باش بەت  كروران مەدەنىيىتى  ئاسپىرانت،چەتئەلگە چىقىش  ماتىماتىكا  ئېنگىلىز تىلى  تەرمىلەر
  • «قەرت»كە يوشۇرۇنغان ھېكمەتلەر

    2008-11-19

    تۈرى:تەرمىلەر

    يېقىندىن بۇيان تەلەي يۇلتۇزى پروگراممىسىنىڭ 2008-يىللىق يىللىق چولپاننى تالىشىش مۇسابىقىسى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ،مەنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ مۇشۇ پروگراممىنى قىزغىن كۆرۈۋاتىمەن،يېقىندىن دېققەت قىلسام مۇشۇ قەرت ھەققىدە كۆپ سۇئاللار سورالدى،مەن بىرەرىنىمۇ بۇرۇن ئويلاپ باقمىغانىكەنمەن،دوستۇم،سىز قەرت ئويناپ باققانمۇ؟ئۇنداقتا قەرت ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟تۆۋەندىكى سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلەمسىز؟بىرلىكتە ئىزدىنىپ بۇ ھەقتىكى بىلىممىزدىكى بوشلۇقنى تولدۇرايلى.


    1.«قەرت»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟بۇ ئىسىم قاچان قەيەردە قانداق قويۇلغان؟

    جاۋاب: «قەرت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «كۆۋرۈك ئويۇنى » دېگەنلىك بولىدۇ . بۇ ئىسىمنىڭ قويۇلۇشى ئەنگىلىيىنىڭ لېستشىر دېگەن يىرىدىكى بىر كونا كۆۋرۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. -  
     لىستشىردىكى 4 ئادەم بۇ خىل ئويۇنغا بەك ئامراق ئىكەن ، ھەر كۇنى كەچتە نۆۋەت بىلەن بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ قەرت ئوينايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئارلىقىدا ئۆتمىسە بولمايدىغان،ئەمما ئۆرۇلۇپ چۇشەيلا دەپ قالغان بىر كونا كۆۋرۈك بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن قەرت ئويناپ قايىتقاندا كىچىسى ئۆتۇش قىيىن ئىكەن. نۆۋىتى كەلگەن كىشى قەرت ئويناپ بولۇپ ئۆيىگە قايتىپ كىلىۋېلىپلا ، خۇددى ئىغىر يۇكتىن قۇتۇلغاندەك ئۇھ تارتىپ : «خۇداغا شۇكرى ، ئەتە كۆۋرۈكتىن ئۆتۇش نۆۋىتى ساڭا كەلدى» دەيدىكەن. بۇ سۆزنى قىلىش ئۇلارغا ئادەت بولۇپ قاپتۇ ؛ كېيىنچە ، بۇ ئويۇننى ئويناش «تۆت كىشىلىك كۆۋرۈك ئويۇنى» دەپ داڭ چىقىرىپتۇ ؛ ئەڭ ئاخىرىدا بىراقلا «كۆۋرۈك ئويۇنى » دەپ ئاتىلىپتۇ. بۇ 1884- يىللاردىكى ئىشلار .

    «مىڭ بىر كېچە ھىكايىلىرىدەك ئاجايىپ ئىشلار » دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى.

    2.بىز دەۋاتقان قەرت جەمىئي قانچە قەرتتىن تۈزۈلگەن؟
    جاۋاب:قەرت جەمىئي 54.تاپان غىچ،،چىللىك،قاغا ھەر بىرى13تىن جەمىئي 52 دانە.يەنە بىر تال چوڭ ۋاڭ ۋى بىر تال كىچىك ۋاڭ.

    3. بۇ 52 دانە قەرت نىمىگە سموۋۇل قىلىنىغان؟
    جاۋاب:بىر يىل ئىچىدىكى 52 ھەپتىگە.چوڭ ۋاڭ قۇياشقا سموۋۇل قىلىندۇ.كىچىك ۋاڭ ئايغا سموۋۇل قىلىنىدۇ.

    4.قەرتتىكى سىرلىق سانلار
    بىر يىل تۆت پەسىل(تاپان غىچ،،چىللىك،قاغا ).ھەر بىر پەسىل 13 ھەپتە(يەنى2+3+4+...+10+11+12+13=91  يەنى بىر پەسىلدە 91 كۈن بار) بىر يىل 365 كۈن(تۆت پەسىلدە 91 *4=364 كۈن بار بۇ بىر يىلدىكى 365 كۈندىن پەقەت بىر كۈن پەرقلىنىدۇ،ئۇنىڭغا چوڭ ۋاڭنى قوشۇۋەتسەك بىر يىلدىكى 365 كۈن،ئەگەر يەنە بىر كىچىك ۋاڭنى قوشۇۋەتسەك كەبىسە يىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ).بىر يىلنىڭ يېرىمى كۈندۇز، يېرىمى كېچە(شۇنىڭ ئۈچۈن قەرتنىڭ يېرىمى قارا،يېرىمى قىزىل).قەرتتىكى سالدات،ماتكا،كارولنىڭ سانى جەمىئي 12 ئۇلار بىر يىل ئىچىدىكى 12 ئايغا سموۋۇل قىلىنىدۇ.

    5.قەرتتىكى تاپان غىچ،،چىللىك،قاغا نىمىگە سموۋۇل قىلىنغان؟
    جاۋاب:
    قاغا ---باھار پەسلىگە سموۋۇل قىلىنغان.( تىنىچلىققا سموۋۇل قىلىنغان ).(يىل باھاردىن باشلىنىدۇ،شۇڭا قاغا تۆت دانە قەرت ئىچىدە ئەڭ چوڭ)  ئارمىيە .
    غىچ ---ياز پەسلىگە سموۋۇل قىلىنغان.(بايلىققا سموۋۇل قىلىنغان)   ياغاچچى .
    چىللك--كۈز پەسلىگە سموۋۇل قىلىنغان.(ئىرادىگە،قەيسەرلىككە سموۋۇل قىلىنغان).دېھقان.
    تاپان---قىش پەسلىگە سموۋۇل قىلىنغان.(ئەقىل پاراسەتكە سموۋۇل قىلىنغان)چارۋىچى.

    6.قەرتتىكى ھەر قايسى سانلارنىڭ ۋەكىللك قىلىدىغان مەنىسى؟
    جاۋاب:
    2. ئاي شارى
    3.يۇپېتىر
    4.ئۇران
    5.مېركۇرىي
    6.ۋېنىرا
    7.نېپتۇن
    8.ساتۇرن
    9.مارىس

    分享到:
    ئېلان ئورنى

    评论

  • [avatar:30]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن .... قەرىت نىڭ بارلىققا كىلىشى خىلى قىزىقارلىق ئىكەن ...![defFace:10]
  • [avatar:30]ئاڭلاپ باقمىغان گەپلەركەن.
    بۇنىمۇ بىلىپ قويغۇلۇق.