇقنى ئېجرا قىلىپ بۇ قىستۇرما دىتالنى كومپيوتېردىن ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز .

3.jpg


ئىككىلەنمەي يۇيۇۋىتىمىز . ھەمدە داۋاملىق يېڭى نەشىرىدىكى دېتاللارنى قاچىلاپ سىنايمىز .

4.jpg


داۋاملىق قورىقمىغان ھالدا ئۆچۈرىۋىتىڭ . چۈنكى بۇ رەھبەر دېتالغا چېقىللالمايدۇ .

5.jpg


6.jpg


2.    ئۆچۈرۈش خىزمىتى نورمال تاماملانغاندىن كىيىن باشقا ھەرقانداق مەشخۇلاتنىڭ ئېلىپ بارماي كومپيوتېرنىڭ نورمال ئۇسۇل بويىچە قايتا قوزغىتىمىز. (بۇ باسقۇچ يالغۇز بۇ قىستۇرما دىتال ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىن باشقا مۇتلەق كۆپ ساندىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئۆچۈرگەندە ئېلىپ بىرىشقا تىگىشلىك بولغان مۇھىم بىر باسقۇچلارنىڭ بىرى.)

7.jpg


3.        توۋەندىكى مۇندەرىجە ۋە شۇ مۇندەرىجە ئاستىدىكى ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلارنى ئۆچۈرىۋىتىڭ . (سۈكۈتتىكى قاچىلاش مۇندەرىجىسى مىسالغا ئېلىندى ، ئەگەر سىز باشقا دىسكىلارغا ياكى باشقا مۇندەرىجىلەرگە قاچىلىغان بولسىڭىز ، تۆۋەندىكىلەرگە ماس ھالدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرسىڭىز بولىدۇ)

9.jpg

ئەگەر مەشخۇلات سىستىمىڭىز Windows 7  بولغان بولسا ، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى مۇندەرىجىلەرنى ئۆچۈرۈڭ .

C:\Program Files\Waves
C:\Users\Ahmatjan\AppData\Roaming\Waves
C:\Users\Ahmatjan\AppData\Roaming\Waves Audio
C:\Users\Ahmatjan\AppData\Roaming\Waves Preferences

9-01.jpg


ئەگەر مەشخۇلات سىستىمىڭىز Windows XP  بولغان بولسا ، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى مۇندەرىجىلەرنى ئۆچۈرۈڭ .



C:\Program Files\Waves
C:\Documents and Settings\Ahmatjan\UserData\Waves
C:\Documents and Settings\Ahmatjan\UserData\Waves Audio
C:\Documents and Settings\Ahmatjan\UserData\Waves Preferences


4.        تىزىملاش جەدىلىدىكى قالدۇق خاتىرىلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ، يەنى «باشلاش» تىزىملىكىدىن «ئېجرا» كۆزنىكىنى ئېچىپ Regedit بۇيرۇقىنى توغرا يېزىپ «جەزملەشتۈرۈش» كونۇپكىسىنى باسسىڭىز

10.jpg


11.jpg


، تىزىملاش جەدىۋىلىنىڭ «تەھرىرلىگۈچ» سىگە كىرىسىز ، ئاندىن Waves قا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئىككى تۈرنى ئۆچۈرىۋىتىمىز.

12.jpg


[HKEY_LOCAL_MACHINE\SOFTWARE\Waves]
[HKEY_LOCAL_MACHINE\SOFTWARE\Propellerhead Software\ReWire\WavesReWireDevice



5.        ھەركەتچان ئۇلىنىش ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرىۋىتىڭ . (سۈكۈتتىكى قاچىلاش مۇندەرىجىسى مىسالغا ئېلىندى ، ئەگەر سىز باشقا دىسكىلارغا ياكى باشقا مۇندەرىجىلەرگە قاچىلىغان بولسىڭىز ، تۆۋەندىكىلەرگە ماس ھالدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرسىڭىز بولىدۇ) .

14.jpg


ئۆچۈرىلىدىغان مۇندەرىجە بولسا :
C:\Program Files\Common Files\Disidesign\DAE\Plug-Ins
C:\Program Files\Steinberg\VstPlugins
C:\Program Files\VstPlugins
يۇقارقى مۇندەرىجىلەرنىڭ ئىچىدىن Waves قا ئالاقىدار بولغان بارلىق dpm  ۋە dll دىگەن كىڭەيتىلگەن نامدىكى بارلىق ھۆججەتللەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز.
15.jpg


13.jpg


خۇلاسە : بۇيرۇق ئارقىلىق ئۆچۈرۈشرىتىن تاكى تىزىملاش جەدىۋىلىدىكى قالدۇق خاتىرىلەرنى ئۆچۈرگەن بارلىق جەرياندا ، ئەگەر مۇشۇ يازمىدا كۆرسىتىلگەن شۇ ھۆججەتلەر ۋە مۇندەرىجىلەر بار بولغان بولسا تەرتىپ بويىچە ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز . بولمىسا تېخى ياخشى ، ئۇ چاغدا ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلىمىز.  بارلىق مەشخۇلات تاماملانغاندىن كىيىن كومپيوتېرىمىزنىڭ يەنە بىر قىتىم قايتا قوزغىتىمىز.


مەن بۇرۇن مۇشۇ قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش ھەققىدىكى بىر تىمامدا ئاساسلىق ئىقتىدارلىرىنى ئازراق چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ئىدىم. شۇڭا دەسلەپكى يۇيۇش باسقۇچىدا بۇنى تەپسىلى يازمىدىم. ئەگەر زۈرۈر تېپىلسا ماكانداشلار ئىنكاس ئارقىلىق كۈچلۈك تەلەپ بولسا ئەلۋەتتە نۆلدىن باشلاپ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ چىقساممۇ بولىدۇ . لىكىن ھەممە ئەزالار تولۇق بىلىپ كەتكەن بولسا بۇنىڭ ھاجىتى يوق .

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-28 21:17:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ بىلمىگەن سۇئاللىرى بولسا ( كونىسىنى يۇيىۋىتىش جەھەتتە مۇشۇ جايدا سۇئال قالدۇرۇڭلار . ھەممە ئادەم تەڭ ئۆگەنسۇن. ئايرىم ئۇندىدار ، ياكى QQ ئارقىلىق سورىساڭلار ئوخشاش مەسىلىگە يۇلۇققانلارغا بىر-بىردىن ئوخشاش جاۋابنى نەچچە قىتىم دىيىشكە توغرا كىلىدىكەن . )
ۋاقتى: 2014-1-31 21:11:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت مىنىڭ بىشىمغا ئەمدى كەلدى بۇمەسىلە بۇنىمۇ ئۈگىنىۋالدىم  [ ئەخمەتجان ئۇستازغا يەنە بىرقىتىم رەھمەت سالامەت بولۇڭ:]handshake
ۋاقتى: 2014-2-7 17:47:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىنى ئۈندىدار سالونىمىزدا ھەمبەھىرلەپ قويدۇ،تېلىفونىڭىزدا ساقلىۋىلىپ مەشغۇلات قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ....بۇ تېمىنىڭ داۋامى ئىنتايىن ئىسىل،دوسلار بىرلىكتە داۋامىنى ساقلاڭلار

ۋاقتى: 2014-2-10 21:27:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە كۆپ ئادەم كۆرۈپ ئىنكاس يېزىش خوشياقمىغان ئوخشايدۇ . ئۇلارغا بىكارلىقلا نەرسە بولسا بولىدىغان ئوخشايدۇ . ئەخمەتجان مۇئەللىمنىڭ قەدىرىنى بىلمەيۋاتىدۇ . جاھاندا ھەممە نەرسە بىكارلىق بولسا قەدىرى بولمايدىغان ئوخشايدۇ . شۇڭا مىنىڭچە بۇنداق ياخشى ماقالىلەرنى پەقەت پۇل تۆلىگەن ئەزالارغىلا تەمىنلىگەن ياخشىمىكىن . داۋاملىق تىرىشىڭ . سىز نىمە چىقارسىڭىز مەن ھەقلىق سېتىۋالىمەن . مەن ماكاننى سۆيىمەن . قوللايمەن . ھەقلىق ئەزا قىىلساڭلار مەن پۇل تۆلەشكە رازى .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-11 18:15:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bulak يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 21:27
شۇنچە كۆپ ئادەم كۆرۈپ ئىنكاس يېزىش خوشياقمىغان ئوخشاي ...

ئېشىنى ئىچىپ قاچىسىنى چاقىدىغان تۇزكور ئەزالارمۇ يوق ئەمەس. بەزىسىنى بىلىپ تۇرىمەن ، لىكىن يۈزىگە سالمىدىم. چۈنكى ئۇلار ھامان شۇ بىلىمنىڭ قەدىرى ئۆتۈلگەندە ئاندىن بۇ تىمىلارنىڭ ماقالىلەرنىڭ ۋە شۇنداقلا بىر بىكەتنى 7 يىل بالا باققاندەك باققاننىڭ قەدىرىگە يىتىدۇ . بەلكىم ئۇلار ئۆگىنىپ شۇ بىلىمدىن پايدىلىنىپ كاللىسىدە يېڭى ئۇقۇملار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىقدىسادى ئۈنۈم يارىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ، لىكىن يىللاپ ئايلاپ ماكان ئۈچۈن بىر تىمىمۇ يوللىمايدۇ . ھەي...... قارىغاندا ھەقلىق بىكەت قىلىۋەتسەك قەدىرى بولىدىغان ئوخشايدۇ . مەن بۇرۇن نىمىشقا ئۇنداق دەيدىغاندۇ دەپ چۈشەنمەپتىكەنمەن. ھەقىقەتەن بىكارلىق نەرسىنىڭ قەدىرى بولمايدىغان ئوخشايدۇ .
ۋاقتى: 2014-2-19 10:50:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىردىكى بارلىق چوڭ كىچىك .ئۇستازلار  ۋە دۇسلار  ياخشمۇسىلەر
مەن بۇ مۇنبەرگە يىڭى يىزىملاتقان بۇلساممۇ ئۇزۇندىن بىرى كىرىپ چىقىپ تۇرۋاتمەن .
مۇنبەردىكلەرنىڭ  مۇزىكىغا بۇلغان قىزقىشى ۋە ئىنكاسلىرى  شۇنداق قىزغىنكەن . مۇنبەر خىللا ئاۋاتلىشىپ قاپتۇ  
مەنمۇ شۇ ۋەجىدىن ماكانداشلار سىپگە قوشلىۋالدىم  ھەم مۇزىكا ئۇگنۇشنى 0 دىن  باشلىۋەتتىم .  مۇنبەردىكى بارلىق  چوڭ كىچىك ئۇزتازلارنىڭ  ياردىمنى ئايماسلىقنى  شۇنداقلا ياخشى تىمللىرنىڭ ئۇزۇلۇپ قالماسلىقنى  ئۇمۇد قىلمەن  . جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ قوللىرغا دەت كەلىسۇن
   كەمىنە مىللىتىمدىن   ................
ۋاقتى: 2014-2-19 10:55:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئاللا  ..... سالام يوللايمەن دەپ  دىمەكچى بۇلغان گىپىمنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ..  ئەخمەتجان  ئەپەندىم   يۇقارقى ئۇسسۇللار  cubase   ۋە nuendo  لارغىمۇ ئىشلەمدۇيا
ۋاقتى: 2014-2-22 01:52:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇزىكا مۇنبىرىدىكى كەسىپداشلار، ئۇستازلار ..ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام.
       سالام ئەخمەتجان. قانداقراق ئەھۋالىڭىز؟ قايسى كۈنى قارلۇق شىركىتىدە كۆرۈشكەندىن بېرى كۆرۈشۈپمۇ بولالمىدۇق. ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟
         مەقسەتكە كەلسەك؛ ئۆيۈمگە تور ئەكىرەلمەي مۇنبەرنىمۇ ئارىلىيالمىدىم. مانا اللە نىڭ ئىلتىپاتى بىلەن 2 كۈن بوپتۇ بۈگۈن ئۆيگە تور ئەكىرگىلى. تېمىڭىزنى كېيىنرەك كۆرۈپ قالغان بولساممۇ، يەنىلا سىزگە تەشەككۈر ئېيتماي تۇرالمىدىم. بەك ئىسىل تېمېدىن بىرنى يوللاپسىز. ئەجىرىڭىزگە بارىكاللا !! بەزى ئىشلارنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. دائىم بۇنداقمۇ بولىۋەرمەس. ئەجىرىڭىزنى ئېگىمىز بېرىدۇ!!! ياخشى تېمىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي! ھارمىغايسىز!!
ئاستا ماڭساڭمۇ توختاپ قالما!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-24 13:21:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرىشىت يوللىغان ۋاقتى  2014-2-22 01:52
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇزىكا مۇنبىرىدىكى كەسىپداش ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسلام. مەنمۇ شۇ تۇرمۇشنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ قېلىپ پەقەتلا ئالاقىلىشالمىدىم. ئىنكاس قايتۇرمىسا كۆرگىلى بولمايدىغان تىمىلار بىلەن ئىنكاس قايتۇرمىسىمۇ 100% پايدىلىنالايدىغان ئىسىل يازمىلارنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇلۇش ۋە دىققەن قىلىش نىسبىتىنى تارازىغا سالساق شۇ ھامان پەرىق چىقىۋاتىدۇ . مىنىڭچە ئۇلار ئۆزى تىما يېزىپ باقمىغاچقا بىلمەيۋاتىدۇ . شىرئەلى ئاكامنىڭ ‹ مەھمۇد ۋەتىنى› دىگەن ناخشىدا ‹ئالىملەر ئالىمنىڭ بىلەر قەدرىنى› دەپ تېكىسىت بار ئىدى . ( بۇ ئارقىلق ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنى ئالىم دىمەكچى ئەمەس ، پەقەت كىم كىمنىڭ قەدىرىنى بىلىدۇ دىگەن نوقتىنىلا تىلغا ئالماقچى خالاس ).
ۋاقتى: 2014-3-5 17:58:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار، ماكانداشلار، مەنمۇ بىر مۇزىكا ھەۋەسكارى، 6  ، 7 يىلنىڭ ئالدىدا مەنمۇ ئاددەتتىكى كومپىيوتېردا(ھىچقانداق كەسپى ئاۋاز كارتىسى ۋە باشقىلار...نى ئىشلەتمەي ) cubase , nuendo قاتارلىق ئاۋاز يۇمتاللىرىدا ئادەتتىكى ئاۋازلارنى تەھرىرلەپ باققان(تەھرىرلەش دىگىلىمۇ بولماس)، بىر ناخشىنى تەھرىرلەش ئۈچۈن جىق ئەجىر كېتىدىكەن. كېيىن خىزمەت ،تۇرمۇش ئالدىراشلىغى بىلەن تاشلىغان ئىدىم،لىكىن ئىچىمدىكى بۇ مۇزىكا ئوتى مېنى ئولتۇرغۇزماي ،‹‹ماكانىم››دەك نەپ تېگىدىغان مۇنبەردىكى ئەزالار سېپىگە قوشىلىۋالدىم.  مەن باشقا بىر قىسىم مۇزىكا توربەتلىرىنى ئارىلاپ چىقتىم، بۇنىڭدەك ئەمەلى نەپ تىگىدىغان تور بەتلەر يوق دىيەرلىككەن، كۆپ قىسىملار يەنىلا بۇ ئەجىرنىڭ قەدىرىگە يېتىدۇ.
ۋاقتى: 2014-3-27 23:34:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان تور بىكىتىدىكى بارلىق ئۇستازلار ياخشىمىۇ سىلەر ؟  ماڭا بىر ئىشقا ياردەم قىلساڭلا بوپتىكەن ، مەن waves9نى قاچىلاي دەپ يەشسەم error luanching installerدىگەن خەت چىقىۋىلىپ قەتئى يىشىلمىدى . waves9نى قايتا يىڭىدىن چۈشۈرۈپ يەشسەممۇ ئوخشاش win7,xpسېستىمىلارنى قايتا قاچىلىساممۇ يەنە ئوخشاش ، ئەخمەتجان ئۇستاز سۆزلىگەن دەرىسلىك بويىچە پاك پاكىز ئۆچۈرۈپ قايتا قاچىلىساممۇ يەنە ئوخشاش ، ياردەم قىلساڭلا بوپتىكەن ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-8 01:16:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mardan琴 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-27 23:34
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان تور بىكىتىدىكى بارلىق ئۇستاز ...

بولسا ئىكراندىكى چىققان شۇ خاتالىق ئۇچۇرىنى كومپيوتېرنىڭ دىتالى ئارقىلىق رەسىمگە تارتىپ ئىنكاسقا يوللاپ قويۇڭ ، مەن شۇنىڭغا ئاساسەن دىئاگىنور قويۇپ شۇنى ئامال قىلىشقا تىرىشىپ باقاي.
ۋاقتى: 2014-7-9 20:50:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahmatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-8 01:16
بولسا ئىكراندىكى چىققان شۇ خاتالىق ئۇچۇرىنى كومپيوتې ...

مۇشۇنداق پايدىلىق تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-12 20:36:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسران يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 20:50
مۇشۇنداق پايدىلىق تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايس ...

بولىدۇ . بۇ تىمىنىڭ داۋامى بار ئىدى . يوللاشقا پەقەت ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن . دەھشەت ئالدىراش بولۇپ كىتىۋاتىمەن . ئاللا خالىسا ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندە داۋاملىق مۇشۇ ھەقتە تىما يوللايمەن . داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ. ھەممىدىن مۇمىمى تىمىلىرىمىزنى ئۈندىدار ئارقىلىق ھەمبەرىرلەپ دوسلار چەمبىرىكى ئارقىلق تەشۋىق قىلىپ قويسىڭىز مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى سىزنىڭ بىكىتىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقارغىنىڭىز . سىزدەك  ئەزالار بولغاچقا بىكەت مۇشۇنداق كىتىپ بارىدۇ . رەھمەت . ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ . نۇرغۇن مۇزىكانىت دوسلار  مۇشۇنداق دەرىسلىكلەر بار بىكەتنى تېخىچە بىلمەيدىكەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2016-4-4 11:51 , Processed in 0.937524 second(s), 77 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش