玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلا

مەن كۇباستا ئاۋازنى 1 يولغا مۇزىكىنى 1 يولغا ئالدىم ئۈنۈل

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

دوسلا ياخشىمۇسىلە؟ ماڭا ئابدۇغېنى (خال) ئاكىمىزنىڭ يار دەرد

http://dskmusic.vst4free.com شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇرغانلىقتىن يوللۇدۇم ئىھتىياجلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! :handshake ماكان مۇزىكا بىلىملىرى مۇنبېرىدىكى بارلىق كەسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ماكان مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ھەممىڭلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بول

مەن مۇزىكىلارنىڭ نوتىسىنى كومپىيۇتېرغا ئۇرۇپ كىرگۈزەي دېگەن لېكىن ۋورد ھۆججىتىگە ماسلىشىدىغان ياكى ئۈنۈمى ئاددىيرا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلېرىم يىقىندا مىنىڭ بىر دۇستۇم ktv ئاچقان خەنزوچ

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر داشلار ھەممىڭلا

باھا بەرگەيسىلەر attach://6462.mp3

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

كومپىيوتۇرۇمغا ۋىندوۋىس 8 قاچىلىغان ئىدىم لىكىن بۇرۇن ۋىندوۋىس 7دە نۇرمال ئىشلەتكەن

چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.esi-audio.cn/?action=support&page=download بۇ قىتىمقى

fl studio harmor نىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋازلىرى . 6095609660976098 چۈشۈرۈش : 6099

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار

بۇ halion نى ئىشلىتىش دەرىسلىكى ،،،،،،،،بۇ مىللى ئاۋاز مەنمەلىردىن دۇتار › تەمبىر ›راۋاپ› ساتتار ›نەي قاتارلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكانداشلار ياخشىمۇسىلەر بۇ دورەم تور ئارلاۋېتىپ

‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى› تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ۋە مەنبەلىرى توغرىسىدا بەختىيار ئابدۇساتتار ئاساسى مەزمۇنى: ئۇيغۇر مۇقاملىرى

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

ھۈمۇر قەدىرلىك ،كاككۇك ،مايسىلار، گۇل ھۇزم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مە

مەندە YAMAHA 2100 رويال بار.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ،مەن يىڭىدن گىتتا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ،پىرى سونۇس م

مەندە بىر ئاۋاز كارتىسى باھاسى بەك ئەرزان ئا

ماۋۇ MIDI جەنپەننې ئشلېتېپ باققانلار بامۇ ئاڭلېسام مۇزېيكېغا شاۋكو بەكېلې

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر ئەھلى كەمىنە «ئوسمانجان تەمكىن» دىن ھەممىڭلارغا ئ

قىرىنداشلىرىم ئايرىلىش دىگەن ناخشىنىڭ تىكىسىنى

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

6169 بىز تۆۋەندە Pop music ساھەسىدە ئەڭ ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئاۋاز يىيشتۈرۈش ئۇستىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى. ئالدى بىل

قەشقەردە 2- قول مۇزىكا ئەسۋاب دۇكىنى بارمۇ؟ مەسىلەن:ياڭراتقۇ؟ ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسى،مې

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

بۇ قېتىمقى مەشرەپ بېيجىڭدا مەشھۇر چاڭگائ ولىمپىك مەيدانىدا سۈرەتكە ئېلىنىپ ، 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ت

ئاڭلىسام بۇ دىتال مۇزىكىدىن ئادەم ئاۋازىنى ئايرىپ بېرىدىكەن ،راسمۇ؟ 6379

جەمئىي مىكروبلوگ 1858 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • باغاق 2016-3-25 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ناخشا كەسپىدىن خىزمەت ئىزدەيمە. ئۇزەم كۇچا ناھىيسىدىن....18096974302

  • millitim3 2016-3-13 13:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ‹‹  مۇنبەر بەكلا جىمىپ كىتىپتىغۇ   

  • millitim3 2016-3-5 16:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىردىكى دوسلار  ئوسمانجان ‹تەمكىن›دىن سالام

  • letip 2016-2-19 22:02 [ئىنكاس(1)] [...]

    بۇ مۇنبەردە بىرچاغلاردىكىدەك قىزغىنلىق يوقيا؟

  • ∮AKKAPTAR∮ 2016-1-8 16:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرلەرگە كىرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،قېرىنداشلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن

  • كاچۇڭ00 2016-1-5 02:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    بولسا مۇشۇ مۇزىكا ئىشلەشكە دائىر سىستىمىلارنى بىر توپلاپ ئايرىم چۇشۇرۇش ....

  • waliyor 2015-12-2 10:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم ئ‍ۇستازلا ماڭا خېنىم جورام نىڭ مۇزىكىسى لازىمتى

كۆرۈش: 8917|ئىنكاس: 74

Cubase 7 ۋە Nuendo 6 ئىلان قىلىنىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-11-25 00:58:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

Steinberg شىركىتى  Cubase 7 ۋە Nuendo 6 نى ئىلان قىلدى.



image001.jpg

Steinberg شىركىتى 12- ئاينىڭ 5-كۈنى Cubase 7 بىلەن تاقىتىدىكەن .

  
image002.jpg

يېڭى نەشىردىكى Cubase 7 نىڭ يۇمشاق دېتالىنىڭ ئاۋاز تەڭشەش كۆزنىكىنىڭ كۆرۈنىشى ، ئەنئەنىۋىي سىيرىلما كونۇپكىلار ، ياڭراقلىقىنىڭ كۈچكۈكلىكى ، ئەقلى ئىقتىدارلىق ئىجادىيەت ياردەمچىسى ، VariAudio 2.0 دىكى ئاكورىد يۆتكەش ئىقتىدارى ...كىشىنى تولىمۇ جەلىپ قىلىدۇ.

image003.png

Cubase  رەقەملىك ئۈن تەھرىرلەشتىكى رەھبەر دېتال بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن مۇزىكانتلار ، ئىجادىيەتچىلەر، سازەندىلەر ، ۋە سەنئەتكارلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ۋە ياخشى كۆرىشىگە سازاۋەر بولدى.

2012-يىلى 11- ئاينىڭ 14-كۈنى يېڭىدىن ئىلان قىلىنغان Cubase 7 دېتالى Steinberg شىركىتىنىڭ 30 يىلدىن بويانقى بارلىق تىرىشچانلىقلىرىن قولغا كەلگەن نەتىجىلىرىنى مۇجەسسەملەپ ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىشلەشتىكى يۇقىرى ئۈنۈمنى يادرو قىلغان يوقىرى سۈپەت بىلەن مەيدانغا كەلدى. Cubase 7 بۇنىڭدىن ئىلگرىكى نەشىردىكى قارىغاندا يېڭى بولغان ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسىنى ئىجاد قىلىپ چىقتى . ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا ئەقلى ئىقتىدارلىق ئىجادىيەت ياردەمچىسى ، VariAudio 2.0 دىكى ئاكورىد يۆتكەش ئىقتىدارى قاتارلىق ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىقتىدارلار ئىشلەتكۈچىنىڭ مۇزىكىنى ئىشلەش جەريانىدا تېخىمۇ قۇلايلىق ۋە تېخىمۇ بىخەتەر ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ قىتىمقى Cubase 7 نىڭ ئىككى خىل نەشىرى بولۇپ ،بىرسى تولۇق مۇكەممەل نەشىردىكى Artist نۇسخىسى، بو تولۇق نۇسقىسىدا كىيىنكى ئەۋلاد ئۈن ماتورىدىكى ئايلانما سىترولۇق بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارلىرىنى ھازىرلىدى.

Cubase دىكى ماستىرلاش دۇنياسى :

1.   پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئۈن تەڭشەش سۇپىسى

image005.png

ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋىي ئۈن تەڭشەش سۇپىسىنىڭ كۆزنىكى 10 يىللىق بوران-چاپقۇننى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كىيىن ،  شىركىتى بۇ قىتىملىق يېڭىدىن ئىشلەنگەن Cubase 7 دە يېڭى بولغان ئۈن تەڭشەش سۇپىسىنى قوللاندى. مىڭ نەچچە يۈز نەپەر دۇنياغا داڭلىق كەسپى خادىملارنىڭ تەكلىپ پىكىر بېرىشى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاخرى بۇ لەھىيەنى قوللانغان، بۇ قىتىملىق لاھىيەدە ئاخىرى Cubase 7 گە يالغۇز ئىشلىتىش ۋە ئارا يۈز كۆرۈنىشىنىلا ئۆزگەرتىش بولماستىن بەلكى دېتالنىڭ ئۈن ھۆججەتلىرىنى تېخىمۇ توغرا ئۆلچەملىك بىر تەرەپ قىلىش ، ۋە ئۈنۈم بەرگەندىكى ئىنكاس تىزلىكى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى نەشىرلىرىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ياخشىلانغان. بۇ يېڭى لاھىيەلەنگەن كۆزنەكنى ھەتتا چوڭايتىپ پۈتۈن ئىكران ھالەتكە ياكى بولمىسا ئۆزىمىز خالىغان چوڭلۇقتا ئۆزىمىزنىڭ ئىكرانىمىزنىڭ ئىھتىياجى بويىچە تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن . (بۇ خىل ئىقتىدار ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ 2 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىكراننى ئۇلاپ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.) ئۇنىڭدىن باشقا قانال رايونى (Channel Zone)ئارقىلىق  سىز كۆرمەكچى بولغان يوللارنى ئۆزىمىز خالىغان ئورۇنغا يۆتكەپ ئىشلىتەلەيمىز.  ھەتتا بىر يولغا بىرىلگەن بارلىق EQ ، دىينامىكلىك ئۈنۈم، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق تەڭشەكلەرنى گورۇپپا قىلىپ بەلگە قويۇپ ساقلاپ كىيىنكى قىتىم بىرلا ۋاقىتتا ھەممە ئۈنۈمنى بىللە ئەكىرىشكە قۇلايلىق ياراتقىلى بولىدىكەن. (دىمەك بىر يالغۇز مۇزىكا ئىشلىگۈچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەر قىتىم باس گىتتارغا بىرىدىغان ئۈنۈملىرى ۋە ئىشلىتىدىغان قىستۇرما دېتاللىرى ئوخشاش بولسا بىرلا قىتىم ساقلىۋىلىپ كىيىنكى قىتىم شۇ يەردىن ئەكىرسە ھەر بىر دېتالىنى بىردىن بىردىن تاللاشقا كىتىدىغان ۋاقىتنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ. )

كەسپى بولغان خىزمەت لىنىيەسى :

Cubase 7 نىڭ ئۈن تەڭشەش ۋە ماستىرلاش خىزمەت ئۈنۈمى ئىلگىركىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مەسىلەن A/B ھالىتىنى سېلىشتۇرما قىلىش ، بارلىق ئۈنۈملىگۈچلەرنىڭ شۇۋاقىتتىكى ئۈنۈم بىرىش ئۈنۈمىنى ئاڭلاش ( يەنى bypass) ئىقتىدارى ، قىستۇرما دېتاللارنى ئىزدەش ئىقتىدارى قاتارلىقلار ھازىرلاندى.

دۇنيادىكى مۇزىكا ئىشلەش ساھەسىدىكى داڭلىق خادىملارنىڭ مەسلەھەتى ۋە Steinberg شىركىتىدىكى تېخنىك خادىملارنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا ئۇلار ئاخرى يېڭىچە پىكىردىكى قانال باشقۇرۇش بۆلىكىنى ئىجاد قىلىپ چىقتى. قانال باشقۇرۇش بۆلىكى سىزنىڭ كەسپى ئۈن كارتىڭىزدىكى بارلىق ئۈن ۋە MIDI نىڭ كىرىش چىقىش يوللىرىنى كۆز ئالدىڭىزغا نامايەن قىلىپ سىزنىڭ باشقۇرۇشىڭىزغا زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ . بۇنى ئەمەلىي خىزمەت قىلىش جەريانىدا تولۇق ھىس قىلالايسىز .

image007.png

قانال مەركىزى :

يېڭىدىن لاھىيەلەنگەن قانال تەڭشەش كۆزنىكى ئادەمنى ھوزۇرلاندۇرۇپ ناھايىتى تىزلا سىز نۆۋەتتە تاللىغان ياكى ئىشلەتكەن قانالغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ.

image010.jpg

ئاۋازغا ماسلاشتۇرۇلغان ئىقتىدار :

Cubase7 دە تولۇق نەشىردىكى   Voxengo’sCurveEQ دېتالى سەپلەنگەن بولۇپ ئۇنىڭ سىزىقلىق ئىپادىلەش ھالىتى ۋە ئەڭ كىچىك ھالەتتىكى 64 بۆلەكلىك تەڭشىگۈچ ھالىتى بولۇپ ئۇنىڭ ئىنتايىن كەسپى بولغان دولقۇن ئانالىز قىلىش سىزگە ئىنتايىن توغرا بولغان تىنىچ ۋە دىينامىكلىق ھەركەتچان ئانالىز سىخمىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ.

image012.jpg

ئۈن ياڭراقلىقىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى كۆرۈش:

image014.jpg

ئۆتكەنكى بىر نەچچە يىلدىن بويان ئۆلچەملىك ئۈن ياڭراقلىقىنىڭ قىممىتى بارغانسىرى يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى. بولۇپمۇ تىلىۋىزىيە ئېلان ساھاسىدە تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ياڭراقلىقنىڭ خەلقىئارالىق ئۆلچىمى بىلەن ماس قەدەملىك تەرەققىياتنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ھەمدە دىينامىكلىق ھەركەتچان دائىرىنىڭ ئۆلچىمىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىش ئۈچۈن يېڭىدىن تەرەققى قىلىۋاتقان  EBU R128 ياڭراقلىق ئۆلچىمىنى مۇكەممەل قوللايدىغان شىكالىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلدى. ئۇ سىزنىڭ ھەر ۋاقىت مۇزىكىڭىزنىڭ ياڭراقلىق ئۆلچىمىنى كۆرۈپ تۇرۇشقا ھەمدە EBU R128 ئۆلچىمى بويىچە كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولدى.

ئەلالاشتۇرۇلغان ھاسىللاش كۆزنىكى :

image016.jpg

يېڭى نەشىردىكى MixConvert سىزگە ناھايىتى يۇقىرى سۈپەتلىك ھاسىللاش ئىقتىدارىنى تەمىن ئىتىدۇ. LFE,Center ۋە Surround قاتارلىق پارامىتىرلارنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە بولغان تەڭشەكلىرى بار. ئوخشاش بولغان بىر ھاسىللىغۇچقا ئوخشىمىغان ياڭراتقۇغا ئايرىم ئايرىم ھالدا ئوخشىمىغان ئۈنۈمدىكى تاق يوللۇق ۋە ستروئولىق تاللاش ئىقتىدارلىرى قېتىلغان. بۇنىڭىدن كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى يۇقارقى ئىقتىدارلارنىڭ ھەممسى Cubase دىكى Control Room غا مۇجەسسەملەنگەن.

يىراق مۇساپىدىن كونتىرول قىلىش :

image017.png

پۈتۈنلەي يېڭىدىن لاھىيەلەنگەن يېراق مۇساپىلىق كونتىرول تەھرىرلىگۈچ سىزنىڭ ھەر بىر ئۈنۈملىگۈچ ۋە چالغان سازلىرىڭىنىڭ پارامىتىرلىرىنى گىرافىكلاشتۇرۇلغان ھالەتتە ھەر بىر ئورۇنغا مۇقۇملاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئوخشىمىغان شەكىلدىكى كونۇپكىلار ۋە ئۇنىڭدىكى ئاپتۇماتىك دوراش ئىقتىدارى سىزنىڭ شۇ پارامىتىرلارنى تەڭشىشىڭىزگە ئەڭ ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ. بۇ يېراق مۇساپىلىق كونتىرول تەھرىرلىگۈچ تۆۋەندىكى قاتتىق دېتاللارنى قوللايدۇ: Avid System 5 MC, Avid Artist Series, Mackie Control, Steinberg Houston, WK-Audio’s ID, Yamaha DM2000 ...... قاتارلىقلار.

سىزنىڭ ئاكورىدلىرىڭىزنى تېپىپ چىقالايدۇ:

image019.png

Cubase7 دا مەخسۇس ئاكورد يولى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ سىزنىڭ مۇزىكا ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتىكى ئۇچرىغان ئاكوردقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىڭىزغا ياردەم قىلالايدۇ ھەمدە كىيىنكى قەدەمدىكى ئاۋازلارنى ئۆزگەرتىشكە ۋە تۈزەپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ياخشى قۇرال بولالايدۇ. ئالىي voicing تاللاش تۈرى MIDI يول ۋە ئاۋاز يولىدىكى VariAudio تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن بۆلەكلەرنى تېپىپ چىقىپ ئۇنى ئاكورىد يولىدا ئايرىم كۆرسىتىپ بىرەلەيدىكەن.

ئەقلى ئىقتىدارلىق مۇزىكا ئىجادىيەت ياردەمچىسى :

image022.jpg
  
سىز Cubase7 نى ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىزدا ئۇ سىزنىڭ چوقۇم بىر مۇزىكىدا كاتتا بىر تالانتىڭىزنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. ھەمدە سىزنىڭ ئاكورد بەلگىلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش بىلىملىرىڭىزنىڭ ناھايىتى مۇكەممەل بولۇشىنىمۇ تەلەپ قىلمايدۇ. كۈچلۈك بولغان ئاكورد ياردەمچى قۇرالى سىزگە ئوخشمىغان ئۇسلوپتىكى زامانىۋىي ناخشىلاردىن تەرتىپ بويىچە زامانىۋىي ۋە جاز مۇزىكىلاردا كۆپ قوللىنىلىدىغان. ھەرخىل ئاكوردىلارنى سىزگە تىزىپ كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. بۇ ئىقتىدار ئىجادىيەتچىلەر ئۈچۈن بەكلا قۇلايلىق.

image023.png

ئاكورىد ماسلاشتۇرۇش (Hermode Tuning) تېخنىكىسى ناھايىتى جانلىق ھالدا ئاكوستىكا جەھەتتىن بىلەشتۇرىۋىتىلگەن ئاۋازدىن شۇ ئۈن بەلگىنىڭ ئاۋازىنى ئايرىم تەڭشىيەلەيدۇ. مەسىلەن بەزى چوڭ ئاكوردلار بولۇپ قالسا ئۇنىڭ كىچىك ئاكوردقا ئۆزگەرتىشكە ئىمكانىيەت بولدى دىگەن گەپ. بۇنىڭدىكى تېخنىكا بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ ئاۋازلارنى پارچىلاپ ئامالنىڭ بېرىچە 3 ئاۋاز ياكى 5 ئاۋاز نى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە 12 ئاۋازنىڭ بۆلۈنمىسىگە يېقىنلاشتۇرش ۋە ھىساپلاپ چىقىش ئۇسۇلى ئارقىلق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئەلۋەتتە بۇ تېخى يېڭى تېخنىكا بولغاچقا داۋاملىق مۇكەممەللاشتۈرۈشكە مۇھتاج.

image025.png

VariAudio 2.0  بىلەن ماقالىمىزدە بايا تىلغا ئېلىنغان ئاكورد يولى ناھايىتى مۇكەممەل بىرلەشتۈرىۋىتىلگەن بولۇپ ئاكوردنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى تۈزەش ئىقتىدارىمۇ قوشۇۋىتىلگەن. يېڭىدىن لاھىيەلەنگەن بۇ ئىقتىدار ناخشىچىنىڭ ئاۋازىغا ئاساسەن شۇنىڭغا ماس ھالدىكى ئاكورد ئاۋازلارنى تەڭشەپ بىرەلەيدۇ.

HALion Sonic SE گە يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلغان:

image026.png

ئەڭ يېڭى كىڭەيتىلگەن HALion Sonic SE دا 300 خىلدىن ئارتۇق يۇقىرى سۈپەتتىكى ھەرخىل چالغۇلارنىڭ ئاۋازى بار . مەسىلەن : natural pianos, breathing choirs, lush strings ۋە moving analog-digital textures قاتارلىقلار. بۇ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ياخشى سۈپەتتىكى چالغۇلارنىڭ ئاۋازى HALion Sonic SE رەھبەر دېتالىنىڭ ئالىي نەشىرىدىن كەلگەن.

رىتىملار ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدۇ :

image028.jpg

Steinberg شىركىتى Cubase 7 گە پۈتۈنلەي يېڭىدىن ئۈلگە ئېلىنغان دۇمباق ۋە رېتىم پاسلارنىڭ مودىلىنى قوشقان. يېڭىدىن قوشۇلغان 30 گورۇپپا دۇمباق ئاۋازلىرى GROOVE AGENT ONE دېتالى بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ ئىسىل پەيزى بولغان رىتىملارنى ھاسىل قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە MIDI loop نىڭ ئۇدار تىزىلىشىغا تېخىمۇ رەڭ قوشالايدۇ.

نەچچە مىڭلىغان MIDI loop لار :

يېڭى نەشىردىكى Cubase 7 دا Sequel 3 دىن تاللاپ ئېلىنغان تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتىكى MIDI loop لار قوشۇلغان بولۇپ بەزىدە ئىلھام كەلگەندە سىز ئۆزىڭىز چېلىپ يۈرمەي تەييار دۇمباقلارنى ئىشلىتىپ ئۆزىڭىزنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئىشلىيەلەيسىز .

image030.jpg

Steinberg VST Connect SE   دىگەن ئىقتىدارى سىزدىن باشقا Cubase 7 ئابونتلىرى بىلەن ئورتاق ھەمكارلىشىپ مۇزىكا ئىشلەش مەقسىتىگە يەتكۈزەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆز-ئارا پاراڭلىشىش ، سۆزلىشىش ۋە بىۋاستە نەق مەيدان ئۈن ۋە سىنلارنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەل ئۇلىنىپ ئۇچۇر يەتكۈزۈلىشى سىزنى يېڭىچە تەسىرگە ئىگە قىلالايدۇ .

image032.jpg

بۇ ASIO-Guard قوغدىنىش تېخنىكىسى Steinberg تەجىربىخانىسىنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ سىز ئەگەر ناھايىتى مۇھىم بولغان مۇزىكا ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىنى قىلىۋاتقاندا كومپيوتېرنىڭ مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن خىزمەتنىڭ توختاپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇ تېخنىكا قوللىنىلغان بولۇپ پۈتۈن ھىساپلاش ئۇسۇلىنى ئۈنگە ئېلىشقا قارىتىدۇ. بۇ سىزنى خۇددى نەچچە ئون يىل ئىلگىرىكى تەقلدىي سىگنال دەۋرىگە قايتۇرۇپ قويغاندەك ھىس قىلدۇرىدۇ.

بىخەتەر قوزغىتىش ھالىتى :

image033.png

ئىشلىىتىش جاريانىدىكى بايقالغان مەسىلىلەرنى توغرا دىئاگىنور قويۇش ۋە شۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن Cubase7 ئۆزىنىڭ بىخەتەر ھالەتتە قوزغىتىش ئىقتىدارىنى قوشتى. بۇ خىل ھالەتتە قوزغاتقاندا ئۆزىمىز تاللىۋالغان ياكى ئۆزگەرتىۋالغان خاسلاشتۇرۇلغان تەڭشەكلەرنى تاللاپ ئۆزگەرتىپ ياكى ئۇنىڭ چەكلەپ قويغىلى بولىدۇ. ياكى بولمىسا Cubase7 نىڭ تەڭشەكلىرىنى خۇددى يېڭى قاچىلىغان ھالەتكە قايتۇرغىلى بولىدۇ. ( بۇنى مەشخۇلات سىستىمىسىدىكى بىخەتەر ھالەتتە قوزغىتىش ئىقتىدارىغا تەقلىد قىلىندى دەپ قاراشقا بولىدۇ. )

يوللارنى ۋە قاناللارنى تىز سۈرئەتتە ئىزدەش :

image036.jpg

Cubase7 گە يېڭىدىن قىستۇرما دېتاللارنى ئىزدەشتىن باشقا يەنە ھەر بىر يولغا چالغان چالغۇلارغا قويۇلغان ئىسىم بويىچە ئىزدەش ۋە ئۈن كارتىسىنىڭ چىقىرىش كىرگۈزۈش يوللىرىنى ناھايىتى تىز ھەم توغرا تاپالايدىغان ئىقتىدارلار قوشۇلدى. بۇ كۆپ يوللۇق چوڭ ھەجىمدىكى مۇزىكىلارنى (بولۇپمۇ ئۇسۇل مۇزىكسى ۋە ئوركىستىر بىلەن ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكىلار) نى ئىشلىگەن ۋاقىتتا بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. پەقەت ئىزدەش رامكىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق ئاچقۇچلۇق سۆزنى كىرگۈزسەكلا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەپسىلاتلار كۆز ئالدىمىزغا تىزلىكتە نامايەن بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق مەلۇم بىر يولنى ئىزدەش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتتىن تىجەپ قالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

MemZap :

MemZap سىزنى يېڭىچە ئىقتىدارى سىزنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ.

Steinberg Hub:

image038.jpg

بۇ قىتىملىق يېڭى نەشىرىدە Cubase قوزغالغاندا يېڭىچە ياردەم كۆزنىكى قوشۇلغان بولۇپ بۇ يەردە داۋاملىق ئورگان تەرەپ ئىلان قىلغان سىن دەرىسلىكلەر ئۇنىڭدىن باشقا يەنە RSS ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ داۋاملىق ھالدا شىركەتتىن ھەمدە Steinberg تور بىتىدىكى ۋە مۇنبەرلىرىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار ،خەۋەرلەر ، يېڭىلايدىغان ياماقلار، مۇلازىمەتلەر ، ۋە مەھسۇلات ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئالىي نەشىردىكى سىن دەرىسلىكلەر :

ئىشلەتكۈچىلەر تور ئارقىلىق 4 سائەتتىن ئارتۇق توردا كۆرگىلى بولىدىغان سىن دەرىسلىكى ئارقىلىق Cubase نى داۋاملىق ئىلگىرلەپ ئۆگىنەلەيدۇ. ھەمدە يېڭى نەشىردىكى ئۆزگەرتىشلەرنىڭ تەپسىلى مەزمۇنىنى بىلىۋالالايدۇ. بۇ ئارقىلىق سىزنىڭ يېڭى نەشىردىكى دېتاللارنى ئۆگىنىشكە كەتكەن ۋاقتىڭىزنى قىسقارتالايدۇ.

=============================================================

Nuendo 6

بۇ يېڭى نەشىردىكى دېتالدا Cubase 7 دا قوشۇلغان يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغاندىن باشقا يەنە IOSONO نىڭ Anymix Pro 1.3 ئۈن تەسۋىرى ۋە Upmixing قىستۇرما دېتالى ، Lane ياڭراقلىقى ، ADR Taker سىستىمىسى، 1.5 گېگابايىتلىق Pro Sound Effects Library لىق ئۈن ئالاھىدە ئۈنۈم مەنبەلىرى بار.

image039.jpg

تۆۋەندىكىلىرى Cubase 7 دىكى قوشۇلغان بارلىق ئىقتىدارلار بولۇشتىن سرىت (مۇزىكا ئىجاد قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلاردىن باشقا) يەنە Nuendo 6 گە خاس بولغان يېڭى ئىقتىدارلارمۇ قوشۇلغان.

IOSONO نىڭ Anymix Pro 1.3 ئۈن تەسۋىرى ۋە Upmixing قىستۇرما دېتالى

image041.jpg

بۇ ئىنقىلاب خاراكتىرلىك قىستۇرما دېتال سىزنىڭ ھەرخىل ئۆلچەمدىكى ئايلانما سىتىرىئولىق ئاۋازلارنى ئىشلىشىمىزگە زور قۇلايلىقلارنى تۇغدۇرالايدۇ. ئالىي دەرىجىلىك ئاۋاز تەسۋىر ئىقتىدارى ۋە ئايلانما سىتىرىئولىق ئاۋازلارنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان ھىسابلاش ئىقتىدارى ۋە ئىچكى بۆلەككە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوخشىمىغان ھالەتتىكى Upmix ھالەت تەڭشەكلىرى ساقلانغان. پەۋقۇلئاددە ھەقىلىلىككە يۈزلەنگەن ئاۋاز تەسۋىر سىستىمىسى ئاپتۇماتىك ھالدا بىر نەچچە ئاۋازلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارلىقنى ۋە EQ تەڭشەكلىرىنى تەڭشەشكە بولىدۇ.

Lane ياڭراقلىقى :

image042.png

Nuendo 6 ئاۋازنىڭ ياڭراڭلىقى ئۈچۈن يېڭىدىن ئۆلچەم قوللنىلغان بولۇپ ، ئادەتتىكى ياڭراقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دېتال قۇراللاردا پەقەت شۇ دەقىقىدىكى كونكىرىتنى بولغان سانلارنى كۆرسىتىپ بىرەتتى. لىكىن Nuendo 6 دا ھەر بىر ئايرىم مۇستەقىل چالغۇ يولى ئۈچۈن ئايرىم ياڭراقلىق قىممىتىنىڭ ئەگرى سىزىقلىق ئىپادىلىنىشىنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ.

ADR Taker سىستىمىسى:

image044.png

يېڭىدىن كۆڭۈل قويۇپ  ئىشلەنگەن ADR Taker سىستىمىسى مۇكەممەل بولغان ADR ۋە ئادەم ئاۋاز بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ ئادەم ئاۋازىنى ۋە زىيارەتتىكى دىئالوگلارنى ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈمدە تىز ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ( بۇ ئاساسلىقى ھازىرقى زامان كىنو ئىشلەش تېخنىكىسىدا كىنو ئارتىسلىرىنىڭ نەق مەيدان دىئالوگىنى ئۈنگە ئېلىشقا ئىنتايىن زۈرۈر بولىدۇ. شۇڭا Nuendo نىڭ تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش لىنىيەسى كىنوچىلىقنى مەركەز قىلغان ئاساستا بولىدۇ.). ئۇنىڭدىن باشقا 32 يول بەلگە سېلىش يولى تەمنلەنگەن بولۇپ ، ھەر بىر يولغا ئايرىم ئايرىم ھالدا خاسلىق ۋە ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدىكى باشقۇرۇش سىستىمىسى ، مەخسۇس ئاۋاز ئېلىش كۆزنىكى ، دىئالوگگا ماسلاشتۇرۇلغان سىن يولى ، سىن count-in تېخنىكىسى  EDL تىزىملىكىنى ئەكىرىش ئىقتىدارى قاتارلىقلار بار.


1.5 گېگابايىتلىق Pro Sound Effects Library لىق ئۈن ئالاھىدە ئۈنۈم مەنبەلىرى

image046.png

ھەممىسى 24 بىتلىق 48 كىلوگىرتىسلىق WAVE فورماتىدا بولۇپ . ھەرخىل ئالاھىدە ئۈنۈمدىكى ئادەم ئاۋازلىرى ، ھايۋاناتلارنىڭ ئاۋازلىرى ، ۋەھىمىيلىك ، فانتازىيلىك ، تەنتەربىيە . تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ ئاۋازلىرى تۈر بويىچە قوشۇلغان. بۇلارنىمۇ يىغىپ كەلسەك شۇ كىنو ئىشلىرىنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلى مەيدانغا چىققان.



Nuendo 6 نىڭ يەنە بىر NEK دەپ ئاتىلىدىغان كىڭەيتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ ئۇنىڭدا Cubase 7 دىكى مۇزىكا ئىجادىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلغان. بۇمۇ شۇ مۇناسىۋەتلىك ئىھتىياجلىقلارغا قارىتىلغان. لىكىن شۇ ئىسىمىزدە بولۇشى كىرەككى بۇ ئىككى دىتالنى بىر شىركەت ئىشلىگەن بىلەن ئوخشىمىغان تەتقىقات گورۇپپىسى ئىشلەيدۇ .  بەزى ئورتاق قوللىنىلىدىغان تېخنىكىلار بار شۇنداقلا ئايرىم مۇستەقىل بولغان ھىساپلاش ئىقتىدارلىرى بار. شۇڭا ئۇلار بىرسى بىرسىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. بىرسى يەنە بىرسىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالالمايدۇ. ماكان مۇزىكا مۇنبىرى سىلەرگە شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى بىز مۇزىكا ئىشلىگۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يەنىلا ئورگان تەرەپ مۇزىكا ئىشلەش ئۈچۈن چىقىرىلغان Cubase دېتالىنى ئىشلىتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئالاھدە ئەسكەرتىش :

Cubase ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئىچىدە 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن كىيىن CUBASE 6.5/6 ۋە CUBASE ARTIST 6.5/6 نىڭ مائارىپ نەشىرى ۋە بازار نەشىرىنى سېتىۋالغۇچىلارغا 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ھەقىسز 7 نۇسقىسىغا نەشىر كۆتۈرۈش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ.

Nuendo 6 بولسا 2013-يىلىنىڭ بىرىنجى پەسلىدە بازارغا سېلىشى مۇمكىنكەن. گەرچە شۇ كۈنى  Cubase 7 نىڭ تارقىتىلىش كۈنى ئىلان قىلىنسىمۇ لىكىن بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سېلىنمايدىكەن. 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن كىيىن Nuendo 5 نى ئاكتىپلاشتۇرغان خېرىدارلار Nuendo 6 ھەقىقى بازارغا چىققان كۈنى ھەقىسىز نەشىرىنى كۆتۈرۈۋالسا بولىدىكەن.
http://www.steinberg.net/en/home.html
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-11-26 23:05:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ جاپا تارتىپسىز بورادەر!!! بەكمۇ ئەستايىدىل يېزىپىسز بۇ ماقالىنى ھەم يىڭى ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە نام بىلەن ئاتاپسىز... بەلكىم بۇ نامنى ئۆزىڭىز ئېجاد قىلغاندۇرسىز... ئىشىنىمەنكى بۇ بىر يىڭى ئوسلۇبتىكى يۇمىتال چۈشەندۈرمىسى شەكلىدە مەيدانغا كەلگەن ماقالىڭىزنى ھەممە دوسىتلار ياقتۇرۇپ ئوقۇيدۇ ھەم ساقلاپ خاتىرە قالدۇرىدۇ....   داۋاملىق تېرىشىڭ!!!
ۋاقتى: 2012-11-25 11:03:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا كۆپ رەخمەت ،بۇ راستىنلا ئىسىل خەۋەركەن
ياخشمۇسىلەر دوسلار ،ئۇستازلار،
ۋاقتى: 2012-11-25 11:28:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازاكارامەت ئىش بولغىدەك،باھاسى نەچچە دوللەردۇ بۇ كاساپەتنىڭ؟
ھەسەل ھەرىسىگە ئەگەشسەڭ،گۈلگە قونىسەن،چىۋىنغا ئەگەشسەڭ پوققا قونىسەن.
ۋاقتى: 2012-11-25 11:34:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ،ھەقىقەتەن ئىسىل خەۋەركەن.بىزنى مۇشۇنداق ئىسىل خەۋەر بىلەن خەۋەردار قىلغانلىغىڭىزغا كۆپتەشەككۈر!
Cubase 7نىڭ باھاسى قانچە پۇلدۇ؟

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +3 يىغىش سەۋەبى
ahmatjan + 3 مىنىڭچە 5 مىڭ يۈەن ئەت.

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-11-25 15:25:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-تېما بولا مۇشۇنداق بولا،شۇنداق تەپسىلى خەۋەر بوپتۇ،شۇنداقلا چۈشۈنۈشلۈك بولپتۇ؛
2-بۇرۇن خەنچە مۇنبەرلەردە مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆرسەم ھەۋىسىم كىلىتى،قاچانمۇ بىزنىڭ بالىلار مۇشۇنداق تېمىلارنى يوللايدىغان بولا؟ دەپ ئويلايتىم،ئەخمەتجان ھەقىقەتەن ۋاقىت چىقىرىپ تەپسىلى تەييارلاپتۇ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت!
3-بۇنداق ئەجىر قىلغان ئىسىل تېمىنى جەۋھەرلىمەسلىككە،چوقىلىماسلىققا بانارىمىز يوق؛
بۇ تېمىدىن Cubase 7 ۋە Nuendo 6 نىڭ نۇرغۇن ئىسىل ئىقتىدارلىرىدىن خەۋەردار بولدۇم.

ۋاقتى: 2012-11-25 15:36:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گۇي قاچانمۇ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشە؟
ئەرزانراق بولغان بولسا ھەقىقىي نەشىرىنى سېتىۋىلىپ ئىشلەكەن بولساق ئىسىل بولىتى.

ۋاقتى: 2012-11-25 16:20:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ ،رەھمەت سىزگە ،لىكىن بىز قاچانلىققا cubase 7 نى ئىشلىتەرمىز بەكلا ئالدىراپ كىتىۋاتىمەن.تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
مۇنبەردىكى بارلىق كەسىپداشلارنىڭ ئىشلىرىن ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-25 18:45:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇ بازارغا سېلىنسا 5000 يۈەن ئەتراپىدا چىقىشى مۇمكىن. چۈنكى ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كىتىۋاتىدۇ . يەرشارى خاراكتىرلىك ئىقدىسادى كىرىزىستە بۇ ناھايىتى ئەرزانلا باھاغا ئۇچراپ قېلىشى ئەمەلىيەتتىن بەك يىراق ئىش. مىنىڭچە بۇنىڭغا خەجلىگەن 5000 يۈەن پۇلنى Windows 8 نىڭ ھەقىقىي نۇسقىسىنى سېتىلىۋىلىشقا ئىشلەتسەك مانا بۇ ھەقىقى ئىسىل ئىش بولاتتى. چۈنكى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا 20 ھەسسە پەرىق بار. رەخمەت ئېيتىشقا توغرا كەلسە Microsoft شىركىتىگە ھەقىقى رەھمىتىمىزنى بىلدۈرگىنىمىز ياخشى . ئەگەر تولۇق ئىقتىساد بولسا ھەممىسىنىڭ ھەقىقى نەشىرىنى ئىشلەتسەك ئۇ تېخىمۇ ياخشى. ( مىنى خاتا چۈشەنمەڭلار جۇمۇ مەن پەقەت مۇشۇ ئىككىسىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ پۈتۈن مىللەتكە بولغان پايدىلىق تەرىپىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بويىچە ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا قانچىلىك كىشىگە تەسىر قىلالايدىغانلىقىغا قاراپلا سېلىشتۇرۇپ قويدۇم خالاس ، ھەرگىزمۇ cubase 7 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىلىۋىلىشقا بولغان قىزغىنلىققا سوغۇق سۇ سەپكەنلىك ئەمەس. )  توردا خەت ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىدىكى يازغاچقا ئىنتۇناتسىيەسىنى تەڭ ئىپادىلىگىلى بولماي خاتا چۈشىنىشتىن خالىي بولغىلى بولمايدىكەن. شۇڭا ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويدۇم.
ۋاقتى: 2012-11-25 22:12:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىڭىزغا رەخمەت . ياخشى خەۋەركەن
ۋاقتى: 2012-11-25 22:50:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا كۆپ رەخمەت    ھەقىقەتەن يېڭلىقنىڭ ئۈستىگە يېڭىلىڭ چىقىپتۇ   
سەھرادىكى مۇڭ كۈي........
ۋاقتى: 2012-11-26 18:45:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ،.،.،زامان تەرەقى قىلغانسىرى مۇزىكا ئىشلەش بارغانسىرى ئاسانلىشىپ كېتەمدۇ نىمە ...........
ۋاقتى: 2012-11-26 19:15:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقلى ئىقتىدارلىق مۇزىكا ئىجادىيەت ياردەمچىسى :







  
سىز Cubase7 نى ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىزدا ئۇ سىزنىڭ چوقۇم بىر مۇزىكىدا كاتتا بىر تالانتىڭىزنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. ھەمدە سىزنىڭ ئاكورد بەلگىلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش بىلىملىرىڭىزنىڭ ناھايىتى مۇكەممەل بولۇشىنىمۇ تەلەپ قىلمايدۇ. كۈچلۈك بولغان ئاكورد ياردەمچى قۇرالى سىزگە ئوخشمىغان ئۇسلوپتىكى زامانىۋىي ناخشىلاردىن تەرتىپ بويىچە زامانىۋىي ۋە جاز مۇزىكىلاردا كۆپ قوللىنىلىدىغان. ھەرخىل ئاكوردىلارنى سىزگە تىزىپ كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. بۇ ئىقتىدار ئىجادىيەتچىلەر ئۈچۈن بەكلا قۇلايلىق.

بۇ دەششەت ئىقتىداركەن......
بۇنىڭ ئىقتىدارلىرى مۇشۇنداق تەرەققىي قىلسا كىيىنچە ئاغزىمىزدا بىرەر مۇزىكىنى غىڭشىپ بەرسەك ئاپتۇماتىك ئاكوردلاشتۇرۇپ بېرىدۇ بەلكىم.

ۋاقتى: 2012-11-26 19:26:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن !بىزمۇ خەۋەردار بولدۇق ، رەخمەت سىزگە ئەخمەتجان
ئىنسان ئىكەنسەن ! ئىنساندەك ياشا !
ۋاقتى: 2012-11-26 20:45:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىراش يۈرۈپمۇ مۇشۇنداق ئىسىل تېمىدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2016-4-4 18:27 , Processed in 0.953149 second(s), 79 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش