玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلا

مەن كۇباستا ئاۋازنى 1 يولغا مۇزىكىنى 1 يولغا ئالدىم ئۈنۈل

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

دوسلا ياخشىمۇسىلە؟ ماڭا ئابدۇغېنى (خال) ئاكىمىزنىڭ يار دەرد

http://dskmusic.vst4free.com شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇرغانلىقتىن يوللۇدۇم ئىھتىياجلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! :handshake ماكان مۇزىكا بىلىملىرى مۇنبېرىدىكى بارلىق كەسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ماكان مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ھەممىڭلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بول

مەن مۇزىكىلارنىڭ نوتىسىنى كومپىيۇتېرغا ئۇرۇپ كىرگۈزەي دېگەن لېكىن ۋورد ھۆججىتىگە ماسلىشىدىغان ياكى ئۈنۈمى ئاددىيرا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلېرىم يىقىندا مىنىڭ بىر دۇستۇم ktv ئاچقان خەنزوچ

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر داشلار ھەممىڭلا

باھا بەرگەيسىلەر attach://6462.mp3

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

كومپىيوتۇرۇمغا ۋىندوۋىس 8 قاچىلىغان ئىدىم لىكىن بۇرۇن ۋىندوۋىس 7دە نۇرمال ئىشلەتكەن

چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.esi-audio.cn/?action=support&page=download بۇ قىتىمقى

fl studio harmor نىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋازلىرى . 6095609660976098 چۈشۈرۈش : 6099

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار

بۇ halion نى ئىشلىتىش دەرىسلىكى ،،،،،،،،بۇ مىللى ئاۋاز مەنمەلىردىن دۇتار › تەمبىر ›راۋاپ› ساتتار ›نەي قاتارلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكانداشلار ياخشىمۇسىلەر بۇ دورەم تور ئارلاۋېتىپ

‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى› تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ۋە مەنبەلىرى توغرىسىدا بەختىيار ئابدۇساتتار ئاساسى مەزمۇنى: ئۇيغۇر مۇقاملىرى

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

ھۈمۇر قەدىرلىك ،كاككۇك ،مايسىلار، گۇل ھۇزم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مە

مەندە YAMAHA 2100 رويال بار.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ،مەن يىڭىدن گىتتا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ،پىرى سونۇس م

مەندە بىر ئاۋاز كارتىسى باھاسى بەك ئەرزان ئا

ماۋۇ MIDI جەنپەننې ئشلېتېپ باققانلار بامۇ ئاڭلېسام مۇزېيكېغا شاۋكو بەكېلې

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر ئەھلى كەمىنە «ئوسمانجان تەمكىن» دىن ھەممىڭلارغا ئ

قىرىنداشلىرىم ئايرىلىش دىگەن ناخشىنىڭ تىكىسىنى

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

6169 بىز تۆۋەندە Pop music ساھەسىدە ئەڭ ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئاۋاز يىيشتۈرۈش ئۇستىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى. ئالدى بىل

قەشقەردە 2- قول مۇزىكا ئەسۋاب دۇكىنى بارمۇ؟ مەسىلەن:ياڭراتقۇ؟ ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسى،مې

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

بۇ قېتىمقى مەشرەپ بېيجىڭدا مەشھۇر چاڭگائ ولىمپىك مەيدانىدا سۈرەتكە ئېلىنىپ ، 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ت

ئاڭلىسام بۇ دىتال مۇزىكىدىن ئادەم ئاۋازىنى ئايرىپ بېرىدىكەن ،راسمۇ؟ 6379

جەمئىي مىكروبلوگ 1858 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • باغاق 2016-3-25 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ناخشا كەسپىدىن خىزمەت ئىزدەيمە. ئۇزەم كۇچا ناھىيسىدىن....18096974302

  • millitim3 2016-3-13 13:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ‹‹  مۇنبەر بەكلا جىمىپ كىتىپتىغۇ   

  • millitim3 2016-3-5 16:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىردىكى دوسلار  ئوسمانجان ‹تەمكىن›دىن سالام

  • letip 2016-2-19 22:02 [ئىنكاس(1)] [...]

    بۇ مۇنبەردە بىرچاغلاردىكىدەك قىزغىنلىق يوقيا؟

  • ∮AKKAPTAR∮ 2016-1-8 16:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرلەرگە كىرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،قېرىنداشلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن

  • كاچۇڭ00 2016-1-5 02:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    بولسا مۇشۇ مۇزىكا ئىشلەشكە دائىر سىستىمىلارنى بىر توپلاپ ئايرىم چۇشۇرۇش ....

  • waliyor 2015-12-2 10:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم ئ‍ۇستازلا ماڭا خېنىم جورام نىڭ مۇزىكىسى لازىمتى

كۆرۈش: 7579|ئىنكاس: 29

Mixing - مۇزىكا ئۈنۈملەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:

مۇزىكا ئۈنۈملەش ھەممىمىزنىڭ دىگۈدەك بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مۇزىكا ئۈنۈملەش ئىشى پۈتۈن دۇنيادىمۇ مۇزىكا ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئاساسلىق باش قاتۇرىدىغان مەسىلىلىرىدىن بىرسى. تۈركلەردە مۇنداق بىر گەپ بار «مۇزىكا ئۈنۈملەش مۇزىكىنى ھەم ۋەزىر قىلىدۇ ھەم رەزىل قىلىدۇ». دىمەكچى بولغىنى، ئەگەر مۇزىكا توغرا ئۈنۈملەنسە ئادەتتىكى مۇزىكىمۇ ياخشى بىر مۇزىكىغا ئايلىنالايدۇ، ئەگەر ياخشى ئۈنۈملەنمىسە ياخشى مۇزىكىنىمۇ ھىچنىمىگە ئوخشىمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قۇيىدۇ.

مۇزىكا ئۈنۈملەش ئىشى بىر مۇزىكىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم باسقۇچلىرىدىن بىرسى بولۇپ، بىر مۇزىكا ئىشلەش جەريانىدا لازىم بۇلىدىغان يېڭىلىق يارىتىشچانلىق بۇ باسقۇچتىمۇ لازىم. بەك ياخشى بىر قۇلاق، تېخنىكىلىق چۈشەنچە، مول تەجرىبە، توغرا ۋە يىتەرلىك ئەسۋاپ-ئۈسكۈنىلەر مۇزىكا ئۈنۈملەش ئىشىنىڭ ئاساسىدۇر. ئەپسۇسكى مۇزىكا ئۈنۈملەش ئىشى ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىنىڭ ئەڭ ئاجىز ھالقىسى شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق زامانىۋى مۇزىكىلار چىقىرالماسلىقىمىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرسىدۇر. بىزدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر بولسا مەبلەغ يېتىشمەسلىك، مۇزىكا ئۈنۈملەش ئۈچۈن تار، كىچىك، ئىنتايىن ناچار ۋە خاتا ئاكۇستىكا سۈپىتى بولغان ئۆيلەرنى ئىشلىتىش، كەسپىي ياڭراتقۇلارنىڭ خاتا جايلاشتۇرۇلىشى، ئاۋاز-چاستوتا توغرىسىدىكى بىلىمنىڭ كامچىلىقى ھەتتا يوق دىيەرلىك دەرىجىدە بۇلىشى ۋەھاكازا... قاتارلىقلاردۇر.

تۆۋەندە مۇزىكا ئۈنۈملەش توغرىسىدا قىسقىچە بىلىمگە ئىگە بولۇپ ئۆتىمىز.  



ئۈنۈملىمەكچى بولغان مۇزىكىنى ياخشى تەييارلاش كېرەك. مۇزىكا ئىشلىگەندە چاستوتىسى بىر-بىرسىگە بەك يېقىن كېلىدىغان سازلارنى ئىشلىتىشتىن ئامال بار ساقلىنىش كېرەك. ئاۋازلارنى:

1. تەكشىلىك ( ئاۋازلارنى ئوڭ-سول تەرەپكە ئۆلچەملىك تارقىتىش )
2. تىكلىك ( ئاۋاز چاستوتىلىرىنى ئۆلچەملىك تارقىتىش )
3. چوڭقۇرلۇق ( ئاۋازلارنى ئالدى ئارقا، يىراق-يېقىنغا ئۆلچەملىك تارقىتىش )

قاتارلىق يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بۇيىچە 3D شەكلىدە جايلاشتۇرۇش كېرەك.  

ئۈنۈملەشنى باشتا ئاۋازلارنى ئوڭ-سول تەرەپكە تارقىتىش ۋە يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى تەڭشەشتىن باشلاڭ. ئاندىن كېيىن ئاۋازلارنىڭ چاستوتىلىرىنى بىر-بىرلەپ تەڭشەشكە باشلاڭ، بىر-بىرسى بىلەن تاقىشىپ قالغان ئاۋازلارنى تەڭشەڭ، بۇنىڭ ئۈچۈن Parametric EQ نى ئىشلىتىڭ. ئاندىن مۇزىكىنى يىراقتىن، يېقىندىن، ئالدى-ئارقا تەرەپتىن چىقىدىغان قىلىپ تەڭشەڭ، يەنى مۇزىكىغا چوڭقۇرلۇق تۇيغۇسى بېرىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋازلارغا ياڭرىتىش، ئەكىس سادا ۋە سۈزگۈچ ئۈنۈملىرىنى بېرىپ تەڭشەڭ. بولۇپمۇ ياڭرىتىش ئۈنۈمىنى بەرگەندە دىققەت قىلىش كېرەك، ھەرگىز جىق بېرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا بار-بىلەن يوقنىڭ ئارلىقىدا بەرسە ئەڭ مۇۋاپىق. ئامال بار ئاۋازلارنى يېيىشقا تىرىشىڭ، بوش قالغان يەرلەرنى توشقۇزۇڭ. باشتا ئۇدار ۋە باسنى ئۈنۈملەشتىن باشلىسىڭىز بۇلىدۇ. ئاندىن كېيىن يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بۇيىچە باشقا سازلارنى ئۈنۈملەشكە باشلىسىڭىز بۇلىدۇ.

يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بار، ئەگەر ئۈنۈملىمەكچى بولغان مۇزىكىدا ناخشىچى ئاۋازىمۇ بار بولسا، ئاۋاز بىلەن مۇزىكىنى تەڭ ئۈنۈملەپ مېڭىڭ. ئاۋازنى ئۈچۈرۈپ قويۇپ باشتا مۇزىكىنى ئۈنۈملەپ ئاندىن ئاۋازنى ئۈنۈملىمەڭ. چۈنكى ناخشىچى ئاۋازىنى ئۈنۈملەشنى كېيىنگە ئېلىپ قويسىڭىز، ئاۋازنى ئاچقاندا پۈتۈن ئۈنۈملەشنى قايتىدىن ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشىڭىز مۈمكىن.

مۇزىكا ئۈنۈملەش ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم نەرسە ياڭراتقۇ بولۇپ، ئامال بار كەسپىي ياڭراتقۇ ئىشلىتىش كېرەك. چۈنكى كەسپىي ياڭراتقۇلار ئاۋازلارنى توغرا ۋە ئەڭ تۈز ھالىتىدە چىقىرىپ بېرىدۇ. ئەڭ تۆۋەن چاستوتىدىكى ئاۋازلارنىمۇ ئېنىق چىقىرىپ بېرەلەيدۇ، مۇزىكىدىكى خاتا كەتكەن يەرلەرنى دەرھال بايقىغىلى بۇلىدۇ. ئەگەر ئۆي ئىچىدە بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانساق ئۆينىڭ ئاكۇستىكىلىق تۈزىلىشىنى چوقۇم ياخشى ئورۇنلاشتۇرىشىمىز كېرەك. يەنى ئۆينىڭ ئىچىدىكى جاھازىلار ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئاۋازنىڭ توغرا چىقىشىغا توسالغۇ بولمايدىغان شەكىلدە جايلاشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن ياڭراتقۇ تامغا يېقىن بولسا تامنى ئاۋاز سۈمۈرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قاپلاش ۋە ئارقا تامغا ئاۋاز تارقاتقۇچى رولى ئوينايدىغان بىر نەرسە قويۇش كېرەك. مەسىلەن ئىچىدە لىق كىتاپ بار بىر كىتاپ جازىسى ياخشى بىر ئاۋاز تارقاتقۇچى بۇلالايدۇ. ياڭراتقۇلارنى بىر-بىرسىدىن تەخمىنەن 1.5 مېتىر ئۇزاقلىقتا ئىككى قۇلاققا قاراپ تۇرىدىغان قىلىپ قۇيۇش كېرەك.

- ئاۋاز ئۈنۈملەش ئىشىنى ئەڭ ياخشىسى ئاخشاملىرى قىلماڭ، چۈنكى ئاخشام ۋاقىتلىرى قۇلاقنىڭ ئەڭ ھارغىن ۋاقىتلىرى بولۇپ بەزى ئاۋازلارنى توغرا ئاڭلىيالماسلىق ۋە خاتا ئۈنۈملەش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىشى مۈمكىن. ( مەنمۇ بىر كىچە ئۇخلىماي مۇزىكا ئۈنۈملەپ كېيىن جىق يەرلىرىنىڭ خاتا چىققانلىقىنى بايقىغان ئىدىم )

- ئۈنۈملىگەن مۇزىكىنىڭ ئاۋازىنى چوڭ ئېچىپ باشقا ئۆيلەرگە چىقىپ ئاڭلاپ بېقىڭ، بۇنىڭ ئاۋازنىڭ تەڭپۇڭ چىقىپ-چىقمىغانلىقىنى بايقاشقا پايدىسى بار.

- مۇزىكىنى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلاپ ئاۋاز تەڭپۇڭلىقىنى يەنە تەكشۈرۈڭ، چۈنكى يۇقىرى ئاۋازدا ھەممىدىن بەك باس ئاۋازى ئاڭلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن بەزى چالغۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالماسلىقىڭىز مۈمكىن.



...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2شۆھرەت +45 يىغىش سەۋەبى
ahmatjan + 15 很给力!
makan + 30

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2008-10-7 00:02:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇتىمىڭىز ناھايىتى ياخشى يوللۇنۇپتۇ....ھەقىقەتەنمۇ پايدىلىنىش قىممىتى كۆپكەن....
جاپا تارىتتىڭىز...رەخمەت سىزگە.............
ۋاقتى: 2008-10-7 00:03:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىسىل تېمىنى 13 ئادەم كۆرۈپ ئىنكاس يازمىغىنىنى .................. ،بۇنداق مىزلىك تائامنى مەن باشتا يەۋالاي...............شۇنداق ئىسىل تېما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!
تېمىڭىز ئۈچۈن تارتۇقلىنىسىز ،دوسلار مانا مۇشۇنداق تېخنىكىلىق تېمىلار جىقىراق ئوقۇسا ،مۇشۇ بىلىم تورۇغلۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولسا ئاندىن بىر مۇزىكىنى ياخشى ئىشلىيەلەيدۇ،تېمىڭىزغا يەنە بىر رەھمەت!
يەنە بىر ئىش مەردان ئەپەندى،بولسا تۈركىيەدىكى مۇشۇنداق تور بەتلەردىكى ئىسىل تېمىلارنى مالال كۆرمەي بىز تەرەپلەرگىمۇ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرسىڭىز،يەنە سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم،ھەممەيلەننىڭ چىن كۆڭلىدىكى مەخسىدى بىر!يەنى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر مۇزىكىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش،نەزىريىۋى بىلىملەرنى تولۇقلاش....................بانىيىم جىـــــــــــــــــــــق!~~~~~..................

ۋاقتى: 2008-10-7 00:16:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى يوللانما makan تەرىپىدىن 2008-10-7 00:03 دە يوللانغان
مۇشۇنداق ئىسىل تېمىنى 13 ئادەم كۆرۈپ ئىنكاس يازمىغىنىنى

مەن تېمىنى ئوقۇپ بولغۇچە 2 ئىنكاس يېزىلىپ بوپتۇ ~~~~
ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز ،مۇشۇنداق تېمىلېرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.
تېمىڭىزنى ئوقۇپ سىزگە رەخمەت ئېيتىشقا ۋاقتى چىقمىغان بارلىق تورداشلار نامىدىن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن .
كــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــۆپ رەھــــــــــــــمــــــــــــــــــــــــــــــــــــەت سىــــــــزگــــــە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2008-10-7 03:06:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارغا كۆپ رەخمەت. مېنىڭچە ھەممىمىز قۇلىمىزدىن كېلىشىچە ئازدۇر-كۆپتۇر ماكان مۇزىكا تورىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. چۈنكى بۇنداق بىر تور بەت، يەنى كومپىيۇتىر مۇزىكىسى توغرىسىدا بىر-بىرسىمىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان، بىلگەنلىرىمىزنى ئورتاقلىشالايدىغان، كومپىيۇتىر مۇزىكىسى ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئېھتىياجى بارلارغا ئۈگىتىپ تەمىنلەيدىغان، مۇزىكا توغرۇلۇق ئاز بولسىمۇ نەزىرىيەۋى بىلىملار بىلەن تەمىنلەۋاتقان باشقا بىر ئۇيغۇرچە تور بەت يوق، ياكى بار بولسىمۇ مەن تېخى كۆرمىدىم.

ھەممىمىز ئۆزىمىز ئىشلىگەن مۇزىكىلارنى بىر يەرلەرگە چىقىرىپ باشقىلارنىڭ بۇ مۇزىكىنى ئاڭلىشىنى، بولۇپمۇ بۇ ئىشنى چۈشىنىدىغان كەسىپ ئەھلى، ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارلارنىڭ باھالىشىنى، پىكىر، كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرچە يەنە ماكان مۇزىكا تورىدىن مۇۋاپىق باشقا تور بەت يوق دېسەكمۇ ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز. مەن تۇنجى قېتىم بۇ تور بەتنىڭ ئادرىسىنى دىيارىم تور بېتىدە كۆرۈپ قېلىپ دەرھال كىردىم ۋە ئەزا بولدۇم. مەن بىر ئىشتىن سىرتقى مۇزىكا ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇزىكا بىلىملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئۇيغۇرچە تور بەت تاپقانلىقىمغا ئىنتايىن خوشال بولدۇم. جان بېقىش ھەلەكچىلىكىدە ياقا يۇرتلاردا ئالدىراش ئىشلەپ يۈرگەن بولساممۇ ئامال بار بوش ۋاقىتلىرىمدا بۇ تور بەتكە كىرىپ قولۇمدىن كېلىشىچە بىر نەرسىلەرنى قىلىشقا تىرىشتىم. خۇدايىم بۇيرۇسا بۇندىن كېيىنمۇ بوش ۋاقىتلىرىمدا داۋاملىق كىرىپ ماكان ئەپەندىنىڭ ئېيتقىنىدەك تۈركىيە ۋە چەتئەللەردىكى مۇزىكىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى يوللاپ تۇرىمەن. يېڭى-يېڭى VST لارنى چۈشەندۈرۈپ تۇرىمەن.

بىر باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، مۇنبەر قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە 217 ئادەم مۇنبەرگە ئەزا بولۇپتۇ. لېكىن مۇنبەردە خەت يېزىپ تۇرىدىغانلارنىڭ سانى 10-20 ئادەمدىن ئاشمايدۇ. مۇشۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغان ھىچقايسىمىز بۇ مۇنبەرنىڭ چۆلدەرەپ تاقىلىپ قېلىشىنى خالىمايمىز، چۈنكى بىزگە لازىملىق يۇمشاق دېتال، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى، مۇزىكا توغرۇلۇق ئاز-ئازدىن بولسىمۇ يېزىلىۋاتقان نەزىرىيەۋى بىلىملەرنى ئۇيغۇرچە ئۆز ئانا تىلىمىزدا چۈشەندۈرۈپ يېزىۋاتقان بىر تور بېتىمىز بار. شۇڭا ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر كۈچ چىقىرىپ مۇنبەرنىڭ گۈللىنىپ ھەقىقىي بىر كەسپىي مۇزىكا تورىغا ئايلىنىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قۇشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا ماكان مۇزىكا تورى ئۈچۈن كۆپ چىقىرىۋاتقان ماكان ئەپەندىگە ۋە باشقا بارلىق تورداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن.

ئوبامادەكلا سۆزلىۋەتتىم ، خاتا كەتكەن يەرلىرىم بولسا كەچۈرۈڭلار.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2008-10-7 03:12:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ئاستىدا تورداشلار مۇزىكا ئۈنۈملەش جەريانىدا يۇلۇققان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا، كۆپچىلىك بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ باقساق ياخشى بۇلاتتى.
ۋاقتى: 2008-10-7 11:03:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇ ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ .مەنمۇ بەكلا خام مۇشنىڭدا ، يازغىنىڭىزدىن خېلى كۆپ نەرسىلارنى بىلىۋالدىم ، ھازىرچە مەن بۇ توغرىسىدا نىمە دىيىشنى بىلمەيمەن ،بۇ ساھەدىكى ئۇستاز لارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالاي .
ۋاقتى: 2008-10-7 11:08:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تىمىنى تەپسىلى ئوقۇپ ئۆزەمدە بار بۇلغان ئاجىزلىق تەرەپلەرنى ھىس قىلدىم بۇ توغرۇلۇق بىلىمگە ئىگە بۇلدۇم مۇشۇنداق نادىر تېمىلار كۆپلەپ يۇللىنىپ تۇرسا بىزدەك يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرمۇ قارىسىغا بىر ئىشقىلماي چۈشۈنۈپ ئش قىلساق ناھايىتى ياخشى ئىش مەردان ئەپەندىم شۇنچەيىراقتا تۇرۇپ مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى يۇللاپ بىزلەرنى كەسپى بىلىملەر بىلەن تەمىن ئېتىپ تۇرغۇنىڭىزغا مەن كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي تېنىڭىز سالامەت ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بۇلغاي قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىگەي
ۋاقتى: 2008-10-7 12:15:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ،  بەك  ياخشى  تېما  بولۇپتۇ  ،   بولۇپمۇ  بىزدەك  يېڭى  ئۆگەنگۈچىلەر  ئۈچۈن   ناھايتى  ئوبدان  ئىشتىن  بىرنى   قىپسىز ،  رەخمەت .
ۋاقتى: 2008-10-7 23:49:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىغى بىلەن ماكان توربىكىتىگە داۋاملىق كىرىپ تۇرالمايۋا تىمەن لېكىن بىكار ۋاختىم چىقسىلا ئۇدۇللا مۇشۇ توربەتنى ئاچىمەن چۈنكى بۇ توربەت د ج مەردان ئەپەندى دىگەندەك كومپىيوتىر مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى توربەت.
ماكان توربىكىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ھەممەيلەن تىرىشايلى!
ۋاقتى: 2008-10-8 10:43:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەردان ئەپەندى ھەقىقەتەن كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.بىزمۇ(يېڭىدىن ئۈگنىۋاتقانلار)مۇشۇنداق ئىقتىدارلىقلار توپلاشقان سورۇندىن ئۇرۇن ئالالىغىنىمىزدىن خۇرسەن بولساق بۇلىدۇ.
ۋاقتى: 2008-10-9 11:50:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كىچىكىپ كۆرگەن بولساممۇ   .  لىكن كۆرگۆنومدىن ناھايىتى خۇشال مەن   بىزدە مۇشۇ ئىش بىر چوڭ كاۋاك ئىدى !!!  بۇندىن كىين  تۈزۈلۈپ كەتكۈسى!!!!
mmt
ۋاقتى: 2008-10-9 14:19:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى ئوقۇپ خېلى كوپ ئىشلارنى بىلىۋالدىم بۇنداق ياخشى تىمىنى يوللىاپ بەرگىنىڭىزگە رەخمەت .
مەن ئاۋازنى يېقەن-يىراقتىن ئاڭلىنىدىغان قىلىشقا قايسى ئانۇملىگۇچنى ئىشلىتىشنى بىللەلمەيۋاتىمەن  .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2008-10-9 16:41:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇزىكىنى مۇشۇ يىراق-يېقىندىن چىقىدىغان قىلىپ ئۈنۈملەش سەل تەسراق.
بۇنىڭ ئۈچۈن ياڭرىتىش بىلەن سۈزگۈچ ئۈنۈمىنى تەڭ ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك. ئاندىن ئاۋازنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى بۇنىڭغا قاراپ تەڭشەپ بېرىش كېرەك. يەنە ئەھۋالغا قاراپ سىتېرىئولۇق كېڭەيتىش ئۈنۈمىنىمۇ ئىشلەتسە بۇلىدۇ.

ئادەتتە بىر ئاۋاز يىراقتىن يېقىنلاپ كەلگەندە باشتا تۇتۇق بىر خىل ياڭراق ئاۋاز ۋە ئاز-تولا ئەكىس سادا بىلەن كېلىدۇ. يېقىنلاشقانسىرى سۈزۈكلىشىپ ياڭرىشىمۇ  نورمال سەۋىيەگە چۈشىدۇ. بىر ئاۋازنىڭ يىراقتىن كېلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش ئۈچۈن باشتا سۈزگۈچ ئۈنۈمى بىلەن تۇتۇقلىتىپ چوڭقۇرلۇق تۇيغۇسى بېرىپ، ياڭرىتىش ئۈنۈمىنى قۇشۇپ، ئاۋازنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى تەڭشەپ بەرسەك بۇلىدۇ. ئەھۋالغا قاراپ سىترېئولۇق كېڭەيتىش ئۈنۈمى بەرسەك بۇلىدۇ. مۇزىكا يېقىنلاشقانسىرى سۈزگۈچنىڭ ئۈنۈمىنى ئازايتىپ، ياڭرىتىش ئۈنۈمىنى سەل چۈشۈرۈپ، ئاۋازنى ئېچىپ بەرسەك بۇلىدۇ.

مەنمۇ بۇ ئىشنى دىگەندەك ياخشى قىلالمايمەن. بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي سىرىنى بىلىدىغانلار بولسا تەپسىلىي دەپ بەرسەڭلار.
مەن FL Studio دا بۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈنۈملىگۈچلەرنى ئىشلىتىمەن:

سۈزگۈچ ئۈنۈمى: Fruity Free Filter
ياڭرىتىش ئۈنۈمى: Fruity Reverb 1-2
سىترېئولۇق كېڭەيتىش ئۈنۈمى: Fruity Stereo Enhanzer

[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى DJ_MardaN ، ۋاقتى: 2008-10-9 17:02  ]
ۋاقتى: 2008-10-10 13:51:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەردان ئەپەندى يول كورسەتكىنىڭىزگە رەخمەت .      مەن سىناپ باقاي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2016-4-4 17:59 , Processed in 1.062527 second(s), 78 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش