نىمە ئۈچۈن يازىمىز؟ - [ئەجرىمدىن گۈللەر]
_べ Tag:ئەدەبىيات 2009年02月04日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34601686.html
نىمە ئۈچۈن يازىمىز؟
دۇنيادىكى يازغۇچىلارنىڭ «سىز نىمە ئۈچۈن يازىسىز؟» دىگەن سۇئالغا بەرگەن جاۋابى ھەر خىل.
جۇڭگۇ يازغۇچىسى باجىن:
«مەن ئەدەبىيات ئارقىلىق ھاياتىمنى، مۇھىتىمنى، روھىي دۇنيارىمنى ئۆزگەرتىمەن».
تەيۋەن يازغۇچىسى چېن يىڭچېن:
«خورلانغۇچىلارنى قايتىدىن ئەركىنلىككە ۋە قەدىر-قىممەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن يازىمەن».
فىرانسىيە ئايال يازغۇچىسى ساگان:
«چۈنكى مەن يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن».
نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كولومبىيە يازغۇچىسى ماركوس:
«مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشىم دوستلىرىمنىڭ مېنى تېخىمۇ ئۇزاق سۆيۈشى ئۈچۈن».
ئەنگىلىيە يازغۇچىسى گېرىن:
«جاراھىتىم چوڭايسا، پىشسا، مەن ئۇنى سىقىۋىتىمەن. يېزىقچىلىق دەل مۇشۇنداق ئىش».
ئامىرىكا يازغۇچىسى ئاسىموۋ:
«مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشىم نەپەسلىنىشىمگە ئوخشاش بىر ئىش. مەن بۇنداق قىلمىسام ئۆلۈپ قالىمەن».
سوۋىت شائىرى كوچىنا:
«مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشىم ئۇنىڭدىن زوق ئېلىش ۋە شادلىق تېپىش ئۈچۈن... ھەسەل ھەرىسى ھەر خىل گۈللەرنىڭ شىرنىسىنى نىمە ئۈچۈن يىغىدىغانلىقىنى سوراپ ئولتۇرمايدۇ».
برازىلىيە يازغۇچىسى سوسا:
«يېزىقچىلىق – مېنىڭ كەسپىم. مەن يېزىقچىلىق قىلمىسام قەلەم ھەققىگە ئېرىشەلمەيمەن، يەيدىغانغا تاماقمۇ بولمايدۇ».
نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فرانسىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىرلاندىيەلىك ئەدىب بېكىت:
«يېزىقچىلىق قىلىشتىنمۇ ياخشىراق ئىش بارمۇ؟».
گىرمانىيە يازغۇچىسى گېراس:
«مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشىم مېنىڭ باشقا ئىش قىلىشقا ئىقتىدارىم بولمىغانلىقتىن».
ئامىرىكا يازغۇچىسى گېل ۋېدال:
«بىز يازغۇچى ئىكەنمىز، يېزىشتىن باشقا تاللىشىمىز بولمايدۇ. ناۋادا بىز يازغۇچى بولمىغان بولساق، بىزدە بۇنداق ئىستەكمۇ بولمىغان بولاتتى».
ئارگىنتىنا يازغۇچىسى بورخىس:
«يېزىشنى توختۇتۇپ قويالمايمەن. مەن ئەزەلدىن كەسپىمنى بىر ئەدەبىيات ئوقۇرمىنى بولۇش، شۇنداقلا بىر يازغۇچى بولۇش دەپ بىلىمەن».
ئافرىقىلىق يازغۇچى لېنبېر باخېر ھانەن:
«ئەگەر سەن مېنىڭ ئانام بولمىساڭ، مەن ئەلۋەتتە ئالەمنى تولۇق كېزىپ بولسىمۇ سېنى ئىزلەپ تاپىمەن.سېنىڭ مېنى بۇ دۇنياغا تۇغۇشىڭنى ئۆتۈنىمەن».
ئىتالىيە يازغۇچىسى گامېن:
«مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشىم قىساس ئېلىش ئۈچۈن. قەلبىمدىكى بۇ قىساس ئادالەتلىك، مۇقەددەس، شەرەپلىكتۇر».
(مەنبە: «كىتاپخانلار ئۈچۈن تەرمىلەر» ژورنىلىنىڭ 1986-يىللىق 4-سانى. ئەنۋەر سەمەد تەرجىمە قىلغان. تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي. باشقا توربەتكە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ)
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us