玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلا

مەن كۇباستا ئاۋازنى 1 يولغا مۇزىكىنى 1 يولغا ئالدىم ئۈنۈل

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

دوسلا ياخشىمۇسىلە؟ ماڭا ئابدۇغېنى (خال) ئاكىمىزنىڭ يار دەرد

http://dskmusic.vst4free.com شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇرغانلىقتىن يوللۇدۇم ئىھتىياجلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! :handshake ماكان مۇزىكا بىلىملىرى مۇنبېرىدىكى بارلىق كەسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ماكان مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ھەممىڭلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بول

مەن مۇزىكىلارنىڭ نوتىسىنى كومپىيۇتېرغا ئۇرۇپ كىرگۈزەي دېگەن لېكىن ۋورد ھۆججىتىگە ماسلىشىدىغان ياكى ئۈنۈمى ئاددىيرا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلېرىم يىقىندا مىنىڭ بىر دۇستۇم ktv ئاچقان خەنزوچ

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر داشلار ھەممىڭلا

باھا بەرگەيسىلەر attach://6462.mp3

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

كومپىيوتۇرۇمغا ۋىندوۋىس 8 قاچىلىغان ئىدىم لىكىن بۇرۇن ۋىندوۋىس 7دە نۇرمال ئىشلەتكەن

چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.esi-audio.cn/?action=support&page=download بۇ قىتىمقى

fl studio harmor نىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋازلىرى . 6095609660976098 چۈشۈرۈش : 6099

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار

بۇ halion نى ئىشلىتىش دەرىسلىكى ،،،،،،،،بۇ مىللى ئاۋاز مەنمەلىردىن دۇتار › تەمبىر ›راۋاپ› ساتتار ›نەي قاتارلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكانداشلار ياخشىمۇسىلەر بۇ دورەم تور ئارلاۋېتىپ

‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى› تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ۋە مەنبەلىرى توغرىسىدا بەختىيار ئابدۇساتتار ئاساسى مەزمۇنى: ئۇيغۇر مۇقاملىرى

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

ھۈمۇر قەدىرلىك ،كاككۇك ،مايسىلار، گۇل ھۇزم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مە

مەندە YAMAHA 2100 رويال بار.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ،مەن يىڭىدن گىتتا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ،پىرى سونۇس م

مەندە بىر ئاۋاز كارتىسى باھاسى بەك ئەرزان ئا

ماۋۇ MIDI جەنپەننې ئشلېتېپ باققانلار بامۇ ئاڭلېسام مۇزېيكېغا شاۋكو بەكېلې

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر ئەھلى كەمىنە «ئوسمانجان تەمكىن» دىن ھەممىڭلارغا ئ

قىرىنداشلىرىم ئايرىلىش دىگەن ناخشىنىڭ تىكىسىنى

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

6169 بىز تۆۋەندە Pop music ساھەسىدە ئەڭ ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئاۋاز يىيشتۈرۈش ئۇستىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى. ئالدى بىل

قەشقەردە 2- قول مۇزىكا ئەسۋاب دۇكىنى بارمۇ؟ مەسىلەن:ياڭراتقۇ؟ ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسى،مې

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

بۇ قېتىمقى مەشرەپ بېيجىڭدا مەشھۇر چاڭگائ ولىمپىك مەيدانىدا سۈرەتكە ئېلىنىپ ، 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ت

ئاڭلىسام بۇ دىتال مۇزىكىدىن ئادەم ئاۋازىنى ئايرىپ بېرىدىكەن ،راسمۇ؟ 6379

جەمئىي مىكروبلوگ 1858 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • باغاق 2016-3-25 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ناخشا كەسپىدىن خىزمەت ئىزدەيمە. ئۇزەم كۇچا ناھىيسىدىن....18096974302

  • millitim3 2016-3-13 13:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ‹‹  مۇنبەر بەكلا جىمىپ كىتىپتىغۇ   

  • millitim3 2016-3-5 16:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىردىكى دوسلار  ئوسمانجان ‹تەمكىن›دىن سالام

  • letip 2016-2-19 22:02 [ئىنكاس(1)] [...]

    بۇ مۇنبەردە بىرچاغلاردىكىدەك قىزغىنلىق يوقيا؟

  • ∮AKKAPTAR∮ 2016-1-8 16:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرلەرگە كىرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،قېرىنداشلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن

  • كاچۇڭ00 2016-1-5 02:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    بولسا مۇشۇ مۇزىكا ئىشلەشكە دائىر سىستىمىلارنى بىر توپلاپ ئايرىم چۇشۇرۇش ....

  • waliyor 2015-12-2 10:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم ئ‍ۇستازلا ماڭا خېنىم جورام نىڭ مۇزىكىسى لازىمتى

ئىگىسى: ahmatjan

كومپيوتېر مۇزىكىسى ئاتالغۇلارنى قىلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-23 20:28:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hacker يوللىغان ۋاقتى  2012-7-23 18:04
بىرادەرلەر ئاۋارە بولماي،لۇغەتنى شۇنداقلا ئاچىدىغان  ...

ئاۋال سىزنىڭ ئېرىنمەي ئىنكاس يازغىنىڭىزغا رەخمەت. ئاتالغۇ قېلىپلاشتۇرۇش ھازىرچە پەقەت ئۇيغۇرچە  ئاتالغۇلارغىلا قارىتىلغان. مەيلى جاھاندىكى قايسى خىل تىلدا بولسۇن كەسپى ئاتالغۇلار ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. (ئىنگىلىزتىلى ۋە خەنزۇتىللىرىدۇمۇ بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت.)  ئەگەر لۇغەتنى ئاچساق ھەممىسى بولىدىغان ئىش بولسا ماڭا مۇنۇ سۆزلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئىپادىلەنگەن باشقىلار ئاڭلاپلا ئاسانلا ئاڭقىرالايدىغان مەنسىنى تېپىىپ بىرەلەمسىز ؟
混响,压缩器,激励器,钢琴卷帘窗口,采样编辑器,走带控制器,推子,破坏性处理,        母带处理, 调音台,电平表,音高修正,
ئۇنىڭدىن باشقا يانا نۇرعۇن ئاتالعۇلار ئىسىمگە كەلمىدى . ئەگەر مۇشۇ ھەقتە كىتاب يېزىشقا توغرا كەلسە يۇقارقى ئاتالغۇلارنى نىمە دەيمىز ؟ خەتمۇ خەت ئۇدۇللا تەرجىمە قىلامدۇق ؟ ياكى ئاڭاھ تەجىمىسى بويىچە ‹مۇدەي چۇلىچى› دەپ ئالامدۇق ؟ .............
تەكلىپ-پىكىرىم: ئەڭ ياخشىسى ماقالەمنى يەنە قايتا قايتا ئۈچ قىتىم ئوقۇپ چىقىڭ !!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 06:38  

ۋاقتى: 2012-7-24 02:14:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇئىشنى تىزراق باشلىساق بۇلىتى..
RME HDSP 9632 ئاۋاز كارتىسى سېتىلدۇ
ۋاقتى: 2012-7-24 02:16:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاۋال مۇشۇ مۇزىكا ئىشلەش دىتاللىرنىڭ ئىسىملىرنى تەرجمە قىلىشتىن باشلىساق قانداق بۇلا..؟
RME HDSP 9632 ئاۋاز كارتىسى سېتىلدۇ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-24 06:34:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Steinberg يوللىغان ۋاقتى  2012-7-24 02:16
ئەڭ ئاۋال مۇشۇ مۇزىكا ئىشلەش دىتاللىرنىڭ ئىسىملىرنى ت ...

سىزنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەنمدىم. لىكىن بۇ يەردىكى ئاساسى مەقسەت ئىقتىدارلىرىنى ئۆگىنىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىق تۈپەيلىدىن بولىۋاتقان بولغاچقا دېتالنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمى نىمە بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭ رولى مۇھىم ئورۇندا بولغاچقا شۇڭا كەسپى ئاتالغۇلار ئىچىدىكى شۇ ئاتالغۇلارنى ئاۋال بىكىتىۋالساق ھەممىدىن ياخشى . ئاۋال تەكلىپ لاھىيەسىنى تېخىمۇ كۆپ ئادەم بىلسە ياخشى بولاتتى. تەشۋىق قىلىپ قويۇڭ !!!
ۋاقتى: 2012-7-24 21:32:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئەخمەتجان. مەن مۇزىكا جەھەتتە بىر نەرسە بىلمەيمەن.لىكىن سىلىنى خىلى ياخشى بىلىمەن.مەن تولۇقتىكى پوسكاملىق ساۋاقدىشىڭلا ئادىل.تۇيۇقسىز بۇ يازماڭلىنى ئۇچۇرتىپ خۇشال بولدۇم.ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىلە.
مەنمۇ قولۇمدىن كىلىشچە ياردەم قىلىشنى خالايمەن،ھىچ بولمىسا ئىلان تەشۋىقاتقا بولسىمۇ ياردىمىم تىگە.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-25 00:10:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغچى يوللىغان ۋاقتى  2012-7-24 21:32
سالام ئەخمەتجان. مەن مۇزىكا جەھەتتە بىر نەرسە بىلمەيمە ...

سالام تۇغچى ئەپەندى !! ئەلۋەتتە تونىدىم .باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاۋال مۇشۇ بىكەتكە تىزىملىتىپ كىرگىنىڭلارنى قارشى ئالىمەن. بۇنىڭدىن كىيىن پات-پات كىلىپ مۇشۇ بىكەتكە كىلىپ مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولۇپ قويۇڭلار. بولسا ئىمكانىيەت بولسا پات ئارىدا باشلىنىدىغان ئاتالغۇ قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرۇشىڭلارنى ئۈمۈد قلىمەن. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن ئۇيغۇر ئۈچۈن پايدىلىق.
ۋاقتى: 2012-7-27 19:27:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان ئەپەندى ...بۇتىمىڭىزنى ۋەتىمىدىكى ئىنكاسلىرىڭىزنى تەپسىلى كۆردۈم.... ناھايىتى ياخشى پىلان بوپتۇ..
سىزدىن بىرئىشنى سوراپ باقسام....سىزئادەتتە نىمەخىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىسىز..؟
مىنىڭ بۇنداق سورىشىمدىكى سەۋپ:ھازىرئانا تىلىمىزغا كۆڭۈل بۆلۋاتقانلاربەكلا ئازقالدى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سۆزلىگەن تىلىنىڭ 50% قىسمى ئۇيغۇرچە بولسا 50% قىسمى باشقا تىل....ھەتتا ئالى مەكتەپلەردە دەرىس بىرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلىگەن سۆزىنىڭ ئۇيغۇرتىلى گىراماتىكىسىغا خىلاپ سۆزلىرى خىلى كۆپ...گەپنىڭ يىرىمىنى ئۇيغۇرچە قىلسا يىرىمىنى خەنزۇچە قىپ قويىدۇ..
مىن كاۋخەن بالىلارغىغۇ ئاناتىلىمىزنى بۇزۇپ سۆزلەشتە... گەپ توغرا كەلمەيدۇ...
ئاددىيغىنىسى  مىنكاۋخەنلەرنىڭ维吾尔族 دىگەن سۆزنى维族 دىگەن سۆزبىلەن ئاتىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى....

گەپنىڭ قىسقىسى :ئەگەر مۇشۇ ئاتالغۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ گىراماتىكا قائىدىسى بويىچە ئىيتىپ كۆنسەكقۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بولاتتى..
ئەگەربىرقىسىم سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلى گىراماتىكىسى بويىچە ئىلىنمىغاندا بىزنىڭ تىلىمىز ئارىلاشما تىل بوپ كىتىشكە سەۋەپچى بوپ قالىدۇ...ھىلىمۇ سۆزلىگەن ئۇيغۇرتىلىمىزدىكى خىلى كۆپ سۆزلەرنى تەھلىل قىلىپ كەلسەك كۆپ قىسىم سۆزلۈكلەر غەرىپ ئەللىرىدىن بولۇپمۇ ئىنگىلىسچە ۋە خەنزۇچە تىللارنىڭ بەزى سۆزلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ كەتكەن...
بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەپ نىمە؟..
سەۋەبى بولسا:بىزنىڭ ئاناتىلىمىز تاشلىنىپ قالغان....ئاناتىلىمىزنىڭ قەدرىنى ئۆزىمىز قىلمىساق باشقىلار ھەرگىز تىلىمىزنىڭ قەدرىنى قىلمايدۇ...
گەرچە  سۆزلىرىم بۇ تىمىدىن سەل چەتنەپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما قورسىقىمنىڭ ئاغرىقىدا ئىچىمدىكى بەزى گەپلەرنى دەپ قورسىقىمنى بوشىتىۋالدىم...
سىزنىڭ بۇتەكلىپ لاھىيىڭىزنى مەن قوللايمەن...
ئاخىرىدا دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا بۇ ناخشىنى سۇنىمەن...

يېڭى تېمام كەتتى!باشقۇرغۇچىلار قاراپ قويارسىلەر!
ۋاقتى: 2012-7-28 04:32:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ (DSP) دىگەن سۆزنى بىردوستۇمغا تەرجىمە قىلدۇردۇم.توغرا چىقىپتىمۇ ئەخمەتجان ئەپەندىم يول كۆرسەتسىڭىز..؟ بۇنڭ مۇ كۆپ مەنىسى باركەن..
مەنىسى مۇنداق بۇلىدىكەن..
1--مەنىسى    تارقاتقۇچى  (数字信号处理)
2--مەنىسى    رەقەملىق سىگنال بىرتەرەپ قىلغۇچ
3--مەنىسى     ئۇچۇر تارقىتىش ۋەزىپىسىبار
مۇشتاق سۆزلەكەن..مەن بىرلام تىل بىلگەچكە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Steinberg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 04:36  

RME HDSP 9632 ئاۋاز كارتىسى سېتىلدۇ
ۋاقتى: 2012-7-28 04:43:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
serlik يوللىغان ۋاقتى  2012-7-27 19:27
ئەخمەتجان ئەپەندى ...بۇتىمىڭىزنى ۋەتىمىدىكى ئىنكاسلىر ...

توغرا دەيسىز سۆ ئۇزراپ كەتسە ھىچ ۋەقەسى يوق دەپ قاراي مەن.گەپ مۇشۇ ئانا تىلىمىز ساقلىنىپ قالسىلا بۇلاتىغۇ..
RME HDSP 9632 ئاۋاز كارتىسى سېتىلدۇ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-28 07:56:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Steinberg يوللىغان ۋاقتى  2012-7-28 04:32
مەن مۇشۇ (DSP) دىگەن سۆزنى بىردوستۇمغا تەرجىمە قىلدۇردۇم ...


ناھايىتى ياخشى سۇئالدىن بىرنى سوراپسىز. ئىزدەنگىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم. بىزدە شۇخىل روھ بولۇشى كىرەك.
DSP دىگەن سۆز ئېنگىلىزتىلىدىكى digital signal processor دىگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپلىرىنىڭ قىسقارتىلمىلىرى بولۇپ تولۇق مەنىسى ‹رەقەملىك سىگنال بىر تەرەپ قىلغۇچ›دىگەن تەرجىمە مەنىسى بار. ئۇ بىرخىل ئالاھىدە تېىخنىكا بولۇپ رەقەملىك سىگنال بىر تەرەپ قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم رولىنى ھەر قايسى ساھەلەردە جارى قىلدۇرماقتا. (ئۈن كارتىسىغا ئىشلىتىلگىنى بولسا بۇ تېخنىكىنىڭ پەقەت ناھايىتى ئاددىيلا قوللىنىلىشىدىن ئىبارەت) ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىىپى ئۆزى قوبۇل قىلغان تەقلىدىي سىگنالىنى 0 ۋە 1 دىن ئىبارەت رەقەملىك سىگنالغا ئايلاندۇرۇش ھەمدە ئايلىنىپ بولغان سىگنالنى كۈچەيتىش،توغرىلاش، ئەلالاشتۇرۇش،تۈزىتىش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن يەنە ئۇنى قايتا يىشىپ ئەسلىدىكى تەقلىدى سىگنالغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىكىلرىدىن يەنە بىرسى شۇكى ئۇنىڭغا بىۋاستە پىروگرامما تۈزگىلى بولغاندىن سىرت يەنە ئۇ سىكونتىغا نەچچە يۈزمىڭ قۇر مۇرەككەپ قۇرۇلمىلىق بۇيرۇقلارنى ناھايىتى راۋان بىر تەرەپ قىلالايدۇ. يەنە كىلىپ ئۇ تېمپۇراتۇرا ، ماگىنت ، ئىلىكتىر دولقۇنى ۋە شۇنىڭدەك سىرىتقى مۇھىتلارنىڭ تەسىرىگە باشقا ئۈسكۈنىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ۋە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ( مەن ئىككى يىل بۇرۇن بىر ماتىرىيالدىن كۆرگەن ئىدىم ،  بۇ خىل كەمچىلىكلەرنى تولۇقلايدىغان يەنە بىر خىل ئۇسۇل بار ، يەنى ئۇنىڭ پىروگرامما يازغىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ تولۇقلاپ كەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن 4 دىگەن رەقەم مەلۇم بىر دىتالدىنىڭ مەلۇم بۆلىكىدىن يەنە باشقا ئورۇنغا يەتكۈزۈلمەكچى بولسا ئۇ دولقۇننىڭ تەۋرىنىش قېتىم سانىغا ئاساسەن يەتكۈزىلىدۇ شۇ جەرياندا تېمپۇراتۇرا ، ماگىنت ، ئىلىكتىر دولقۇنى ۋە شۇنىڭدەك سىرىتقى مۇھىتلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بەلكىم ئاجزلىشىش ياكى خاتالىق تۈپەيلى ئۆزگىرىپ كىتىشى مۇمكىن ، شۇڭا ئىنسانلار ياراتقان ئىگىسى بەرگەن شۇ كاللىنى ئىشلىتىپ 5-9 =4 دەپ ئىپادىلىگەن يەنى 4 نى 5-9 غا ئالماشتۇرىۋەتكەن (ئۇنىڭدىن باشقا ئايرىمىلارغا ئايلاندۇرسىمۇ بولىدۇ ، لىكىن سان قانچە كىچىك بولسا ھىسابلاش شۇنچە ئاسەن بولىدۇ. قالغىنى شۇ ئەمەلىي شارائىتقا قاراپ بەلگىلىنىدۇ) ، بۇنداق بولغاندا ئەگەر ئاجىزلىشىش يۈز بەرسە 9 ۋە 5 ھەر ئىككىلىسى ئاجزلىشىپ 8 بىلەن 4 گە ئۆزگىرىپ كىتىدۇ، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ 4-8 نىڭ نەتىجىسى يەنىلا 4 بولدى.   ) دىمەك ئۇلار پىروگرامما يازغىلى بولدىغان ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاپ مۇكەممەللىككە قاراپ تەرەققى قىلدۇرغان. توغرىلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا شۇڭا بۇ كەڭ كۆلەمدە ھەربىي ، تىبابەت ، تەتقىقات، ئېلىكتىرون....قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلمەكتە.
ئەمدى گەپنى ئاۋاز كارتىسىغا يۆتكىسەك ئاشۇ مىكروفوندىن كىرگەن تەقلىدى ئاۋازنى تولۇقى بىلەن خاتىرلەپ ، شاۋقۇننى سۈزۈپ (بۇ يەردە كۆرسىتىلىدىغىنى مۇھىت شاۋقۇنى ئەمەس ، توك يولىدىكى ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ ئەسلىدىن بار بولغان قارشىلىقىنى كۆرسىتىدۇ) ، ئاجىز يەرلىرىنى كۆچەيتىپ ، ھىسابلاش ئارقىلىق قاتتىق دىسكىغا خاتىرلەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئەسلىدىكى سازنىڭ ئاۋازى ياكى ئادەم ئاۋازى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئەسلىدىكى سۈپەت بويىچە خاتىرلىنىدۇ. دىمەك قانچە شۇنداق بولغانسىرى خاتىرلەنگەن ئاۋاز ئەسلىدىكى ئادەمنىڭ ئاۋاز پەردىسىدىن چىققان ئاۋازنى شۇنچە ياخشى سۈپەتلىك خاتىرلەيدۇ. لىكىن بۇ يەردە ئالاھىدە شۇنى ئەسكەرتىمەكچى بولغىنىم : مەيلى جاھان قانچىلىك تەرەققى قىلسۇن ياكى يەنە مىڭ يىل ئۆتۈپ 3000- يىلىغا قەدەم قويسۇن مۇشۇ ئادەمنىڭ كانىيىدىكى ئاۋاز پەردىسىدىن چىققان ئاۋازنى 100 پىرسەنت تولۇقى بىلەن ئازراقمۇ چۈشۈرۈپ قويماي تولۇق خاتىرلەيمەن دىيىش مۇمكىن ئەمەس. 6 مىليارت ئادەمنىڭ ھەرخىل ئاۋاز تۈسىنى چىقىرىپ پاراڭلىشىشى ئاللا ياراتقان مۆجىزە. ھىچكىمنىڭ ئاۋاز تۈسى ھىچكىمگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەزى تېلىفۇننى ئېلىپ ‹ۋەي› دەپ شۇ بىر بوغۇمنى چىقارغىچىلا قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى پەرق ئىتىۋالىمىز. دىمەك بۇ يەردە شۇنچە كۆپ تونۇشلارنىڭ ئىچىدىن شۇ بىر ئادەمنىڭ ئاۋازىنى دەقىقە ئىچىدە پەرىق ئىتىشمۇ قۇلاقنىڭ بىر مۆجىزىسى.  شۇڭا مۇشۇ خىل ئۆزەك بولغان ئۈن كارتىلىرىدا ئۈن بىر تەرەپ قىلىش سۈپىتى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ئادەتتىكى ئاۋاز كارتىلىرى بىلەن بىر ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ. شۇڭا باھاسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بولىدۇ. ئالدىنقى قىتىم Steinberg شىركىتى دەل مۇشۇ خىل ئۈن كارتىسىدىن ئىككىنى بازارغا سالدى. (بۇ ئىككى كارتىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى توغرىلىق مەخسۇس ماقالە خاراكتىرلىك تىما يوللايمەن).  لىكىن يەنە ئەسكەرتەي: مۇزىكا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بۇنى قارىغۇلارچە قوغلاشماسلىقىمىز لازىمدۇر. چۈنكى شۇ خىل كارتىنىڭ شۇ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ شۇنى ھىس قىلىپ ، قۇلاق پەرق ئىتىپ ، شۇ خىل كارتىدا ئالمىغان ئاۋازلار بولسا ئۆزىنىڭ ماستىرلىشىغا دەخلى قىلغۇدەك ھالەتتە بىلىپ ھەمدە شۇنىڭغا ماسلاشقۇدەك مىكروفون،كومپيوتېر،تىڭشىغۇچ،ياڭراتقۇ.... دىگەندەكلەر بولغاندا ئاندىن بولىدىغان نەرسە. شۇڭا مۇشۇ قاتتىق دىتالغىمۇ قارىغۇلارچە ئىشەنمەڭ، ئۇنى ئاۋۋال ئىلمى ھالدا چۈشىنىڭ ، بىلمىسىڭىز Google ياكى  Bing قاتارلىق ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئىزدەڭ . ئاۋال ئۆزىڭىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ چىكىڭىزدىن تەر ئاققۇدەك قورسىقىڭىزنىڭ ئاچقىنىنى ئۇنتۇلۇپ قالغۇدەك ، ئۇيغۇڭىز كەلسە ھىس قىلمىغۇدەك دەرىجىدە ماتىرىيال كۆرۈپ ئىزدىنىڭ جاۋابىنى تاپسىڭىز تەپسىلى قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى خەلىقتىن ئايىماي شۇ توغرىسىدا ماكان مۇزىكا تورىغا تىما ياكى ئىنكاس يېزىڭ (بىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار) ، مۇشۇ خىل روھ بىلەن تىرىشسىڭىز ئىشىنىمەن، سىز ياخشى بىر مۇزىكا ئىشلىگۈچى بولۇپ نامىڭىز ئەلدىن ئەلگە تارىلىدۇ. بىلمىگەن سۇئاللار بولسا داۋاملىق سوراڭلار كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە جاۋاب بىرىمەن. يەنە شۇنىمۇ ئۇنۇتماڭكى مەنمۇ بىر ئاددىي بەندە بىلدىغىنىم چەكلىك.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +12 يىغىش سەۋەبى
makan + 12 ئەستايىدىل

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-7-28 12:09:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahmatjan يوللىغان ۋاقتى  2012-7-28 07:56
ناھايىتى ياخشى سۇئالدىن بىرنى سوراپسىز. ئىزدەنگىنىڭ ...

رەھمەت سىزگە..
RME HDSP 9632 ئاۋاز كارتىسى سېتىلدۇ
ۋاقتى: 2012-7-28 15:11:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahmatjan يوللىغان ۋاقتى  2012-7-28 07:56
ناھايىتى ياخشى سۇئالدىن بىرنى سوراپسىز. ئىزدەنگىنىڭ ...

سىزدىگەندەك خەنچە تىل بىلگەن بولسام ياخشى بۇللاتتى.
RME HDSP 9632 ئاۋاز كارتىسى سېتىلدۇ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-28 19:12:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Steinberg يوللىغان ۋاقتى  2012-7-28 15:11
سىزدىگەندەك خەنچە تىل بىلگەن بولسام ياخشى بۇللاتتى.

مۇشۇ سورۇندىن پايدىلىنىپ سىزگە بىر ئەقىلىيە سۆز قارلدۇراي :
پۇرسىتىڭ بولسىلا تىل ئۆگەن
تىل بىلەن سالىسەن شىرغىمۇ يۈگەن
                                               - مەھمۇد كاشغەرىي ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›
ۋاقتى: 2012-7-29 03:00:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
m-k-music يوللىغان ۋاقتى  2012-7-13 22:42
ياخشى تەكلىپكەن،بىراق ئىنگىلىزچىدىكى ئاتالغۇلار قىسق ...

مېنىڭچىمۇ چۈشىنىشلىك ،قىسقا ئاتالغۇلارنى ئىشلەتسەك ياكى تۈرۈك، ئۆزبەك تىللىردىن كىرگۈزسەك تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى ، ئەڭ مۇھىمى قىسقا چۈشىنىشلىك بولۇش.
مەسلەن : بۇيرۇق ، ئجرا، چىقار، چال.....دېگەندەك. مائۇسنى يېقىن ئەكەلسەك تەپسىلي چۈشەندۈرىشى چىقسا.
ۋاقتى: 2012-7-29 05:09:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ahmatjan يوللىغان ۋاقتى  2012-7-28 19:12
مۇشۇ سورۇندىن پايدىلىنىپ سىزگە بىر ئەقىلىيە سۆز قارل ...

ئەخمەتجان ئەپەندىم ھەممە گەپنى بۇمۇنبەردە دىگىلى بولمايدۇ.مىنىڭمۇبولسا شۇنداق قىلغۇم بار.بۇ كاللىدا غەمنىڭ جىقلىققىدا مىنىڭمۇ شۇنداق بېشىم قېتىپ كىتىپ باردۇ.ئۆزلىرمۇ كۇرۋاتىدىغانلا مۇنبەردە بىركېچە ئۇخلىماي تېما يازساق بۇنىڭدىن پۇتاق چىقىدۇ..كەمچىكىنى كۆرسىتىڭ دىسەك مۇشتاق بۇلۋاتسا نىمىشقا كام قالغان يەرنى تۇلۇقلىمايدۇ .نىمىشقا ئىلھام بىرىلمەيدۇ..ھەممە ئادەم بۇدۇنياغا بىلىملىك كەلمەيدۇ.بېشىدىن ئۆتكەننى سۆزلەيدۇ.
دۇنيادا دۆت ئادەم بولمايدۇ .ھەربىر ئادەمنىڭ سۈزىدە ئازراق بولسىمۇ كىشگە پايدىلىق سۆز بۇلىدۇ.
RME HDSP 9632 ئاۋاز كارتىسى سېتىلدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2016-4-4 18:26 , Processed in 0.265632 second(s), 61 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش