ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 416 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 2334|ئىنكاس: 9

Peak Controller ھەققىدە رەسىملىك دەرس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
38 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-8
تىزىملاتقان
2008-5-1
نادىر
4
جۇغلانما
200
يازما
152

makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-14 05:34:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بۇ تېمىدا FL Studioنى يېڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن Frutiy Peak Controller دىگەن ئۈنۈمچۈكنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قىسقىچە رەسىملىك ئۈگىنىپ ئۆتىمىز.

Frutiy Peak Controller بىر ئاۋازنىڭ (مەسىلەن بىر ئىسكرىپكا ئاۋازى دەپ تۇرايلى) ئۇدارنىڭ ئاستىغا كەلگەن چاغدا پەسلەپ ياكى يۇقىرىلاپ، ئىككىنچى ئۇدار كىرگىچە يەنە ئۆز جايىغا كېلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
بەزىدە بەك ئىشقا يارايدىغان بىر ئۈنۈمچۈك، شۇڭا ئىشلىتىلىشىنى ئۈگىنىۋېلىڭلار. بۇ ئۈنۈمچۈكنىڭ بىر قانچە خىل ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى بار، مەن تۆۋەندە ئەڭ ئاددى بولغان ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.   
تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراپ تۇرۇپ قىلغان چېغىڭلاردا بۇ ئۈنۈمچۈكنىڭ نىمە ئىشقا يارايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىسىلەر.

1. FL Studio نى ئېچىپ رەسىمدىكى يەردىن باشتا ئىشلىمەكچى بولغان مۇزىكىنىڭ تېزلىكىنى تەڭشىۋالىمىز. ئاندىن 4/4 لىك ئۇدارنى تىزىۋالىمىز.




2. ئوڭ تەرەپ ئۈستى تەرەپتىكى Channels دىگەن يەردىن SimSynth نى تاللايمىز. ( دەرس ئۈچۈن بۇ ئاۋازنى تاللىدىم، كېيىن سىلەر ئۆزەڭلار ئىشلەتمەكچى بولغان خالىغان ئاۋازنى تاللىساڭلار بۇلىدۇ).

  


3. چىققان يەردىن رەسىمدىكىدەك Bass Guitar نى تاللاڭلار.




4. تاللىغان ئاۋازنىڭ نوتا يازىدىغان يېرىنى ئېچىپ رەسىمدىكىدەك نوتىنى يېزىڭلار.




5. دۇمباقنى تاللاپ ئاندىن ئاۋازلارغا ئۈنۈم بېرىدىغان يەرنى ئېچىڭلار.




6. ئۈنۈم تاللاش كۆزنىكىگە بېسىڭلار




7ە Frutiy Peak Controller دىگەن ئۈنۈمچۈكنى تېپىپ تاللاڭلار.




8. رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بۇيىچە تەڭشەڭلار. ( تەڭشەش كونۇپكىسى يۇمىلاق بولغانلىقى ئۈچۈن سائەت ئىسىترىلكىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈردۈم)




9. رەسىمدىكىدەك ئاۋاز كونۇپكىسىنى مائۇس بىلەن ئوڭ بېسىپ Link to Controller دىگەنگە بېسىڭلار.




10. چىققان يەردىكى تەڭشەشلەرنى رەسىمگە قاراپ قىلىڭلار. Time كونۇپكىسى بار يەرنى ئۆزەڭلار قاراپ تەڭشىسەڭلارمۇ بۇلىدۇ. مەن سائەت ئىسترىلكىسى بۇيىچە 9:15 كە تەڭشەپ قويدۇم.
ئەمدى قۇيۇپ ئاڭلاپ باقساڭلار، ھەربىر ئۇدار كەلگەن يەردە ئاۋازنىڭ ئۆزلىكىدىن پەسىيىپ يەنە ئۆرلەپ ماڭغانلىقىنى كۆرىسىلەر.




11. ئەمدى سول تەرەپتىكى ئاۋازلار بار يەردىن دۇمباق، چاۋاك دىگەندەك ئاۋازلارنى ئېلىپ ئاددى بىر پاس ياسايلى.




12. ئەمدى ئاددى بىر باس ياسايلى. Channels دىگەن يەردىن BooBass نى تاللايلى.




13. رەسىمگە قاراپ تۇرۇپ ئاددى بىر باس نوتىسى يازايلى. تەڭشىگۈچلەر بىلەن باس ئاۋازىنى تەڭشەيلى.




ئەمدى مۇزىكىنى ئاڭلاپ باقساق، بەرگەن ئۈنۈمىمىزنىڭ نىمە ئىشقا يارايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلايمىز.
ئۇزۇن نوتا قىلىپ تىزغان ئاۋاز، بىرىنچى رەسىمدىكى دۇمباق بىلەن باغلىنىپ، دۇمباقنىڭ ھەربىر ئۇرۇش كەلگەن يېرىدە پەسلەپ
تۈگىگەن يېرىدە ئۆرلەۋاتىدۇ. لېكىن دۇمباقنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ. نىمە ئۈچۈن دىگەندە 8-رەسىمدە سۆسۈن رەڭ بىلەن
كۆرسىتىلگەن يەردىكى چىراقنى يېقىپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن دۇمباق ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ.

ۋاقىت قىسلىقى سەۋەبىدىن بەك تەپسىلىي بولماي قالدى، كەچۈرۈڭلار. ئەگەر چۈشەنمىگەن يېرىڭلار بولسا تارتىنماي سوراڭلار.

___
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت يىغىش سەۋەبى
makan + 30

ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 30   باھا خاتىرىسى

Rank: 3Rank: 3

توردا
485 سائەت
شۆھرەت
379
پۇل
915
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-3
تىزىملاتقان
2008-10-11
نادىر
4
جۇغلانما
379
يازما
1141

Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-14 10:09:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر قىپسىز رەخمەت سىزگە

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
2006 سائەت
شۆھرەت
2234
پۇل
2924
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-2-28
نادىر
52
جۇغلانما
2234
يازما
2619

makan Medal No.8

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-14 12:42:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا جاپا چىكىپسىز ،بۇ ئەجىرىڭىزگە رەھمەت!

Rank: 3Rank: 3

توردا
263 سائەت
شۆھرەت
237
پۇل
488
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-1
تىزىملاتقان
2008-5-9
نادىر
1
جۇغلانما
237
يازما
776
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-14 13:25:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە

Rank: 8Rank: 8

توردا
728 سائەت
شۆھرەت
429
پۇل
572
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
تىزىملاتقان
2008-5-12
نادىر
2
جۇغلانما
429
يازما
772

makan makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-14 22:50:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ تەشەككۈر ~~~~~
قىلغان ئەجرىڭىز يەردە قالمىغاي ~~~~~

Rank: 1

توردا
23 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-1-25
تىزىملاتقان
2008-10-9
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
42
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-15 12:59:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماكان ئەپەندىم راسلا بەك ئېسىل تېمىلارنى، پايدىلىنىش قىممىتى بار سىستىمىلارنى يوللايدۇ، ئىنتايىم ئەپسۇد مەن بۇ سىستىمىلارنى قانداق ئىشلىتىشنى بىر مەزگىل ئۈگەنمەي تۇرۇپ ئىشلىتەلمۈگۈدەكمەن .  ھەي....

Rank: 8Rank: 8

توردا
38 سائەت
شۆھرەت
200
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-8
تىزىملاتقان
2008-5-1
نادىر
4
جۇغلانما
200
يازما
152

makan

يوللىغان ۋاقتى 2008-10-16 02:20:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەتنىغۇ ئېيتىڭلار. سىناپ باققانلار بارمۇ؟ ياكى رەسمىيەت يۈزىسىدىن رەخمەت ئېيتىپ قويدۇڭلارمۇ يا؟

زەردار ئەپەندى، قايغۇرماڭ. سىز مۇزىكا ئىشلەش ئۈچۈن بىر دېتال تاللاپ شۇنىڭدا مۇقىملىشىڭ. ئاندىن بىلمىگەن يەرلىرىڭىزنى قورقماي، تارتىنماي سوراڭ. ھەممىمىز قۇلىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمىز. بۇ تور بەتنىڭ قۇرۇلۇش مەخسىتىمۇ مۇشۇنداق بىلمىگەنلەرنىڭ قۇلىدىن يېتىلەپ ئۇلارغا يول كۆرسىتىش. بىلگەنلىرىمىزنى ئايىماي ئوتتۇرىغا تۆكۈپ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر مۇزىكىچىلىقىنىڭ راۋاجلىنىشىغا كىچىككىنە بولسىمۇ ھەسسە قۇشۇش. شۇنداقمۇ يا باللا؟

Rank: 1

توردا
116 سائەت
شۆھرەت
20
پۇل
2
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-1
تىزىملاتقان
2008-5-6
نادىر
0
جۇغلانما
20
يازما
184
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-17 16:09:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەردار ئەپەندى رەخمەتنى ماكان ئەپەندىگە ئىيتىپتۇ ، تىمىنى د جى مەردان يۇللىسا ،
  چاقچاق ھە ،

ئەڭ ياخشىسى فىلىم شەكىللىك قىلىپ سۆزلەپ چۈشەندۈرسىڭىز بۇپتىكەن . مەن ئاكورتىنى ئۇرالمايۋاتىمەن .

Rank: 1

توردا
0 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-3-24
تىزىملاتقان
2009-3-20
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
8
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-24 16:11:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە

Rank: 1

توردا
9 سائەت
شۆھرەت
0
پۇل
0
ئاخىرقى قېتىم
2009-5-28
تىزىملاتقان
2009-3-20
نادىر
0
جۇغلانما
0
يازما
14
يوللىغان ۋاقتى 2009-5-27 17:12:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت .مۇشىىنىڭدىكى ئۇنۇمچۇكلەرنىڭ ھەممىنى ئۇگەنگۇم بار ئىدى.ىەنزۇچىسىنى تاپقىنى بۇلارمۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

GMT+8, 2012-3-5 22:51 , Processed in 0.253100 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش