سۇلتان سەئىدخان غەزەللىرى - [ئەجرىمدىن گۈللەر]

    _べ Tag:كىلاسسىك   2009年02月04日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34602090.html

     

     

     

    سۇلتان سەئىدخان غەزەللىرى


    (1)

    قايسى گۈلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۈلى رەئناسى بار؟
    قايسى گۈلنىڭ بىر مېنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار؟
    ھۆر بىرلە جەننەتۇل مەئۋانى كۆڭلۈم نەيلىسۇن.
    يارنىڭ كويىدا يۈزمىڭ جەننەتۇل مەئۋاسى بار.
    لەئلىدىن خەتتى بۇدۇر ھەردەم تىرىكلىككە نىشان،
    خۇش نىشانىدۇركى ئىككى قاشىدىن توغراسى بار.
    بىر سۈچۈك سۆز بىرلە ئۆلگەن جىسمىمە بەردىڭ ھايات،
    لەئلى جانبەخشىڭدە گوياكىم مەسىھ ئەنفاسى بار.
    يۈزى ئۆزرە كاكۇلۇ زۇلفىن پەرىشان كۆرگەلى،
    ئەي سەئىد، ئاشۇفتە كۆڭلۈمنىڭ ئەجەب سەۋداسى بار.


    (2)

    شۇكرى لىللاھ ھالەتىم زاھىر بولۇپتۇر يارغە.
    ئەمدى يار ئالدىدا ئۆزنى كۆرسىتەي ئەغيارغە.
    سەير ئۈچۈن كىرسە گۈلىستان ئىچرە ئول سەرۋى رەۋان،
    بەندە ئولسۇن سەرۋى ئازاد ئول قەدى رەفتارغە.
    ناز ئىلە تا ئاتلانىپ شەھر ئىچرە سالدى رۇستەخىز،
    جان بىلە بەردىم كۆڭۈل ئول دىلبەرى ئەييارغە.
    دوستلار، ئەيىب ئەتمەڭىز قان يىغلاسام مەن زارنى،
    بەس كىلە ئالمام نىتەي بۇ دىيدەئى خۇنبارغە.
    ئەي سەئىد، ئول ياردىن تاپدىڭ مۇرادىڭنى تەمام.
    بارچەسى بولدى مۇيەسسەر، شۇكرى بىرۇ بارغە.

    ***************************************
    (مەنبە: «باياز»{1} شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىل 9-ئاي نەشرى. تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي)
    (بۇ غەزەللەرنى باشقا توربەتكە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ)

    ***************************************



    سۇلتان سەئىدخان مەقبەرىسى

    http://pc.images22.51img1.com/6000/gvzal3/c3d0ab3f630c6cccabc070c3a80e0142.jpg


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: