版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34639131.html

    پەن دەۋرىدىكى پەلسەپە


    پەن تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ماھىيەتنى تاپىدۇ. پەن شەيئىلەر قانداق ھەركەت قىلىدۇ دىگەننى تەسۋىرلەيدۇ.
    پەننىي بىلىملەرنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بار؟
    بېكون بۇنىڭغا جاۋابەن ئېيتقانكى، پەن بىزگە كۈچ ئاتا قىلىدۇ. بىز ياشاۋاتقان دۇنيا – تەبىئەت ۋە جەمئىيەت – نى چۈشەندۈرىدۇ    ۋە بويسۇندۇرۇش  ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. لېكىن شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى، ئەنە شۇ پەننىي بىلىملەر شەيئىلەرنى بۇزۇپ، ئىنسانىيەتكە زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلەيدۇ.
    دىمەك، پەن بىزنى قۇرۇشچان ياكى بۇزۇشچان كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. پەن ئەخلاق جەھەتتىن بىتەرەپ نەرسە بولۇپ، قانداق مەقسەتتە ئىشلىتىلىشكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇ ئەخلاقىي نىشان ئاتا قىلالمايدۇ.
    دەۋرىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر پەلسەپە پەنگە قارىغاندا پايدىسىز نەرسە، چۈنكى ئۇ مەھسۇلات ۋە ۋاستىلەرنى ئىشلەپ چىقالمايدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، پەلسەپەنىڭ پايدىسى تېخنىكا ياكى ئىشلەپچىقىشتا بولماستىن، بەلكى ئەخلاق ۋە يېتەكچى ئىدىيەدە. پەن بىزنى مىتود بىلەن تەمىنلەيدۇ، پەلسەپە بولسا نىشان بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    بەختنىڭ ئامىلى نىمە؟ مەسئۇلىيىتىمىز نەدە؟ قايسى خىل ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسى ئەڭ ئادىل؟ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نىمىدىن كىلىدۇ؟ ھۆر ئادەم نىمىلەرگە ئىگە بولۇشى كىرەك؟ بۇ ھەقتىكى توغرا-خاتا ۋە ياخشى-يامانلارغا پەن مەڭگۈ جاۋاب بېرەلمەيدۇ.
    ھەق-ناھەقنى ئايرىشقا، تەبىئىتىمىزنى تەربىيەلەشكە يېتەكچى بولىدىغىنى پەن بولماستىن، بەلكى پەلسەپەدۇر.
    ھەر بىر بىلىم باشقا بىلىملەر جاۋاب بېرەلمەيدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئوخشىمايدۇ.
    شۇڭا دەيمەنكى، ھەزارەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ چوققىسىدا تۇرىدىغىنى پەن ئەمەس، پەلسەپەدۇر. روشەنكى، پەن كۈچەيگەنسىرى پەلسەپەگە شۇنچە مۇھتاج بولىمىز. چۈنكى، ھوقۇققا ئېرىشكەنسىرى يېتەكلىنىشكە ئىھتىياجلىق بولىمىز.

    (بۇ تىما ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان ئامىرىكىلىق مورتىمېر ئادلېرنىڭ «غەرپنىڭ تەپەككۇرى» دىگەن كىتابىدىن تەييارلاندى. تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي. باشقا توربەتكە يوللىماڭ)

    ********************************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: