玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

6860 ئەسكەرتىش:رەسىم تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز كەسىپداشلار ياخشىمۇسىلەر. Cubase 8 غا KORG pa900 نى چېتىپ ، ئ

مەن كومپىيوتېرىمغا CUBASE قاچىلىغانتىم ھەم NUENDO مۇ قاچىلاپ باقتىم

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۇ تۇر بەت بەكلام جىمڭپ كەتتى جۇمۇ.KORG PA600نىڭ پاسلىرى بۇلسا ئەۋەتىپ

ھەرقانداق vst مەندە بار لازىم بولسا بۇ ئۈندىدار توپىغا كىرىڭ 6839 6838 6837 6836 6835 6834 6833 6832 6831 6830 6829 6828 6827 6826 6825 6824 6823 6822 6

ئەسسالام ئەزىز قېرىنداشلار مەن ئائىلىدە ئىشلەتكىلى بىر دانە ئ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق كەسىپداشلار ئۇستازلار ماڭا CUBASE5 ي

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بارچە ئەزىز قېرىنداشلار ، كەسىپداشلار ، مەندىن ھەمىمىڭلارغا ئوتتلۇق سال

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

6639 http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI1NjIwNTUyMA==/v.swf ئانا پىشتىدا مەمەت پىچاق ئاخسا ئىشىكتىن كىرگەندە چ

ئۆزۈم ئاككوردلاشتۇرغان بىرقانچە مۇزىكا. كەسىپداش.تورداشلار باھا... مۇزىكىلارنى ئاككوردلاشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن ئۈسكىنىلەر:- كومپىيوتې

نەچچە كۈندىن بۇيان كەچ تەرەپلەردە زىرىكىپ ماۋۇ ناخشىنى ئو

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار يىقىندا ئۆزۈم قازاقچە ناخشىدىن ئۆزلەشتۈرگەن ئەس

دۇسلار مۇزىكا ئىشلەشكە AMD FX-8300 CPU بۇلامدۇ ؟ . بەزەنلەر intel i3 intel

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

بۇ نەشىرى بىلەن تەمىنلىگەن توردىشىمىز ‹نەپرىتم› گە رەھمىتىمىز

6644 http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI1NjIwNTUyMA==/v.swf ‹ھوقوقنىڭ ئويۇنى› دىگەن كىنونىڭ ئاساسى مۇزىك

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماڭا يۇللۇغۇم دىگەن ناخشىنىڭ تەڭكەشنۇسىسى جىددى كىرەكتى 3437535841چچىرىم.

http://player.youku.com/player.php/sid/XMjk2MDQzNzk2/v.swf پىئانىنودا دەششەت چەپ قويۇپتىغۇ ئىش قى

ئالدى بىلەن بەرباب بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى بەرباب ئەجدادلىرىمىز ئەڭ بۇرۇن ك

6573 ئۈندىدار توپىدا بىر توردىشىمىز بۇ فىلىمنى يوللاپتىكەن،شۇنىڭ

6497 ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۈگۈندىن 16 يىل ئىلگىرى يەنى 2000 – يىلى باھاردا لوندوندا كىشى ئۇنتۇلغ

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئەزىز مۆھتىرەملەر ! مەندە KORG PA500 با

6856 Korg pa 300 پاسلىرى ئېھتىياجى با باللا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەسىلە پاسلارنى ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورىنىڭ خاسلىغ

rolan gr-55 boss rc-300 پايدىلىنىپ چالنغان. تۇنجى قىتىم loop ئېشلىتىشىم http://player.youku.com/player.php/sid/XMTc4MTA4MTY3Ng==/v.swf

http://player.youku.com/player.php/sid/XMTc5MDY4NjA1Mg==/v.swf

ئۈندىدار 14799476715 ئورنى قەشقەر قاغىلىق KORG 80 ياكى KORG 60 بولسىمۇ بولدۇ

]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن غۇلجىدىن بۇلىمە ، ماڭا ئەرز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر ئەھلى كەمىنە ئوسمانجان تەمكىدىن ھەممىڭلارغا يالقۇنلۇق سالام سىلەرگە شىئېريەت سالوندا يى

قالدىم ئەلەمدە ھەسەنجان تىلۋالدى ئەجەپ تارىتتىم سۆيگۈ

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قەۋۇم-قى

PARUK213 ئسملېك بىر دوستىمىز، MIDI مۇزىكىلار توپلىمىنى چۇشۇرىۋ

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دىيارىمىزدا بەيدۇ دېسكىسدىن ھۆججەت چۈشۈرۈشت

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزى

جەمئىي مىكروبلوگ 1930 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • MARS 5 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

  • xah 2017-1-31 18:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىپ  بولدۇم   . رەھمەت

  • letip 2017-1-21 13:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار! مۇنبەردە ئىلگىركىدەك ئاۋاتلىق يوققۇ؟

  • halastan 2016-12-5 00:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى  قىرىنداشلار ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سا...

  • مۇغەننى 2016-12-3 17:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،قېرىنداشلار ياخشىمۇ-سىلەر.

  • m-k-music 2016-9-22 18:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار،ئۇزۇندىن بىرى مۇنبەرگە كىرىپ بولالمىدىم.ھەممىڭلارياخ.....

  • ساددا 2016-8-13 17:58 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى  قىرىنداشلار ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سا...

  • 1309513900 2017-2-10 13:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەندە بىر دانە 99%  يىڭى  KORG  PA300  ئىلىكتىرونلۇق رويال با سىتىلىدۇ ئۆيدە چالغان

  • xah 2017-1-31 11:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئاكىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى تېپىشىپ بەسەڭلار

  • ئەخمەت 2016-12-13 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سالاملار بولسۇن قىرىنداشلار

  • halastan 2016-12-5 00:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم،قېرىنداشلار ياخشىمۇ-سىلەر.

  • باغاق 2016-10-20 15:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام  كەسىپداشلار..fl studio 12 نىڭ ئۇيغۇرچە تۇلۇق دەرسى بولسا  سېتىۋالاي دېگەن..

  • ياڭراق 2016-9-2 19:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇستازلار ناخشىللىرىڭلارنى ياڭراق تورىغا يوللايلى . تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئاڭ...

  • ئۇدۇن 2016-7-24 02:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەممىڭلارغا مەندىن ئوتلۇق سالاملار بولسۇن

كۆرۈش: 3668|ئىنكاس: 37

پىيانىنو شاھزادىسى-رىچارد.كلايدېرمان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پىيانىنو شاھزادىسى-رىچارد.كلايدېرمان


richard-clayderman-650-330-02.jpg             

غېنى سەمەت

خەلقىمىز، بولۇپمۇ بىر-ئىككى ئەۋلاد ياشلىرىمىز پىيانىنونىڭ سېھرىي كۈچىنى رىچارد.كلايدېرمان ئورۇنلىغان رۇمانتىك مۇزىكىلاردىن ھېس قىلغان، دېسەك ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز. بېتخوۋېندەك بۈيۈك كومپوزىتورنى كىتاب ۋە ئۈن-سىنلاردىن كۆرۈپ  تونىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىنىمۇ يەنە شۇ سۈيۈملۈك سازەندە- رېچاردتىن ئاڭلاپ مۇڭلانغانمىز.ئاشۇ رۇمانتىك كۈيلەرگە قانچىلىغان يۈرەك مەست بولمىغان دەيسىز ؟
بۇ مەشھۇر پىيانىنوچى ئۇيغۇر ياشلىرىغىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە يۈز  مىليۇنلىغان قەلبلەرگە پىياننىونىڭ ئوتىنى ياققان. بىز ئۇنى كىلاسسىك مۇزىكىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلايدىغان ئاقسۆڭەك تىپىدىكى پىيانىنوچى دېيەلمەيمىز. لېكىن، ئۇ پىيانىنونى، پىيانىنو موزىكىلىرىنى ئاددىي ئىشلەمچىدىن تارتىپ، ئاق ياقىلىق زەردارلارغىچە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تونۇتقۇچى ۋە ئومۇملاشتۇرغۇچى سۈپىتىدە تولىمۇ قەدىرلىك ۋە سۈيۈملۈك.  

RichardClayderman.jpg

30 يىل مابەينىدە ،60 نەچچە دۆلەتتە   2000قېتىم نەق مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش، 340 دانە پىلاستىنكا،1200 پارچە مۇزىكىنى پىيانىنو بىلەن دۇنياغا يېيىش،700 مەيدان تېلېۋىزىيە مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىش،50-60 مىڭ دەستە گۈلگە نائىل بولۇش، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ،50 مىليوندىن ئارتۇق تاماشىبىنغا نەق مەيدان مۇزىكا چېلىش، 85 مىليوندىن ئارتۇق پىلاستىنكىسى سېتىلىش، 50 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئىمزا قويۇش، ئويۇن قويۇش جەرىيانىدا، يەر شارىنى 70 قېتىم ئايلانغۇدەك مۇساپىنى بېسىش، ئوخشىمىغان 5000 دىن ئارتۇق مېھمانخانا ، 40 مىڭدىن ئارتۇق ماشىنا، 5000 دىن ئارتۇق ئايروپىلان ئالمىشىش... بۇ سان-سىفىرلار بەلكىم ئۇنىڭ دۇنياۋېي تەسىرى ۋە شۆھرىتىنى سۈپەتلەشكە يېتىشى مۇمكىن.



بۇ نۇقتىدىن دۇنياغا، جۈملىدىن خەلقىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن رېچارد بىلەن تونۇشۇپ چىقىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك.
رېچارد.كلايدېرمان 1953-يىلى 28-دېكابىر فرانسىيەنىڭ پارژ شەھرىدىكى خىلۋەت بىر بازاردا ئاددىي بىر ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ. دادىسى ئۆي جاھازىلىرى ياسايدىغان ھۆنەرۋەن بولۇپ،مۇزىكىغا ھېرىسمەن، نۇرغۇن سازلارنى چالالايدىغان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى لەرزان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئۆتىدۇ. بۇۋاق چېغىدىن باشلاپ مۇزىكىغا بۆلەنگەن رىچارد 3 ياش چېغىدا دادىسى ئېلىپ بەرگەن ئېغىز گارمونىنى رېتىملىق چېلىپ دادىسىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بالىسىدىكى مۇزىكا سېزىمى ۋە ئىشتىياقىنى بايقىغان دادىسى ئۇنى تەربىيىلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ. دادىسى مەھەللە ئانسانبېلى بىلەن ئۇرۇنلىغان مۇزىكىلار، مۇزىكا يىغىلىشلىرى رىچاردقا ئۈنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.بالىسىنىڭ مۇزىكانت بولۇپ چىقىشىنى ئارزۇلىغان دادىسى مۇقىم كىرىملىك ئۆي جاھازىلىرى ياساش كەسپىنى تاشلاپ، بازاردا مەخسۇس پىيانىنودىن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ. بۇ دەرسلەرگە ئىزچىل قاتنىشىپ،ئىشتىياق بىلەن كىرىشىۋاتقان رېچاردنىڭ قەلبىگە نۇرغۇن مۇزىكا –ئاھاڭلار تەبىئىي قۇيۇلۇپ كېتىدۇ. پىيانىنونىڭ ئاددىي تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىدۇ. 6 يېشىدا نوتا ئوقۇيالايدىغان بولغاندىن باشقا، بىر پارچە مۇزىكا يېزىپ ۋە ئورۇنلاپ، ھەممىنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قالىدۇ. شۇڭا رېچارد بۇ كۈنلەردىكى كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ : ‹‹ دادام مېنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ بۈيۈك ئۇستازىم ›› دەيدۇ. ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يېتىشمەي قېلىۋاتقىنىنى سەزگەن كۆيۈمچان دادا رېچاردنى شۇ جايدىكى كەسپىي پىيانىنوچى – فرېتېرمان ئەپەندىگە تەربىيىلەشكە بېرىدۇ. تەلەپچان بۇ ئۇستاز ئۇنىڭغا مۇزىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلدۇرغاندىن باشقا ، يەنە شوبېرت، شۇمان، شوپىن قاتارلىقلارنىڭ مۇزىكا ئالىمىگە باشلاپ كىرىپ، كىلاسسىك پىيانىنو  مۇزىكىسى خۇسۇسىدا سېستىمىلىق تەربىيەلەيدۇ. شوپىن رېچاردنىڭ بالىلىق قەلبىدىكى مەبۇدە بولۇپ قالىدۇ. ئۇ شوپىنغا ئوخشاش بۈيۈك مۇزىكانت بولۇشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا ، ئەلا نەتىجە بىلەن پارژ مۇزىكا ئېنىستىتوتىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن مەمنۇن بولغان دادىسى رېچاردنى ئېسىل بىر ئورگان ( ساز ) بىلەن تارتۇقلايدۇ. رېچارد بۇ سوۋغىنى ئۆمۈر بۇيى ئۇنۇتمايدۇ. ئۇ مەكتەپتە كىلاسسىك مۇزىكىنى بېسىۋالغۇسىز تەشنالىق بىلەن ئۆگىنىدۇ. بىر تاساددىپىي پۈرسەتتە رېچارد ئۆز يۇرتىدىكى توي مۇراسىمىدا ئورگان بىلەن كىلاسسىك مۇزىكا ئورۇنداپ زور ئالقىشقا ۋە 20 فرانك ھەققە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا توي مۇراسىمى ۋە يىغىلىشلارنىڭ مۇزىكانتىغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىگلىگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدۇ ۋە بەلگىلىك ئىقتىسادقا ئېرىشىدۇ. بۇ فرانسىيەدە كىلاسسىك موزىكىلار تۆردىن ئورۇن ئېلىپ، ئاممىباپ مۇزىكىلارغا ئانچە ئېتىۋار بېرىلمەيدىغان چاغلار ئىدى.مەكتەپتە شوپىن ، مۇزارت، بېتخوۋېنلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنىۋاتقان رېچارد ئاۋام ئىچىدىكى توي، يىغىلىشلاردا مۇزىكا ئورۇنداش جەرىيانىدا ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاممىباب مۇزىكىغا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا  ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ بېقىش، كىلاسسىك مۇزىكىلار بىلەن فىرانسىيە خەلق ئاھاڭلىرى ۋە ئاممىباب مۇزىكىلارنى بىرلەشتۈرۈش ئويى پەيدا بولىدۇ. قانچە قېتىرقىنىپ ئۆگەنسىمۇ 25 ياشتىن بورۇن نامى چىقمايدىغان ، شۆھرەتلىك، بازارلىق كىلاسسىك مۇزىكا ساھەسىدە بۇرۇلۇش ياساشقا بەل باغلايدۇ.مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزىكا مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولۇپ، يىراق-يېقىنغا نامى تارىلىدۇ. قەھۋەخانا، رېستورانلاردا مۇزىكا ئورۇنلاشقا تەكلىپ قىلىنىپ، ئويلىغانلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە سىناقتىن ئۆتكۈزىدۇ. مۇزىكا ئەترىتى دەۋر سۈرىۋاتقان شۇ دەۋردە مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇشقا تۇتۇنۇپ، ئەتىراپتىكى مۇزىكانت دوستلىرى بىلەن ئەڭ دەسلەپكى مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 15 ياش ئىدى.مۇستەقىل ئىدىيە ۋە مۇزىكا ئەترىتىگە ئىگە بولغان رېچارد باشقىلارنىڭ قەتئىي قارشى تۇرىشىغا قارىماي،شۇ چاغدىكى مۆتىۋەر ئېقىم - كىلاسسىك مۇزىكا ئورۇنداشتىن ۋاز كېچىپ، كىلاسسىك مۇزىكا ئاساسىدىكى يېڭى بىر ئاممىباب مۇزىكا ئېقىمىنى بارلىققا كەلتۈرۈش قارارىغا  كېلىدۇ. مىشېر.شاد بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇزىكا ئەترىتى ۋە ئۈنخانىدا ئىشىنى باشلىۋېتىدۇ. ھاياتىدىكى مۇھىم شەخس ، فىرانسىيەدە ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان كومپوزىتۇر ئولىۋېر. دوۋسىن بىلەن تونۇشۇپ، ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ. 17 يېشىدا دادىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئۆزى ئاشقازان يارىسى كېسىلى بىلەن ئاغرىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆز كەسپىگە لايىق خىزمەت تېپىشقا كىرىشىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرى مۇزىكا سېزىمى، پەۋقۇلاددە ئۇرۇنداش ماھارىتى تېزلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، يىغىن ئارىلىقىدا مۇزىكا ئورۇنلايدىغان ، كىرىمى نۇرمال بىر خىزمەتكە ئېرىشىدۇ.كېيىن ئەنە شۇ ئىزدىنىش ۋە سېرىقتال تۇرمۇشتىكى كۈنلەرنى رېچارد : ‹‹  ئەڭ كۆڭۈللۈك كۈنلەر ئىدى ›› دەپ دائىم ئەسكە ئالىدۇ.

richard-clayderman_1.jpg

چولپان بولۇشنى ئەمەس، بەلكى مۇنەۋۋەر بىر ئورۇنلىغۇچى بولۇشنى ئارزۇلايدىغان رېچاردنىڭ تۇرمۇشىدا 1976-يىلى ئاجايىپ زور بۇرۇلۇش بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇزىكا تالانتى ۋە ئىستېداتىغا قايىل بولغان داڭلىق مۇزىكانتلار ھەمكارلىشىپ ئۇنىڭ تۈنجى پىلاستىنكىسىنى پىلاستىنكا سودىگىرىنىڭ مەبلىغى بىلەن نەشر قىلىدۇ. ئۇنىڭ نامى تارىلىشقا باشلىغىنى بىلەن ، لېكىن ئۇنىڭ نامىنى ھەقىقىي چىقارغىنى تېلېۋىزۇردا ئورۇنلىغان مۇزىكىسى بولۇپ قالىدۇ. 1977-يىلى ئۇ  تېلېۋىزوردا يالغۇز مۇزىكا ئۇرۇنلاش پۈرسىتىگە ئېرىشىپ، ‹‹ سۇ بويىدىكى ئاددىلىنا ›› مۇزىكىسى تارقىتىلىشى بىلەنلا زور زىلزىلە پەيدا قىلىدۇ.ئىستانسىسىغا بۇ  مۇزىكانتنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۇرۇلغان تېلېفون ئۈزۈلمەيدۇ.رېچارد پىلاستىنكا سودىگەرلىرى ئارىسىدا تالاشتا قالىدۇ. بۇ مۇزىكا پىلاستىنكا بولۇپ تارىلىپ، سېتىلىشى ئەسلىدىكىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ، 800 مىڭ دانىغا يېتىدۇ. فىرانسىيە چىگرىسىدىن ھالقىپ، ۋېينادىن ئافرىقىغىچە تارىلىدۇ.بىر كېچىدىلا نامى دۇنياغا پۇر كەتكەن بۇ مۇزىكانتنىڭ سۈرىتى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق مۇزىكا گېزىتلىرىنىڭ كۆرىنەرلىك يېرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇ رېچارد.كلايدېرماننىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلىق دەۋرى باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.  ‹‹ راۋان، ھەشەمەتلىك كۈي شەكلى، نەپىس مېلودىيە ، گۈزەل ئوبراز ›› رېچاردنىڭ مۇزىكا ئورۇنداش ئۇسلۇبى سۈپىتىدە دۇنياغا تونىلىدۇ.

richard2009_02.jpg

ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ، ئۇ ئۆز ئۇسلۇبىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ ۋە دادىل ئىسلاھ قىلىپ، نۇرغۇنلىغان مۇزىكىلارنى ئۇرۇنلاپ دۇنياغا تارقىتىدۇ.ئۇنىڭ داڭقىنى چىقارغان ‹‹ ‹‹ سۇ بويىدىكى ئاددىلىنا ››دىن كېيىن ، ‹‹ ئەيلىسقا تەقدىم ›› ، ‹‹ دىلكۈيى ››، ‹‹ تەقدىر ›› ، ‹‹ كۈزدىكى پىچىرلاش ››... قاتارلىق مۇزىكىلىرى ئۇنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدىغان مۇزىكا ئۇرۇندىغۇچىغا ئايلىنىدۇ. بۈگۈنكى زامان مۇزىكا دۇنياسىدا ، ئۇنىڭدەك كۆپ مۇزىكىسى تارالغان سەنئەتكاردىن يەنە بىرنى تاپماق تەس. ئۇنىڭ دۇنياغا تارالغان مۇزىكىلىرى 1200 پارچىدىن ئاشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ‹‹ كۈزدىكى پىچىرلاش ›› ، ‹‹ چۈشۈمدىكى توي مۇراسىمى ›› ، ‹‹ سۇ بويىدىكى ئاددىنا ›› ، ‹‹ يۇلتۇزلۇق ئاسمان ›› ، ‹‹ ئەيلىسقا تەقدىم ›› ،‹‹ تەقدىر ››، ‹‹ بالىلىقنى ئەسلەش ›› ، ‹‹ رومىيو-ژولىتتا ››، ‹‹ مۇھەببەت خاتىرىسى ›› ، ‹‹ قىزچاقنىڭ ئىلتىجاسى ›› ، ‹‹ كۆك رەڭلىك سۆيگۈ ›› ، ‹‹ سىرلىق گۈللۈك ›› ...قاتارلىق مۇزىكىلىرى ئەڭ كەڭ تارقالغان ۋە ئەڭ زور ئالقىشقا سازاۋەر بولغان بولۇپ،جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاددىي كەپىلەردىن تاكى چىكاكودىكى  ئايدورۇملارغىچە  ساداسىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ مەخسۇس پىلاستىنكىلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،1976-يىلىدىن ھازىرغىچە 340 دانىدىن ئارتۇق پىلاستىنكا چىقارغان.  ئۇنى بۇ جەھەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى مول ھۇسۇللۇق سازەندە دەپ تەرىپلەش مۇمكىن. ئاساسلىق پىلاستىنكىلىرىدىن : ‹‹ كۈزدىكى پىچىرلاش ›› ، ‹‹ سېرىنادا ›› ، ‹‹ پەقەت مەن ›› ، ‹‹ سۆيگۈ ئۈچۈنلا ›› ، ‹‹ مەڭگۈلۈك پۈتۈم ›› ، ‹‹ ئەيلىسقا تەقدىم ›› ، ‹‹ كىلاسسىك مۇزىكىلاردىن نەمۇنىلەر ›› ، ‹‹ شەرققە مۇھەببەت ›› ، ‹‹ ئېلېنا ››، ‹‹ كىلاسسىك كىنو كۈيلىرىدىن  تاللانما ›› ، ‹‹ فىرانسىيەنى سۆيىمەن ›› ، ‹‹ ئالتۇندەك قەلب ›› ، ‹‹ ھوللىۋود كۈيلىرى توپلىمى ›› ، ‹‹ سۆيگۈ دەرياسىغا غەرق بولۇش ›› ، ‹‹ چۈشۈمدىكى مېلودىيە ››، ‹‹ يېڭى رۇمانتىك باللادالار ›› ، ‹‹ سوناتا توپلىمى ›› ، ‹‹ سۆيگۈ مېلودىيەسى ››، ‹‹ تاساددىپىي ئۇچرۇشۇش ››، ‹‹ ئانامغا مەكتۇپ ›› ، ‹‹ ئامېرىكىچە مۇھەببەت ›› ، ‹‹ يېڭى دەۋر ›› ، ‹‹ ئەنگلىيەدىكى مۇزىكا كېچىلىكى ››، ‹‹ رېچاردنىڭ رۇمانتىك پىيانىنو كۈيلىرى ›› ، ‹‹ شېرىن ئەسلىمە ›› ، ‹‹ رېچارد. كلايدېرمان تاللانما مۇزىكىلار توپلىمى ›› ، ‹‹ گۈزەل دۇنيا ››، ‹‹ ئەر ئايالنى ياخشى كۆرگەندە ››، ‹‹ تۈركىيەنى ياخشى كۆرىمەن ›› ، ‹‹ دۇنياغا سەپەر ››، ‹‹ رىچارد كىلايدېرمان – 2000 ›› ، ‹‹ ئەڭ يېڭى تاللانما كۈيلەر ›› ...قاتارلىقلار ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە پىلاستىنكىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شۈنچە پىلاستىنكىلرى دۇنيا مىقياسىدا تارقىتىلغىنىغا باقماي، يەنىلا ئەڭ بازارلىق، ئەتىۋارلىق پىلاستىنكىلارنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئۇرۇن ئالغان. ھەر قېتىملىق تارقاتقان پىلاستىنكىسى بۇرۇنقى رېكورتىنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ. ھازىرغىچە پىلاستىنكىلىرى 100 مىليون دانىغا يېقىن سېتىلىپ ( قانۇنسىز نەشىر 30 مىليوندىن ئاشىدۇ )، بۇ ساھەدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكوردنى ساقلاپ تۇرماقتا.
ئۇنىڭ كونسېرت ئۆتكۈزۈش سەپىرى 1979-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 60 نەچچە دۆلەتتە 2000 مەيدانغا يېقىن كونسېرت ئوتكۈزگەن. ئۇ كونسېرت ئۆتكۈزمىگەن ۋېينادىكى ھەشەمەتلىك مۇزىكا زاللىرىدىن تارتىپ، ئاسىيانىڭ كىندىكىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىمۇ قالمىغان. يالغۇز ياپونىيەدىلا 700 مەيداندىن ئارتۇق كونسېرت ئۆتكۈزگەن . توكيودىكى كالتەك توپ مەيدانى ۋە جۇڭگو كۈنمىڭدىكى پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن كونسېرتلىرىدا ھەر قېتىم  40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تىقما-تىقماق بولۇپ، ئۇنىڭ مۇزىكىسىدىن ھۇزۇرلانغان. ھەر قېتىملىق كېچىلىكىنىڭ بېلىتى يۇقىرى باھادا سېتىلىپ، مەيداندا بوش ئورۇن قالمىغان. قۇچاقلىرى دەستە-دەستە گۈللەرگە تولۇپ كېتىپ، ئىمزا قويدۇرىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەن. ئۇنىڭ ھەتتا، 250 كۈن ئىچىدە تىنىم تاپماي 250 مەيدان كونسېرت ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرى بولغان. ئۇ يەنە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا 700 قېتىمدىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە مەخسۇس مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، بۇ جەھەتتىمۇ رېكورت ياراتقان. بۇ كېچىلىكلەر ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرىدىن زوقلانغان مۇخلىسلىرىنىڭ قەلبىگە بىۋاستە سىڭىپ كىرىپ، شۆھرىتىنى ئاجايىپ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىۋەتكەن. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان. بۇ يەردە ئۇنىڭ ئالغان مۇكاپاتلىرى ۋە شان-شەرەپلىرىنى ساناپ ئولتۇرمايمىز.پەقەت فىرانسىيە ھۆكۈمىتى تارقاتقان ‹‹ 1990-يىلنىڭ چولپانلىرى ›› نى تاللاشتا بىردىنبىر ‹‹ ئالتۇن پىيانىنو مۇكاپاتى›› ئېرىشكەنلىكىنى قەيت قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمز.
ئۇنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان باغلىنىشى تولىمۇ قويۇق بولۇپ،جۇڭگودا ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرى ۋە كېچىلىكلىرى ئۆز دولىتى فىرانسىيەدىنمۇ بەكرەك ئالقىشقا سازاۋەر. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى جۇڭگودىكى 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممە ئادەم دېگۈدەك سۆيۈپ ئاڭلايدىغان مۇزىكىلار بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ ئاددىي چايخانىلىرىدىمۇ ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى ياڭراپ تۇرىدۇ.  جۇڭگو مۇزىكا ئوبزۇرچىلىرىنىڭ تەھلىلىچە ، رىچارد جۇڭگوغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن ، ئىسلاھات ، ئېچىۋىتىشتىن كېيىن ، جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىش سەۋىيەسىگە ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان چەت ئەللىك سازەندە ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرى جۇڭگودا ھەددىدىن تاشقىرى بازار تاپقان. ئوتكۈزگەن كونسېرىتلىرىغىمۇ تاماشىبىن سىغماي قالىدۇ. ئۇنىڭ جۇڭگوغا بولغان قىزىقىشى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆگەنگەن تارىخ-جۇغراپىيە دەرسىدىكى جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا بولغان ئىشتىياقتىن باشلانغان. شۇڭا، ئۇ جۇڭگونىڭ كەڭ تارقالغان مۇزىكىلىرىدىن ‹‹ يەسىمەن گۈلى ››، ‹‹ قۇياش ئەڭ قىزىل ››، ‹‹ گۈل قەلبى ››، ‹‹ تىيەنئەنمىننى سۆيىمەن ››...قاتارلىق خېلى كۆپ مۇزىكىلارنى ئۆز ئۇسلۇبىدىكى پىيانىنۇ ئۇسلۇبىدا ئىشلەپ ۋە ئۇرۇنلاپ كەڭ تارقاتقان. ئۇنىڭ جۇڭگوغا بولغان كونسېرت سەپىرى 1992-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە جۇڭگونىڭ مەركىزى ۋە چوڭ شەھەرلىرىدىكى  ئەڭ چوڭ مۇزىكا زاللىرى ، تەنتەربىيە مەيدانلىرىدا 200 مەيداندىن ئارتۇق كونسېرت ئۆتكۈزىدۇ.ھەر قېتىمدا تاماشىبىن سىغماي قالىدۇ. مەسىلەن ، ئۇنىڭ كۈنمىڭ پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن كونسېرتىنى 40 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن نەق مەيداندا كۆرۈپ ئالقىش ياڭرىتىدۇ. ئۇنىڭ 1995-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن كونسېرىتىدىكى 12 ئەرخۇچى قىز بىلەن ئۇرۇندىغان ‹‹ مېنىڭ ۋەتىنىم ›› ناملىق مۇزىكا ( بۇ شۇ دەۋردە پىيانىنو بىلەن ئەرخۇنىڭ ئۆز-ئارا تەڭكىشىنىڭ ئەڭ نادىر ئۈلگىسىنى ياراتقان ) نىڭ زىلزىلىسى مۇزىكا زوقمەنلىرىنى ھازىرغىچە ھاياجانغا سېلىپ كەلمەكتە. ئۇ جۇڭگو مۇزىكا ئەسەرلىرى ھوقۇقى جەمئىيىتى بىلەن توختام ئىمزالىغان مۇزىكانتلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقىلىرىنىڭ بىر بولۇپ، جۇڭگو خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ‹‹ جۇڭگو-فىرانسىيە سەنئەت ئەلچىسى ›› سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ 2008-يىلى 6-يانۋار ئۈرۈمچىدىمۇ ‹‹ باھار ساداسى ›› پىيانىنو كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، دىيارىمىزدىمۇ زور ئالقىشقا سازاۋەر بولدى.شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ تەنتەربىيە زالىدا ئالقىشقا كۆمۈلۈپ كەتتى. ئۇ جۇڭگو سەپىرىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يىل 1-يانۋاردىن 17 –يانۋارغىچە جۇڭگونىڭ چوڭ ۋە مەركىزى شەھەرلىرىدە ئىنتايىن داغدۇغىلىق كونسېرتلارنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىدە يەنە بىر قېتىم ئۆچمەس تەسىر قالدۇردى.
ئۇنىڭ پىلاستىنكىلرىنىڭ شىددەت بىلەن بازار تېپىشى، كونسېرىتلىرىغا ئادەم پاتماي قېلىشى، ئورۇنلىغان كۈيلىرىنىڭ زور ئالقىشقا سازاۋەر بولىشى ھەرگىزمۇ سەۋەبسىز ئەمەس. پىيانىنو سازلارنىڭ پادىشاھى بولۇش سۈپىتىدە كىلاسسىك ئاھاڭلارنى، سىمفونىك ئەسەرلەر ئورۇنلىنىش بىلەن قەدىرلىنىپ كەلگەن. شۇڭىلاشقىمۇ ، رېچاردنىڭ ئۇسلۇبىنى كىلاسسىك ئۇسلۇپتىكى، سىمفونىك يۇسۇندىكى مۇنتىزىم ، كەسپىي پىياننىنو ئۇستىلىرىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭىلاشقا ، دۇنياغا داڭلىق كىلاسسىك پىيانىنو ئۇستازلىرى دائىم دېگۈدەك رېچاردنى مەسخىىرە قىلىدۇ ياكى كەسپىي پىيانىنوچى قاتارىدا سانىمايدۇ. لېكىن، رېچارد ئۆزى ئىزدەنگىنىدەك كىلاسسىك مۇزىكىلارنى خەلق ئاھاڭلىرى، مودا ئاممىباب،زامانىۋېي ئاھاڭلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۇنياغا پىيانىنو ئورۇنلاشتا ، يېڭى بىر خىل ئاممىباب ئۇسلۇپ - ‹‹ يېڭى رۇمانتىزىم›› ئۇسلۇبىنى تەقدىم ئەتتى. ئۇنىڭ ئۇرۇنداۋاتقىنى ئۆزىنىڭ ئىجادىي مۇزىكىلىرى، كىلاسسىك مۇزىكىلار، باشقا كومپىزوتۇرلارنىڭ ئاممبىباب كۈيلىرى،ئىجادىي ئاھاڭلاردىن ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن مۇزىكىلار، شەرق ۋە غەربنىڭ خەلق ئاھاڭلىرى، كىنو مۇزىكىلىرى ...قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇ ئاشۇ ئۇسلۇپتىكى كۈيلەرنى ئايرىم ياكى جىپىسلاشتۇرۇپ، پىيانىنودا  زامانىمىز كىشىلىرىگە ئەي يېقىملىق رەۋىشتە ئۇرۇنداپ ئۇتۇق قازانغان ‹‹ ئاممىباب پىيانىنو ئۇستازى ›› بولۇشقا تامامەن مۇناسىپتۇر. ئۇ باسقان پىيانىنو تىللىرىدىن  ياڭراۋاتقىنى كىلاسسىك مۇزىكا بىلەن ئاممىباب ( زامانىۋېي ) مۇزىكىنىڭ ئىنتايىن ماس ھالدىكى جىپىسلىشىشىدىن ھاسىل بولغان ئاھاڭلار بولۇپ، كۈي شەكلى ئاددا –ساددا، راۋان، نەپىس،پۇزۇر، مېلودىيەسى لەرزان، يېقىملىق، گارمونىيەسى ئىخچام، قېنىق شېئىرى ھېسسىياتقا تۇيۇنغان. ئاڭلىغان كىشىنى تەبئىي ھالدا تەبىئەتنىڭ پايانسىز قوينىغا باشلاپ كىرىدۇ، كىشىگە خۇددى ئەي يېقىن كىشىسى بىلەن مۇڭدىشىۋاتقاندەك ، سۆيگەن يارى بىلەن مۇڭدىشىۋاتقاندەك لەززەتلىك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتبەخش ، نەپىس ، ئىلاستىك مۇزىكىلىرى كىشىلەرنى قەلبىنڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇۋاتقان  ئۆز خۇشاللىقى ياكى دەرد-ئەلىمىدەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ، ئارامبەخش مۇزىكا باغرىدا پەرۋاز قىلدۇرىدۇ.ئۇنىڭ مۇزىكىلىردىن سېھىرلەنگەن دىللار ئۇنىڭ مۇزىكىسىنى قايتا ئاڭلىغاندىمۇ ئوخشاشلا رۇمانتىك ھېسلارغا چۆمۈلىدۇ.شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىغا جەمئىيەتنىڭ ھەر قانداق قاتلىمىدىكى كىشىلەر مەپتۇن. مۇزىكا تەربىيەسى يېتەرسىز كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن ئالامچە زوق ئالالايدۇ.دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى مۇزىكا مۇخلىسى ئۇنىڭ پىيانىنو باسقان قوللىرىدىن پىيانىنونىڭ ھەقىقي سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۇ ‹‹ يېڭى رۇمانتىزىم ئۇسلۇبى ›› يولىدىكى تىنىمسىز تىرىشچانلىقى بىلەن پىيانىنونى ئاقسۆڭەكلەرچە ھاكاۋۇر ھالەتتىن دېھقانمۇ بەھرىنەلەيدىغان پۇقراۋېي ھالەتكە كەلتۈرەلىدى. خۇددىي گېرمانىيەلىك بىر ئايال مۇخبىر يازغاندەك : ‹‹ ئۇ بېتخوۋىندىن كېيىن پىيانىنو مۇزىكىلىرىنى دۇنياغا ئەڭ كەڭ تارقاتقان مۇزىكا ئەربابىدۇر ››...شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بىرىنچى خانىمى – رېگان خانىم تەرىپلەپ ، كېيىن پۈتۈن دۇنياغا ئۇمۇملاشقاندەك ‹‹ پىيانىنو شاھزادىسى ›› بولۇپ قېلىشى ھەرگىزمۇ ئەجەبلىنەرلىك بولمىسا كېرەك.

RICHARD CLAYDERMAN - FOTO 2.jpg

ئاقكۆڭۈل، ۋاقىتقا ئىنتايىن رىئايە قىلىدىغان، تارتىنچاق بۇ سەنئەتكارنىڭ  ئائىلىسى ئىنتايىن بەختلىك بولۇپ، ساداقەتمەن ئايالى ۋە بىر ئوغۇل، بىر قىزى بىلەن پارژدا كۈيۈمچانلىق ، ئىناقلىق ئىلكىدە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.
‹‹ پىيانىنو شائىرى ›› دەپمۇ شۆھرەتلىنىدىغان بۇ بۈيۈك سازەندە ھازىر 60 ياشقا بېرىپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن يەنە ياشناپ تۇرغان قەلبى بىلەن دۇنياغا داۋاملىق سۆيگۈ بەخش ئەتمەكتە.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دۇنياغا داڭلىق پىئانىنو شاھزادىسى رىچارد. كىلايدىرمان بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە كىلىپ كىچىك تىپتىكى مۇزىكا كىچىلىكى قىلىپتىكەن. لىكىن ئۇنىڭ داغدۇغە بولغۇدەك ئېلانىنى كۆرمىدۇق . قارىغاندا چوڭراق بىرەر شىركەت ياكى كارخانىچى گوروھلار تەكلىپ قىلىپ ئىچكى قسىمدىلا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە خادىملار بىلەنلە بىلەت تۈگەپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. 2003-يىلى تەيۋەنلىك جوجى لۈن (周杰伦) كەلگەن ۋاقىتتا پۈتۈن ئۈرۈمچىگە ئېلانلىرىنى چاپلاپ چوڭ تەشۋىق قىلىۋىتىپتىكەن.

رىچارد. كىلايدىرمان نىڭ 8 دانە پىلاستىنكىسى :
چۈشۈرۈش ئادىرىسى   :
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +30 يىغىش سەۋەبى
makan + 30 ئىسىل

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2013-4-13 18:28:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەشھۇر پىانىسىتقا‹‹مۇزىكا تەربىيەسى يېتەرسىز كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن ئالامچە زوق ئالالايدۇ.دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى مۇزىكا مۇخلىسى ئۇنىڭ پىيانىنو باسقان قوللىرىدىن پىيانىنونىڭ ھەقىقي سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۇ ‹‹ يېڭى رۇمانتىزىم ئۇسلۇبى ›› يولىدىكى تىنىمسىز تىرىشچانلىقى بىلەن پىيانىنونى ئاقسۆڭەكلەرچە ھاكاۋۇر ھالەتتىن دېھقانمۇ بەھرىنەلەيدىغان پۇقراۋېي ھالەتكە كەلتۈرەلىدى. خۇددىي گېرمانىيەلىك بىر ئايال مۇخبىر يازغاندەك : ‹‹ ئۇ بېتخوۋىندىن كېيىن پىيانىنو مۇزىكىلىرىنى دۇنياغا ئەڭ كەڭ تارقاتقان مۇزىكا ئەربابىدۇر ››...››دىگەن باھا ئەڭ مۇۋاپىڭ،يىتەرلىك ۋە قانائەت ھاسىل قىلارلىق،چۇڭقۇر مەناغا ئىگە باھا بوپتۇ.
سالام ماكانداشلار،ھەممىڭلار ياخشىمۇ
ۋاقتى: 2013-4-13 22:04:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت....مەن بۇياقنىڭ مۇزىكىلىرىنى بىر ئاڭلاپ باقسام بولغۇدەك .....
ئاللا خالىسا بىلىدىغانلىرىم كۈن سايىن ئاشماقتا رەھمەت سىلەرگە ئۇستازلار......
ۋاقتى: 2013-4-13 23:26:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىتىنلا شۇنداق مەشھۇر كىشى بۇ
ۋاقتى: 2013-4-14 01:00:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ..كۆپ جاپالارنى تارتىپ تەييارلىغان مۇنۇ تېمىڭىزغا ..
مۇشۇ ئىنكاس يىزىش خوشياقماي خەقنىڭكىنى كۆچۈرىدىغانلارغا نىمە دىسەم بولا [em:24:]
ۋاقتى: 2013-4-14 02:49:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما بوپتۇ  ،  رەھمەت!  خاتالاشمىسام بىز  ئۇ يەر بۇ يەرلەردە ئاڭلاپ ، دۇنياغا داڭلىق پىئانىنو مۇزىكىسى  دەپ  يۈرگەن مۇزىكىلارنىڭ  ھەممىسىنى مۇشۇ  ئادەم  چالغان ، بولۇپمۇ  بىتخوۋىن قاتارلىق داڭلىق مۇزىكا  پېشۋالىرىنىڭ  بۇرۇنقى  شۇ  مۇزىكىلىرىنى  يېڭى  زامانچە رېتىم بىلەن بىزگە  قايتا  تونۇتقان . مەسىلەن  «ئەيلىسكە تەقدىم» نى  ھەممە  ئادەم دېگۈدەك  بىلىدىغۇ  ، ئەمما  ئۇنىڭ  ئەسلىسى پەقەتلا  ساپ  پىئانىنو  بىلەن  چېلىنغان  ،  لېكىن بىزگە تونۇشلۇق ، كوچىلاردا ،  بازارلاردا  قويۇلىدىغىنى  بولسا     باس  ۋە  دۇمباقلار  بىلەن  رېتىملىق  چېلىنىدىغان  نۇسخىسى .  
ۋاقتى: 2013-4-14 13:44:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تېمىنى يوللاپ تەييارلىغان قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن.
رەھمەت سىزگە..
ۋاقتى: 2013-4-14 23:13:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز،  رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-4-14 23:39:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قىممەتلىك ھەم ئەھمىيەتلىك تىمايوللاپسىز.
مۇنبەرنىڭ ئىچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن
ۋاقتى: 2013-4-15 13:15:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجانغا رەھمەت،مۇشۇنداق ئىسىل تېمىلار نۇرغۇن ئەجىرلەر بىلەن ۋۇجۇتقا كىلىدۇ،مۇنبەرنى ئاختۇرساق نۇرغۇن ئىسىل تېمىلار بار،شۇ تېمىلار ئاپتورنىڭ نۇرغۇن ئەجىرى بىلەن دوسلارنىڭ پايدىلىنىشىغا يوللىنىلىدۇ.....
باشقا دوسلارمۇ قانچىلىك بىلسەك شۇنچىلىكنى يوللىساق نۇرغۇن بىلىملەر مەيدانغا كىلىپ دوسلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ۋە يازما ماتىرىياللار كام بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ....تاما-تاما كۆل بولۇر!
مۇنبەردىكى باللا تېخىچە قىشلىق ئۇيقىدىن ئويغۇناي دىمەيدىغۇ؟
ۋاقتى: 2013-4-15 13:34:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا رەھمەت ئەخمەتجان....
ۋاقتى: 2013-4-15 21:58:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ئېسىل تېما يوللاپسىز ! مۇزىكىسى بولسا ئايماي يوللاڭلار !
ۋاقتى: 2013-4-16 11:17:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ،ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز!
مۇنبەردىكى بارلىق كەسىپداشلارنىڭ ئىشلىرىن ...
ۋاقتى: 2013-4-16 16:13:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ تىما ھەقىقەتەن چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇردىكەن. شۇنداقلا مۇزىكىنىڭ سىھرى كۈچىنى ئاشۇرۇپ ئادەمنىڭ  مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشىنى يۇقىرى كۈتۈرىدىكەن . مۇشۇتاپتا مەن ئۇقۇۋاتقان مەزگىلىمدىكى پىئانىنو چېلىۋاتقان كۈرنۈشىمنى ئەسلەۋاتىمەن . E:\新建文件夹 (2)
ۋاقتى: 2013-4-16 16:15:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە !!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2017-2-22 13:18 , Processed in 1.031270 second(s), 93 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش