版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34602271.html

    ھەركىمنىڭ ئويى باشقا


    (مىكرو ھىكايە)


    خې پېيشىڭ



    ليۇ xx ئەسلىدە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، سەمىمىي، ياۋاش ئادەم ئىدى. لېكىن مائاشى تۆۋەن بولغاچقا نامرات تۇرمۇش كەچۈرەتتى.

    شۇڭلاشقا ئۇنىڭ خوتۇنى دائىم ئۇنىڭغا تاپا-تەنە قىلاتتى:
     - جاڭ xx سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھازىر ناھايىتى باي بولۇپ كەتتى. لېي xx چۇ، بىر كىيىم ساتىدىغان دۇكان ئاچقان ئىكەن، ھازىر قارايدىغان بولساڭ ئالتە قەۋەتلىك بىر بىنا ساپتۇ. ساڭا تېگىپ مېنى تازا نەس باستى...

    يۇقۇرىقى تاپا-تەنىلەر بىلەن ليۇ xx مۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، دېڭىزغا چۈشۈپ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش قارارىغا كەلدى. ئۇ جەنۇپ تەرەپلەرگە بېرىپ سودا قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ يەنە ئاغزى ئېچىلدى:
    - كۆپرەك پۇل تېپىپ بايۋەچچىلەردەك بولۇپ كەلمىسەڭ، قايتىپ كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشكۈچى بولما!

    ليۇ xx بېشىنى لىڭشىتتى. ئەمما ئىچىدە:
    - ئەگەر كۆپرەك پۇل تېپىپ بايۋەچچە بولۇپ قالسام، قايتىپ كېلىدۇ دەپ ئويلىما! - دەپ پىچىرلىدى.


    *************************************
    (مەنبە: «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى». تەرجىمە قىلغۇچى: راخمانجان رۇسۇل. تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي)
    (بۇ ئەسەرنى باشقا توربەتكە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ)
    *************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: