ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 415 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 1155|ئىنكاس: 12

Fruity 3x Osc رەسىملىك دەرس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
38 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-8
تىزىملاتقان
2008-5-1
نادىر
4
جۇغلانما
200
يازما
152

makan

يوللىغان ۋاقتى 2009-4-30 06:22:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


چۈشۈرۈش:

http://djmardan.qupan.com/3181151.html

http://www.fileupyours.com/view/243823/DJ_MardaN%20-%20Synth%20Maxik_9.mp3

http://sites.google.com/site/djmardan/Home/DJ_MardaN-SynthMaxik_9.mp3?attredirects=0

http://sites.google.com/site/djmardan/


Trance مۇزىكىلاردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، ئاڭلىغاندا ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان، بەزىدە ئادەمگە خۇددى قانلىق جەڭ مەيدانىدا چىقىۋاتقان شىددەتلىك بوراندەك تۇيغۇ بېرىدىغان، ھەيۋەتلىك Synth-Lead ئاۋازىنى، FL Studio 8 دە چىقىرىشنى ئۈگىنىمىز. نەچچە مىڭ دوللارلىق ئۈسكۈنىلەردە چىقىرىدىغان بۇ ئاۋازنى چىقىرىش ئۈچۈن،
FL Studio 8 نىڭ ئىچىدىكى چوڭلۇقى 3 mb كەلمەيدىغان fruity 3x Osc دېگەن كىچىككىنە دېتالنى ئىشلىتىمىز.

مەشىقنى باشلاشتىن بۇرۇن، Synth ئاۋازى توغرۇلۇق قىسقىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ ئۆتەيلى.

بىر دېسكو مۇزىكىسىنى، بىر Trance مۇزىكىسىنى ۋە باشقا نۇرغۇن زامانىۋى مۇزىكىلارنى مۇزىكا قىلىدىغان ئاۋازلارنىڭ ئىچىدە Synth ئاۋازى ئەڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.
Synth - بىر مۇزىكا ئىجادىيەتچىسىنىڭ ئىچىدىكى پۈتۈن تۇيغۇلىرىنى ئەركىن ئىپادە قىلىشىغا ياردەمچى بۇلىدىغان،  بەزىدە ھەسرەتنى، بەزىدە خوشاللىقنى، بەزىدە بولسا غەزەپنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھېس قىلدۇرىدىغان، مۇزىكىنىڭ تۇمۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان قاننى ھارماي-تالماي سىقىپ چىقىرىدىغان، ھاياجاننىڭ ئۈستىگە ھاياجان قۇشىدىغان بىر يۈرەككە ئوخشايدۇ.   

ئەمدى ئىشنىڭ ھىسسىياتچان تەرىپىنى قويۇپ تۇرۇپ تېخنىكىلىق قىسىمىغا كېلەيلى.

Synth بولسا ئىنگىلىزچىدىكى Synthesizer دىگەن گەپنىڭ قىسقارتىلىمىسى بولۇپ،
-Synthesizer نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان ئاۋازلارنى بىر مەنبەدە توپلاپ، ئۇلارنى بىرىكتۈرۈپ، يېڭى بىر ئاۋاز قىلىپ چىقىرىدىغان ئۈسكۈنىنىڭ ئىسىمىنى كۆرسەتسە،
-Synth مۇشۇ ئۈسكۈنىدە بىرىكتۈرۈلۈپ ئىشلەپچىقىرىلغان يېڭى ئاۋازنى كۆرسىتىدۇ.
Synthesizer نى ئۇيغۇرچە ئېلىكترونلۇق ئاۋاز بىرىكتۈرگۈچ دەپ ئالساقمۇ بۇلىدۇ.

ئېلىكترونلۇق ئاۋاز بىرىكتۈرگۈچلەرنىڭ قىسقىچە تارىخىغا بىر نەزەر تاشلاپ باقايلى.

بۇ ئاۋازنى چىقىرىش ئۈچۈن ئەڭ باشلاردا بۇ ئۈسكۈنە ئىشلىتىلدى.




كېيىن Bob Moog نىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تۇنجى ئۆلچەملىك ئاۋاز بىرىكتۈرگۈچ ۋە كونۇپكا تاختىسى مەيدانغا كەلدى.




پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلغانسىرى بىرىكتۈرگۈچلەر كىچىكلىدى.




-1970 يىللار




80- يىللارنىڭ باشلىرىدا Paul Hardcastle ۋە JMD ئاۋاز دولقۇنلىرىنى كونترول قىلىش تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.
شۇنىڭ بىلەن ئاۋاز ئۆرنەكلەش ۋە ئارىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى مەيدانغا چىقتى. تۇنجى ئۆرنەكلىرىدىن synclavier :




90- يىللارنىڭ باشلىرىدا سىفىرلىق ئاۋاز بىرىكتۈرگۈچلەر ئىشلەپچىقىرىلدى.
YAMAHA DX27




ROLAND D-50




ۋە كۈنىمىزدىكى ھالىتى:




كۆرگىنىمىزدەك 60 يىل بۇرۇن 2-3 توننىلىق ئۈسكۈنە بىلەن چىقىرىلىدىغان ئاۋاز، بۈگۈن 2-3 مېگابايتلىق كىچىككىنە بىر يۇمشاق دېتال بىلەن چىقىرىلماقتا.
لېكىن بۇ دىگەنلىك دېتال بىلەن ھەممە ئىشنى قىلغىلى بۇلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. يۇمشاق دېتالدا ئىشلەنگەن بىر سىفىرلىق ئاۋاز ھەر قانچە قىلسىمۇ، ئېلىكتىر سېگنالى ئىشلىتىدىغان ھەقىقى بىر ئۈسكۈنىدە چىققان ئاۋازدەك جانلىق ۋە سۈپەتلىك چىقمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇزىكانتلار ھازىرغىچە نەچچە مىڭ دوللار قىممىتىدىكى ئېلېكترونلۇق ئاۋاز بىرىكتۈرگۈچلەرنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. بىز بۈگۈن قۇلىمىزدا بار بولغان يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق، شۇ چالغۇلاردا چىقىدىغان ئاۋاز سۈپىتىگە ئەڭ يېقىن ئاۋازنى چىقىرىشقا تىرىشىمىز. ئەمىسە دەرس باشلاندى.

باشتا مەن ئىشلىگەن ئۆرنەك مۇزىكىنى چوقۇم چۈشۈرۈپ ئاڭلاپ، مۇزىكا باشلىنىپ 55-سېكۇنتقىچە بولغلان يەردىكى بوراندەك ھەيۋەتلىك چىقىۋاتقان Synth ئاۋازىغا دېققەت قىلىڭلار. بۈگۈن شۇ ھەيۋەتلىك ئاۋازنى Fruity 3x Osc بىلەن چىقىرىمىز. بۇ دېتالنى يېڭى ئاچقاندا تۈپتۈز، ئوتاندەك قۇپقۇرۇق بىر ئاۋاز چىقىدۇ. مۇشۇ ئاۋازنى نەچچە مىڭ دوللارلىق ئۈسكۈنىلەردە چىقىدىغان ئاۋازغا يېقىن بىر ئاۋازغا ئۆزگەرتىمىز. مۇزىكىنىڭ ئوتتۇرىدىن باشلىنىپ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان قالغان ئاۋازلارنى كېيىن ئۈگىنىمىز.

باشتا FL Studio نى ئاچىمىز ۋە قالغىنى رەسىمگە قاراپ تۇرۇپ قىلىمىز.

















































بۇ Fruity 3x Osc دېگەن دېتالدا سەۋىر تاقەت قىلىپ تۇرۇپ تەڭشەش ئېلىپ بارسا بەك جىق ئاۋازنى چىقارغىلى بۇلىدۇ. مەن بۈگۈن كۆرسەتكەن بۇ ئاۋازنى چىقىرىش ئۈچۈن چوقۇم مەن تەڭشىگەندەك تەڭشىشىڭلار كېرەك. رەسىمگە ياخشى قاراڭلار، كىچىككىنە بىر نۇقتىسىغىچە ئوخشاش بولسۇن. بولمىسا ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. بۇنى ئۈگەنگەندىن كېيىن ئۆزەڭلار باشقىچە تەڭشەپ باشقا ئاۋازلار چىقارساڭلار بۇلىدۇ. لېكىن ئۇنۇتماسلىق كېرەك، ئاۋازنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا چوقۇم مۇۋاپىق ئۈنۈملەرنى بېرىش كېرەك. بولمىسا كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.


...

[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى DJ_MardaN ، ۋاقتى: 2009-4-30 17:54  ]
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىشۆھرەت يىغىش سەۋەبى
sama0995 + 15
makan + 20

ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 35   باھا خاتىرىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2006 سائەت
شۆھرەت
2234
پۇل
2924
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2234
يازما
2619

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2009-4-30 10:31:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋ~~~~~~~~~~~~~~مەردان ئەپەندى ناھايىتى ئىسىل ئىش قىلىۋاتىسىز جۇمۇ،ھەممە دوسلار مۇشۇنداق ئۆزىمىنىڭ ھۆنىرىنى دوسلار بىلەن ئورتاقلاشساق تەرەققىيات تۇلپاردەك چاپىتى
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

Rank: 1

توردا
82 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-27
تىزىملاتقان
2008-3-3
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
100
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-30 11:18:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ..بولسا كۇندە دىگۇدەك مۇشۇنداق تېما يوللىنىپ تورسا....

Rank: 8Rank: 8

توردا
728 سائەت
شۆھرەت
429
پۇل
572
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-5-12
نادىر
2
جۇغلانما
429
يازما
772

makan makan

يوللىغان ۋاقتى 2009-4-30 12:14:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پات-پات كىرىپ تۇرۇڭ ،سىز بولمىسىڭىز مۇنبەردە  FL ئۇنتۇلۇپ قالىدىكەن ،رەھمەت سىزگە

Rank: 3Rank: 3

توردا
366 سائەت
شۆھرەت
353
پۇل
1406
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-4
تىزىملاتقان
2009-1-12
نادىر
0
جۇغلانما
353
يازما
524
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-30 12:35:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە مەردان ئەپەندى .

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
شۆھرەت
168
پۇل
93
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-2
تىزىملاتقان
2008-7-8
نادىر
6
جۇغلانما
168
يازما
362
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-30 14:34:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپلا!نىممۇ دەرمەن؟قىسقىسى مۇشۇنداق بىلىم ئىگىللىرى بىلەن مۇنبەرداش بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن!

Rank: 8Rank: 8

توردا
158 سائەت
شۆھرەت
67
پۇل
66
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-4
تىزىملاتقان
2008-3-9
نادىر
0
جۇغلانما
67
يازما
331
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-30 16:11:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
FL   بىلەن  ھەپىلەشسەمچۇ  ئىسىت   ،  ئۇستا  بوپ  كېتىدىكەنمەن .

Rank: 1

توردا
116 سائەت
شۆھرەت
20
پۇل
2
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-1
تىزىملاتقان
2008-5-6
نادىر
0
جۇغلانما
20
يازما
184
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-30 16:59:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
FL   بىلەن  ھەپىلەشسەمچۇ  ئىسىت   ،  ئۇستا  بوپ  كېتىدىكەنمەن .
------------------------

ھىلىھەم كىچىكىپ قالمايسىز

Rank: 1

توردا
19 سائەت
شۆھرەت
10
پۇل
4
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-20
تىزىملاتقان
2009-4-14
نادىر
1
جۇغلانما
10
يازما
39
يوللىغان ۋاقتى 2009-4-30 17:25:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت     مەنمۇ  مۇشۇ نەرسىگە قىزىقىپ كىلىۋاتقان

Rank: 1

توردا
24 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-25
تىزىملاتقان
2009-4-19
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
32
يوللىغان ۋاقتى 2009-5-1 12:02:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىتالنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز ؟

Rank: 1

توردا
8 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-27
تىزىملاتقان
2009-4-7
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
33
يوللىغان ۋاقتى 2009-5-1 17:09:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ   قىزىقىپ    قالدىم

Rank: 3Rank: 3

توردا
263 سائەت
شۆھرەت
237
پۇل
488
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-1
تىزىملاتقان
2008-5-9
نادىر
1
جۇغلانما
237
يازما
776
يوللىغان ۋاقتى 2009-5-1 19:03:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئەمگىگىىڭىز مىۋە بەرگەي !!!

Rank: 2

توردا
80 سائەت
شۆھرەت
56
پۇل
47
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-26
تىزىملاتقان
2008-5-20
نادىر
1
جۇغلانما
56
يازما
189
يوللىغان ۋاقتى 2009-5-3 00:06:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە كۆپ رەخمەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-5 21:40 , Processed in 0.786044 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش