玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

مەن كومپىيوتېرىمغا CUBASE قاچىلىغانتىم ھەم NUENDO مۇ قاچىلاپ باقتىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلا

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

دوسلا ياخشىمۇسىلە؟ ماڭا ئابدۇغېنى (خال) ئاكىمىزنىڭ يار دەرد

http://dskmusic.vst4free.com شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇرغانلىقتىن يوللۇدۇم ئىھتىياجلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! :handshake ماكان مۇزىكا بىلىملىرى مۇنبېرىدىكى بارلىق كەسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ماكان مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بارچە ئەزىز قېرىنداشلار ، كەسىپداشلار ، مەندىن ھەمىمىڭلارغا ئوتتلۇق سال

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

6639 http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI1NjIwNTUyMA==/v.swf ئانا پىشتىدا مەمەت پىچاق ئاخسا ئىشىكتىن كىرگەندە چ

ئۆزۈم ئاككوردلاشتۇرغان بىرقانچە مۇزىكا. كەسىپداش.تورداشلار باھا... مۇزىكىلارنى ئاككوردلاشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن ئۈسكىنىلەر:- كومپىيوتې

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئوخشىمايدىغا

6591 90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئ‍ۆزىنىڭ "تەلمۇرۇپ يار " (كۆرگۇم كېلىدۇ) ، "سېغىنىش " ، "كېلەرمۇ خوشال كۇنلەر "، "خا

دۇسلار مۇزىكا ئىشلەشكە AMD FX-8300 CPU بۇلامدۇ ؟ . بەزەنلەر intel i3 intel

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

6644 http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI1NjIwNTUyMA==/v.swf ‹ھوقوقنىڭ ئويۇنى› دىگەن كىنونىڭ ئاساسى مۇزىك

چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.esi-audio.cn/?action=support&page=download بۇ قىتىمقى

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار

بۇ halion نى ئىشلىتىش دەرىسلىكى ،،،،،،،،بۇ مىللى ئاۋاز مەنمەلىردىن دۇتار › تەمبىر ›راۋاپ› ساتتار ›نەي قاتارلىق

ئالدى بىلەن بەرباب بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى بەرباب ئەجدادلىرىمىز ئەڭ بۇرۇن ك

6573 ئۈندىدار توپىدا بىر توردىشىمىز بۇ فىلىمنى يوللاپتىكەن،شۇنىڭ

6497 ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۈگۈندىن 16 يىل ئىلگىرى يەنى 2000 – يىلى باھاردا لوندوندا كىشى ئۇنتۇلغ

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

سالام دوستلار، ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر، يىڭى تىپتىكى YAMAHA ماركىلىق رىياللارنىڭ بولۇپمۇ y

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەنئەتكار ئۇستازلار ،KORG 600 دى

سېغىمى كىچىك ئەمما ناھايىتى قولايلىقكەن ، ئىشىلتىپ بېقىشىڭلانى تەۋسىيە قىلم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ،مەن يىڭىدن گىتتا

مەن ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ ، مەن ناخشا تېكىستلىرىمگە مۇزىكا ئىشلەيد

مەندە بىر ئاۋاز كارتىسى باھاسى بەك ئەرزان ئا

قالدىم ئەلەمدە ھەسەنجان تىلۋالدى ئەجەپ تارىتتىم سۆيگۈ

كۈندە بىزنى بەخت يوقلىسۇن (ناخشا تېكىستى) زۇنۇن

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

PARUK213 ئسملېك بىر دوستىمىز، MIDI مۇزىكىلار توپلىمىنى چۇشۇرىۋ

6169 بىز تۆۋەندە Pop music ساھەسىدە ئەڭ ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئاۋاز يىيشتۈرۈش ئۇستىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى. ئالدى بىل

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دىيارىمىزدا بەيدۇ دېسكىسدىن ھۆججەت چۈشۈرۈشت

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزى

جەمئىي مىكروبلوگ 1911 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1250|ئىنكاس: 27

32Bit ۋە 64Bit دىن تەپسىلىي بايان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-5 12:49  




32  بىتلىق سىستىما بىلەن 64 بىتلىق سىستىمىنىڭ پەرقى

  تېما تەييارلىغۇچى : ئەخمەتجان مەخمۇت


2015-09-05_11-27-47.png


قىستۇرما: ماكانداشلار ئادەتتە سىستىما قاچىلىغاندا بولسۇن ، رەھبەر دېتال قاچىلىغاندا بولسۇن ۋە ياكى ھەرخىل قىستۇرما دېتاللار قاچىلىغاندا بولسۇن داۋاملىق 32 بىتلىق ياكى 64 بىتلىقنى قاچىلاش كىرەكمۇ دىگەندەك سۇئاللار پەيدا بولىدۇ ، ئۆزىنىڭ كومپيوتېرىغا زادى قايسىسىنىڭ ماس كىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەسلىك تۈپەيلىدىن داۋاملىق دىگەندەك قاخشاشلىرىنى ئاڭلايمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەھۋال مۇنبەردىكى %95 ماكانداشلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. مەنمۇ بۇ مەسىلىلەرنى ئىمكاننىڭ بېرىچە ھەل قىلىپ بېقىش ئۈچۈن تىرىشتىم ، لىكىن مەن يالغۇز بىر ئادەم بولغانلىقىم ئۈچۈن 4000 غا يېقىن ئەزانىڭ ھەممىسىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بولغۇلى بولمىدى.  شۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايمەن. شۇڭا ياردىمى بولۇپ قالار دىگەن مەقسەتتە بۇ تىمىنى يوللىدىم . ئالدى بىلەن قۇرمۇ-قۇر بىردىن بىردىن ئوقۇپ چىقىڭلار ، بىرەر ئىككى ئېغىز گەپنى چۈشىنەلمەيلا ئارقىسىنى ئوقۇماي سۇئال سوراپ ئىنكاس  يازىدىغانلار كۆپ.

2015-09-05_12-21-37.png


  ئالدى بىلەن نېمىنىڭ 32بىتلىق سىستېما ۋە 64بىتلىق سىستېمىلىقىنى چۈشۈنۈپ ئۆتەيلى .
‫  32بىت ۋە 64بىتلىق مەشغۇلات سېستېمىسىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى بولسا، CPU نىڭ بىر قېتىملىق ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ 32بىت ياكى 64بىت ئىكەنلىكى. بۇ يەردە يەنە ”بىت“ دېگەن ئۇقۇم چىقىپ قالدى، شۇڭا بۇنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار بولدى، 32 بىت ۋە 64 بىت نى تېگىدىن چۈشەندۈرۈپ كەلسە بىر كىتاب بولۇپ چىقىدۇ ….
‫  32بىتنىڭ ئىپادە بەلگىسى بولسا : x86
‫  64بىتنىڭ ئىپادە بەلگىسى بولسا : x64

                                          2015-09-05_12-22-36.png


‫  بىز ھازىر سېتىۋالغان CPU لارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك 64بىتلىق CPU، لېكىن ھېچقايسىسى ھەقىقىي مەنىدىكى 64بىتلىق CPU ئەمەس، پەقەت 32بىتلىق CPU ئاساسىدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، 64 بىتلىق CPU نىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان ئالاھىدىلىكىنى ئەكىرگەن. لېكىن يەنىلا 64بىتلىق CPU دەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ھەقىقىي مەنىدىكى 64 بىتلىق CPU نى دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئاسترونومىيە قاتارلىق غايەت زور ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىدىغان ئورۇنلاردا ئىشلىتىدۇ. CPU بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق ھەم مۇرەككەپ، جۈملىدىن 32بىتلىق CPU بىلەن 64بىتلىق CPU نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بەزى ئالماشتۇرۇشلار ئوخشىمايدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا 32بىتلىق CPU ئىچكى ساقلىغۇچتىن 2نىڭ 32-دەرىجىسى= 4294967296(bit)يەنى 4G ئەتراپىدىكى ئورۇننى ئىشلىتەلەيدۇ، 64بىتلىق بولسا 2نىڭ 64-دەرىجىسى = يۈز مىليون دىن ئارتۇق GB ئورۇننى ئالالايدۇ.+

‫  مانا بۇ دەل 32بىتلىق سىستېما 4G ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللايدۇ، 64بىتلىق بولسا چەكلىمىسى يوق دەپ ئېتىلىدىغان گەپنىڭ سەۋەبى.
‫  بۇ يەردە 32بىت ۋە 64بىتلىق دەپ ئېيتىلىدىغان مۇنداق ئۈچ نەرسە بار.1. 32بىت ۋە 64بىتلىق CPU يەنى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ

2015-09-05_11-32-16.png 2015-09-05_11-28-36.png

يۇقارقى ئىككى پارچە رەسىم 64 بىت ۋە 32 بىتنىڭ ئاساسلىق يۈزەكى خىزمەت پىرىنسىپىنى چۈشەندۈرىدىغان گىرافىكلىق رەسىم. رەسمىي خىزمەت پىرىنسىپى بۇنىڭدىن خېلىلا مۇرەككەپ. ئۇنى تەتقىق قىلىدىغانلار ئايرىم.


2015-09-05_11-35-56.png

ئەگەر سەپلىمىڭىز يىتىشسە يۇقارقى رەسىمدە كۆرسەتكەندەك 64 بىتلىق يولغا قاراپ مېڭىڭ ، 32 بىت ھامان تاشلىنىدۇ


‫  بايا ئېيتقىنىمىزدەك ھازىر بازاردىكى بارلىق CPU 64بىتلىق بولىدۇ، شۇڭا قايسىسىنى سېتىۋالىدىغان ئىشتۇ دەپ ئەندىشە قىلماڭ، بىراق بازاردىكى ھەممىسى 64بىتلىق بولغان بىلەن سىزنىڭ ئاسار-ئەتىقە كومپيۇتېرىڭىزنىڭ CPU سى 64بىتلىق بولىشى ناتايىن. چۈنكى تېخىچە پالانى دېتالىمنى تونىمايدىكەن دىمەكلىك بىلەن XP غا چىڭ يىپىشىۋىلىپ كاجلىق قىلىۋاتقانلار خېلىلا كۆپ. مەن كىسىپ ئېيتىمەن بۇنداق كىتۋەرسە جاھان سىزنى چۆرۈپ تاشلايدۇ.

‫  1.  32بىت ۋە 64بىتلىق قوللىنىشچان دېتاللار
‫  مەشغۇلات سىستېمىسى CPU ئۈچۈن ياسالغان، قوللىنىشچان دېتال بولسا مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن ياسالغان، شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا بۇلار ھەممىسى CPU ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ھازىرقى CPU ھەممىسى 64بىتلىق بولغىنى بىلەن قوللىنىشچان دېتاللار ۋە مەشغۇلات سىستېمىنىڭ ھەممىسى 64بىتلىق بوپ كەتكىنى يوق، بولۇپمۇ 64بىتلىق دېتاللار ساناقلىقلا، شۇڭا 64بىتلىق دېتالغا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىدۇ، ئەسكەرتىلمىگەن، بىز دائىم ئىشلىتىدىغان دېتالنىڭ ھەممىسى 32بىتلىق. شۇڭا بۇنى ئالايىتەن تەكشۈرۈپ ئولتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

‫  32بىت ۋە 64بىتلىق مەشغۇلات سېستېمىسىنىڭ پەرقى :

(1). لايىھەلەش مەقسىتى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.
‫  64بىتلىق سىستېمىنى دەسلەپتە مېخانىك لايىھەلەش، 3ئۆلچەملىك كارتون، سىن بىرتەرەپ قىلىش ۋە ياساش ۋە بەزى يۇقىرى پەن تېخنىكلىق ئورۇنلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ياسىغان. بارا-بارا ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ سىڭىپ كىرگەن.

‫  (2).سەپلىمە تەلىپى ئوخشىمايدۇ.
‫  64بىتلىق سىستېمىنى پەقەت ۋە پەقەت CPU سى 64بىتلىق بولغان كومپيۇتېرغىلا قاچىلىغىلى بولىدۇ. 32بىتلىق سىستېمىنى 32بىتلىق ۋە 64بىتلىق CPU لىق كومپيۇتېرىنىڭ ھەممىسىگە قاچىلىغىلى بولىدۇ. ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قىلىش ئۈچۈن 64بىتلىق سىستېمىغا 64بىتلىق دېتالنى ئىشلەتسىڭىز ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز، لېكىن 64بىتلىق سىستېمىغا 32بىتلىق دېتالنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز ھېچقانداق ئوخشىماسلىق ھېس قالمايسىز، بەزىدە ئەكسىچە تېخىمۇ ئاستىلاپ كېتىدۇ. چۈنكى 64بىتلىق سىستېما 32بىتلىق دېتالنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى بارلىق لازىملىق نەرسىلەرنى 32بىتقا ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن 32بىتلىق دېتالنى ئىجرا قىلىدۇ، سۇڭا ئاستا بولىشى تۇرغانلا گەپ.

2015-09-05_11-34-48.png


يۇقارقى رەسىمدىكىسى ئوخشاش كومپيوتېرنىڭ ئىككى خىل بىتتا ئالغان نومۇرى. بۇ نومۇر قانچە يۇقىرى بولسا تىزلىكى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ دىگەن گەپ.  قىزىل رەڭلىكى 64 بىت ، كۆك رەڭلىكى 32 بىت.


‫  (3). ھېسابلاش سۈرئىتى ئوخشىمايدۇ،
‫  تومتاق قىلىپ ئېيتقاندا 64بىتلىق CPU بىر قېتىمدا 64 ئۇچۇرنى بىرتەرەپ قىلالايدۇ، 32بىتلىق CPU بىر قېتىمدا 32 دانە ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ CPU رىڭىز 64بىتلىق بولسا ھېسابلاش سۈرئىتى 2 ھەسسە ئاشتى دېگەنلىك ئەمەس، ھەرگىزمۇ!!! بۇنىڭدىكى پەرقىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن سىز چوقۇم 64بىتلىق CPU سى بار كومپيۇتېرغا 64بىتلىق سىستېما قاچىلاپ ئاندىن 64بىتلىق يومشاق دېتالنى ئىشلىتىپ مەسىلەن فوتوشوپنىڭ 64بىتلىق نۇسخىسى دېگەندەك، ئاندىن ھېس قىلالايسىز، سەل پەل تېزلەشكىنى ھېس قىلىسىز بىراق قەتئىي ئىسىڭىزدە بولسۇن بۇ پەرىق ھەرگىزدىن-ھەرگىزمۇ 2 ھەسسە ئەمەس! ساننىڭ ئىككى ھەسسە پەرىقلىنىشى پەقەت نەزىرىيە. 2 دىگەن ساننىڭ 5-دەرىجىسى ۋە 6-دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن خالاس. ئەگەر كىيىن نىسىپ قىلسا 7-دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ قالسا 128 بىتلىق ئىشلىتىمىز دىگەن گەپ.

‫  (4). قوللايدىغان ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چوڭلىقى ئوخشىمايدۇ.
‫  بايا ھېسابلاپ چىققاندەك، 32بىتلىق سىستېما (مەيلى ئۇ قانچە بىتلىق CPU بولسۇن ) ئەڭ چوڭ بولغاندا پەقەت 4G ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللايدۇ، بىراق ئەمەلىي ئەھۋالدا پەقەت 3.2G لا بولىدۇ، بۇ سىستېمىنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 64بىتلىق سىستېما قوللايدىغان ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ چوڭلىقى نەزەرىيە جەھەتتە چەكسىز دەپ بىلىشكە بولىدۇ، لېكىن ئەمەلىي ئەھۋالدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 156G كىلىدۇ.

2015-09-05_11-33-57.png


يۇقارقى رەسىمدىكىسى ئوخشاش مەشخۇلات سىستىمىسنىڭ ئىككى خىل بىتتا ئالغان نومۇرى. بۇ نومۇر قانچە يۇقىرى بولسا تىزلىكى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ دىگەن گەپ.  سېرىق رەڭلىكى 64 بىت ، يىشىل رەڭلىكى 32 بىت.


‫  (5). يۇمشاق دېتالنىڭ ئومۇملىشىش ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ.
‫  64بىتلىق يۇمشاق دېتاللار گويا تامچە سۇ، 32بىتلىق دېتاللار بولسا چوڭ كۆل. دېمەكچى، 64بىتلىق دېتاللار ناھايىتى ئاز، چۈنكى 64بىتلىق سىستېما تېخى ئومۇملىشىپ بولغىنى يوق، شۇڭا ئاچقۇچىلارمۇ 64بىتلىق سىستېما ئۈچۈن دېتال ياشاشنى كۆپ ئويلىشىپ كەتمەيدۇ!

‫  يۇقىرىقىلاردىن كېيىن ئىشىنىمەنكى كۆپلىگەن دوستلىرىمىز 32بىت ۋە 64بىتقا خېلى چوڭقۇر تونۇشتا بولدى. XP ئىشلىتىدىغان دوستلىرىمىز بېشىڭلارنى قاتۇرماڭلار، چۈنكى XP نىڭ 64بىتلىق نۇسخىسى يوق، Vista ۋە Win7, Win8 نىڭ 32بىت ۋە 64بىتلىق نەشرى بار.

‫  64بىتلىق سىستېمىنىڭ باسىدىغان مۇساپىسى تېخى ئۇزۇن، بىراق كېيىنكى مەشغۇلات سېستېمىسىنىڭ ئېقىمى بولىشى ئېنىق گەپ. ئاخىردا بۇلارنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا، قايسىنى قاچىلىسام ياخشى بولا؟ دەيدىغان دوستلىرىمىزغا يازمىغا ئاساسەن كۆرسەتمە بەرسەم:

‫  1. ئەگەر سىز XP نىڭ زاكا ئاغىنىسى بولسىڭىز بۇنداق سوئاللارنى سورىماڭ، ۋە ئەخمەقلىك قىلىپ 4G دىن يۇقىرى ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىۋالماڭ! ھەرگىز قوللىمايدۇ. پايدىسى يوق. چۈنكى ئۇ 2001-يىلدىكى سەۋىيە.

‫  2. < CPU رىم 64بىتلىق، ھەم 4G دىن يۇقىرى ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىپ باققۇم بار! > دەيدىغان دوستلار 64بىتلىق سىستېما قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقسا بولىدۇ. تامامەن مۇمكىن ھەم زۈرۈر. لىكىن CPU قوللىغان بىلەن سەپلىمە زىيادە تۆۋەن  بولسا يەنە پايدىسى يوق. يول ھەرقانچە كەڭرى بولسىمۇ ، يولغا تېخى ماي ياتقۇزۇلمىغان بولسا ، سىمونىت يول قىلىنمىغان بولسا چوڭ چوڭ تاشلارنى دەسسەپ نەدىمۇ ئىتتىك ماڭغىلى بولسۇن دەيسىز.

‫  3. CPU رىم 64بىتلىق، 4G ساقلىغۇچ ماڭا يېتىپ ئاشىدۇ، ھەم جىق ئىشلارنىمۇ قىلپ كەتمەيمەن دەيدىغان دوستلار ئىككى پۈتنى جۇپلاپ 32بىتلىق سىستېمىنى ئىشلىتىۋېرىڭلار، بولمىسا ئارتۇق ئاۋارىچىلىق چىقىدۇ. چۈنكى مەقسەت زورلاپ 64 بىتلىققا چىقىۋىلىش ئەمەس. پەقەت كومپيوتېردىن پايدىلىنىپ نەتىجە چىقسىلا بولىدۇ. لىكىن كۆپرەك ئىشلىتىدىغانلارغا نىسبەتەن ھەر قىتىم مەشخۇلات قىلغاندا ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئىسراپ بولىدىغان ۋاقىتنى ھىسابلاپ كەلسە ئۇ چاغدا ئازراق پۇل كەتسىمۇ ئىچكى ساقلىغۇچنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ 64 بىتلىققا كۆچكەنگە يەتمەيدۇ.

‫  4.  64بىتلىق سىستېما ئىشلەتسە قانداق بولىدىغاندۇ؟ دەيدىغان دوستلارمۇ جىم ئولتۇرۇپ 32بىتلىق سىستېمىنى ئىشلىتىڭلار! مېنىڭ جاۋابىم: ھېچقانداق بولمايدۇ! چۈنكى ئىشلىتىش ئىقتىدارى  ۋە نەتىجىسى يۈزدە مىڭ پىرسەنت  ئوپمۇ ئوخشاش ، پەقەت بېسىپ ئۆتىدىغان جەريانى ئوخشىمايدۇ خالاس.

‫  5. كومپيۇتېرنى ئانچى مۇنچە بىلىمەن، ھەم سىستېما قاچىلاش دېگەنلەرگە پۇختامەن! دەيدىغان دوستلار قىزىقىشىڭلار بويىچە قاچىلاپ باقساڭلار بولىدۇ. ھەقىقىي بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ سىناپ باققانغا نىمە يىتىدۇ دەيسىز.

‫  6. كومپيۇتېرىم ئويۇنغا لىق توشاق! دەيدىغان دوستلارمۇ ھاياجانلانماي، بۇرۇنقى پەدەڭدە تۇرىۋېرىڭلار! 64بىتلىق سىستېمىدا بەزى ئويۇن ئېچىلمايدۇ. لىكىن ھازىر توردىن ئىزىدە بىر ئامال قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ كەتتى. چۈنكى ئويۇن  دېتاللىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئويۇنلىرىنىڭ مەشخۇلات سىستىمىسدا راۋۇرۇس ئىتتىك مېڭىشىنى ئويلايدۇ.

‫  7. Adobe نىڭ دېتاللىرى كۆپ ئىشلىتىمەن، 3Ds MAX ئوينايمەن، سىن بىرتەرەپ قىلىمەن! دەيدىغان دوستلارنىڭ 4G دىن چوڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سېتىۋېلىپ، 64بىتلىق سىستېما ئىشلىتىشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى سۈرەت، ئۈن. سىن بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 64بىتلىق نەشرى بولىدۇ، چۈنكى 64بىتلىق سىستېما سۈرەت، ئۈن-سىن بىرتەرەپ قىلىشتا ھەقىقەتەن كۆرۈنەرلىك تېز! ئەلۋەتتە مۇزىكىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

2015-09-05_12-15-12.png

  8. ئەمدى مۇزىكا ئوينايدىغانلارغا كەلسەك ئەگەر كومپيوتېرىم ۋەھشى ئىشلىسۇن دەيدىغان ئىشىڭلار بولسا ئۇنداقتا سىلەرگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ئالدى بىلەن ھەقلىق دۇرۇس نەشىرىدىكى دېتاللارنى ئىشلىتىڭ ،  ئىشلەتكەندىمۇ تەرتىپ بويىچە  مەشخۇلات سىستىمىسى ، قوزغىتىش پىروگراممىسى ، رەھبەر دېتال ، قىستۇرما ، ئاۋاز مەنبەسى..... دىگەن تەرتىپ بويىچە ھەممىسىنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىڭ. ئەگەر كەسپى نەشىردىكى Cubase نى سېتىۋىلىشقا كۈچىڭىز يەتمىسە  ئۇنداقتا  مەن ئارقىلىق Steinberg شىركىتىنىڭ UR تۈرىدىكى  بىر يۈرۈش ئاۋاز كارتىلىرىنى سېتىۋىلىڭ.  مەن سېتىشتىن كىيىنكى  مۇلازىمەتلەرنى  تەمىنلەيمەن. ئۇ كارتىلارنى سېتىۋالغانلارغا  Cubase نىڭ AI نۇسقىسىنىڭ 8.0 نەشىرى ھەقسىز قوشۇپ بىرىلگەن. ئۇنى ئورگان تەرەپ بىلەن ئالاقلىشىپ ئاكتىپلىۋەتسىڭىزلا ئىش تامام. 80 يول مۇزىكا ئىشلەپ كەتمىسىڭىزلا  تامامەن  ھاجىتىڭىزدىن چىقىدۇ.  مەشخۇلات سىستىمىسىنى ئىلگىرى كۆپ سېتىۋالغانلار بار ئىكەن ھازىرمۇ 248 يۈەنگە ھەقىقى نەشىردىكى Windows 8 نىڭ ئاكتىپلاش كودىنى  سېتىپ بىرىدىغانلار بار ئىكەن.  ئەگەر بەش ئون ئادەم بىرلىشىپ توپلا سېتىۋالىغانلار  بولسا مەن ئالاقىلىشىپ بەرسەممۇ بولىدۇ. تىما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز مەن ئالاقە قىلىپ بىرىمەن. دىمەك كۆپ پۇل خەجلىمەيلا ھەقىقىي نەشىردىكى دېتاللاردىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ راھىتىنى ھىس قىلىپ ھوزورىنى سۈرەلەيسىز ، ئىشلەتكەندە زادى ھەقىقىي سېتىۋالغان نەرسىلەر بىلەن ئوغۇرلانغان نەرسىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ھىس قىلىسىز .

2015-09-05_11-31-14.png


9. ھەقىقىي نەشىردىكى دېتاللارنى سېتىۋىلىش ئىشلىرى ھەل بولغاندىن كىيىن ئەمدى قاچىلاشقا نۆۋەت كىلىدۇ ، ئەگەر يۇقاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك سەپىلىمىڭىز  64 بىتلىقنى قوللىسا ئۇ چاغدا مەشخۇلات سىستىمىسىنىڭ 64 بىتلىقىنى ،  رەھبەر دېتاللارنىڭ 64 بىتلىقىنى ، قىستۇرمىلارنىڭ  64 بىتلىقىنى تاللاپ قاچىلاڭ ، پەقەت ھەممىسى  64 بىتلىق بولغان  شارائىتتا ئۇنىڭ سۈرئىتىنىڭ تىزلىكىنى شۇ چاغدا ھىس قىلالايسىز. ئەگەر سۇ بېشىدىن 64 بىتتا كىلىپ قىستۇرمىغا كەلگەندە 32 بىت بولۇپ قالسا دەريادەك كەلگەن چوڭ سۇ 32 بىتلىققا كىلىپ قىسىلىپ تۇرۇپ قالىدۇ.  ھازىرقى نۇرغۇن كىشلەر ئىشلىتىۋاتقان Cubase 5 دىگەندەك ئوغرى نەشىردىكى دېتاللارنىڭ 64 بىتلىق نۇسقىسى يوق.  چۈنكى 32 بىتلىقنى يىشىۋىتىشتىن  64 بىتلىقنى يىشىش خېلىلا مۇرەككەپ ،  نەزەرىيە جەھەتتىن  بىر ھەسسە ئارتۇق  ھىسابلاش ۋاقتى كىتىدۇ. شۇڭا كىيىنچە ئوغرى نەشىردىكى دېتاللار بارغانچە يوقايدۇ. ھامان ھەممە ئادەم يانچۇقىدىن پۇل چىقىرىپ دېتال سېتىۋىلىشقا مەجبۇر بولىدىغان دەۋىر يىتىپ كىلىدۇ. بۇنىڭغىمۇ كۆپ ۋاقىت قالمىدى. بۇلۇت  ھېسابلاش دەۋىرىدە بۇ تېخىمۇ ئاسان.  

‫  ئەڭ ئاخىردا ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن جاكارلايدىغىنىم شۇكى: 32بىتلىق سىستېمىدىن 64بىتلىققا بىۋاسىتە ئاتلىغىلى، 64بىتلىق سىستېمىدىن 32بىتلىققا بىۋاستە سەكرىگىلى بولمايدۇ. بۇ مۇمىكن ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس، بۇ بىر تېخنىكلىق ئوقەت!

ئەسلى مەنبەدىكى ئالىپبەگ تۇرايى   http://alpbeg.cn/?p=807  دىن پايدىلىنىلدى.

مۇشۇ ھەقتىكى بارلىق بارلىق سۇئال جاۋابلار بولسا ئىنكاسقا ئىملاسىنى توغرا قىلىپ راۋان تولۇق ئاياغلاشقان ئوي پىكىرنى ئىپادىلەپ جۈملە جۈملىلەرنى ئايرىپ ئىنكاس يېزىڭ. مەن ھەممە سۇئالغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بىرىش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىمەن.  ئەتراپىڭىزدىكى كىشلەرگە ماكان مۇزىكا تورىمىزدا مۇشۇنداق بىر ياخشى مەزمۇنلارنىڭ بار ئىكەنلىگىنى يەتكۈزۈپ قويسىڭىز بىزنىڭ 7 يىللىق ئەجرىمىزگە ئېيىتقان رەھمىتىڭىز ۋە قولىغىنىڭىز بولۇپ قالىدۇ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-9-5 13:30:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن ، ياخشى تىما ، ئىنتايىن چۈشۈنۈشلىك ، بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى تېخمۇ پۇختىلىۋالدۇق . تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت
مۇرادىل
ۋاقتى: 2015-9-5 14:16:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ئەخمەتجان جاپا چەكتىڭىز .بۇ بەك ياخشى تىما بوپتۇ .رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-9-5 15:33:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ ،مەن مۇشۇ توغۇرلۇق ئىزدىنەي دەپ  تۇرغان ناھايىتى چۈشۈنىشلىك تېما بوپتۇ ...جاپا چەكتىڭىز ...
ۋاقتى: 2015-9-6 00:16:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
22爱音乐 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-5 15:33
ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ ،مەن مۇشۇ توغۇرلۇق ئىزدىنەي  ...

ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ。
ۋاقتى: 2015-9-6 11:11:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر....
مۇنبەردىكى باللا تېخىچە قىشلىق ئۇيقىدىن ئويغۇناي دىمەيدىغۇ؟
ۋاقتى: 2015-9-6 13:16:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ئەخمەتجان  ئاكا   .  مانا  ئۆزۇمنى دىسەم  32بىت ۋە 64بىت  بۇلارنىڭ  مەنىسىنى  زادىلا  چۇشەنمەيتىم ، شۇنداق چۇشۇنىشلىك بوپتۇ.  رەھمەت تىمىڭىزغا  .
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇستازلار ،دوستلار ھەممىڭىلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھىيىتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن .
ۋاقتى: 2015-9-6 17:32:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى قايتا ئوقۇم خىلى ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بوپ قالدىم....بۇ تېمنى ئۈندىدار سۇپۇمىز ئارقىلىق تارقىتىۋەتتىم...تارقىتىپ قويۇڭلار...
مۇنبەردىكى باللا تېخىچە قىشلىق ئۇيقىدىن ئويغۇناي دىمەيدىغۇ؟
ۋاقتى: 2015-9-6 18:56:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما بوپتۇ ،خېلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بولىۋالدىم . رەخمەت سىزگە
ئىنسان ئىكەنسەن ! ئىنساندەك ياشا !
ۋاقتى: 2015-9-6 21:10:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بولىۋالدىم . رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2015-9-7 16:30:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ئەخمەتجان جاپا چەكتىڭىز  ئىسىل تېمىدىن بىرنى يولاپسىز بىلمىگەنلە بىلىۋالدۇق
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ماكان-مۇزىكا مۇنبىردىكى بارلىق تورداشلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام
ۋاقتى: 2015-9-9 09:24:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت ئەخمەتچان ئۇستاز ، مەن بۇتېمىنى كۆرۈپ ئاز بولمىغان بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم.
ئالىمجان دىلقۇت
ۋاقتى: 2015-9-10 20:31:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخخو ئۇستاز سىرتىڭىزدىن قارىسا ئورۇقتەك تۇرغان بىلەن، ئىچىڭىز خېلى سىمىزكەن جۇمۇ. ئاپرىن،رەخمەت.
ۋاقتى: 2015-9-14 19:03:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن ، ياخشى تىما ، ئىنتايىن چۈشۈنۈشلىك  ,   ئەگەر  ھەقىقى نەشىردىكى  7  نى  سىتۋىلىش  ۋە  كۇباس 7 نى  سىتۋىلىشقا   قانچىلىڭ   پۇل كىتە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-16 16:12:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقنار يوللىغان ۋاقتى  2015-9-14 19:03
ئاپىرىن ، ياخشى تىما ، ئىنتايىن چۈشۈنۈشلىك  ,   ئەگەر  ھ ...

مەندە مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىس بار. بۇلارنى ئىنكاس ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. ئايرىم دىيىشەيلى ئەمسە. ئامان بولۇڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2016-8-26 15:05 , Processed in 1.296909 second(s), 78 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش