ئاللاھنىڭ 99 ئىسمى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى - [ئەجرىمدىن گۈللەر]
_べ Tag:ئىسلامىيەت 2009年02月03日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34579883.html
ئاللاھنىڭ 99 ئىسمى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى
ئىسمى: -------- مەنىسى:
1. ئەللاھۇ-- ھەقىقىي ئىلاھ
2. ئەرراھمانۇ-- چەكسىز كۆيۈنگۈچى ئاللاھ
3. ئەررەھىيمۇ-- ئاخىرەتتە كۆيۈنگۈچى ئاللاھ
4. ئەلمەلىكۇ-- پۈتكۈل شەيئىلەرنىڭ خوجايىنى ئاللاھ
5. ئەلقۇددۇسۇ-- بارلىق نۇقساندىن پاك ئاللاھ
6. ئەسسالامۇئەلەيكۇم-- مۆمىنلەرگە خاتىرجەملىك، سالامەتلىك بېغىشلىغۇچى ئاللاھ
7. ئەلمۇمىنۇ-- خاتىرجەم قىلغۇچى ئاللاھ
8. ئەلمۇھەيمىنۇ-- بارلىق شەيئىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى ئەللاھ
9. ئەلئەزىيزۇ-- كۈچلۈك، غالىپ ئاللاھ
10. ئەلجەببارۇ-- قەھر-غەزەپ قىلغۇچى ئاللاھ
11. ئەلمۇتەكەببىرۇ-- بۈيۈكلۈكتە يېگانە ئۇلۇغ ئاللاھ
12. ئەلخالىقۇ-- ھەممىنى ياراتقۇچى ئاللاھ
13. ئەلبارىئۇ--يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچى ئاللاھ
14. ئەلمۇسەۋۋىرۇ-- ھەممە نەرسىگە سۈرەت-شەكىل بەرگۈچى ئاللاھ
15.ئەلغەففارۇ-- كەچۈرۈم قىلغۇچى ئاللاھ
16. ئەلقەھھارۇ-- ھەممە شەيئىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچى ئاللاھ
17. ئەلۋەھھابۇ-- كۆپلەپ بەرگۈچى ئاللاھ
18. ئەررەززاقۇ-- كۆپلەپ رىزقى بەرگۈچى ئاللاھ
19. ئەلفەتتاھۇ-- ھەقلىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ئاچقۇچى ئاللاھ
20. ئەلئەلىيمۇ-- ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ
21. ئەلقابىزۇ-- يىغقۇچى ئاللاھ
22. ئەلباسىتۇ-- يايغۇچى، سېخى ئاللاھ
23. ئەلخافىزۇ- چۆكۈرگۈچى، پەس قىلغۇچى ئاللاھ
24. ئەررافىئۇ-- يۇقىرى كۆتۈرگۈچى ئاللاھ
25. ئەلمۇئىززۇ-- ئەزىز قىلغۇچى ئاللاھ
26. ئەلمۇزىللۇ-- خار قىلغۇچى ئاللاھ
27. ئەسسەمىيئۇ-- ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ئاللاھ
28. ئەلبەسىيرۇ-- ھەممىنى كۆرگۈچى ئاللاھ
29. ئەلھەكەمۇ-- ھەل قىلغۇچ ھۆكۈم قىلغۇچى ئاللاھ
30. ئەلئەدلۇ-- كامىل ئادالەت ئىگىسى ئاللاھ
31. ئەللەتىيفۇ-- كۆيۈنگۈچى، مۇلايىم ئاللاھ
32. ئەلخەبىيرۇ-- ھەممىدىن خەۋەردار ئاللاھ
33. ئەلھەلىيمۇ-- مۇلايىم، ئاسرىغۇچى ئاللاھ
34. ئەلئەزىيمۇ-- بۈيۈك، كاتتا ئاللاھ
35. ئەلغەفۇۋرۇ-- كەچۈرگۈچى ئاللاھ
36. ئەششەكۇۋرۇ-- كۆپ مەرھەمەت قىلغۇچى ئاللاھ
37. ئەلئەلىييۇ-- ئالىي ئاللاھ
38. ئەلكەبىيرۇ-- شانۇ-شەۋكىتى بۈيۈك ئاللاھ
39. ئەلھەفىيزۇ-- مۇھاپىزەت قىلغۇچى ئاللاھ
40. ئەلمۇقىيتۇ-- قۇدرەتلىك، ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى ئاللاھ
41. ئەلھەسىيبۇ-- ھەممى نەرسىگە كۇپايە، ھېساب ئالغۇچى ئاللاھ
42. ئەلجەلىيلۇ-- ناھايىتى كاتتا سۈپەتكە ئىگە ئاللاھ
43. ئەلكەرىيمۇ-- ناھايىتى ئالىيجاناب، سېخى ئاللاھ
44. ئەررەقىيبۇ-- كۆزىتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ
45. ئەلمۇجىيبۇ-- ئىجابەت قىلغۇچى ئاللاھ
46. ئەلۋاسىئۇ-- مەرھەمىتى كەڭ ئاللاھ
47. ئەلھەكىيمۇ-- ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ
48. ئەلۋەدۇۋدۇ-- دوست تۇتقۇچى ئاللاھ
49. ئەلمەجىيدۇ-- بەك ئۇلۇغ ئاللاھ
50. ئەلبائىسۇ-- قوزغىغۇچى ئاللاھ
51. ئەششەھىيدۇ-- ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللاھ
52. ئەلھەققۇ-- مەۋجۇدلۇقى شەكسىز، ئەزەلدىنلا مەۋجۇد ئاللاھ
53. ئەلۋەكىيلۇ-- ۋەكىل بولغۇچى ئاللاھ
54. ئەلقەۋىييۇ-- كۈچ-قۇۋۋەتتە يۈكسەك، قۇدرەتلىك ئاللاھ
55. ئەلمەتىينۇ-- بەك مۇستەھكەم ئاللاھ
56. ئەلۋەلىييۇ-- بەك يېقىن، ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى ئاللاھ
57. ئەلھەمىيدۇ-- مەدھىيەگە لايىق ئاللاھ
58. ئەلمۇھسىيۇ-- بارلىق شەيئىلەر سانىنى مۇكەممەل ئىگەللىگۈچى ئاللاھ
59. ئەلمۇبدىئۇ-- يوقتىن بار قىلغۇچى، ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى ئاللاھ
60. ئەلمۇئىيدۇ-- قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى ئاللاھ
61. ئەلمۇھيىيۇ-- تىرىدۈرگۈچى ئاللاھ
62. ئەلمۇمىيتۇ-- جاننى ئالغۇچى ئاللاھ
63. ئەلھەييۇ-- مەڭگۈ ھايات ئاللاھ
64. ئەلقەييۇۋمۇ-- بارلىق مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى، بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئاللاھ
65. ئەلۋاجىدۇ-- تاپقۇچى ئاللاھ
66. ئەلماجىدۇ- ئالىيجاناب، ئۇلۇغ ئاللاھ
67. ئەلۋاھىدۇ-- يەككە-يىگانە ئاللاھ
68. ئەسسەمەدۇ-- بىھاجەت ئاللاھ
69. ئەلقادىرۇ-- ھەممىگە قادىر، كۈچى يەتكۈچى ئاللاھ
70. ئەلمۇقتەدىرۇ-- ناھايىتى كۈچلۈك، قۇدرەت ئىگىسى ئاللاھ
71. ئەلمۇقەددىمۇ-- ئىلگىرى قىلغۇچى ئاللاھ
72. ئەلمۇئەخخىرۇ-- كېچىكتۈرگۈچى ئاللاھ
73. ئەلئەۋۋەلۇ-- ئەڭ ئەۋۋەل ئاللاھ
74. ئەلئاخىرۇ-- مەڭگۈ مەۋجۇد ئاللاھ
75. ئەززاھىرۇ-- ئاشكارا بولغۇچى ئاللاھ
76. ئەلباتىنۇ-- مەخپى بولغان ئاللاھ
77. ئەلۋالىيۇ-- ئىگە بولغۇچى ئاللاھ
78. ئەلمۇتەئالۇ-- بۈيۈك ئاللاھ
79. ئەلبەررۇ-- ياخشىلىق قىلغۇچى ئاللاھ
80. ئەتتەۋۋابۇ-- تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچى ئاللاھ
81. ئەلمۇنتەقىمۇ-- ئىنتىقام ئالغۇچى ئاللاھ
82. ئەلئەفۇۋۋۇ-- كەچۈرۈم قىلغۇچى ئاللاھ
83. ئەررەئۇۋفۇ-- كۆيۈمچان ئاللاھ
84. مالىكۇلمۇلكى-- شاھلارنىڭ شاھى ئاللاھ
85. زۇلجەلالى ۋەلئىكرامى-- ئۇلۇغلۇق، بۈيۈكلۈك ئىگىسى ئاللاھ
86. ئەلمۇقسىتۇ-- ئادىل، ھەققانەتچى ئاللاھ
87. ئەلجامىئۇ-- جۇغلىغۇچى ئاللاھ
88. ئەلغەنىييۇ-- بەك باي ئاللاھ
89. ئەلمۇغنىيۇ-- باي قىلغۇچى ئاللاھ
90. ئەلمانىئۇ-- توسقۇچى ئاللاھ
91. ئەززاررۇ-- دۈشمەنلىرىگە ئازاب-ئوقۇبەت يەتكۈزگۈچى ئاللاھ
92. ئەننافىئۇ-- پايدا يەتكۈزگۈچى ئاللاھ
93. ئەننۇۋرۇ-- نۇرلۇق، ئۆزلۈكىدىن ئاشكارا بولغۇچى ۋە ئۆزگىلەرنى ئاشكارا قىلغۇچى ئاللاھ
94. ئەلھادىيۇ-- ھىدايەت قىلغۇچى ئاللاھ
95. ئەلبەدىيئۇ-- ئۆرنەكسىز، يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھ
96. ئەلباقىيۇ-- مەڭگۈ باقىي ئاللاھ
97. ئەلۋارىسۇ-- يوقالماس ۋارىس ئاللاھ
98. ئەررەشىيدۇ-- توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى ئاللاھ
99. ئەسسەبۇۋرۇ-- ناھايىتى سەۋرچان ئاللاھ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھنىڭ 99 ئىسىم-سۈپىتى بار. كىمكى(مەنىسىنى چۈشىنىپ) يادقا ئالسا، جەننەتكە كىرىدۇ.»
(مەنبە:«99 ئىسىمنىڭ ئىزاھاتى».شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.2002-يىل 10-ئاي نەشرى.
تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي)
&&&&&&&&&&&&&&&&&&
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us