版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34581166.html

    بالىلىرىمنى باي قىلمايمەن

    (زامانىمىزدىكى بايلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش پىرىنسىپى)

        
            بايلارنىڭ بالىلىرى كىچىكىدىن تارتىپلا پۇل دۆۋىسىنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغاچقا، ئەزەلدىن يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك خىجىلچىلىقىنى تارتمىغان. ئۇلار ھىچنىمىدىن غەم قىلماي پۇلنى توپىدەك سورۇپ خەجلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارچە يامان ئادەتنىڭ ھەممىسىنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ. شۇڭا كونىلار بىزگە: «باي ئائىلىدىن مەغلۇپ ئەۋلاد چىقىدۇ» دىگەن ھىكمەتنى قالدۇرغان. ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان پۇل بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە مۆلچەرلىگۈسىز زىيان سالىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلگەچكە، بىل گايتىسمۇ زامانىمىزدىكى نۇرغۇن بايلارغا ئوخشاش «ھەر قانچە باي بولساقمۇ، بالىلارنى باي قىلىشقا بولمايدۇ» دىگەن بايلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلدى. بىل گايتىس ئىجتىمائىي ئىشلارغا نەچچە ئون مىليونلاپ دوللارنى ئىئانە قىلىشقا رازى بولغىنى بىلەن، بالىلىرىغا پارچە خىراجەت ئۈچۈن ئون سىنتنىمۇ ئارتۇق بېرىشنى خالىمايدۇ.
            بىل گايتىس بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى ئۆتكەن بەش يىلدا جەمئىيەتكە بىر مىليارد دوللار ئىئانە قىلدى. ئۇلار ئىئانە بېرىشتە بۇنچە مەرت بولغىنى بىلەن، بالىلىرىغا پارچە خىراجەت بېرىشتە شۇنچىلىك «پىخسىق». بىل گايتىس مۇنداق جاكارلىغان: «ۋارىسىمغا كىشىلەر ئويلىغاندەك نۇرغۇن بايلىق قالدۇرۇشۇم مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى بۇ ئۇلارغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ زىياكەشلىك!».

    *************************************************************
    مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 6-بەت. 2007-يىل 27-دىكابىر سانى
    تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي. باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ

    *************************************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: