ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرى - [ئەجرىمدىن گۈللەر]

    _べ Tag:كىلاسسىك   2009年02月04日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34619447.html

    ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرى


    ئارقىدا قالغان كاچات يەر.
    زورلۇق بىلەن ھۆرمەت تاپساڭ، خورلۇق بىلەن ئۆلىسەن.
    ئۆزىنى ئويلىغان يادايدۇ. كۆپنى ئويلىغان ياشايدۇ.

    بەختنىڭ بېشى - خوتۇننىڭ ئوڭلۇقى.
    ئەر - ئات. خوتۇن - ھارۋا.
    ھەسرەت سۆزدىن بىلىنەر. مۇھەببەت كۆزدىن بىلىنەر.
    ھىجايغاننىڭ ھەممىسى دوست ئەمەس. ھومايغاننىڭ ھەممىسى دۈشمەن ئەمەس.
    دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھىسابىڭ دۇرۇست بولسۇن.

    قىلىچ قىنىدا ياتسا دات باسىدۇ.
    ھارۋا بۇزۇلۇشتىن ئىلگىرى غىچىرلايدۇ.
    لاپ ئۇرغىلى يات يەر ياخشى.
    يالجىمىساڭ يەر يۆتكەل.
    راست سۆزنىڭ خىجالىتى يوق.

    بەلگە بولسا يولدىن ئازماس. بىلىم بولسا سۆزدىن ئازماس.
    يول سورىغان يولدىن ئازماس.
    ئالىم بولماق ئاسان. ئادەم بولماق قىيىن.
    ئادەم - ئادەمگە ئەينەك.
    زالىمدىن جاھىل يامان.

    زەر بىلەن ماختانما. يەر بىلەن ماختان.
    زەر قەدرىنى زەرگەر بىلەر. ئاشىق قەدرىنى دىلبەر بىلەر.
    زەھەرلىك يىلاننىڭ تىرىسى يۇمشاق.
    زىرەك تېپىپ سۆزلەيدۇ. جاھىل كۆپۈپ سۆزلەيدۇ.
    زۇلۇم زىنداندىن يامان.

    ئاغزىڭغا قان تولسىمۇ، دۈشمىنىڭنىڭ ئالدىدا تۈكۈرمە.
    ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە. ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە.
    قوساقنىڭ ئاچقىنى ئەقىلنىڭ قاچقىنى.
    چاينىماي يىگەن كۆشىمەي ئۆلەر.
    دەرەخنىڭ زىننىتى ياپراق. ئادەمنىڭ زىننىتى ئەخلاق.

    ئوق يەتمەس يەرگە قىلىچ چاپما.
    قەلەمنىڭ ئىشىنى قىلىچ قىلالماس.
    قانائەت - قىزىل ئالتۇن.
    ئىچى تارغا دۇنيا تار.
    قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەيدۇ.

    مەقسىتى يوق كىشىنىڭ راۋاجى يوق ئىشىنىڭ.
    قامىتىڭگە ئىشەنمە، ئامىتىڭگە ئىشەن.
    كاجنى بازار ئوڭشايدۇ. ساراڭنى مازار ئوڭشايدۇ.
    ئوت بىلەن ئويناشقاننىڭ ئۆيى كۆيەر.
    نەپسى دىگەن ئازدۇرار، ئۆزىگە ئورا قازدۇرار.

    رىسقى تۈگىگەن قۇچقاچ خاماندىمۇ قالار ئاچ.
    پاراسەتسىز پالاكەتكە يولۇقار. ھاڭۋاقتى ھالاكەتكە يولۇقار.
    مەيدە ئاغرىتقان ئاش ئەمەس. كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس.
    مەشق بىلەن لەشكەر قابىل. تەدبىر بىلەن سەردار قابىل.
    قالغان ئىشقا قار ياغار.

    قارا قىسمەت كەلمىگۈچە قاراڭغۇ جىلغىدىن ئۆتمە.
    قاغىنىڭ كۆزىنى قاغا چوقۇماس.
    كېپىنەك پەرۋانە بولالماس. ياسانچۇق مەردانە بولالماس.
    ئىش ئىشتەينى ئاچىدۇ.
    ئىشتىن قورقمىغان قىشتىن قورقماس.

    ئالقىش ئالغان ئامان. قارغىش ئالغان يامان.
    دەرەخ غولىدىن سۇنماس، شېخىدىن سۇنار.
    گۈلنىڭ سەرخىلى گۈل ئارىسىدا. ئەرنىڭ سەرخىلى ئەل ئارىسىدا.
    ئون باش - ئوڭلۇق باش. بىر باش - مۇڭلۇق باش.
    يات يۇرتتا تورغاي سايرىماس.

    دوست كېڭەشتە بىلىنىدۇ.
    دوستۇڭنىڭكىنى يە، كۆڭلى قالمىسۇن. دۈشمىنىڭنىڭكىنى يە، ئۆزىگە قالمىسۇن.
    ئېقىن سۇ ئۇخلار، دۈشمەن ئۇخلىماس.
    ئوڭ كۆزۈڭ سول كۆزۈڭگە دۈشمەن.
    قۇشنىڭ سايرىمايدىغىنى يوق. دۈشمەننىڭ قاغىمايدىغىنى يوق.

    ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل كالا سۈتى بىلەن كىرمەس.
    بىلىم - بىلگۈچىدە. ئەقىل - سەزگۈچىدە.
    بىلمىگەننى بىلەي دىسەڭ بىلمىگەنلىرىڭگە ئىقرار قىل.
    دۇتار تارىسى ساتاردا يوق. بىلىمسىز كىشى قاتاردا يوق.
    نادان گۈلگە يۈگرەيدۇ. زىرەك مىۋىگە يۈگرەيدۇ.

    پەمسىز پەلەمپەيدىن يىقىلار.
    سايەڭگە قاراپ بويۇڭنى ئۆلچىمە.
    ھۈنەرنىڭ ئالدى ياخشى سۆز.
    ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە قوتانغا زەدىۋال تارتار.
    ئەخمەق ئۆتۈكنىڭ تېشىدىن قاشلار.

    ئەقىل - دۆلەت. كىيىم - سۆلەت.
    ئەقىللىققا گەپ قىلسام ئويلاپ كۈلىدۇ. نادانغا گەپ قىلسام ئاڭلاپ كۈلىدۇ.
    ئارتۇق ئۇخلىساڭ ئاچ قالىسەن.
    تەييار گۆشنى يىگەن يولۋاس ئەمەس.
    يازدا ئۇخلىغان قىشتا مۇزلايدۇ.

    ھورۇننىڭ ھۈنىرى ئۇيقۇ.
    ھورۇنغا ئېتىزنىڭ قىرى تاغ كۆرۈنەر.
    پارچە بۇلۇتتىن يامغۇر كۈتمە.
    تاينى ئايىغان ئات مىنەر.
    قۇم يەر - شۇم يەر. سېغىز يەر - مېغىز يەر.

    ئۆلۈشىگە چىدىساڭ مال ئەت. كۆمۈشىگە چىدىساڭ تال ئەت.
    كىرپە تىكىنى بىلەن ماختىنار.
    پىيالىگە ئېگىلمەيدىغان چەينەك يوق.
    ھالاللىقنىڭ يولى بىر. ھاراملىقنىڭ يولى مىڭ.
    ئالدىراڭغۇلۇق ئادەم ئۆلتۈرەر.

    ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت.
    تۆگىنىڭ قۇيرۇقى بولغىچە، خورازنىڭ تاجىسى بول.
    خۇدا ئۇرغاننى يۆلىگىلى بولماس.
    ئاتنى ئۆگەتمىگىن سوك - سوكقا. ئاغزىڭنى ئۆگەتمىگىن كوت - كوتقا.
    بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر.

    ئېشەكنى ئۇرغانغا ئات بولماس.
    تەلىم بېرىش ئۈچۈن تەلىم ئال.
    ئۇي قېرىسىمۇ مۈڭگۈزى قېرىماس.
    بېشى ئاغرىمىغاننىڭ خۇدا بىلەن كارى يوق.
    كۆپ ئاغرىغان ئەمچى بولۇر. كۆپ ماڭغان يولچى بولۇر.

    نان تۇرۇپ قالسا سۇغا يۈگۈر. سۇ تۇرۇپ قالسا گۆرگە يۈگۈر.
    سىڭمىگەن پولادىن سىڭگەن ئۇماچ ياخشى.
    ئەتىگەن تۇرساڭ كۈننى كۆرەرسەن. كەچ تۇرساڭ تۈننى كۆرەرسەن.
    كۆسەينى ئۇزۇن قىل. گەپنى قىسقا قىل.
    ياتقانمۇ ئاغرىق. ئۇنى باققانمۇ ئاغرىق.

    ساتمىدا قىلغان گەپنى سارايدا قىلغىلى بولماس.
    قۇرۇق گەپكە قوساق تويماس.
    كالپۇك بولمىسا چىش توڭار.
    ھارغاندىن ھال سورا، گەپ سورىما.
    ئاقساق يول تالىشار. پىخسىق پۇل تالىشار.

    خانغا يارىغان باش تازغا يارىماس.
    تازغا مەنسەپ تەگسە چەللىدە ئات چاپار.
    ئىشق ئوتى پۈۋلىگەنگە ئۆچمەس.
    كۆيگەنگە كۆي. كۆرۈنگەنگە كۆيمە.
    كۈندۈزى ناخشا ئېيتقان دەردى بار كىشى. كېچىسى ناخشا ئېيتقان يارى بار كىشى.

    مۇھەببەت ئۆلۈمنى يېڭەر.
    مەيلى بارغا مايىل بول.
    سۆيگەن ئوتتەك ئىسسىق. سۆيمىگەن پوقتەك سېسىق.
    يار ئوتىنىڭ يارىسى يوق. ياردىن باشقا دورىسى يوق.
    ئۆلۈمدىن قورققان ئاشىق ئەمەس.

    ئات ئورۇقلۇقتا بۇزۇلار. خوتۇن غېرىپلىقتا بۇزۇلار.
    بىر باشقا بىر بۆك لازىم.
    بوۋاق دادىسىنى ئۈچ كۈندە تونۇيدۇ. ئانىسىنى قىرىق كۈندە تونۇيدۇ.
    ئېشى يارىسا قاچىسىغا قارىما. قىزى يارىسا ئانىسىغا قارىما.
    خوتۇن غار بولسا ئەر خار بولۇر.

    كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ كۈنى تەس. كۆپ ئەرگە تەككەننىڭ كۆڭلى پەس.
    ئورۇقلۇقتا كالا ئۆلمەس. يىتىملىكتە بالا ئۆلمەس.
    يىتىمنىڭ ئىگىسى خۇدايىم.
    ئوتۇن ئوبدان - خوتۇن ئوبدان.
    تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى. تاماقتىن يامانلىغان قوساقنىڭ توقلۇقى.

    تۇققاننى تاشلىساڭ يات بولۇر. تۆمۈرنى تاشلىساڭ دات بولۇر.
    يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلىغىڭ تىنماس. يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنماس.
    يولۋاسنىڭ ئارقىسىدىن يۈرسەڭ يۈر، خوتۇننىڭ ئارقىسىدىن يۈرمە.
    قازىنى باشقىنىڭ قايغۇسى باشقا.
    ئادەتنىڭ دورىسى يوق. مەسچىتنىڭ مورىسى يوق.

    ئات ئېشەكنىڭ خۇيىنى ئالار. ئېشەك ئاتنىڭ خۇيىنى ئالماس.
    ئاغزى تاتلىق ئاچ قالماس.
    باتۇر ساراڭدىن قورقىدۇ. ساراڭ مۇتەھەمدىن قورقىدۇ.
    ئېرىڭدىن يامانلىماي ئەيىپىڭدىن يامانلا.
    ئېشەك ئالدىغا چۈشۈۋالسا ئاتنىڭ مېڭىشى بۇزۇلار.

    ئىككى ياخشى بىر بولسا تىنچلىق تىلەيدۇ. ئىككى يامان بىر بولسا پىچاق بىلەيدۇ.
    ئوت تەپتىدىن بىلىنەر. ئادەم ئەپتىدىن بىلىنەر.
    كۆنگەن كۆڭۈل كۆمۈلگىچە.
    سەتلىكىمنى بىلدۈرمىگەن خۇشخۇيلۇقۇم.
    ئۇرۇشقاق خوتۇن تۇل قالار.

    ئۇششۇق ئادەم ئالۋاستىدىن يامان.
    ياخشى ئاتنىڭ تۇيىقىدىن چاڭ چىقماس.
    ياخشى ئىت ئۆلىكىنى كۆرسەتمەس.
    يامان كۈنلەر ياخشى بولۇر. يامان ئادەم ياخشى بولماس.
    ياماننى ئايىساڭ ياخشىلىق يوق.

    زىرەك زىيانغا ئۇچرىسا ھۇشىدىن كېتەر.
    قىزغانچۇق كىشى خۇدانىڭ سېخىلىقىدىنمۇ قىزغىنار.
    كۆرپە سېلىش - ھۆرمەت. داستىخان سېلىش - ھىممەت.
    ئاتلىق يالغۇز ماڭغىچە پىيادە بىللە ماڭ.
    بىر سۆزلىشىپ مۇڭداش دىمە. بىللە مېڭىپ يولداش دىمە.

    ئىت قاۋىغان يەردە ئادەم بار.
    كۈنلۈك يولغا چىقساڭ ئايلىق ئوزۇق ئال.
    چۆلدە ئۇسسۇزلۇق يامان. يولدا يالغۇزلۇق يامان.
    ئاتنىڭ كىشنىمەيدىغىنى يوق. ئىتنىڭ چىشلىمەيدىغىنى يوق.
    ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە توغرا كەلمەس.

    ئىت تويغان يەردە ئۇخلار. قۇش قونغان يەردە ئۇخلار.
    توخۇ، توشقان مال ئەمەس. كاۋا، قاپاق تال ئەمەس.
    ئىتنىڭ قاۋىشى بىلەن پىلنىڭ نىمە ئىشى.
    جېنىدىن تويغان جاھانغا سىغماس.
    پىچاق دەستىسىنى كەسمەيدۇ.

    رەھىمسىزنىڭ قولى قان.
    تولا سايرىغان قۇش قەپەزگە چۈشەر.
    توشقان ئۆلسە تۈلكە ھازا تۇتار.
    تۆگە ئېتىزنى بۇزسا ھىچ گەپ يوق. توخۇ پالاقلىسا ۋاراڭ - چۇرۇڭ.
    يولى باشقىنىڭ نىيىتى باشقا.

    ھىچ يەردە يوق بۇ غوغا. نەدىن كەلدى بۇ دوغا.
    ھۆكۈم قاتتىق بولسا يىكەن قوزۇقمۇ يەرنى تېشەر.
    قىرىق ئاشچىدىن بىر باشچى يامان.
    قوينى سەركە باشلايدۇ. ئويۇننى ئەركە باشلايدۇ.
    ئاچ نىمىنى يىمەيدۇ. توق نىمىنى دىمەيدۇ.

    كەمبەغەل باي بولسا نامراتلىقىنى قىلار. باي كەمبەغەل بولسا بايلىقىنى قىلار.
    كەمبەغەل گۈل قىسسا تىكىنى بايغا سانجىلار.
    نامراتنىڭ نېنى يانچۇقىدا.
    پەقىرلىق تىلەمچىلىككە ئۈندەر.
    چوڭ دەرەخنىڭ سايىسى كەڭ يەرگە چۈشەر.

    بېخىل باي بولسا ئاتىسىنى تونۇماس.
    ئىنساپ ئىماندىن ئۇلۇغ.
    ئىچىڭدىن يىلان چىقسا بېلىڭگە ئورا.
    كۆزى توقنىڭ ئۆزى توق.
    سېخىنىڭ كۈلكىسى بېخىلنى يىغلىتار.

    (مەنبە: مۇھەممەد رەھىم نەشىرگە تەييارلىغان «ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىللىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1982- يىل 2- ئاي نەشرى. تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي .باشقا تور بىكەتكە يوللىماڭ)
    ******************************************


    历史上的今天:

    ئۇيغۇر تىلىم 2009年02月04日
    تەنھالىق ... 2009年02月04日

    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: