玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

مەن كومپىيوتېرىمغا CUBASE قاچىلىغانتىم ھەم NUENDO مۇ قاچىلاپ باقتىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلا

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

دوسلا ياخشىمۇسىلە؟ ماڭا ئابدۇغېنى (خال) ئاكىمىزنىڭ يار دەرد

http://dskmusic.vst4free.com شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇرغانلىقتىن يوللۇدۇم ئىھتىياجلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! :handshake ماكان مۇزىكا بىلىملىرى مۇنبېرىدىكى بارلىق كەسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ماكان مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بارچە ئەزىز قېرىنداشلار ، كەسىپداشلار ، مەندىن ھەمىمىڭلارغا ئوتتلۇق سال

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

6639 http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI1NjIwNTUyMA==/v.swf ئانا پىشتىدا مەمەت پىچاق ئاخسا ئىشىكتىن كىرگەندە چ

ئۆزۈم ئاككوردلاشتۇرغان بىرقانچە مۇزىكا. كەسىپداش.تورداشلار باھا... مۇزىكىلارنى ئاككوردلاشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن ئۈسكىنىلەر:- كومپىيوتې

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئوخشىمايدىغا

6591 90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئ‍ۆزىنىڭ "تەلمۇرۇپ يار " (كۆرگۇم كېلىدۇ) ، "سېغىنىش " ، "كېلەرمۇ خوشال كۇنلەر "، "خا

دۇسلار مۇزىكا ئىشلەشكە AMD FX-8300 CPU بۇلامدۇ ؟ . بەزەنلەر intel i3 intel

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

6644 http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI1NjIwNTUyMA==/v.swf ‹ھوقوقنىڭ ئويۇنى› دىگەن كىنونىڭ ئاساسى مۇزىك

چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.esi-audio.cn/?action=support&page=download بۇ قىتىمقى

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار

بۇ halion نى ئىشلىتىش دەرىسلىكى ،،،،،،،،بۇ مىللى ئاۋاز مەنمەلىردىن دۇتار › تەمبىر ›راۋاپ› ساتتار ›نەي قاتارلىق

ئالدى بىلەن بەرباب بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى بەرباب ئەجدادلىرىمىز ئەڭ بۇرۇن ك

6573 ئۈندىدار توپىدا بىر توردىشىمىز بۇ فىلىمنى يوللاپتىكەن،شۇنىڭ

6497 ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۈگۈندىن 16 يىل ئىلگىرى يەنى 2000 – يىلى باھاردا لوندوندا كىشى ئۇنتۇلغ

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

سالام دوستلار، ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر، يىڭى تىپتىكى YAMAHA ماركىلىق رىياللارنىڭ بولۇپمۇ y

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەنئەتكار ئۇستازلار ،KORG 600 دى

سېغىمى كىچىك ئەمما ناھايىتى قولايلىقكەن ، ئىشىلتىپ بېقىشىڭلانى تەۋسىيە قىلم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ،مەن يىڭىدن گىتتا

مەن ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ ، مەن ناخشا تېكىستلىرىمگە مۇزىكا ئىشلەيد

مەندە بىر ئاۋاز كارتىسى باھاسى بەك ئەرزان ئا

قالدىم ئەلەمدە ھەسەنجان تىلۋالدى ئەجەپ تارىتتىم سۆيگۈ

كۈندە بىزنى بەخت يوقلىسۇن (ناخشا تېكىستى) زۇنۇن

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

PARUK213 ئسملېك بىر دوستىمىز، MIDI مۇزىكىلار توپلىمىنى چۇشۇرىۋ

6169 بىز تۆۋەندە Pop music ساھەسىدە ئەڭ ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئاۋاز يىيشتۈرۈش ئۇستىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى. ئالدى بىل

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دىيارىمىزدا بەيدۇ دېسكىسدىن ھۆججەت چۈشۈرۈشت

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزى

جەمئىي مىكروبلوگ 1911 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1031|ئىنكاس: 14

سىستىمىڭىزنى Windows 10 غا يېڭىلامسىز ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-6 18:53  

سىستىمىڭىزنى Windows 10 غا يېڭىلامسىز ؟


تېما تەييارلىغۇچى ئەخمەتجان مەخمۇت



s_8c84959aedc94a6288f2e4898994c608.jpg


ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ كومپيۇتېر، تېلېفون ۋە تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق ئۈچ سۇپا بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇنىڭغا يەنە كىنو-تېلېۋىزىيە، Groove ناخشا-مۇزىكا، Xbox قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى ئەپلەرمۇ قوشۇلدى، شۇنداقلا پۈتۈن مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئارا يۈز تەرجىمىسىمۇ تەڭ تاماملاندى.


mediabar_kb.jpg


مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە بۇ سىستېمىنى ھەقىقەتەن تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مەشغۇلات سىستېما دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەرەققىياتىمۇ سەزمە ئېكرانلىق تاختا كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلىتىش ئادىتىگە ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇلغاندۇر. مەسىلەن بىز ئۆزىمىز سېتىۋالغان تاختا كومپيۇتېرغا Cubase ۋە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئۈن بىر تەرەپ قىلىش دېتاللىرىنى قاچىلاپ ئۆزىمىز خالىغان جايدا ئاۋازغا مۇناسىۋەتلىك ئېلىپ بارالايمىز.

Win10-14-1024x658.png


بەزىدە نۇرغۇن ماكانداشلار مەندىن زادى سىستېما ئالماشتۇرسام قانداق بولار ؟ كۆنەلەرمەنمۇ ؟ قانداق ئىشلار بولۇپ كېتەر ؟ ئىشلىتەلەرمەنمۇ ؟ دەپ ئەندىشە قىلىپلا تېخىچە XP دىن ئاتلىيالماي يۈرۈيدۇ . بەزىلەر ئۆزى كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلمەي ، 10.0 مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۆلچەملىك قاچىلىيالماي پۈتۈن گۇناھنى سىستېمىغا ئىتتىرىپ قويۇپ باشقىلارغا ناچار تەسىر بېرىپ قويىۋاتقانلارمۇ كۆپ ئىكەن. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر يۇمشاق دېتال كەسىپ ساھەسىدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئەھۋاللارنى چۈشەنمەي كاللىسىغا كەلگەننى سۆزلەپ باشقىلارغا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويۇۋاتىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ يەردە بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە توختالماقچى :


Win10-18.png


سوئال : مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتى دەۋاتاتتى ، يەنە نېمە ئۈچۈن قاچىلىسام قاچىلاش جەريانىدا ئۇيغۇرچە خەت چىقمايدۇ ؟

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى ئادەتتىكى يۇمشاق دېتاللارغا ئوخشىمايدۇ. دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بۇنداق چوڭ تەتقىقات قۇرۇلۇشىنى پەقەت دۇنيادىكى چوڭ تىللاردىلا %100 تەرجىمە قىلىنىدۇ، مەسىلەن: ياپونچە، كورېيەچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە،…دېگەندەك، مىكروسوفت ئۈچۈن %100 تەرجىمە قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى شۇكى شۇ دۆلەت ياكى رايوندىكى خەلقلەرنىڭ Windows نى سېتىۋېلىش كۈچى ۋە ئومۇملىشىش دەرىجىسىدۇر، بىز تېخى بۇ ئىككى شەرتنى تولۇق ھازىرلاپ بولالمىدۇق. بۇ جەھەتتە بۇرۇنقىدەك ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ قايتا-قايتا يازما ئىلتىماسىنى ئاساس قىلمايدۇ، بەلكى ھەقىقىي ھېلىمۇ 2010-يىلى 10-ئايدا ئۆلكە ياكى ئاپتونوم رايوندا ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇر تىلىنى تەستىقلاپ بەردى. بۇ قېتىم Windows 10 دا يېڭىدىن قوشۇلۇپ تەرجىمە قىلىدىغان يېڭى تىل يوق دېيەرلىك، شۇڭا ئويلاپ باقساڭلار مۇشۇنچىلىك تەرجىمە قىلىش رۇخسىتىگە ئېرىشىشنىڭ ئۆزىمۇ ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس. بۇ جەرياندىكى جاپانى ھەممەڭلاردىن ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بەك ئوبدان بىلىدۇ.


Win10-221.png


ئالدى بىلەن Microsoft ئورگان تور بېكىتىدىن بەزى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بېقىڭ
.
<http://msdn.microsoft.com/zh-cn/goglobal/bb688177.aspx>

ئەمەلىيەتتە Microsoft شىركىتى Windows نىڭ قانداق ۋە قانچىلىك تەرجىمە قىلىنىدىغانلىقىنى 10 يىل بۇرۇن ئورگان تورىدا ئېلان قىلغان ئىدى Windows نىڭ قانداق يەرلىكلەشتۈرۈلىدىغانلىقىغا قىزىقىدىغانلار بۇنداق ساۋات خاراكتېرلىك مەزمۇنلارنى ئوبدان بىلىدۇ. ياكى توردىن Windows LIP دەپ ئىزدىسە بۇ يەرنى تاپالايدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن بۇ يەردىكى بەزى مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قوياي.

سوئال: Windows LIP دېگەن نېمە؟

جاۋاب: Microsoft Windows تىل ئارا يۈزى بولىقى (LIP) يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ياكى ئاساسىي ئېقىم بولمىغان تىل بازىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتتە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن «تېرە»دۇر. ئۇنىڭدا بىر گۇرۇپپا ئاددىي ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى (UI) ئېلېمېنتىنى تەرجىمە قىلىنىپ، كۆپ تىللىق ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى (MUI) تېخنىكىسى ئاساسىدىكى تىل بولىقى ئۈستەليۈزى ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن يەرلىكلىشىش نىسبىتى %80 دىن ئارتۇق ئىشلەتكۈچىلەر تەسىراتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

سوئال : تىل بولىقىدا قايسى مەزمۇنلار يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ؟ قايسى مەزمۇنلار يەرلىكلەشتۈرۈلمەيدۇ؟

جاۋاب: (LIP) تىل بولىقى پۈتۈنلەي يەرلىكلەشتۈرۈش دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغان تىل ئارايۈزى ئېلېمېنتى (UI) يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ. يەرلىكلەشتۈرۈلمەيدىغانلار باشقۇرۇش قوراللىرى (管理工具)، سىستېما خاتالىق ئۇچۇرى (系统错误消息)، پائالىيەت خاتىرىسى (事件日志)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەقەت ئاددىي ئىشلەتكۈچىلەر ياردىمى (ھۆججىتى) يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ.

Win10-271.png


سوئال : تىل بولىقى نەچچە پۇل؟

جاۋاب: (LIP) تىل بولىقى سېتىلمايدۇ، ئۇنى Microsoft تورىدىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز.

سوئال : ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چوڭلۇقى بىرنەچچە مېگابايت، خەنزۇچە تىل بولىقىنىڭ چوڭلۇقى 100 مېگابايتتىن ئاشىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە %10 تەرجىمە قىلىندىمۇ؟

جاۋاب: ئۇنداق ئەمەس، نەدىمۇ LIP ھۆججەتنىڭ چوڭلۇقى بىلەن تەرجىمە مىقدارىنى ئۆلچەيدىغان ئىش بار. خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، ياپونچە،… قاتارلىق تىللار MUI ئاساسىدا %100 تەرجىمە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلارغا بىرنەچچە خەت نۇسخىسى قوشۇلغان بولىدۇ. خەنزۇچە بىر تال خەت نۇسخىسىنىڭ چوڭلۇقى 20-30 مېگابايت كېلىدۇ، 3-4 خەت نۇسخىسى قوشۇلسا 100 مېگابايتتىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى رەسىم، سىنبەلگىلەرمۇ يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ، يەرلىكلەشكەن ئاۋاز ھۆججەتلىرىمۇ بولىدۇ. شۇڭا، بۇلارنىڭ سىغىمى چوڭ بولىدۇ.




Win10-211.png

  گەرچە ئۇيغۇر تىلى ئۆلكە دەرىجىلىك تىل سۈپىتىدە قوشۇلغان بولسىمۇ (دىققەت، ئىلگىرى ئۆلكە دەرىجىلىك تىللارغا تەستىق بەرمەيتتى)، لېكىن ئورگان تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە تەرجىمە مىقدارى جەھەتتە دۆلەت تىلى بولغان ئۆزبېكچە، قازاقچە، قىرغىزچە، تاتارچە،…دېگەندەك تىللار بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا يەنى LIP ئاساسىدا تەرجىمە قىلىندى ھەم ئۇلاردىن بالدۇر پۈتۈپ ۋاقتىدا ئېلان قىلىندى. تەرجىمە مىقدارى %80 گە يېتىدۇ. باشقا تىل بولاقلىرىدا خەت نۇسخىلىرى قوشۇلغان بولسا، سىغىم جەھەتتە ئەلۋەتتە پەرق بولىدۇ.

سوئال: كېيىنچە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى %100 تەرجىمە قىلىنامدۇ؟

جاۋاب: ناۋادا ئورگان تەرەپ ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ئېھتىياجىدىكى تىل ياكى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانمىغان تىل دەپ بېكىتسە، يەنىلا LIP تىل بولىقى شەكلىدە %80 ئەتراپىدا تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەمما يېزىقىمىز كېيىنكى نەشرىدە داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىدىغان تىل قاتارىغا كىردى. بەلكىم يەنە باشقا مەھسۇلاتلارغا داۋاملىق كېڭىيىدۇ. ئەگەر دىيارىمىزدىكى ھەر بىر كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر ھەقىقىي نەشىردىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى سېتىۋېلىپ تىل بولىقىنى ئۇيغۇرچە ھالەتكە تەڭشەپ ئىشلەتسە ھەمدە بۇ سان داۋاملىق ئېشىپ ماڭسا %100 لىك تەرجىمە قىلىنىشتا ئاساسەن قىيىنلىچىق يوق. لېكىن بەزىلەردەك يىشىۋىتىلگەن Windows  بىلەن 248 يۈەنگە پۇلغا سېتىۋالغىنى پۈتۈنلەي ئوخشاشكەنغۇ دېگۈچىلەر مەۋجۇت بولۇۋەرسە كىيىن ياكى كەلگۈسىدىكى كومپيۇتېر تەرەققىياتىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. باشقىلارنىڭ دېتالىنى ئوغرىلاپ ھەققىنى يەپ تۇرۇپ ئالغا بېسىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.  

سوئال : مەن ئىلگىرى 248 يۈەنگە 8.0 نەشىرىنىڭ ھەققى نۇسخىسىنى سېتىۋالغان ئىدىم، ئۇنداقتا 10 غا قانداق كۆتۈرىمەن ؟

جاۋاب: مىكروسوفت شىركىتى ئىلگىرى ھەقىقىي نەشرىنى سېتىۋالغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ بىر يىلغىچە ھەقسىز يېڭى نەشىردىكى مەشغۇلات سىستېمىسىغا كۆتۈرۈش مۇلازىمىتىنى تەمىنلىدى . يەنى سىز ئىلگىرى قاچىلىغان كومپيۇتېردا ئاكتىپلاپ بولغان بولسىڭىز شۇ كومپيۇتېرغا يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشى كېلىدۇ. ئەسلى قائىدە بويىچە 8.0 ۋاقتىدىكى 20 خانىلىق ئاكتىپلاش كودىنى بىۋاسىتە 10 غا كىرگۈزۈپ ئاكتىپلاشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئىككىسى گەرچە كەينى كەينىدىن دۇنياغا كەلگەن ئاكا ئۇكىلار بولسىمۇ ، لېكىن ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنلۇق شەرىتنامىدا بەرىبىر مۇستەقىل ئىككى سىستېما بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئەسلىدىكى 8.0 ۋاقىتتىكى ئاكتىپلاش كودىنى 10.0 غا كىرگۈزۈپ قاچىلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.



Win10-33-1024x732.png


سوئال: مەن بىر يىل ھەقسىز 10 غا يېڭىلىنىپ بولغاندىن كىيىن كېلەر يىلى بىر يىل توشقاندا سىستېمام ئىشلىمەي قالامدۇ ؟

جاۋاب: ئالدى بىلەن مەن كەلگۈسى ھەققىدە جاۋاب بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. ھېلىغۇ بىرەر يىلدىن كىيىنكى گەپ ئىكەن، ھەتتا بىر سېكۇنتتىن كىيىنكى ئىشنىمۇ ھېچكىم ئالدىن پەرەز قىلالمايدۇ. شۇڭا بۇ سوئالغا ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيمەن. يەنە كېلىپ بۇ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىشىغا باغلىق. سىستىمىڭىزنى بىر يىل ھەقسىز يېڭىلاش دېگەنلىك ھەرگىزمۇ بىر يىلدىن كىيىن سىستىمىڭىز  ئىشلىمەس بولۇپ قالىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى قانۇنىي جەھەتتىن مىكروسوفتنىڭ مەسئۇلىيىتى تۈگەيدۇ دېگەن گەپ. يېڭىلاش مۇلازىمىتى توختىشى مۇمكىن ئەمما قارا ئېكران بولۇپ سىستىمىا ئىشمىلەس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. 30 يىللىق يۇمشاق دېتال ئىمپېرىيەسى دەپ ئاتالغان شۇنچە چوڭ شىركەت ئۇنچىلىك ئىشلارغا پىت ئۈچەيلىك قىلمايدۇ. ئەڭ چوڭ بولغاندىمۇ يېڭىلاش مۇلازىمىتىنى توختىتىشى مۇمكىن. ئەگەر كەڭ قورساقلىقى تۇتۇپ قالسا داۋاملىق مۇلازىمەت تەمىنلەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا سىز ئەنسىرەشنى ئاز قىلىپ داۋاملىق ئەڭ يېڭى تېخنىكا ئۈچۈن ئالغا ئاتلىنىڭ.

سوئال : ئۇنداق  بولسا بىر يىلدىن كىيىن سىستېما بۇزۇلۇپ قايتا قاچىلىسام قانداق قىلىمەن ؟

جاۋاب: بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى مىكروسوفتننىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى بۆلۈمىدىكى Gabriel Aul ئۆزىنىڭ Twitter دىكى بىلوگىدا يېزىپ بولغان. ئۇ مۇنداق دېگەن : Windows 10  غا يېڭىلىسىڭىزلا ھەرقانداق ۋاقىتتا سىستېمىنى پۈتۈنلەي ھەقسىز قايتا قاچىلىيالايسىز. ئەگەر ھەقىقىي نەشرىنى قاچىلىغان شۇ ئۈسكۈنىدە Windows 10  نى قايتا قاچىلاپ قالسىڭىز ئۇنى يېڭىدىن ئاكتىپلاشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئۇ پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ئەسلىگە كېلىدۇ دېگەن .

سوئال: مەن ماكان تورىدىكى ماكانداش. ئاساسلىقى كومپيۇتېردا مۇزىكا ئىشلەيمەن. ئۇنداقتا مەن 10 غا يېڭىلىسام بولامدۇ؟

جاۋاب: بۇ سوئالنى سورىڭىغىنىڭىز ناھايىتى ياخشى بولدى. مەن بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى دۇنياغا داڭلىق قاتتىق دېتال شىركەتلىرىنىڭ Windows 10  غا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن بىر نەرسە دەيلى :

ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان MAYA 44 ئاۋاز كارتىسىنى ئىشلىگەن ESI شىركىتىنىڭ ئىگە تەرەپ ئورگان تور بېتىدە ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن قاتتىق دېتاللىرىنىڭ ئەڭ يېڭى قوزغىتىش پىروگراممىلىرىنى تەمىنلىدى

ESI Win10.png


دىيارىمىزدە ئەڭ نامى تونۇلغان M-Audio شىركىتىنىڭ چۈشۈرۈش بېتىدىمۇ Windows 10 غا مۇناسىۋەتلىك قوزغىتىش پىروگراممىلىرىنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگەن. ھەمدە ئىزچىل خاتالىقلار بولسا تۈزىتىپ يېڭىلاپ كىلىۋاتىدۇ.


MAudio Win10.png


مەن ياخشى كۆرىدىغان ماركىدىن بىرى بولغان  Presonus  شىركىتىمۇ پۈتۈن ئۈسكۈنىلىرىنى Windows 10  ئۈچۈن ماسلاشتۇرغان.

Presonus Win10.png


نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئىرىشىۋاتقان RME شىركىتىمۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى مەشخۇلات سىستىمىسى بولغان Windows 10  نى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

RME Win10.png


دىيارىمىزدىكى ئوموملىشىشى ئەڭ چوڭ بولغان گېرمانىيە Steinberg شىركىتىمۇ ئۆزىنىڭ شىركەت خەۋىرىدە پۈتۈن مەھسۇلاتلىرىنىڭ Windows 10 نى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . ( 10 سىستىمىسى دەسلەپتە ئېلان قىلىنغاندا Steinberg ئۆزىنىڭ دېتاللىرىنى سىناق قىلىشقا چۈشۈپ كەتكەنلىگىنى دىگەن ئىدى. نۇرغۇن سىناق قىلىشلار ئارقىلىق ئاخىرى مۇكەممەل بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بىرىپتۇ. دىمەك شۇ سىناق خادىملارنىڭ ھەممىسى مۇشۇلارنى سىناش ئۈچۈن مەخسۇس مۇئاشقا ئىشلەيدۇ ، نۇرغۇن خىزمەتچىلەرنى Steinberg  پۇل بېرىپ باقمىسا بولمايدۇ ، مەبلەغ سالمىسا بولمايدۇ ، شۇڭا ھەقىقىي نەشىردىكى دېتاللار بىر قەدەر قىممەت ، شۇڭا بۇ جەھەتتە پۈتۈنلەي توغرا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن )

Steinberg Win10.png



دىمەك دۇنيادىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ يېڭى مەشخۇلات سىستىمىسىنى قوللاش ئۈچۈن بەسبەستە خەۋەر يوللىدى. بۇ جەھەتتە ئالما سىستىمىسىنى يېڭىلىسىمۇ بۇنچىلىك قىلىپ كەتمىگەن. دىمەك دۇنيادىكى %90 لىك بازارغا ئېگە Windwows نىڭ تەسىر كۈچى يەنىلا چوڭ. بۇ جەھەتتە ئالما بىلەن مىكروسوفتنى سېلىشتۇرۇش بەكلا ئەخمىقانىلىق.


بۇ رەسىملەرنى كۆرگەندىن كىيىن مىنىڭ زىيادە ئىنچىكە چۈشەندۈرىشىمنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمىدىغۇ دەيمەن. قىسمەن ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا Windows 10 نى مۇزىكا ئىشلەيدىغانلارغا ماس كەلمەيدۇ دېيىش پەقەت ۋە پەقەت مىكروسوفتقا قاراپ چاپلاشتىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس. مەن تېخى ھازىرغىچە بىرەر نەرسە ماس كەلمىگەننى بايقىمىدىم. شۇڭا ئۇنداقلار <  سىستېما ياخشى ئەمەس > دېمەيسىز ، بەلكى مەن يېڭى سىستېمىنى نورمال قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بىلىم سەۋىيەم يەتمىدى دەيسىز. ناخشىچىمۇ بۇ ناخشا ناچار دېمەيدۇ ، مەن بۇ ناخشىنى ئوقۇيالمىدىم يۇقىرى سەۋىيە كېتىدىكەن دەيدۇ. شۇڭا بىلمەيدىغانلار ئاغزىغا كەلگەننى دەپ بىلجىرلىماڭلار. باشقىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى توسۇپ قويماڭلار. سىز قىلالمىسىڭىز باشقىلار قىلسۇن ، سىز شۇ قىلالىغانلاردىن ئۆگىنىڭ. سىز ئۆگىنىپ بولۇپ قىلالمايدىغانلارغا ماكان مۇزىكا مۇنبىرىدىن ئىبارەت بىر ياخشى سۇپا ئارقىلىق ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ. ياكى ھېچ بولمىغاندا تەجرىبىڭىزنى يېزىپ تېما قىلىپ يوللاڭ. ئەگەر تېما قىلغۇدەك چوڭ نەرسە بولمىسا مۇناسىۋەتلىك تېمىنىڭ ئاستىغا بىرەر جۈملە بولسىمۇ بېشىڭىزدىن ئۆتكەن ئەسكەرتىشنى يېزىپ قويۇڭ. نۇرغۇن يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر سىزدىن سۆيۈنسۇن ماكانداشلىرىمىز پەخىرلەنسۇن.


بەزى سۇئال جاۋابلارنىڭ مەزمۇنى ئالىم ئەھەت بلوگىدىن پايدىلىنىلدى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-11-8 00:31:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ ئەخمەتجان ، جاپا چېكىپسىز
ئەمەلىيەتتىمۇ يېڭىلىققا بۇرۇنراق يۈزلەنگەنگە يەتمەيدۇ
ئىنسان ئىكەنسەن ! ئىنساندەك ياشا !
ۋاقتى: 2015-11-9 12:57:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئەخمەتجان....Steinberg شېركىتى 7-ئايلاردا ئۆزنىڭ دىتاللىرىنىڭ تېخى win10 دا ئىشلەنمەيدىغانلىغىنى ئېلان قىلغان ئىدى،لىكىن بەزىلەر قاچىلاپ نورمال دىگەن ئىنكاسلارمۇ چۈشكەن،قارىغان 20-ئۆكتەبىردىن باشلاپ تىگىدىن قوللايدىغان بوپتۇدە...
مۇنبەردىكى باللا تېخىچە قىشلىق ئۇيقىدىن ئويغۇناي دىمەيدىغۇ؟
ۋاقتى: 2015-11-9 15:15:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
makan يوللىغان ۋاقتى  2015-11-9 12:57
رەھمەت ئەخمەتجان....Steinberg شېركىتى 7-ئايلاردا ئۆزنىڭ دىتا ...

、ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەخمەتجان بۇ تىمىڭىز چۈشۈنۇشلۆك بوپتۇ.لىكىن مەن مۇشۇ كۇباسنىڭ ھەققى نەشىرىنى سىتۋالغاندىن كىين مۇشۇ ۋاۋىس شاۋگوچىنى نۇرمال قاچىليالمىدىم . مەنمۇ مۇشۇ ۋىندوۋىس 10 ئىشلىتۋاتىلىقىلى 4-5 ئاي بولدى . لىكىن مەن تاۋباۋدىكى مەخسۇس سىستىما قاچىلايدىغانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ قاچىلىتىپ باقتىم .بۇلارمۇ مۇشۇ ۋىندوۋىس 10 غا ئاتتى كۆرۈلگەن مەسىلەرنى .ۋاۋىس نۇرمال قاچىلانسا كۇباسنىڭ ئىچىدە ئىشلتەي دەپ ئاشسام  كۇباسنىڭ ئىچىدە قوزغالمدى .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-9 21:07:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
makan يوللىغان ۋاقتى  2015-11-9 12:57
رەھمەت ئەخمەتجان....Steinberg شېركىتى 7-ئايلاردا ئۆزنىڭ دىتا ...

مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن تولۇق خەۋەردار. ئەينى ۋاقىتتا Cubase Pro 8 نىڭ قۇرۇلمىسىنى لاھىيەلەۋاتقاندا Windows 10 نىڭ كۆرۈپ بېقىش نەشىرى ئېلان قىلىنمىغان. شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەرگىزمۇ Steinberg  شىركىتىدىن كۆرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى كىيىمنى تىككەن ۋاقىتتا ئادەم تېخى تۇغۇلمىغان، كىيىمنى لاھىيەلەپ تىكىپ بازارغا سېلىپ بولغاندا زىيادە گىگانىت چوڭ ئادەم ئۇنى ‹ماڭا پاتمىدى › دەپ داۋراڭ سېلىشنىڭ پەقەتلا ئورنى يوق.  
  ئۇنىڭدىن باشقا ئۈستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك نۇرغۇن شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ Windows 10 نى بەس بەستە قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئادەتتە ئالمىنىڭ Mac OS نى يېڭىلىسىمۇ ئۇنچۇۋالا داۋرىڭى بولمايدۇ. دىققەت قىلغانلار بىلىشى مۇمكىن يېقىندا بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى Steinberg نىڭ دېتاللىرى ئەڭ يېڭى ئالما سىستىمىدا خېلى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىمىدى . ئۇنىمۇ يېڭىلىغىلى ئۇزۇن بولمىدى.
شۇڭا يېڭى سىستىما چىققاندا قوللاش مەسىلىسى جەھەتتە ھازىرغىچە Windows نىڭ ئالدىغا ھىچكىم ئۆتەلمىدى.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-9 21:13:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
YAMAHA يوللىغان ۋاقتى  2015-11-9 15:15
、ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەخمەتجان بۇ تىمىڭىز چۈشۈنۇشلۆك  ...

مەن ھازىرغىچە بۇ مەسىلىنى نۇرغۇن قىتىم سىزدىن ئاڭلىشىم . سىزگە چ چ دا ئايرىم ئۇچۇرمۇ قالدۇرغان . شۇ دېتالنىڭ قاچىلاش ئۇسۇلىنى تەپسىلى يېزىپ يوللىدىم. ھەتتا چ چ ئارقىلىق يىراقتىن ئىكران يۈزىنى باشقۇرۇپمۇ قىلىپ بەردىم . يەنە كىلىپ سىزدىن باشقا ھەقىقىي نەشىردىكى Cubase Pro 8  نى سېتىۋالغانلارنىڭ ھىچقايسىسى ئۆزلىرىدە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئىنتايىن نورمال ئىشلىتىۋاتقانلىنى ئىنكاس قىلىشتى. مەنمۇ مانا 10 چىققان كۈندىن باشلاپ 7 ، 8 ۋە 8.1 نى تاشلاپ بىراقلا ئۆتۈپ كەتتىم. بىر قىتىممۇ مەسىلە كۆرۈلۈپ باقمىدى. ۋەھشى ئاجايىپ نورمال ھالەتتە. ئەگەر خالىسىڭىز بىراقلا كومپيوتېرىڭىزنى ئۆيۈمگە ئەكىلىڭ . مەن سىزگە مۇلازىمەت قىلاي. مەن پەقەت Waves نى تونۇتۇپ ئېچىپ بەرسەملا بولىدۇ.  مەن ئىگە بولىدىغان ئىش ئەسلى Cubase لا ئىدى. بۇ ھەرگىزمۇ Windows 10 نىڭ مەسىلىسى ئەمەس، Cubase Pro 8 نىڭ مەسىلىسى ئەمەس. ئەگەر ئۇنداق بولسا دۇنيادىكى مۇشۇ سىتىمىسىنى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىغا ئوخشاش دۇچار بولاتتى. لىكىن سىزدىن باشقا ئادەم ماڭا ئۇنداق دەپ باقمىدى. مۇمكىن بولسا تۈپكى سەۋەبىنى ئىزدىنىپ بېقىڭ . سەۋەبنى باشقا ھەقىقىي نەشىردىكى دېتاللارغا ئارتىپ قويماڭ.  قېنى شۇ سىستىما قاچىلايدىغانلارغا مىنىڭ تېلېفۇن نومۇرىمنى دەپ بېرىڭ مەن يۈزمۇ يۈز دىيىشىمەن. قېنى كىم بىلىدۇ كىم بىلمەيدۇ شۇ چاغدا ئايان بولىدۇ.
ۋاقتى: 2015-11-10 00:02:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەجەپ ياخشى!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-11 05:40:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
etkar يوللىغان ۋاقتى  2015-11-10 00:02
خەجەپ ياخشى!!!

ئىنكاس بولسىمۇ يېزىپ قويغىنىڭلارغا رەھمەت . مۇمكىن بولسا ئۈندىدار ئارقىلىق ھەمبەھىرلەپ تارقىتىشىپ بەرگەن بولساڭلار.
ۋاقتى: 2015-11-11 10:27:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،
ئالىمجان دىلقۇت
ۋاقتى: 2015-11-11 15:03:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە。
ۋاقتى: 2016-1-2 10:56:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   PARUK213 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-2 11:48  

رەخمەت ..............
IMG_1781.JPG
ۋاقتى: 2016-1-15 20:05:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
.
ۋاقتى: 2016-3-24 12:05:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،مەنمۇ سېستىمىنى كۈتۈرۈپ سىناپ باقسام بولغۇدەك
ۋاقتى: 2016-6-3 13:02:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيوتۇر تورىغا چىقىدىغان ۋاقىتنىڭ يوقلىقىدىن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە  بۇ ئۇندىدار تۇپىنى قۇردۇق دوسلارنىڭ قاچىلاپ زىيارەت قىلشىنى بىرلىكتە ئۆگنىشىمىز ئۈچۈن........
413927125854016148.png
.
ۋاقتى: 2016-6-8 17:08:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Windows 10 ھەقىقەتەن ياخشى سېستىما ئىكەن. دوستلارنىڭ ئىككىلەنمەي ئىشلىتىشىنى تەۋىسيە قىلىمەن. مەنمۇ 2 ئاي بولدىWindows 10 ئىشلىتىۋاتقىلى. نۇرغۇن دېتاللارنى قاچىلاپ سىناپ باقتىم  شۇنداق نورمال ئىشلەۋاتىدۇ. مۇزىكا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا بەك قولاي سېستىما ئىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2016-8-23 14:14 , Processed in 0.968775 second(s), 78 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش