玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

6860 ئەسكەرتىش:رەسىم تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز كەسىپداشلار ياخشىمۇسىلەر. Cubase 8 غا KORG pa900 نى چېتىپ ، ئ

مەن كومپىيوتېرىمغا CUBASE قاچىلىغانتىم ھەم NUENDO مۇ قاچىلاپ باقتىم

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۇ تۇر بەت بەكلام جىمڭپ كەتتى جۇمۇ.KORG PA600نىڭ پاسلىرى بۇلسا ئەۋەتىپ

ھەرقانداق vst مەندە بار لازىم بولسا بۇ ئۈندىدار توپىغا كىرىڭ 6839 6838 6837 6836 6835 6834 6833 6832 6831 6830 6829 6828 6827 6826 6825 6824 6823 6822 6

ئەسسالام ئەزىز قېرىنداشلار مەن ئائىلىدە ئىشلەتكىلى بىر دانە ئ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق كەسىپداشلار ئۇستازلار ماڭا CUBASE5 ي

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بارچە ئەزىز قېرىنداشلار ، كەسىپداشلار ، مەندىن ھەمىمىڭلارغا ئوتتلۇق سال

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

6639 http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI1NjIwNTUyMA==/v.swf ئانا پىشتىدا مەمەت پىچاق ئاخسا ئىشىكتىن كىرگەندە چ

ئۆزۈم ئاككوردلاشتۇرغان بىرقانچە مۇزىكا. كەسىپداش.تورداشلار باھا... مۇزىكىلارنى ئاككوردلاشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن ئۈسكىنىلەر:- كومپىيوتې

نەچچە كۈندىن بۇيان كەچ تەرەپلەردە زىرىكىپ ماۋۇ ناخشىنى ئو

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار يىقىندا ئۆزۈم قازاقچە ناخشىدىن ئۆزلەشتۈرگەن ئەس

دۇسلار مۇزىكا ئىشلەشكە AMD FX-8300 CPU بۇلامدۇ ؟ . بەزەنلەر intel i3 intel

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

بۇ نەشىرى بىلەن تەمىنلىگەن توردىشىمىز ‹نەپرىتم› گە رەھمىتىمىز

6644 http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI1NjIwNTUyMA==/v.swf ‹ھوقوقنىڭ ئويۇنى› دىگەن كىنونىڭ ئاساسى مۇزىك

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماڭا يۇللۇغۇم دىگەن ناخشىنىڭ تەڭكەشنۇسىسى جىددى كىرەكتى 3437535841چچىرىم.

http://player.youku.com/player.php/sid/XMjk2MDQzNzk2/v.swf پىئانىنودا دەششەت چەپ قويۇپتىغۇ ئىش قى

ئالدى بىلەن بەرباب بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى بەرباب ئەجدادلىرىمىز ئەڭ بۇرۇن ك

6573 ئۈندىدار توپىدا بىر توردىشىمىز بۇ فىلىمنى يوللاپتىكەن،شۇنىڭ

6497 ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۈگۈندىن 16 يىل ئىلگىرى يەنى 2000 – يىلى باھاردا لوندوندا كىشى ئۇنتۇلغ

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئەزىز مۆھتىرەملەر ! مەندە KORG PA500 با

6856 Korg pa 300 پاسلىرى ئېھتىياجى با باللا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەسىلە پاسلارنى ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورىنىڭ خاسلىغ

rolan gr-55 boss rc-300 پايدىلىنىپ چالنغان. تۇنجى قىتىم loop ئېشلىتىشىم http://player.youku.com/player.php/sid/XMTc4MTA4MTY3Ng==/v.swf

http://player.youku.com/player.php/sid/XMTc5MDY4NjA1Mg==/v.swf

ئۈندىدار 14799476715 ئورنى قەشقەر قاغىلىق KORG 80 ياكى KORG 60 بولسىمۇ بولدۇ

]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن غۇلجىدىن بۇلىمە ، ماڭا ئەرز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر ئەھلى كەمىنە ئوسمانجان تەمكىدىن ھەممىڭلارغا يالقۇنلۇق سالام سىلەرگە شىئېريەت سالوندا يى

قالدىم ئەلەمدە ھەسەنجان تىلۋالدى ئەجەپ تارىتتىم سۆيگۈ

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قەۋۇم-قى

PARUK213 ئسملېك بىر دوستىمىز، MIDI مۇزىكىلار توپلىمىنى چۇشۇرىۋ

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دىيارىمىزدا بەيدۇ دېسكىسدىن ھۆججەت چۈشۈرۈشت

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزى

جەمئىي مىكروبلوگ 1930 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • MARS 5 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

  • xah 2017-1-31 18:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىپ  بولدۇم   . رەھمەت

  • letip 2017-1-21 13:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار! مۇنبەردە ئىلگىركىدەك ئاۋاتلىق يوققۇ؟

  • halastan 2016-12-5 00:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى  قىرىنداشلار ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سا...

  • مۇغەننى 2016-12-3 17:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،قېرىنداشلار ياخشىمۇ-سىلەر.

  • m-k-music 2016-9-22 18:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار،ئۇزۇندىن بىرى مۇنبەرگە كىرىپ بولالمىدىم.ھەممىڭلارياخ.....

  • ساددا 2016-8-13 17:58 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى  قىرىنداشلار ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سا...

  • 1309513900 2017-2-10 13:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەندە بىر دانە 99%  يىڭى  KORG  PA300  ئىلىكتىرونلۇق رويال با سىتىلىدۇ ئۆيدە چالغان

  • xah 2017-1-31 11:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئاكىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى تېپىشىپ بەسەڭلار

  • ئەخمەت 2016-12-13 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سالاملار بولسۇن قىرىنداشلار

  • halastan 2016-12-5 00:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،قېرىنداشلار ياخشىمۇ-سىلەر.

  • باغاق 2016-10-20 15:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام  كەسىپداشلار..fl studio 12 نىڭ ئۇيغۇرچە تۇلۇق دەرسى بولسا  سېتىۋالاي دېگەن..

  • ياڭراق 2016-9-2 19:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇستازلار ناخشىللىرىڭلارنى ياڭراق تورىغا يوللايلى . تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئاڭ...

  • ئۇدۇن 2016-7-24 02:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سالاملار بولسۇن

كۆرۈش: 7732|ئىنكاس: 126

PreSonus Studio One 2.6 [چۈشۈرۈش]

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-10-29 23:28:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 08:37  

2.6 PreSonus Studio One


ماكان مۇزىكا مۇنبىرى ماكانداشلارغا كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىدىغان رەھبەر دېتال


بۇ بىر ئۈن تەھرىر دېتاللىرى ساھەسىدىكى زور بۆسۈش ، ھەقىقەتەن ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان يۈكسىلىش ، بۇ ھەقىقەتەن ئىسمى جسىمىغا لايىق دۇنيادىكى بىردىنبىر كۆپ خىل يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتاللار بىلەن ماسلىشالايدىغان رەھبەر دېتال . ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا Presonus شىركىتى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان مۇزىكا ئىشلەش رەھبەر دېتالى  Studio One  . بۇ دېتالنىڭ قۇرۇلمىسى ھەقىقەتەن مۇكەممەلىككە قاراپ ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ ئىھتىياتچانلىق بىلەن لاھىيەلەنگەن بولۇپ رەقەملىك ئۈن تەھرىرلەش ساھەسىدىكى يېڭىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان ياخشى بىر ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. Presonus شىركىتى مەخسۇس ئۈن ئېلىش ۋە تەھرىرلەشكە مۇناسىۋەتلىك قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرىنى لاھىيەلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى بىر ئاساسى گەۋدە قىلغان شىركەت بولۇپ بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم يۇمشاق دېتال ساھەسىگە چوڭ قەدەم بىلەن ئاتلىنىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. Studio One يۇمشاق دېتالىنىڭ ئىجادىيەتچىلىرى ۋە تەتقىقات ئورنى گېرمانىيەدە . مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىمچە كىيىن دەۋىرلەردە ئوموملىشى جەھەتتە ئاڭ ئالدىنقا قاتارغا ئۆتۈش ئىھتىماللىقى بولغان بىردىنبىر رەھبەر دېتال نامىزاتىغا كىرەلىشى مۇمكىن. `شۇڭا بۇنىڭدىن كىيىن ماكان مۇزىكا مۇنبىرىمىزدە ھەممىدىن كۆپ تەكىتلىدىغىنى ۋە تېخنىكىلىرىنى سۆزلەيدىغىنى Cubase  ۋە Nuendo لاردىن قالسلا مۇشۇ دېتال بولىدۇ. كىيىنچە ۋاقىت يەتسە مەخسۇس مۇشۇ دېتال توغرىلىق سىن دەرسلىكلەر ئىشلىنىدۇ. يېڭىدىن ئۆگىنىدىغانلار بولسا مۇشۇ دېتال ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەش قىزىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا بولىدۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن مۇشۇ دېتالنى راۋۇرۇس ئۆگنىشنى باشلىغان بولسىڭىز ئاخرىغىچە ئۆگنىشكە بەل باغلاپ داۋاملاشتۇرىۋىرىڭ . بىز ھەۋەس قىلغان نۇرغۇن چەتئەللىك مۇزىكانتلارمۇ بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارىنى ھىس قىلغاچقا ، ئىشلىتىشنى ۋە ئىقتىدارلىرىنى بىلگەچكە شۇ ئىسل مۇزىكىلارنىڭ ھاجىتىدىن تولۇق چىقىپ ئىشلەپ كىتىۋاتىدۇ. قىستۇرما دېتاللارنىڭ قوللاش جەھەتتە ھەرگىزمۇ باشقا دېتاللارنىڭ ئارقىسىدا قالمايدۇ ، تېخى 64 بىتنى قوللاش ۋە ئىچكى ساقلىغۇچنى تولۇق ئىشلىتىش جەھەتتە نۇرغۇن دېتاللاردىن ئارتۇق. شۇڭا ئىقتىدارنىڭ تۆۋەن بولۇپ قىلىپ مۇزىكىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يىتەرمۇ دىگەننى بىر پىرسەنتمۇ ئويلىشىپ ئولتۇرماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

StudioOnePro.jpg



بۇ Studio One دېتالى  Windows مەشخۇلات سىستىمىسى ۋە ئالما Macintosh مەشخۇلات سىستىمىسى ھەر ئىككىلىسىدە ناھايىتى مۇكەممەل ئىشلەيدۇ. ھەمدە ھەر ئىككى خىل مەشخۇلات مۇھىتىغا ماس ھالدىكى 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق نۇسقىلىرى بار. (بۇ جەھەتتە  Cubase  ۋە Nuendo لارغا قارىغاندا كۆپ ياخشى ، چۈنكى ئۇلار خېلى كىيىن ئاندىن 64 بىتلىق نۇسقىسىنىمۇ ئىشلىدى ، بۇنداق چوڭ شىركەتلەر ئالدىراپ ئۆزىنىڭ ئىستىراتىگىيىسىنى ئۆزگەرىتمەيدىغان ئوخشايدۇ. ) . مەزكۇر يۇمشاق دېتال مۇزىكا ئىجادىيەت، ئۈن ئېلىش، ماستىرلاش، MIDI تەھرىرلەش، ئۈن ھۆججەتلىرىنى تەھرىرلەش ، LOOP باشقۇرۇش ، سىنغا ئاۋاز بىرىش، ئانا لىنتا بىر تەرەپ قىلىش، پىلاستىنكا ئىشلەش .... قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. دېتالدا يەنە ھەرخىل ئۈنۈملىگۈچ، مەۋھۇم چالغۇلار، LOOP لار ۋە قىستۇرمىلار بار. بارلىق ئۈنۈملىگۈچ ۋە قىستۇرما دېتاللار 32 بىت ۋە 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ASIO لىق قوزغىتىش پىروگراممىسى ۋە  , AU, ReWire ۋە ئەڭ يېڭى بولغان VST3نىمۇ  شۇنداق ياخشى مۇكەممەل قوللايدۇ. قىستۇرمىلارنى نورمال تونۇش جەھەتتە ئىنتايىن ياخشى.

studio_one_26.jpg


بۇ Studio One نىڭ ئىككى خىل نۇسقىسى بار بولۇپ بىرسى Studio One Artist بولۇپ بۇ نۇسقىسى Presonus شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئۈن كارتىسى ، تەڭشىگۈچ ..... قاتارلىق قاتتىق دىتال ئۈسكۈنىلىرى بىلەن بىللە سېتىلىدۇ. بۇنىڭ بىر كەمچىلىكى پەقەت 32 بىتلىق مەشخۇلات سىستىمىسىدىلا ئېجرا بولىدۇ.
يەنە بىر نۇسقىسى بولسا Studio One Pro بولۇپ ئۇ Artist نۇسقىدىكى بارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت يەنە VST , AU قىستۇرمىلىرىنى تولۇق تونۇش ۋە ReWire تېخنىكىسىنى قوللاش ، ئانا لىنتا بىر تەرەپ قىلىشنى قوللاش ، ۋە قوشۇمچە قىستۇرما ۋە ئىقتىدارلار ، ئۇنىڭدىن سىرت خېلى  كۆپ مىقداردىكى شىركەت مەخسۇس ياسىغان ئاۋاز ۋە چالغۇلارنىڭ ئاۋاز تۈسلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

presonus-studio-one1.jpg


بۇ ئىككى خىل نەشىرنىڭ ئۈن ماتورى ئىشلىتىش جەھەتتە ، ASIO ئۆلچىمى ، Windows نىڭ ئۈن سىستىمىسى ۋە Core Audio ئۆلچىمىنى قوللاش جەھەتتە پۈتۈنلەي ئوخشاش.

01_thumb-10283848854.jpg


بۇ Studio One ئۆزىنىڭ باشقا ھىچقانداق دېتالغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئارا يۈز ئۇسلوبى بلەن كەڭ مۇزىكانت ۋە ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشكەن. بۇ رەھبەر دېتالغا ئىشلىتىگىنى دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئۈن ماتورى ئىشلىتىلگەن. بۇ ھەقىقەتەن يېڭى بولغان تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى . ئەگەر مۇشۇ بويىچە تەرەققى قىلىپ مېڭىۋەرسە كىيىنچە باشقا رەھبەر دېتاللارنىڭ ئورنىنى بېسىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ قوللىنىلغان ئۈن ماتورىدا ، ئۈن ھۆججەتلىرىگە بولغان ئانالىز ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن بولۇپ . مەيلى 64بىت ياكى 32 بىتلىق مەشخۇلات سىستىمىسى بولسۇن، ئۈن ماتورى ئاپتۇماتىك ھالدا 32 بىت ۋە 64 بىتلىق ھىساپلاش جەھەتتە بىۋاستە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارالايدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇ ئەڭ زور ئىمكانىيەت بىلەن ئۈن خاتىرلەش ياكى ئۈنۈم بېرىش جەھەتتە كومپيوتېرنىڭ ھىساپلاش ئىقتىدارىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئەڭ ياخشى ئاۋاز سۈپىتىگە ئېرىشىشنى نىشان قىلغان ھەم ئەمەلگە ئاشۇرغان.

faster.png


( < ئۈن ماتورى > نىڭ ئىنگىلىزچىسى Audio Engine   بولۇپ بۇ ئۇقۇم ھەققىدە ۋاقىت چىقسا كىيىن مەخسۇس بىر تىما قىلىپ يېزىلىشى مۇمكىن ، لىكىن بۇنىڭغا ماكانداشلار قەتئىي قىززىقمىسا بۇ خىل تىمىلار يېزىلماسلىقىمۇ مۇمكىن . ).

mediabar65.jpg


قاتتىق دېتال بىلەن بولغان ماسلىشىشچانلىقى جەھەتتە :

بۇ Studio One ئاپتۇماتىك ھالدا Presonus شىركىتى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ئۈن كارتىلىرىنى بىۋاستە تونۇيدۇ . ھەمدە ئۇنىڭ تىپ نومۇرىنى بىۋاستە ئۇنىڭ تۈر ھۆججەت قېلىپىغا كۆرسىتىپ ئۈن كارتىنىڭ كىرگۈزۈش چىقىرىش ئېغىزىغا ئاساسەن خىزمەت كۆزنىكىمىزدىكى ھەر بىر ئۈن ۋە MIDI يوللىرىنى شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ تەييار قىلىپ بېرىدۇ ، ئۆزىمىز تەڭشەك رايونىغا كىرىپ بىرمۇ بىر تەڭشەشنىڭ ھاجىتى يوق . لىكىن تەلەپ شۇكى سىزنىڭ ئىشلەتكەن ئۈن كارتىڭىز ياكى ئۈن تەڭشەش سۇپىڭىز چوقۇم Presonus شىركىتى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان بولۇشى كىرەك.  بۇ جەھەتتە باشقا ھىچقانداق باشقا ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىقلار يوق.  بۇنىڭدەك ئىقتىدارلانى ھازىرلاشتا باشقا شىركەتلەر مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ قىلىپ بولالمىدى.

41613619350769ea2a02a1cbbac4658f-ori.jpg


ئەگەر سىز بىر مۇزىكىنى Studio One دا ئىشلەپ ساقلىغان ۋاقىتتا دېتال ئاپتۇماتىك ھالدا كومپيوتېرىڭىزدىكى كىرگۈزۈش چىقىرىش ئېغىزى ۋە باشقا ئۇلىنىش ئغىزلىرى بىلەن بولغان بارلىق تەڭشەكنى ، قوزغىتىش پىروگراممىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ، ھەمدە شۇ ئىشلەتكەن كومپيوتېرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تۈر ھۆججىتىگە بىللە قوشۇپ ساقلايدۇ . بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى ئەگەر سىز مۇزىكا تۈر ھۆججىتىڭىزنى باشقا بىر ستودىيەلەرگە ئاپىرىپ مەشخۇلات ئېلىپ بارغاندا يېڭى ئۈسكۈنىلەرگە نىسبەتەن تەڭشەشنى قايتا تەڭشەشكە توغرا كىلىدۇ ، ئىشلار تۈگىگەندىن كىيىن ئاندىن قايتىپ كىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ كومپيوتېرىدا قايتا شۇ مۇزىكىنىڭ تۈر ھۆججىتىنى ئاچسىڭىز سىز ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆزىڭىزنىڭ كومپيوتېرىغا مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلەرنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىگىنى كۆرىسىز . دىمەك مۇزىكانىتلار ئۈچۈن تۇغۇلىدىغان بۇ خىل ئىھتىياجنى Studio One نى ياسىغۇچىلار ئىنچىكلىك بىلەن ئويلاشقان . بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىشنىڭ ھىچقانداق چەكلىمىسى يوق. ھەرقانداق ئۈن كارتىسى ياكى كومپيوتېر بولسا ھەممىسىگە نىسبەتەن ئوخشاش.

Presonus-Studio-One.jpg



توپلاشتۇرۇلغان مۇلازىمەتلەر جەھەتتە :

مەيلى يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەرگە بولسۇن ياكى كەسپى مۇزىكانىتلارغا بولسۇن Studio One ناھايىتى ئاسان بولغان مەشخۇلات سىزىمىنى بىرەلەيدۇ. چۈنكى دېتالنى ئاچقان دەسلەپكى كۆزنەكتە سىز يېقىندا ئاچقان ياكى ئىشلەتكەن تۈر ھۆججەتلەرنى بىۋاستە ئاچالايسىز ، ئۇنىڭدىن باشقا يېڭىدىن تۈر ھۆججەتلىرىنى قۇرۇش ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتىش ، ئىگە تەرەپ تەمىنلىگەن  سىن دەرسلىكلەرنى كۆرۈش ، شىركەت ئىشلىگەن ئۈلگە مۇزىكىلارنى ئېچىش ، Presonus شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرى .....  قاتارلىقلارنى Studio One دىن چىكىنمەي تۇرۇپ بىرلا كۆزنەكتە كۆرگىلى تاللىغىلى بولىدۇ. دىمەك نۇرغۇن مۇلازىمەتلەر بىرلا كۆزنەككە مۇجەسسەملەنگەن.

start_free_go_pro.png

مۇزىكانىتلارنىڭ ئۈن ھۆججەتلىرىنى دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن شىركەت تەرەپ مەخسۇس Native Effect Suite  قىستۇرما دېتالىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە تەمىنلىدى. بۇنىڭدا رەھبەر دېتالغا مۇجەسسەملەنگەن نۇرغۇن ئۈن تەڭشەش قىستۇرمىلىرى بولۇپ مەسىلەن : EQ تەڭشەش ، ئەينەنسىزلىك ، زال ئۈنۈمى ، تەقلىدى ياڭراتقۇ ، پىرىسلىغۇچ ..... قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇنىمۇ Presonus شىركىتى بۇ دەۋىر بۆلگۈچ رەھبەر دېتال ئۈچۈن پۈتۈنلەي نۆلدىن باشلاپ يېڭىدىن لاھىيەلەپ چىقتى . ھەممىسىگە 64 بىتلىق قوش ئېنىقلىقتىكى بىر تەرەپ قىلىش لاھىيەسى قوللىنىلغان بولۇپ 64 بىت ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن غايەت زور خۇشاللىق. ( ئەگەر سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز Studio One نىڭ Artist نۇسقىسى بولسا ئۇ چاغدا سىز قىستۇرمىلارنىڭ 32 بىتلىقلا ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيسىز ، 64 بىتلىق ھىسابلاش بۇيرۇقلىرى بۇنىڭغا تەمىنلەنمىگەن  ).   64 بىتلىق بولغان ئۈن بىر تەرەپ قىلىش قىستۇرمىلىرى ئۈن تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن بىر تەرەپ قىلشقا بۇيرۇق بەرگەندە ھەممە ھۆججەتلەرنىڭ ئەڭ ئىلغار ھەمدە تىز بولغان ئۇسۇل ئارقىلىق چىقىرىپ بىرىدۇ. ئۇ چاغدا 32 بىتلىقدەك سۈرئەتنىڭ ئاستا بولىشى ، ۋە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئاۋازنىڭ تەڭشەپ بولۇپ ئاڭ ئاخرى چىقارغاندا سۈپەتنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئەھۋال Cubase ۋە Nuendo لاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇڭا يالغۇز بىرلا دېتالغا تايىنىۋىلىش ئىش ئۈنۈمىگە بەلگىلىك تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا پېقىر ئەخمەتجان مەخمۇت بارلىق مۇزىكا ئىشلىگۈچىلەرگە شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى : ئامال بار كۆپ دېتال بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ.  

what_you_get.png


Studio One نىڭ ئاپتۇماتىك كىچىكىش ۋاقتىنى تولۇقلاش ئىقتىدارى بار بولۇپ ، بىر ئاۋاز شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خاتىرلىنىۋاتقان ۋاقىتتا دېتال ئاپتۇماتىك ھىساپلاپ ئۈن كارتىدىكى كىچىكىش ۋاقتىنى ئامالنىڭ بېرىچە نۆلگە يېقىنلاشتۇرۇپ ، ھىچقانداق سىرىتقى قىستۇرمىلارنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىماي ، بىۋاستە ۋاقىتنى ئەسلى ۋاقىت بويىچە توغىرلاپ بىرەلەيدۇ. بۇ جەھەتتە Studio One باشقا رەھبەر دېتاللغا قارىغاندا كۆپ ئىلغار. بۇ ئىقتىدار Presonus شىركىتى مەيدىسىنى كىرىپ يۈرەلەيدىغان ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا مەغرۇر جاكارلىيالايدىغان ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرسى . بۇ ھەقىقەتەن گۈزەللىگە ۋە جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان يۇقىرى پەن تېخنىكىنىڭ ئۈنۈمى .
ئۇنىڭدىن باشقا Studio One دا تۆت خىل Presonus شىركىتى ئۆزى بىر قوللۇق ياساپ چىققان تەقلىدى مەۋھۇم ئاۋاز تۈسلىرىمۇ بار بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئىېجرا بولىدىغىنى SampleONE ئاۋاز تۈسى.

ئاۋاز تۈسىنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە :



ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا ماكانداشلارنىڭ مەزكۇر دېتالنى قاچىلاپ سىناق قىلىپ تەتقىق قىلىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئەگەر ھەقىقىي نۇسقىدىكىسىنى سېتىۋالىدىغان ئىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز ، جۇڭگۇ (چوڭ قۇرۇقلۇق) دىكى باش ۋاكالەتچىلىك شىركىتىدىن ئەڭ ئەرزان باھادا ۋاكالىتەن سېتىۋىلىپ ئەۋەتىپ بېرىمىز. باھاسى ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان بولغاچقا شۇڭا بۇ يەرگە بىۋاستە يازمىدىم.  

ماكانداشلارنىڭ ھەر ۋاقىت نورمال چۈشۈرۈشكە تەمىنلىشىمىز ئۈچۈن ئوخشىمىغان بوشلۇقلار ئارقىلىق تەمن ئەتتۇق. تور بوشلۇقى تاقىلىپللا كەتمىسە ئادىرىس خېلى يىللارغىچە ئۆزگەرمەيدۇ. ھەممىنى قايتىدىن ئېلانلارنى چقىرىۋىتىپ ئۆلچەملىك پىرىسلاپ قايتىدىن بوشلۇقلارغا يوللاندى. مۇشۇ چەككەن جاپالار ئۈچۈن سىلەرنىڭ كۆپرەك تەسىرات ۋە چۈشەنچە ھەققىدە ئىنكاسلارنى يېزىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز .



ھەقىقىي دۇرۇس نەشىرىدىكى مېدىئا ساھەسىدىكى دېتاللارنى ماكان تورىدىن سېتىۋىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ پەقەت سىلەرنىڭ سىناپ كۆرۈپ بېقىشىڭلار ئۈچۈن سىناق يوللاندى. بۇ ھەرگىزمۇ ماكان تورىنىڭ ساختا دېتاللارنى قوللىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.




چۈشۈرۈپ ياخشى كۆرگەن بولسىڭىز ھەقىقى نۇسقىدىكىسىنى سېتىۋىىلىڭ .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +15 يىغىش سەۋەبى
ark-xir + 15 很给力!

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-30 17:51:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-8 17:44  

ئۆزۈم تىما يوللاپ تۇنجى ئىنكاسىمنى ئۆزۈملا يېزىۋىتەي . بۇنىڭدىن كىيىن رەھبەر دېتاللارنى ماكان تورىمىز مۇقۇم ئادىرىس بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. ئەگەر ناۋادا كومپيوتېردىن ئىھتياتسىزلىقتىن يۇيۇلۇپ كىتىدىغان ئىشلار بولۇپ قالسا ، ياكى سىرىتلارغا چىققاندا جىددىي ھالدا رەھبەر دېتال كىرەك بولۇپ قالسا ماكانىمىزغا ماكانلاشقىلى كەلسىڭىز سىزنىڭ ماكاننىڭ ئەڭ ئىسىل مۇلازىمەتلىرى ئارقلىق سىزنى رازى قىلىشقا تەيييار تۇرىمىز.

تىمدىكى ھەر بىر سۆزنىمۇ قالدۇرماي ئوقۇپ چىقشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ۋاقتى: 2013-10-30 17:54:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما دىگەننى مۇشۇنداق تەپسىلىي يوللىسا ئادەم پۇخادىن چىقىدۇ.....ئەخمەتجاننىڭ تېمىلىرى خىلى كۆپ،كومپىيوتۇرىدا نۇرغۇن ياخشى تېمىلار پۈتۈش ئالدىدا تۇرىدۇ،دوسلار يۇلۇققان مەسىلىلەر ۋە لازىملىق دەرىسلىكلەرنى دىسە،ئامال بار دوسلار بىلەن ئورتاق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز....
مۇنبەردىكى باللا تېخىچە قىشلىق ئۇيقىدىن ئويغۇناي دىمەيدىغۇ؟
ۋاقتى: 2013-10-30 18:20:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مان بۇ دىتالغا قىززىقىپ قالدىم ياردەم كىلساڭلا
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-10-30 18:22:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
askar يوللىغان ۋاقتى  2013-10-30 18:20
مان بۇ دىتالغا قىززىقىپ قالدىم ياردەم كىلساڭلا

قانداق ياردەم؟ئېنىقراق ئېيتتىڭ.....
ۋاقتى: 2013-10-30 19:40:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغىنىڭلاغا رەخمەت
ناخشا كەسپىدىن خىزمەت ئىزدەيمە. ئۇزەم كۇچا ناھىيسىدىن....18096974302
ۋاقتى: 2013-10-30 19:48:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت تېمىڭىزغا ئەخمەتجان
ۋاقتى: 2013-10-30 20:06:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
askar يوللىغان ۋاقتى  2013-10-30 18:20
مان بۇ دىتالغا قىززىقىپ قالدىم ياردەم كىلساڭلا

يوللىغىنىڭلاغا رەخمەت ئەخمەتجان
ۋاقتى: 2013-10-30 20:14:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغىنىڭلاغا رەخمەت
.
ۋاقتى: 2013-10-31 00:29:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست گەپنى قىلسام بەك ھاياجانلاندىم ، بۇدىتالنى بەكمۇ ئىشلەتكىم كىلۋاتىدۇ، ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت .
ۋاقتى: 2013-10-31 00:32:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق كىچىك بۇنىڭ سىغىمى ، شۇمۇ يا؟ ...
ۋاقتى: 2013-10-31 01:09:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخپى نۇمۇرىنى كىرگۇزسەممۇ يىشىلمەيدىغۇ بۇ،تېخىمۇ تەپسىلىرەك ئېيتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.
بەك كۈرۈپ باققۇم كىلۋاتىدۇ.
ۋاقتى: 2013-10-31 12:52:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئاۋاز كارتامنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى قاچىلانغان پىلاستىنكىدا بار ئىكەنتۇق ، مەن قاچىلىسام تىزىملىتىش نومۇرى سوراپ تۇرۋالدى. پىلاستىنىكىنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان نومۇرنى سېلىپ ئاكتىپلىيالمىدىم.
ئاۋاز كارتام presonus audiobox usb ئىدى. نىمە دىتالدۇ؟ دەپ بىلەلمىگەن ئىدىم . ئەسلىدە مۇشۇ دىتال ئىكەن ئەمەسمۇ؟...
تىمىڭىزغا رەخمەت ئەخمەت جان!
پاك قەلىبتىن گۈزەل مۇزىكىلار چىقىدۇ.
ۋاقتى: 2013-10-31 13:14:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىرىستىن يېشىش مەخپى نومۇرىچۇ؟
پاك قەلىبتىن گۈزەل مۇزىكىلار چىقىدۇ.
ۋاقتى: 2013-10-31 16:16:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنىڭ ئاستىغا قارىساق چۈشۈرۈش ئادىرىسىنىڭ ئاستىدا يېشىش مەخپىي نومۇرى بار..
بۇ رەھبەر دىتالنىمۇ سىناپ باققۇلۇق.....
مۇنبەردىكى باللا تېخىچە قىشلىق ئۇيقىدىن ئويغۇناي دىمەيدىغۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2017-2-22 15:04 , Processed in 1.000025 second(s), 80 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش